كۆرۈش: 211|ئىنكاس: 3

بىز بۇلغىنىش خىرسىغا دۇچ كەلمەكتىمىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايىنا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-17 21:48  

بىز بۇلغىنىش خىرسىغا دۇچ كەلمەكتىمىز

بۇلغىما قويۇپ بېرىش مۇھىتنىڭ سىغىمچانلىقىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى
    مۇھىت سىغىمى ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاساسى، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، تەرەققىياتنى تىلغا ئالماي تۇرايلى، بەزى جايلاردا ھەتتا ساغلام ياشاشمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. سۇ سۈپىتىنى ئېلىپ ئېيتساق، مۇنتىزىم نازارەت قىلىپ كۆزىتىپ كېلىنىۋاتقان غول ئېقىنلارنىڭ سۇ سۈپىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولمىدى، بەزى دەريالارنىڭ سۇ سۈپىتى ئىزچىل ياخشىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن چوڭ دەريا، ئۆستەڭ، ئېقىنلارنىڭ بۇلغىنىشى يەنىلا ئېغىر، شەھەر بۆلىكىدە ئاقىدىغان دەريالار ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىۋاتىدۇ.

   بۇلغىنىش دەرىجىسىنى ئەڭ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان يەر ئاستى سۈيىنىڭ سۈپىتى ئۇدا ئالتە يىل تۆۋەنلىدى، سۇ سۈپىتىنىڭ بىرقەدەر ناچار ۋە ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكىنى نازارەت قىلىپ ئۆلچەش نۇقتىسىنىڭ نىسبىتى %60كە يېقىنلاشتى. ئۈچتىن ئىككى قىسىم شەھەر يەنىلا يەر ئاستى سۈيىنى ئاساسىي ئىچىملىك سۇ مەنبەسى قىلىۋاتىدۇ، مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مۇھىت مەسىلىسى تۇرمۇشىمىزغا تەھدىت ئېلىپ كەلدى.
    جۇڭگو مۇھىت پىلانلاش يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باش ئىنژېنېر ۋاڭ جىننەن مۇنداق دېدى: سانائەتنىڭ بۇلغىما چىقىرىشى كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتىدۇ، دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنىڭ بۇلغىنىشى بىلەن تۇرمۇش بۇلغىمىلىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى سىجىل كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن جاپالىق. ئۇ مۇنداق دېدى: كەلگۈسى بەش – ئون يىلدا ئېلىمىزنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىدىكى سانائەتلىشىش ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ، 3 – كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ نىسبىتى تەدرىجىي ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن شەھەر – بازارلىشىشنىڭ تېزلىشىشى ۋە 3 – كەسىپنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭىچە بۇلغىما مەسىلىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.
    ۋاڭ جىننەن مۇنداق دىدى: يېزا ياكى شەھەر ئەتراپلىرىدا، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى قاتارلىقلارنى زىيادە كۆپ ئىشلىتىش ياكى نامۇۋاپىق ئىشلىتىش سەۋەبىدىن، يەر يۈزىنىڭ بۇلغىنىشى ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ كەتتى. شەھەرلەردە 3 – كەسىپنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئۆرلەپ كەتتى، شەھەرلەردىكى بۇلغىنىش مەسىلىسى گەۋدىلىك، دانچە ماددا، پارلىنىشچان ئورگانىك بۇلغىمىلار، ئاممىياك، سىماب قاتارلىق بۇلغىمىلارنى چىقىرىش مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر قاتار يېڭى تىپتىكى شەھەر ۋە رايون مۇھىتى مەسىلىسى كېلىپ چىقتى.
    مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق باش ئىنژېنېرى، جۇڭگو مۇھىت ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ چاۋفېي مۇنداق قارىدى: مۇھىت ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىكى يەنىلا مۇھىت جەھەتتىكى زور ، چوڭ ۋەقەلەرنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىشى، مۇھىت خەتىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى، ئاممىنىڭ مۇھىت توغرىسىدىكى ئەرز – شىكايىتىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى، ئىجتىمائىي مۇھىت ئادىللىقىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىشىپ كۈنسېرى گەۋدىلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ، مۇھىت ئاسراش بېسىمى بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ.
    ياخشى مۇھىت سۈپىتى قىسقا مۇددەت ئىچىدە كۆرۈلمەيدۇ
    مۇھىت مەسىلىسى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى بولۇپ قالدى. پاكىز سۇ، بىخەتەر يېمەكلىك، ساپ ھاۋا قاتارلىقلار ئەسلىدىنلا تەبىئەتنىڭ بىزگە قىلغان سوۋغىسى بولۇپ، ھەر ۋاقىت بەھرىلىنەلەيتتۇق، ئەمما ھازىر بۇلار كەم تېپىلىدىغان نەرسىلەرگە ئايلىنىپ قالدى.
    ئالاقىدار تەتقىقاتتا مۆلچەرى ھېسابلىنىشىچە، 2013 – يىلى 1 – ئايدىكى تۇمانلىق ھاۋا كىلىماتىدا بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ ۋە شىئەندىن ئىبارەت تۆت شەھەردە 1416 كىشى ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كەتكەن. شىمالدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى PM10 بۇلغىمىسى تۈپەيلىدىن جەنۇبتىكى شەھەرلەرنىڭكىدىن قىسقىراپ كەتكەن.
    30 نەچچە يىللىق تەرەققىيات نەتىجىسىدە، بىز مۇھىتقا بەك كۆپ قەرزدار بولۇپ كەتتۇق، بۇ مۇھىت سۈپىتىنىڭ تېز تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ، ئىنتايىن زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن ئاپىتى ئېلىپ كەلدى. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ئاشكارىلىغان ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014 – يىلى ھەر دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى بىر تەرەپ قىلغان تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن مۇھىت ۋەقەسى 471 گە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇھىت ئەرزىيەت دېلولىرى ھەر يىلى %30 لىك سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتىدۇ، مۇھىت مەسىلىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاممىۋى ۋەقەلەر روشەن كۆپەيدى، مۇھىت مەسىلىسى جەمئىيەتنىڭ مۇقىمسىز بولۇشىدىكى بىر سەۋەبكە ئايلاندى.
    مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى پەن – تېخنىكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شيۇڭ يۆخۇي پۇقرالارنىڭ شىكايىتىنى ئوبرازلىق قىلىپ مۇنداق يىغىنچاقلىدى: ‹‹ئىلگىرى ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالماسلىقنى تىلەيتتۇق، ھازىر نەپەس ئالالماي ئۆلۈپ قالماسلىقنى تىلەيدىغان بولدۇق.›› نۇرغۇن جەھەتتە، مۇھىت سۈپىتىنىڭ ئۆرلىشى پۇقرالارنىڭ ئاڭ چوڭ ئارزۇسى بولۇپ قالدى.
    ۋاڭ جىننەن مۇنداق دېدى: پۇقرالارنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىشتا پۇقرالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك، مەسىلەن: سۇ مەنبەسىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى مەسىلىسى، شەھەرلەردىكى دەريا بۆلەكلىرىنىڭ بۇلغىنىشى ۋە كۈلرەڭ تۇمانلىق ھاۋا كىلىماتى قاتارلىقلار، بۇلارنى ھەل قىلىش ئوڭاي بولمىسىمۇ، لېكىن قەدەمنى تېزلىتىپ، پۇقرالارغا رازى بولغۇدەك جاۋاب بېرىش كېرەك.
    بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشنى رەقەم ئويۇنى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ
    تەرەققىياتنىڭ يېڭى شەكلى جەمئىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى ئىسلاھاتقا چېتىلىدۇ، مۇھىت ئاسراش تۈزۈلمە مېخانىزمىدىكى ئىسلاھات ۋە تەرتىپكە سېلىش نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە.
    ۋاڭ جىننەن كوللېكتىپنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى شۇنى كۆرسەتتىكى، مۇھىت بىلەن ئىقتىسادنىڭ بېسىمىنىڭ ئورتاق رول ئوينىشى ئارقىسىدا، كەلگۈسىدە ئېلىمىزنىڭ مۇھىت مەسىلىسى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىدۇ ۋە ئېنىقسىزلىشىدۇ: بۇلغىمىلارنىڭ ۋاسىتىسى ئاتموسفېرا ۋە سۇنى ئاساس قىلىشتىن ئاتموسفېرا، سۇ ۋە تۇپراقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل بۇلغىما ۋاسىتىسىنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ئۆزگىرىدۇ، بۇلغىما مەنبەسى نوقۇل سانائەت بۇلغىمىسىدىن سانائەت بۇلغىمىسى ۋە يېزا، تۇرمۇش بۇلغىمىسىنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ئۆزگىرىدۇ، بۇلغىمىلارنىڭ تۈرى مۇنتىزىم بۇلغىمىلاردىن مۇنتىزىم بۇلغىمىلار ۋە يېڭىچە بۇلغىمىلارنىڭ بىرىكىشىگە ئۆزگىرىدۇ، بۇلغىنىش دائىرىسى شەھەرلەر بىلەن قىسمەن رايونلارنى ئاساس قىلىشتىن كەڭ دائىرىلىك رايونلارغا، ھەۋزلەرگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ. ئېلىمىزنىڭ مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلىشىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە بېسىمى يەنىمۇ زورىيىدۇ.
    ۋاڭ جىننەن مۇنداق دېدى: ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدە، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش بىلەن مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى تۈپ نىشان قىلىپ، تېخىمۇ ئىلمىي بولغان بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇنتىزىم بۇلغىمىلار بىلەن يېڭىدىن پەيدا بولغان بۇلغىمىلارنى ئازايتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش تېخنىكىسىنىڭ لۇشيەن ۋە ئۇسۇللىرىنى ئىلمىي تۈزۈپ، بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ئۇنىۋېرسال ھەل قىلىش كېرەك. يېڭى تۇراقلىق ۋەزىيەتتە، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشنى تېزلىتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مەركەز بىلەن تارماقلار، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مۇھىت ئاسراش ۋەزىپە ھوقۇقىنى مۇۋاپىق ئايرىش كېرەك. ساغلام بولغان دۆلەت ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئۇنىۋېرسال سىياسەت مېخانىزمى ۋە رايونلارنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش؛ كۆپ مەنبەلىك ئورتاق تۈزەيدىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، ھۆكۈمەت، بازار ۋە ئامما مۇۋاپىق ئىش تەقسىملىۋالغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
    ‹‹خەلق گېزىتى››دىن


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-18 01:13:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى بىلىملەر بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزدىن تولىمۇ خۇشالمەن ، مۇمكىن بولسا تېخىمۇ كۆپ ئىجادىي تىمىلىرىڭىز ئارقىلىق مۇنبىرىمىزنىڭ خاسلىقىنى نامايەن قىلغان بولسىڭىز
ۋاقتى: 2015-2-19 00:04:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخىمەت  سىزگە .مۇھىيتنى قۇغداش مەيلى چۇڭ بۇلىسۇن .ياكى كىچك بۇلىسۇن ھەمىمزنىڭ باش تارتىپ بۇلمايدىغان مەجبيۇرىيتى
ۋاقتى: 2015-2-19 11:28:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىلاردىن بىرنى يوللاپسىز. ئۇقۇغۇچىلارغا مۇھىت ئاسىراش تەربىيسى بىرىشتە كەم بولسا بولمايدىغان تىمىكەن. رەخمە سىزگە
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش