كۆرۈش: 290|ئىنكاس: 2

نوبېل مۇكاپاتىنىڭ پۇلى نېمىشقا «تۈگەپ كەتمەيدۇ»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نوبېل مۇكاپاتىنىڭ پۇلى نېمىشقا «تۈگەپ كەتمەيدۇ»  

نۇر تورى تەرجىمىسى: بۇ يىللىق نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلارنىڭ ھەممىسى چىقىپ بولدى، ھەر بىر تۈر بويىچە مۇكاپاتلانغانلارغا سەككىز مىليون شۋېتسىيە كرونې (تەخمىنەن بىر مىليون 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى، مۇكاپاتنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 40 مىليون شۋېتسىيە كرونېغا يەتتى، بۇ پۇلنىڭ سوممىسى نوبېل مىراس قالدۇرغان 31 مىليون شۋېتسىيە كرونېدىن ئېشىپ كەتتى. بىر يىلدا تارقىتىلغان مۇكاپاتنىڭ سوممىسىلا نوبېل دەسلەپتە بېكىتكەن مۇكاپاتنىڭ سوممىسىدىن ئېشىپ كەتتى، ئەمما نوبېل مۇكاپاتى 112 يىلدىن بۇيان تارقىتىلىپ كەلمەكتە، ئۇنداقتا بۇ پۇللار نېمىشقا ئىشلەتكەنسېرى تۈگىمەيدۇ؟
نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي تارقىتىلىشى مەبلەغ باشقۇرۇشقا باغلىق.
ئېيتىلىشچە، نوبېل دەسلەپتە قالدۇرغان مىراس 31 مىليون شۋېتسىيە كرونى بولۇپ، 1901- يىلىدىن ھازىرغا قەدەر جەمئىي 112 يىل تارقىتىلىپ كەلدى، نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تارقىتىلىش ئومۇمىي سوممىسى ئاللىبۇرۇنلا نوبېل قالدۇرغان مىراستىن ئېشىپ كەتتى. دەسلەپتە نوبېل مۇكاپاتىنىڭ سوممىسى ئانچە يۇقىرى ئەمەس ئىدى، 1901- يىلى تۇنجى قېتىملىق مۇكاپات تارقىتىلغاندا، نوبېلنىڭ دەسلەپكى ئارزۇسىغا ئاساسەن، بىر نەپەر پروفېسسورنىڭ 20 يىللىق ئىش ھەققى ئۆلچەم قىلىنغان. ئەمما كېيىن مۇكاپاتنىڭ سوممىسى ئازىيىشقا باشلىغان، ھەتتا 1923- يىلىغا كەلگەندە 114 مىڭ 900 شۋېتسىيە كرونېغا چۈشۈپ قالغان. گەرچە شۇنىڭدىن كېيىن مۇكاپاتنىڭ نامىي قىممىتى ئېشىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما شۋېتسىيە كرونېنىڭ قىممىتى كۆپ قېتىم چۈشۈپ كەتكەچكە، ئەمەلىي قىممىتى 1901- يىلىدىكى سەۋىيەگە ئىزچىل تۈردە يېتەلمىگەنىدى.
1991- يىلىغا كەلگەندە، نوبېل مۇكاپاتىنىڭ سوممىسى ئالتە مىليون شۋېتسىيە كرونېغا ئۆرلەپ، 1901- يىلى تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان ئەمەلىي قىممەت بىلەن تەڭلەشتى. شۇنداقلا 1991- يىلىدىن باشلاپ، نوبېل مۇكاپاتىنىڭ سوممىسى يىلمۇ- يىل ئېشىپ، 2001- يىلى 10 مىليون شۋېتسىيە كرونېغا ئۆرلىدى، ھەمدە 2011- يىلىغىچە شۇ سەۋىيەنى ساقلاپ كەلدى. گەرچە 2011- يىلى نوبېل فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەبلەغ سېلىش كۈچى ئاجىزلاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي مۈلۈكنىڭ قىممىتى يەنىلا ئىككى مىليارد 860 مىليون شۋېتسىيە كرونېغا يېتىپ، فوند تەسىس قىلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكىدىن 92 ھەسسە ئاشتى.
زايومغا مەبلەغ سېلىشتىن پايچېكىگىچە
31 مىليون شۋېتسىيە كرونىنى 112 يىل خەجلەپمۇ تۈگەتكىلى بولمىدى، تېخى قىممىتى 92 ھەسسە ئاشتى. نوبېل مۇكاپاتىنىڭ سوممىسىنى نېمىشقا تارقىتىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى مەبلەغ باشقۇرۇشتا، شۇڭا خەجلەپ تۈگىمىدى، ئەكسىچە مەبلەغنىڭ سوممىسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، فوندنىڭ كۆلىمىمۇ بارغانسېرى زورايدى. نوبېل مۇكاپاتى پۈتۈنلەي مەبلەغ باشقۇرۇش ئارقىلىق قىلىنغان كىرىمگە تايىنىپ، نوبېلنىڭ ۋەسىيىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە، مالىيە باشقۇرۇش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ياخشى ئىپادىسى نوبېلنىڭ ئارزۇسىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئىگىلىنىشچە، نوبېل فوندى دەسلەپتە زايوم ۋە قەرز قاتارلىق بىخەتەر ئاكسىيەگىلا مەبلەغ سالغان. ئەمما ھەر يىللىق مۇكاپات سوممىسى تارقىتىش ۋە فوندنى يۈرۈشتۈرۈش چىقىمى سەۋەبىدىن، 1953- يىلى بۇ فوندنىڭ مۈلكى ئاران ئۈچ مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قالغان. نوبېل مۇكاپاتى فوندى داۋاملىق يۈرۈشۈشنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پاي چېكى، ئۆي- مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشنى ئاساس قىلغان مالىيە باشقۇرۇشنى يولغا قويغان، شۇنىڭ بىلەن فوند مۈلكىنىڭ قىممىتى تېز سۈرئەتتە ئاشقان، مۇكاپاتنىڭ سوممىسىمۇ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارغان.
:مەنبە:

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-2-17 08:40:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىلارنىڭ ئىزىدىن گۈللەر ئۈنىدۇ ، باسقان ھەر بىر قەدىمى ياخشىلىقلارنى چىللايدۇ.نوبىل گەرچە ئالەمدىن ئۆتكىلى كۆپ زامانلار بولغان بولسىمۇ  ياخشى نامى ئەبەدى ئەبەد يادلانماقتا
ۋاقتى: 2015-2-18 19:55:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نوبىل مۇكاپات پۇلىنى باشقۇرغۇچىلارغا تەشەككۇر. ياخشىلارنىڭ ئىزى ئۈچۈپ قالمىسۇن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش