كۆرۈش: 160|ئىنكاس: 1

تاپشۇرۇق بىرىش، تەكشۈرۈش، خۇلاسىلاش، باھالاش توغرىسدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇق بىرىش، تەكشۈرۈش، خۇلاسىلاش، باھالاش توغرىسدا

     دەرس ئۆتۈش ئوقۇتۇشنىڭ ئاساسىي ، دەرس ئۆتۈش بىلەن بىرگە تاپشۇرۇق بىرىش دەرىسنىڭ ئۆزلىشىشى سىنايدىغان مۇھىم بىر سىناق، دەرىسنىڭ ياخشى ئۆتۈلگەن-ئۆتۈلمىگەنلىكى ئوقۇغۇچىلارغائۆزلەشكەن، ئۆزلەشمىگەنلىكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسنى زادى چۈشەنگەن- چۈشەنمىگەنلىكى باھابىرىشتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىگەن تاپشۇرقىنىڭ توغرا-خاتالىقىغا قاراش بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئىقدىدارىغا باھابىرىش ، دەرس ئۆتۈش ماھارىتىگە باھا بەرگىلى بولىدۇ .
     ئۇنداقتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرقىغا باھا بەرگەندە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش زادى قايسى ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك ؟
بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك !!!
1.        ئالدى بىلەن تاپشۇرۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كىلىدىغان بولۇشى كىرەك ، تاپشۇرۇق مىقدارى ئاز ياكى كۆپ بولماسلىق تولىمۇ مۇھىم ، بىرىلگەن تاپشۇرۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغاماس كەلمىسە ئوقۇغۇچىلارنى قايمۇقتۇرۇپ قويۇپ كۆزلگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ.
2.مىقدارى جەھەتتىن بەك ئاز بوپكەتسە ھورۇنلۇق قىلىش ، سەل قاراش قاتارلىق ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن تاپشۇرۇقنى نۇرمال بىرىش كىرەك.
3.تاپشۇرۇق بىرىشتە دەرىسكە مۇناسىۋەتلىك تاپشۇرۇقنى بىرىش ، دەرس مەزمۇنىدىن چەتنەپ كەتمەسلىك كىرەك ،
4. تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشتە ئوقۇغۇچىلار خاتا ئىشلىگەن– ئىشلىيەلمىگەن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەن تەرەپلار بولسا ۋاقتىدا تۈزىتىش ، توغۇرلاپ مىڭىش، قولنىڭ ئۇچىدىلا ئالۋاڭغا تۈزەتمەسلىك كىرەك
5. ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلدىغان باھا مۇۋاپپىق بولۇشى، ئۇلارغا ھاقارەتلەيدىغان، كەمسىتىدىغان، غۇرۇرىغا تىگىدىغان گەپ سۆزلەرنى تاپشۇرۇق دەپتەرگە يازماسلىقى كىرەك، مەسىلەن : سىز دۆتمۇ ؟ ، كاللىڭىز ئىشلىمەمدۇ؟
ھاقارەت رەسىملىرىنى سىزىپ قويماسلىق كىرەك .
بۇنداق بولمىغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش قىزغىنلىقىنى تۆۋەنلەپ شۇ دەرىسكە ھەم شۇ ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ئۆچمەنلىك تۇيغۇسى بىرىپ قويىدۇ.
6. تاپشۇرۇق بىرىپ تەكشۈرۈشتە تاپشۇرۇقنىڭ ۋاقتىدا تەكشۈرلۈپ ، ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا تىگېشىگە كاپالەتلىك قىلىش كىرەك ، بۇنداق بولمىغاندا تاپشۇرۇق بىسىلىپ قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەم ئوقۇتقۇچىنىڭ يۈكى ئىشىپ كىتىش ئەھۋالى يۈزبىرىدۇ ، تاپشۇرۇقنى تەكشۈرۈپ خاتا كەتكەن ، ئىشلىيەلمىگەن نۇقتىلارغا سىنىپتا خۇلاسە قىلىپ بىرىشكە ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك ، مۇشۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرقىنى ۋاقتىدا بىرىش ۋە ۋاقتىدا ئىشلەش ئىقدىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ
7. تاپشۇرۇقنى خۇلاسە قىلغان چاغدا ، تاپشۇرۇقنى ئىشلىمىگەن ياكى ئەستايىدىل ئىشلىمىگەن ، بىر-بىرىدىن كۆچۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئوتتۇردا تەنقىد قىلماي ئايرىم تەربىيە بىرىپ ، ئايرىم كۆرسىتىپ ، كۆرسىتىپ بىرىشكە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك ، كۆچۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆچۈرمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىنىق پەرىق ئىتىپ ئايرىم يىتەكلەشكە ، تەربىيە بىرىشكە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك . مۇشۇنداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل پىكىريۈرگۈزۈش، تەھلىل قىلىش ، ئوقۇتقۇچىدىن كۆپ سۇئال سوراش ئىقدىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ يەنە تاپشۇرۇقنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى قىممىتى ، رولى ۋە ئەھمىيتى بولىدۇ .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +5تىللا +3تۆھپە +5شۆھرەت +5يىغىشسەۋەبى
ئامان + 5 + 3 + 5 + 5ياخشى تېما.

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-3-10 18:24:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر ،جاپا تارتىپسىز.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش