| تورچى يوللىغان ۋاقتى 2013-1-29 02:02  سوئال:قانداق قىلغاندا ساۋادى چىقماي،يوقىرى يىللىققا س ... ساۋادى چىقماي يۇقىرى يىللىققا سىنىپ كۆچكەن ئوقۇغچىلار بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ بار . بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاز بىر قىسمىنى نېرۋىسى ئاجىزلار تەشكىل قىلىدۇ. بۇلارغا ھەرقانچە كۈچىسەكمۇ ساۋادى چىقماسلىقى مۈمكىن. شۇڭا بۇنداقلارغا ئىلمىي پوزىتسىيەدە بولۇشىمىز كېرەك .بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى نورمال تۇرۇپمۇ يەنىلا ساۋادى چىقمايدۇ. بۇنداق ئوقۇغۇچىلار مۇنەۋەر ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ سىنىپىدا ئاز ياكى يوق دىيەرلىك، لېكىن ، جانباقار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىنىپىدا كۆپرەك بولىدۇ.بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادى چىقماسلىقىدىكى ئاساسىي سەۋەپ -ئۇلار ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشەلمىگەن. بۇ ئوقۇغۇچىلار نېمە ئۈچۈن يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشەلمەيدۇ ؟ بۇنىڭدىكى سەۋەپلەر ناھايىتى نۇرغۇن بولسىمۇ ، ئاساسلىقى يەنىلا ، ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ ئاجىزلىقى، بىلىمى يۇقىرى بولسىمۇ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ ئاجىزلىقى ، ئۇسۇل جەھەتتىكى ئاجىزلىق ۋە مەكتەپنىڭ تەدبىرىنىڭ ياخشى بولماسلىقى قاتارلىق تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ. يىللاردىن بۇيان، بىز ساۋاتسىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشتا ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىسىنى ئۆزىگە ھۆددە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان ئىدۇق . لېكىن، بۇ ئۇسۇل ئانچە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغانلىقتىن ، بۇ مەۋسۇمدا پەدە ئۆزگەرتتۇق: ساۋاتسىز قالغان بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن 2-يىللىق ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 10 يۈەن ، 3-يىللىق ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 20 يۇەن، 4-يىللىق ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 30يۈەن، 5-يىللىق ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 40 يۈەن، 6-يىللىق ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 50 يۈەن مەسئۇلىيەت پۇلىنى تۇتۇپ، ساۋاتسىز ئوقۇغۇچىلارنى بىر سىنىپ قىلىپ ئايرىم تەشكىللەپ ، ساۋات چىقىرىشقا ئەڭ ئۇستا ئوقۇتقۇچىدىن بىرنى مەسئۇل قىلىپ ، ئوقۇتۇش ئېلىپ باردۇق.ئوقۇتقۇچىللاردىن تۇتۇلغان مەسئۇلىيەت پۇلىنى ساۋات چىقىرىش سىنىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا ساۋاتلىق بولغان ئوقۇغۇچىسىنىڭ سانىغا قاراپ مۇكاپات قىلىپ بېرىۋەتتۇق . مۇشۇ مەۋسۇمنىڭ بېشىدا مەكتىپىمىزدىكى 18 باشلانغۇچ سىنىپنىڭ ساۋادىنى تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە ئومۇمى ساۋاتسىز ئوقۇغۇچى 42نەپەر بولۇپ ، بىر مەۋسۇم ئوقۇتقاندىن كېيىن ساۋاتلىق بولغىنى 30 نەپەر ، ساۋاتسىز قالغىنى 12 نەپەر بولدى. 12نەپەر ساۋاتسىزنىڭ تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرگەندە ، ئۇلار ئاساسەن ئەقلى كەمتۈك، دەلدۈش ئوقۇغۇچىلار بولۇپ چىقتى. مۇشۇ ئىشلارنى ئورۇنلاش جەريانىدا ساۋاتسىز ئوقۇغۇچى سانى كۆپ ، يۇقىرى يىللىق سىنىپنى ئوقۇتىدىغان ئوقۇتقۇچىلاردا مەكتەپ مەسئۇلىنى غاجاش ئەھۋالى كۆرۈلدى . نەتىجىدە ، « غاجا مەيلى خوش بولساڭ » دېگەن شېئىرمۇ پۈتۈپ قالدى. |
باھالاشباھا خاتىرىسى
|