كۆرۈش: 359|ئىنكاس: 3

باشقىلارنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشىشتىكى 10 ئىش

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
باشقىلارنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشىشتىكى 10 ئىش


سىزنىڭ خىزمىتىڭىز، كەسپىڭىز، جەمىيەتتىكى ئورنىڭىزنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، تۆۋەندىكى ئون جەھەتتىن دېققەت قىلسىڭىزلا باشقىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەلەيسىز.
مېڭىش-تۇرۇش جەھەتتە توغرا، چىرايلىق ۋە سالاپەتلىك بولۇشقا دىققەت قىلىڭ. يەنى مېڭىش - تۇرۇشنىڭ باشقىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئاياللارنىڭ مېڭىشى رېتىملىق، ئولتۇرۇش - تۇرۇشى سىپايە، نازاكەتلىك بولۇشى كېرەك. شۇڭا، ماڭغاندا يېنىك قەدەم بىلەن  بىر تۈز سىزىق بويلاپ، گەۋدىڭىزنى تىك تۇتۇپ، بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ مېڭىڭ. ئالچاڭلاپ، خۇشياقمىغاندەك، دوكتەك مېڭىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.
خىزمىتىڭىزنىڭ خاراكتېرىگە ماسلاشتۇرۇپ ياسىنىڭ. چۈنكى، ئاددىي ھەم مۇۋاپىق ياسىنىش ئادەمنى گۈزەللەشتۈرىدۇ.
مەيلى سىز ئائىلە ئايالى بولۇڭ ۋە ياكى خىزمەتتىكى ئايال بولۇڭ مۇۋاپىق ھالدا پەردازلىنىپ يۈرۈڭ. ئائىلىدىمۇ گىرىملىرىڭىزنى چىرايلىق ھەم تەبىئىي قىلىپ، ياسىنىپ يۈرسىڭىز ئائىلە ئەزالىرىڭىزغا ئازادە تۇيغۇ بېرىشتىن باشقا، ئۆزىڭىزنىڭمۇ روھىي كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. ئەمما، پەردازنى تەبىئىي قىلىش، ئاشۇرىۋەتمەسلىك كېرەك.
ئەگەر خىزمەت ئېھتىياجىدىن بولمىسا، ئىش ۋاقتىدا ئالتۇن - كۈمۈش، زىبۇ -زىننەتلەرنى ھەددىدىن زىيادە ئېسىۋالماسلىق كېرەك. چۈنكى، زىبۇ - زىننەت تاقاشتىمۇ ئىلمىي، كۆركەم بولۇشقا ئەھمىيەت بەرسىڭىز، جەلبكارلىقىڭىز تېخىمۇ ئاشىدۇ.
ئائىلە ئىشلىرى ۋە شەخسىي تۇرمۇش بىلەن خىزمەتنى ئېنىق ئايرىڭ،ئارىلاشتۇرىۋالماڭ. خىزمەتنى خىزمەت ۋاقتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ۋاقتىدا ياخشى تاماملاڭ، ئۆيگە كەلگەندە ئائىلىڭىزنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاياللىق، ئانىلىق بۇرچىڭىزنى ياخشى ئادا قىلىڭ.
ئۆزىڭىزنىڭ لاتاپىتىدىن پايدىلىنىپ، ئەرلەرنى جەلب قىلىشقا ئۇرۇنماڭ. مەيلى سىز قانچىلىك گۈزەل ۋە ياكى لاتاپەتلىك بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئەرلەر ئۈچۈن يەنىلا سىرلىق ھەم كەسكىن بولغىنىڭىز ياخشى. ئارتۇقچە ناز - كەرەشمە ۋە ياكى باشقىچە قىلىقلار سىزنىڭ ئەرلەر قەلبىدىكى ئوبرازىڭىزنى خۇنۇكلەشتۈرۈپلا قالماي، ئىناۋىتىڭىزنى چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
سۆزلىگەندە تىلى گۈزەل، ئەدەبلىك بولۇشقا دىققەت قىلىڭ. ئاياللار سىرتقى گۈزەللىكىگە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، ئەڭ مۇھىمى ئىچكى گۈزەللىكىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. شۇڭا، سۆز - ھەرىكەتتە قوپال، قېلىن - قاتتىق بولۇشتىن ساقلىنىڭ، ئەدەب - ئەخلاق سىزنىڭ گۈزەللىك ئەڭگۈشتىرىڭىز بولسۇن.
خىزمەتتە گۇروھۋازلىق ھەرىكىتىدىن يىراق تۇرۇڭ. خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن ئورتاق مۇئامىلىدە بولۇڭ. ئەڭ ياخشىسى ھەممىسى بىلەن ئىجىل - ئىناق، يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇڭكى، مەلۈم گۇروھقا تەۋە بولۇپ قالماڭ.
ئىجتىمائىي ئالاقە زىيارەت، توي - تۆكۈنلەردە ئۆزىڭىزنى تەمكىن تۇتۇڭ، قائىدە- يوسۇنلۇق بولۇڭ، ئاياللارغا ماس كەلمەيدىغان سورۇنلارغا بېرىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئاياللىق سالاھىيىتىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزگە يۈكسەك غايە تىكلەڭ. چۈنكى، سىز ئايال كىشىلا ئەمەس، جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقان شەخس. يۈكسەك غايە پەقەت خىزمەتتىكى ئاياللارنىڭلا نىشانى ئەمەس، ئائىلە ئاياللىرىدىمۇ ئۆزىنى كۈچلەندۈرىدىغان، ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرىدىغان غايىلەر بولغىنى ياخشى. سىز قانچە بىلىملىك، كۆپ كىتاب ئوقۇغان ياكى كۆپ تەربىيەلەنگەن ئايال بولسىڭىز، ئائىلىڭىز شۇنچە مەدەنىيەتلىك، ئىلمىي، پەزىلەتلىك ئائىلە بولالايدۇ. شۇڭا، ئائىلە ئاياللىرىمۇ بىلىم ئېگىلەش، غايە تىكلەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بېقىشى كېرەك.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +2تىللا +2تۆھپە +2شۆھرەت +2يىغىشسەۋەبى
مىرابلا + 2 + 2 + 2 + 2ياخشى تېما.

باھا خاتىرىسى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-24 23:20:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشلىك ئادىمىيلىك نوقتىسىدىن ياخشى  بىر كۆرسەتمە بىرىپسىز ،بۇ ھەممەيلەننىڭ بىر قېتىم ئۇقۇپ قۇيۇشىغائەرزىيدىغان  ئىسىل دۇردانە ،ھىكمەت ئىكەن
ۋاقتى: 2015-1-25 13:35:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسل مەزمۇنلار ئىكەن ، قوللىرىڭىزغا دەرىت كەلمسۇن ، ئامان بولغايسىز ……
ۋاقتى: 2015-1-26 20:43:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلارنىڭ ساپاسى پەرزەنىتلەرنىڭ ساپاسىنىڭ يوقۇرى-تۆۋەن بولۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.ياراملىق پەرزەنىت تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن ساپالىق ئاياللار بولمىسا بولمايدۇ.تېمىڭىزغا رەھمەت.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش