كۆرۈش: 306|ئىنكاس: 4

ئەر-ئاياللار ھە دېسىلا كونا خاماننى سورىماسلىقى لازىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەر-ئاياللار ھە دېسىلا كونا خاماننى سورىماسلىقى لازىم


كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەرقانداق ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلارنى ھەقىقەتەنمۇ سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئادەتتە يېڭى توي قىلغان ئەر-ئاياللار بىر-بىرى بىلەن ناھايىتى ئىناق ئۆتۈشىدۇ. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئازدۇر-كۆپتۇر ئىختىلاپ ۋە ئازارلىقلار كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئىختىلاپ ۋە ئارازلىقلارنى قورقۇنچلۇق ئەھۋال دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى بىر ئائىلە كىشىلىرى داۋاملىق بىزگە تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكتىن يا ئۇنداق يا مۇنداق سۈركىلىشلەردىن خالىي بولماق تەس. قان قېرىنداش بىر قورساق تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدىمۇ بەزىدە قىزىرىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بىر-بىرى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىككى ئىنسان بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەندە ئوتتۇرىسىدا زىددىيەتنىڭ كۆرۈلۈشى ناھايىتى تەبىئىي ئەھۋال. گەپ مەسىلە كۆرۈلگەندىن كېيىن ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلشىتا. قارايدىغان بولساق ئىناق ئەر-ئاياللار ئۆزئارا گەپ تەگىشىپ قالسا ھە دېسىلا«كونا خامان»نى سورۇپ چىقىدۇ. ئايال بولغۇچى «ئۆتكەن قېتىم سەن ئۇنداق مۇئامىلە قىلمىغان بولساڭ، بۈگۈن بۇ ئىش يۈز بەرمىگەن بولاتتى»دېسە، ئەرب ولغۇچى «پالانى ئاينىڭ پالانى كۈنى سەن ماڭا نېمە دېگىنىڭنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ» دەپ شۇ قېتىمقى جېدەلنى بىر قانچە ئاي ھەتتا بىر قانچە يىل ئىلگىرىكى ئىشلار بىلەن باغلىۋىلىپ، زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرىۋىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئامىل سەۋەب بولىدۇ.
بىرى، بەزى ئەر-ئاياللار بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بولغاندىن كېيىن قارشى تەرەپ مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. بەزىلەر ئۆزىنىڭ يولدىشى ۋە ياكى ئايالىنى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىىسىغا سېلىشتۇرۇپ ئۆزىدە مۇقەررەر ھالدا مەلۇم بىر خىل ئۈمىدسىزلىكنى پەيدا قىلىدۇ.
يەنە بىرى، بەزىلەر ئۆزىنى يولدىشى ياكى ئايالىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن سېلىشۇرىدۇ. نەتىجىدە سېلىشتۇرغانسېرى قارشى تەرەپنىڭ ئوسال ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى، ھەربىر سۆزىگە ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ. بەزىدە قارشى تەرەپنىڭ بىرەر ئېغىز سۆزى مۇۋاپىق بولماي قالسا ماڭا تەنە قىلىۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ-دە، بىردىنلا ئاچچىقلىنىپ «كونا خامان»نى سورۇپ چىقىدۇ
شۇنى بىلىپ يېتىش كېرەككى، «كونا خامان»نى سورۇش ئەر-ئاياللار مۇھەببىتى ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق. چۈنكى بەزى «كونا خامان»لاردا تىلغا ئالغۇدەك ھېچنىمە يوق. ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىشلارنى بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپكە چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسا ئىش ئاللىقاچان تۈگىگەن بولاتتى. ئەمما ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن «كونا خامان»نى سورىسا قارشى تەرەپنىڭ دىلى ئازار يەيدۇ. چۈنكى بەزى ئىشلارنى قارشى تەرەپ ئۆز ۋاقتىدا ھېس قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن. سىز «كونا خامان»نى سورىغاندىن كېيىن قارشى تەرەپ سەن ئەسلىدە گۇمانخورلۇق قىلىپ مەندىن نارازى بولۇپ يۈرۈپتىكەنسەندە، ئۇنداق بولسا بۇندىن كېيىن مەنمۇ شۇنداق قىلاي دەپ ئويلايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن تەگىشىپ قالغان چاغلاردا قارشى تەرەپمۇ ئوخشاشلا «كونا خامان»نى سۆرەپ چىقىش ۋاستىسىنى تاللايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا بولىدۇ. بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋال. بۇنىڭدىن باشقا «كونا خاماننى ئەستە ساقلاش ئەر-ئايال ئىككى تەرەپنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈنمۇ زىيانلىق.
ئويلاپ كۆرەيلى، بىر ئائىلىدە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئىككىيلەننىڭ كۆڭلىدە بىر-بىرىدىن ئاغرىنىش بولسا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كەيپىياتىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. گەپ-سۆزلەرگە سەللا دىققەت قىلىنمايدىكەن، بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قويىدۇ.
«كونا خامان»نى سورۇشنىڭ زىيىنى كۆپ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەر-ئايال ئىككىيلەن ئىمكانقەدەر مۇشۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىشى، مەسىلە كۆرۈلگەندە دەرھال ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تېپىپ چىقىشى، «كونا خامان»نى سورۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك. بۇ يەردە يەنە ئۆزئارا ئەپۇ قىلىش، ئۆزئارا سەۋر-تاقەتلىك بولۇش مەسىلىسىمۇ مەۋجۇت. بەزىبىر تەرەپ خىزمەت ئورنىدا كۆرۈلگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ياكى بەزى كۆڭۈلسىز كەيپىياتلارنى ئۆيگە بىللە ئېلىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنداق چاغدا يەنە بىر تەرەپ سەۋەبىنى ئېنىق سوراپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىش ۋە ئۇنىڭ ھالىغا يېتىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھالدا ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. بۇنى ھەرگىزمۇ «كونا خامان»قىلىپ كۆڭلىدە ساقلاشقا بولمايدۇ.
بۇلاردىن باشقا، قارشى تەرەپنىڭ مۇھەببىتىگە نائىل بولۇش ئۈچۈن ئۆزىمۇ چوقۇم بەدەل تۆلىشى، شۇنداقلا بۇ خىل بەدەل تۆلەشنى قارشى تەرەپتىن ئېرىشكىنى بىلەن تارازىلاپ ئولتۇرماسلىقى كېرەك. بىلىۋېلىش كېرەككى، ئەر-ئاياللار كۆرۈلگەن زىددىيەتلەرنى ئۈزلۈكسىز يەڭگەندىلا ئاندىن ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ ھەم ئىناق ئائىلە مۇھىتى يارىتالايدۇ.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-25 13:33:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئورۇنلۇق پىكىر ، مەنمۇ شۇ خىل قاراشتا .
ۋاقتى: 2015-1-25 16:01:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەر - ئاياللار ئۈچۈن كونا خاماننى سورۇش ياخشى ئىش ئەمەس . شۇڭا ئەر ئاياللار بۇ خىل ئەھۋالغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك .بولمىسا چاتاق چىقىشى مۇقەرەر گەپ
ۋاقتى: 2015-1-25 19:15:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقايغان جاراھەتنىڭ داغ ئورنىنى تاتىلاپ  قايتا جاراھەت قىلغاندەكلا ئىش بۇلىدۇ خالاس ، شۇڭا ئىبرەت ئېلىپ ئىناق ئائىلە، ئىناق جەمئەت بەرپا قىلىشقا ھەممەيلەن تەڭ ئەھمىيەت بىرىش كىرەك
ۋاقتى: 2015-1-26 20:21:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلە ئىناقلىقى پەرزەنىت تەربىيسىنىڭ ئاساسى.ئىناق ئائىلە بەرپا قىلىش ئۈچۈن كەڭ قۇرساق ،ئەپۇچان بولۇش كىرەك.(كونا خاماننى سورۇش)ئائىلە ئىناقلىقىغا چۈشكەن كۈيە.بىز پەرزەنىتلەرنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن چوقۇم ئىناق ئائىلە بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.بەك ياخشى قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش