تۇخۇم يىگەندە نىمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك

تۇخۇم بولسا ئۇزۇقلۇق ماددا ئەڭ كۆپ بولغان يىمەكلىكنىڭ بىرى. تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە ئېھتىياجلىق بولغان نۇرغۇن ئېلىمىنىتلار بار. تۆۋەندىكىلەر بولسا ھازىر تۇخۇم يەپ بۇلۇپلا قىلسا بولمايدىغان ئىشلار ، ئەگەر قىلىپ سالسىڭىز يىنىك بولغاندا ئۇزۇقلۇقنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئېغىر بولغاندا كېسەللىكنى قوزغايدۇ، ھەتتا جاننى ئېلىشى مۇمكىن ،،، 1. تۇخۇمنى يەپ بۇلۇپلا دەرھان كەپپۈت يىيىشكە بولمايدۇ، تۇخۇم بىلەن تەم تېتىتقۇسىنى بىللە پۇشۇرۇشقا بولمايدۇ، ئىشىنىمە كۆپىنچە ئاياللارنىڭ بۇنى بىلىدىغىنىغا، بىراق تۇخۇم بىلەن شېكەر،كەمپۈتنى بىللە قاينىتىشقا ، ھەتتا تۇخۇم يەپ بولغاندىن كىيىن تاتلىق يىيىشكە بولمايدۇ، تۇخۇمنىڭ ئاقسىل تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتا بىلەن مېۋە قەنتى تەركىبىدىكى لېسسىن كىسلاتا بىرىكىپ كىتىپ ، ماددىلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرۈلۈشىنى قىيىنلاشتۇرىدۇ، 2. تۇخۇمنى يەپ بۇلۇپلا ئارقىدىن ئەبنوس يىمەڭ.تۇخۇمدىن كىيىنلا ئەبنۇس يىگەندە ، يىنىك بولغاندا يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش كىلىپ چىقىپ ، ئۈچەي ئاشقازان ياللۇغى،ئۆپكە تىبركىلىيۇزنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن، ئادەتتىكى سۆز بۇيىچە ئېيىتقاندا بۇ ئىككى خىل يىمەكلىكنى بىللە ئىستىمال قىلغاندا ياندۇرۇش، ئىچى سۈرۈش، قورساق ئاغرىشتەك جىددى خاراكتىرلىك ئاشقازان ئۈچەي ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر ئىستىمال قىلغان ۋاقتىڭىز 1-2سائەتمىڭ ئىچىدە بولسا ، قۇسۇش ئۇسسۇلىنى قوللىنىپ زەھەر تازلىسىڭىز بۇلىدۇ، 20 گىرام تۇزغا 200 مىللىلىتىر سۇنى قۇيۇپ سوۋۇتقاندىن كىيىن ئىچىپ ياندۇرۇڭ ، ئەگەر ياندۇرالمىسىڭىز يەنە كۆپرەك ئىچىپ ياندۇرۇشقا تىرىشىڭ.ئەگەر ئىستىمال قىلغان ۋاقىت ئۇزۇنراق بولسا دەرھال ئىچىنى سۈرىدىغان دورىنى ئىچىپ زەھەرلىك ماددىنى چىقىرىپ تاشلاش كېرەك. 3.ھازىر تۇخۇم يەپ بۇلۇپلا دەرھال پۇرچاق سۈتى ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەن ئانىسى باللىرىغا ئەستايىدىللىق بىلەن تەييارلىغان ئەتىگەنلىك تاماق تەييارلاپ بىرىدۇ، بۇ ئەتىگەنلىك تاماق بىلەن تۇلۇق ئۇزۇقلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ، شۇڭا باللىرىنىڭ پۇرچاق سۈتىگە گۈل قەمبەر سېلۋېتىشكە ئامراق، ياكى تۇخۇم يەپ بولغاندىن كىيىن پۇرچاق سۈتى ئىچىشكە زورلايدۇ.بۇنداق بولغاندا ئىككىسى بىرلەشسە ئۇزۇقلۇق قىممىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماستىن يەنە زىيانلىق ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. 4.تۇخۇمنى يەپ بۇلۇپلا دەرھال توشقان گۆشى ، غاز گۆشى بىللە ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇلارنى بىللە ئىستىمال قىلغاندا ئاشقازاننى غىدىقلاپ ،ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن . 5.تۇخۇمنى يەپ بولغاندىن كىيىن تاشپاقا گۆشى يىسە بولمايدۇ، تۇخۇمنىڭ ئادەتتە چەڭلىمىسى بىرقەدەر كۆپ ، شۇڭا كىشىلەر تۇخۇم بىلەن قايسى خىل يىمەكلىكنى بىللە ئىستىمال قىلىشنى بىلىشى كېرەك، مەسىلەن ؛تۇخۇمنى يەپ بۇلۇپلا ئارقىدىن تاشپاقا گۆشىنى تەڭ ئىستىمال قىلغاندا يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش كىلىپ چىقىدۇ،ئادەتتە سۇ تاشپاقىسى بەك سوغۇق بولغاچقا زۇكام بۇلۇپ قالغان كىشىلەر ۋە تاشقى بەدىنى سوغۇق كىشىلەر تاشپاقا گۆشىنى كۆپ يىيىشكە بولمايدۇ، يېڭى تۇغۇتلۇق ئايال ۋە ھەزىم قىلىش سېستىمىسى ياخشى ئەمەس كىشىلەر ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ. مەنبە: خەۋەرلەر تورى
|