بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سىرداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-5 00:12
ئاپتۇۋا-چىلاپچا ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
خەلق تورى خەۋىرى: ئاپتوۋا-چىلاپچا ئۇيغۇرلار ئۇزاق يىللار مابەينىدە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مېھماندارچىلىق ئادەتلىرىمىزدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىپ كەلگەن. سەھرالاردا، جۈملىدىن بىزنىڭ سەھرادىكى ئۆيدە ئاپتوۋا-چىلاپچا ياكى ئىۋرىق بىلەن تاماقتىن بۇرۇن ۋە تاماقتىن كېيىن مېھمانلارنىڭ قولىغا سۇ بېرىدۇ. بۇ ئادەت ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندارچىلىق، سەھىيە، تازىلىق مەدەنىيىتىدىكى قىممەتلىك ئادەت ھېسابلىنىدۇ. شەھەرلەردە كۆپىنچە ھاللاردا مېھماننى جۈمەكنىڭ يېنىغا باشلاپ قويۇۋاتىمىز. قولغا سۇ بېرىدىغان بۇ ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە، ئۆزىمىزگە قىلىنغان ھۆرمەتتۇر
مەنبە: نۇر تورى
|