كۆرۈش: 391|ئىنكاس: 4

ئەقىللىق ئاياللار ئائىلىۋى بەختىنى قانداق يارىتىدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەقىللىق ئاياللار ئائىلىۋى بەختىنى قانداق يارىتىدۇ؟


ئاياللار ئائىلىنىڭ بەختىنى بەرپا قىلغۇچى ئۇلۇغ شەخس. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چېچەن- چىۋەرلىكى، چەكسىز مېھىر- مۇھەببىتى ۋە ئىللىق چېھرى ۋە ئەقىل- پاراسىتى بىلەن ئائىلە ئەزالىرىغا خۇشاللىق بېغىشلىغۇچىلاردۇر.
كۆپ جەھەتلەردە ئوخشايدىغان ئايرىم جەھەتلەردە پەرقلىنىدىغان ئاياللار.
تويدىن كېيىن تۇرمۇش ئادىتى، خاراكتېرى، قىزىقىشى ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئادەم بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئەگەر ئايال ئېرىنى ئۆزىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزگەرتمەكچى بولسا، ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ئېرىنىڭ نارازىلىقى ۋە بىزار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چوڭ ئىشلاردە بىرلىككە كېلىپ، كىچىك ئىشلاردا پەرقنى ساقلاپ قالغاندىلا ئاندىن بۇ ئائىلە ئىناق بولىدۇ.
ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقاتمىغان ئايال.
ئشەنچ ئەسلىدىنلا بىرخىل سېھرى كۈچ. ئەگەردە سىز ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئېتراپ قىلسىڭىز، ئۇنداقتا باشقىلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىز. ئۆزىگە ئىشىنىش تاشقى كۆرۈنۈشتىلا ئىپادىلىنىشتىن باشقا، يەنە ئۈزلۈكسىز ھالدا بىلىم ئاشۇرۇش، ساپانى يۇقىرى كۆتۈرۈش، پەزىلەتلىك بولۇش قاتارلىقلاردىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
ئائىلىسىدىكىلەرنى سۆيۈش بىلەن ئۆزىنىمۇ سۆيەلەيدىغان ئايال.
ئاياللارنىڭ تويدىن كېيىن ئېرىنى، بالىلىرىنى سۆيۈش تەبئىي ئىش، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. ئۆزىنى قەدىرلىگەنلىك ئەمەلىيەتتە ئائىلىنى قەدىرلىگەنلىك.
چوڭ ئىشلارغا ئالدىراپ قالمايدىغان، كىچىك ئىشلاردا ھېسابلىشىپ كەتمەيدىغان ئايال.
تويدىن كېيىن ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ پىكرىنىڭ بىردەك بولماسلىقى دائىم بولىدىغان ئەھۋال. چوڭ ئىشلاردا پىرىنسىپنى تەكىتلەش، ھودۇقۇپ كەتمەسلىك، كىچىك ئىشلاردا ئەڭ ياخشىسى بەك ھېسابلىشىپ كەتمەسلىك كېرەك. ئەگەر ھەمىشە كىچىككىنە ئىشلاردىمۇ جاڭجاڭلاشسا ۋاقىت ئۆتكەنسىرى مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىشىنى، ھېسسىياتنىڭ سۇسلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بەلگىلىك دەرىجىدە ئائىلىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئايال.
ئائىلىنى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلىك ئائىلە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ بولۇشى زۆرۈر. ئاياللار بىر مۇنەۋۋەر «غوجىدار» بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. ئائىلە مەيلى قانچىلىك ياخشى خاتىرجەم تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئاياللار يەنىلا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىشى كېرەك. ئەر-خوتۇننىڭ قوش شەمشەردەك ماسلىشىشى بولسا بىر مۇكەممەل ماسلىشىشتۇر. توي قىلغان ئاياللار ئائىلە باشقۇرۇشقا دائىر بىلىملەرنى كۆپرەك ئىگەللەپ، ئۆزىنى ئازادە، خۇشال ئائىلە ئىشلىرىنى ماھىرلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، غەم-قايغۇدا چارىسىز قېلىشتىن كۆڭۈل پاراكەندىچىلىكىدىن ساقلىنىش كېرەك.
ئۆزىنىڭ قىزىقىش، ھەۋىسىنى ساقلاپ قالغان ئايال.
ئاياللار توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ئۆزىنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى قىزىقىشىنى ساقلاپ قالغىنى ياخشى، بولمىسا ئۇلاردا ئائىلىگە كەلگەن كىچىككىنە كۆڭۈلسىزلىك سەۋەبىدىن ناھايىتى ئاسانلا ئۈمىدسىزلىنىش، ئىچى سىقىلىش يۈز بېرىدۇ. تويدىن كېيىن ئاياللار ئۆزىنىڭ نورمال دوستلۇق چەمبىرىكىنى ھاسىل قىلىش كېرەك.
  مەنبە:  نۇر تورى

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-25 12:30:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تىمىنى يوللاپسىز،بارىكاللا.
ۋاقتى: 2015-1-25 13:10:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ياخشى مەزمۇنلارنى ئېلىپ كەپسىز ، بۇ ھازىرقى جەمىيىتىمزدە ئۈگىنىۋېلىشقا ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك رېئال مەسلىلەر ئىكەن ، رەھمەت سىزگە ، مۇشۇنداق ئېسىل مەزمۇنلاردىن خەۋەردار قىلىپ تۇرغايسىز ……
ۋاقتى: 2015-1-25 13:44:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىسل تېما ئىكەن،خانىم -قىزلىرىمىزنى بىلىشكە تېگىشلىك مەزمۇنلاركەن.
ۋاقتى: 2015-1-25 15:59:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن راستىنلا ياقتۇردۇم بۇ تىمىڭىزنى  سىرداش ئەپەندىم سىزمۇ باركەنسىزدە . مۇنبەرگە پات - پات كىرىپ تۇرۇڭ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش