| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-1 23:37
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پەن ئوقۇتۇش پىلانىنى قانداق تۈزۈش كېرەك پەن ئوقۇتۇش پىلانى بولسا مەلۇم بىر پەننى ئوقۇتۇشنىڭ ئومۇمىي نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى باسقۇچ خاراكتېرلىك پىلاندۇر. پەن ئوقۇتۇش پىلانى ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ۋە ئوقۇتۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاستە؛ ئوقۇتۇشنى تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. پەن ئوقۇتۇش پىلانىنى تۈزۈشتە دەرسلىك ماتېرىيالى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىش، ئىلگىرىكى ۋە نۆۋەتتىكى ئوقۇتۇش خىزمەت ئەھۋالىنى تولۇق تەھلىل قىلىش، ئوقۇتۇشتا ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىلەرنى تۇتقا قىلىش؛ نىشاننىڭ ئېنىق بولۇش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، تەدبىرلەر كونكىرت بولۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت ئاساسىي تەلەپكە يېتىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا ئىزدىنىش خاراكتېرى، ئەمەلىيەتچانلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك بولغان پىلان تۈزۈلۈپ، ئۇنى ئوقۇتۇشقا ھەقىقىي يېتەكچىلىك قىلدۇرغىلى بولىدۇ. پەن ئوقۇتۇش پىلانى ئادەتتە تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك: 1. پەن ئوقۇتۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى مەسىلەن: «بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىش، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن بەھىرلىنىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىش، ئۆگىنىش جەريانىدا ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىش ئىقتىدارىنى تەرەققىياتقا ئىگە قىلىش، ئادىمىيلىك پەزىلىتىنى يۇقىرى كۆتىرىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىلھام بېرىش؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈش، يەككە پەرقلەرگە ھۆرمەت قىلىش، ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم ئىگەللىتىش، ئۇلارنىڭ ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتىرىش، ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇش، تەپەككۇرىنى جانلاندۇرۇش، خاسلىقىنى نامايەن قىلدۇرۇش؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش جەريانىنى باھالاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىدىغان ۋە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى تەرەققى قىلدۇرىدىغان باھالاش سىسىتېمىسىنى بەرپا قىلىش؛ ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىشتىن، مۇۋەپپەقىيەتتىن خۇشاللىق ھېس قىلدۇرۇش» قاتارلىقلار. 2. ئوقۇغۇچىلار ئەھۋالى تەھلىلى ئوقۇغۇچىلار ئەھۋالى تەھلىلى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە بىلىم ئىگەللەش ئەھۋالىنى چۈشىنىش، ئىلگىرى ئۆگەنگەن بىلىملەر بىلەن يېڭى بىلىملەرنىڭ باغلىنىشى جەھەتتىكى زىددىيەتلەرنى ياخشى ھەل قىلىش، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلى مەشقىنى كۈچەيتىشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: تىل-ئەدەبىيات دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭلاپ چۈشىنىش، ئوقۇش، يېزىش جەھەتتىكى سەۋىيىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى؛ ماتېماتىكا دەرسىدە ئاساسىي ئۇقۇملارنى ۋە قائىدە-قانۇنىيەت، فورمۇلالارنى ئىگەللەش ئەھۋالى، چۈشىنىش ئىقتىدارى ۋە ھېسابلاش سەۋىيىسىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكى قاتارلىقلار، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكىلىق تەپەككۇرىدىكى توسالغۇ، ئۆگىنىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئالدىنقى بىر قىسىم دەرسلىك ماتېرىيالىنى ئوقۇتۇش نىشانىنىڭ ئورۇنلىنىش ئەھۋالىنى ئىگەللىگىلى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى بىلىملەرنى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. 3. دەرسلىك ماتېرىيالى تەھلىلى دەرسلىك ماتېرىيالى تەھلىلىدە دەرس ئۆلچىمىنى ئۆگىنىش ۋە دەرسلىك ماتېرىيالىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىش ئاساسىدا نۆۋەتتە ئوقۇتماقچى بولغان بىر قىسىم دەرسلىك ماتېرىيالىنىڭ شۇ پەننىڭ پۈتكۈل دەرسلىك ماتېرىيال سىسىتېمىسىدىكى ئورنى ۋە رولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر بىر سائەتلىك دەرسلىك ماتېرىيالى ۋە ھەر بىر بۆلەكنىڭ، ھەر بىر بابنىڭ مەزمۇنىنىڭ مۇشۇ بىر قىسىم دەرسلىك ماتېرىيالىدىكى ئورنى ۋە رولىنى تولۇق ئىگەللەپ، بىلىملەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى باغلىنىشنى تولۇق تېپىپ چىقىپ، ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پۈتكۈل بىر مەۋسۇملۇق ئوقۇتۇشنىڭ ئومۇمىي نىشانى ۋە تەلىپىنى بېكىتىپ، مۇشۇ مەۋسۇملۇق پەن ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى تىرىشىش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇش لازىم. دەرسلىك ماتېرىيالى تەھلىلىدە بۇندىن باشقا يەنە، ئوقۇغۇچىلاردىن قايسى ئاساسىي بىلىملەرنى ۋە قانداق ئاساسىي ئۇقۇملارنى ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى، قايسى جەھەتتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارى يېتىلدۈرىدىغانلىقى قاتارلىقلار تەھلىل قىلىنىشى لازىم. 4. ئوقۇتۇش نىشانى تەھلىلى ئوقۇتۇش نىشانى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) بىلىم ۋە ماھارەت نىشانى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىدىغان دەرسلىك ماتېرىيالىدا ئەكس ئەتكەن پەننىي بىلىملەرنى ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماھارەتلەرنى يېتىلدۈرۈش نىشانىدۇر. يەنى، ئاساسىي بىلىم، ئاساسىي ماھارەتلەرنى ئىگەللەشنىڭ ئىنچىكە تەلىپى؛ مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىش قاتارلىقلارغا قويۇلىدىغان كونكىرت تەلەپنى كۆرسىتىدۇ.(2)ئۇسۇل ۋە جەريان نىشانى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش تاكتىكىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا قارىتىلغان نىشاندۇر. (3) ھېسسىيات، پوزىتسىيە، قىممەت قارىشى نىشانى: بۇ نىشان بولسا ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەيرى بىلىم ئىقتىدار ئامىللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا قارىتىلغان نىشان بولۇپ، قوبۇل قىلىش، ئىنكاس قايتۇرۇش، شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامغا ئايرىلىدۇ. 5. دەرسلىك ماتېرىيالىنىڭ مۇھىم، قىيىن نۇقتىسى تەھلىلى ئوقۇغۇچىلار ئەھۋالى تەھلىلى ۋە دەرسلىك ماتېرىيال تەھلىلى ئاساسىدا، بىر مەۋسۇملۇق دەرسلىك ماتېرىيالىنىڭ مۇھىم، قىيىن نۇقتىلىرىنى بېكىتىپ چىقىش كېرەك. بېكىتىلگەن مۇھىم، قىيىن نۇقتىلار كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن مۇھىم، قىيىن نۇقتىنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. شۇڭا، مۇھىم، قىيىن نۇقتىنى ئىنتايىن توغرا ئىگەللەش لازىم. 6. پەن ئوقۇتۇشدىكى ئاساسلىق تەدبىرلەر تەدبىر-مۇئەييەن ۋەزىپىنى ئورۇنلاشنىڭ كاپالىتى. تەدبىر بولمايدىكەن نىشان ۋە ۋەزىپىلەر ھەر قانچە ياخشى بېكىتىلگەن بىلەن ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قىيىنغا توختايدۇ. شۇڭا، تەدبىر كونكىرت، كۈچلۈك، يولغا قويغىلى بولىدىغان بولۇشى كېرەك. پەن ئوقۇتۇشدىكى ئاساسلىق تەدبىرلەر ئادەتتە مائارىپ نەزەرىيىسى ۋە ئوقۇتۇش نەزەرىيىسىنى ئۆگىنىش؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش؛ مۇھىم، قىيىن نۇقتىلارنى ئوقۇتۇشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش؛ زامانىۋىي ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ ۋە باشقا ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىش؛ تاپشۇرۇق بېرىپ تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتىرىش، تەكرارنى كۈچەيتىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 7. جەدىۋەل شەكىللىك ئوقۇتۇش سۈرئەت پىلانىنى تۈزۈش مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ھەرقايسى يىللىقلىرىدىكى دەرس تەقسىمات لايىھەسىدىكى پەن ئوقۇتۇش ۋاقتىغا دائىر بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تەكرارلاش ۋاقتى ۋە ئىمتىھان ۋاقتىنى تولۇق ئويلۇشۇپ، ئوقۇتماقچى بولغان پەننىڭ مەۋسۇملۇق ئوقۇتۇش سۈرئەت پىلانى جەدىۋەل شەكلىدە مۇۋاپىق تۈزۈپ چىقىش لازىم.
قوشۇمچە:
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 7-يىللىق بىئولوگىيە پەن ئوقۇتۇش پىلانى (1-مەۋسۇملۇق) 1. يېتەكچى ئىدىيە «پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى بىئولوگىيە دەرس ئۆلچىمى» گە ئاساسلىنىپ، مەكتىپىمىزنىڭ بىئولوگىيە ئوقۇتۇشىدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئاساسىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىلىرىگە يەنىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپ ئۆگىنىشنى يەنىمۇ تەكىتلەپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ھالقىسىنى كۈچەيتىپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىئولوگىيە ئۆگىنىش ئارقىلىق بىئولوگىيەلىك بىلىملەرگە بولغان چۈشەنچىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ ئىزدىنىش ئىقتىدارى، ئۆگىنىش ئىقتىدارى ۋە مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارى قاتارلىق تەرەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنى تەرەققىياتقا ئىگە قىلىش؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى، ھەمكارلىشىش روھى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتىرىش؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشقا قاتنىشىش، جەمئىيەتكە ماسلىشىش ۋە داۋاملىق ئۆگىنىشگە زۆرۈر بولغان ئاساسىنى تۇرغۇزۇش. 2. ئوقۇغۇچىلار ئەھۋال تەھلىلى (بۇ پەننى ئۆگىنىش ئەھۋالى، ئەقلىي تەرەققىياتى ۋە ئۆگىنىش پوزىتسىيەسى، ئۆگىنىش ئادىتى قاتارلىقلار) 7-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئەمدىلا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان بولغاچقا، ئۆگىنىش ئادىتى ۋە ئۆگىنىش ماھارىتى قاتارلىق تەرەپلەردە تەربىيلىنىشكە ئېھتىياجىلىق بولىدۇ. مەن دەرس ئۆتىدىغان سىنىپلاردىكى جەمئىي 70 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ (7-يىللىق 1-سىنىپتا 34 نەپەر، 7-يىللىق 2-سىنىپتا 36 نەپەر) ھەممسى يېزا، كەنت باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىن كەلگەن دېھقان پەرزەنىتلىرى بولۇپ، بىر قىسىم ئۆگىنىشتە ياخشى، تىرىشچان ئوقۇغۇچىلار رايۇن ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىپ قوبۇل قىلىنغان، قالغانلارنىڭ تۈرلۈك ئادەتلىرى ناچار، ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش ئېڭى بىر قەدەر تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى كەپسىز، ئالغا ئىلگىرلەش ئېڭى تۆۋەن، ئۆزىنى تېخى ياخشى باشقۇرالمايدۇ، ئۆگىنىش ئاساسى تۆۋەن، ھەتتا ساۋاتسىز ئوقۇغۇچىلارمۇ بار بولۇپ، دەرس ۋاقتىدا كۆڭۈل قويۇپ دەرس ئاڭلايدىغانلار ئاز، كۆپىنچىسى دەرس ۋاقىتىدا ئويناپ ئولتۇرىدۇ، تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا ئىشلىمەيدۇ. قىزلارنىڭ قۇلىقى يۇمشاق، گەپ ئاڭلايدۇ، ئۆگىنىشتە بىر قەدەر ئەستايىدىل، ئىنتىزامى بىر قەدەر ياخشى. كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلار ئاقكۆڭۈل، ساددا، تىرشىپ ئۆگىنىشنى ئويلايدۇ، ئەمما نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە ئالغان ئىمتىھاندىكى نەتىجسى خېلىلا تۆۋەن. دېمەك، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجە ئەھۋالى تازا ياخشى ئەمەس. بۇ ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ قوزغىتىپ، ئۇلارنى ئۆگىنىش مۇددىئاسى، ئۆگىنىش ئۇسۇلى قاتارلىق تەرەپلەردە توغرا نىشانغا يېتەكلەپ، ئۆگىنىش جەريانى ۋە ئۈنۈمىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش پوزىتسىيەسىنى رۇسلاشقا، ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىڭ توغرا، مۇۋاپىق بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلاردا ۋاقتىدا ئۆگىنىۋالىدىغان، ئىزچىل ئۆگىنىدىغان ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىدا ئىلگىرلەش پەيدا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ يۇقۇرى ئۆرلىشىگە كۈچ چىقىرىمەن. 3. بۇ قىسىم دەرسلىك ماتېرىيالى تەھلىلى (ماتېرىيالنىڭ ئورنى، رولى ۋە مۇھىم، قىيىن نۇقتىلىرى) بۇ دەرسلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسىنى ئومۇميۈلۈك يۇقىرى كۆتىرىشنى مەقسەت قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشىنى يەنى، پاسسىپ قوبۇل قىلىش تىپىدىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئاكىتىپ ئىزدىنىپ ئۆگىنىدىغان ئۆگىنىش ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىشنى بۆسۈش نۇقتىسى قىلغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە جەمىئىيەتنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ، بىئولوگىيە پېنىنىڭ يېڭىچە تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتتىكى كەڭ قوللىنىشنى ئەكس ئەتتۈرگەن ماتېرىيالدۇر. ئوقۇغۇچىلارنى بىلىم-ماھارەت، ئىقتىدار، ئۇسۇل، ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى قاتارلىق تەرەپلەردە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك ئىلمىي ئىزدىنىش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا ۋە باشتىن كەچۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنى «پەننى مەركەز قىلىش» ۋە «بىلىمنى مەركەز قىلىش» نىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. دەرسىلىك ماتېرىيال مەزمۇنىنىڭ تاللىنىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلشى جەھەتتىن تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىككە ئىگە: 1) ئەنئەنىۋىي پەن سىستېمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئادەم ۋە بىئوسفىرانى گەۋدىلەندۈرگەن بىلىم سىستېمىسىنى ھاسىل قىلغان؛ 2) يۈرۈشلۈك، كۆپ خىل ئىلمىي ئىزدىنىش پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ 3) ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىلگەن؛ 4) ئىقتىدار يىتىلدۈرۈشنىڭ تەدرىجى، قاتلاممۇ-قاتلام بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىلگەن؛ 5) ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىئولوگىيە ئىلمى ئۇقۇمى ۋە قائىدىلىرىنى چۈشىنىشىگە ئەھىمىيەت بېرىلىپ، نوقۇل ھالدىكى ئەستە ساقلاش تىپىدىكى بىلىملەر مۇۋاپىق تۈردە قىسقارتىلغان؛ 6) بىئولوگىيە پېنىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە دىققەت قىلىنغان. 4. ئوقۇتۇش نىشانى ۋە تەلىپى ئوقۇتۇش نىشانى: 1) بىلىم ۋە ماھارەت نىشانى: (1) جانلىقلارنى تونۇش، يەنى جانلىقلار بىلەن ھۈجەيرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تونۇش؛ (2) يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياشاش ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىش؛ (3) ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەجرىبە مەشغۇلات ئىقتىدارى ۋە تەجرىبە لايىھەلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش؛ (4) ئوقۇغۇچلارنىڭ ئۇچۇرلارنى توپلاش ۋە رەتلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش. 2) جەريان ۋە ئۇسۇل نىشانى: (1) سۇئال ئارقىلىق يېتەكلەش؛ (2) تەجرىبە ئىزدىنىش ئۇسۇلى؛ (3) نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاش ئۇسۇلى؛ (4) سۈرەتلەرنى تونۇش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى؛ (5) سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى ۋە يىغىنچاقلاش ئۇسۇلى. ئوقۇغۇچىلارنى بىلىملەرنى سېلىشتۇرۇش ۋە يىغىنچاقلاشقا يېتەكلەپ، بىلىملەر ئوتتۇرسىدىكى ئىچكى باغلىنىشىنى تېپىپ چىقىپ، بىلىم قۇرۇلمىسى ھاسىل قىلىش، چۈشىنىشنى ۋە ئەستە ساقلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. 3) ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى نىشانى: (1) جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇتۇش، ئوقۇغۇچىلاردا ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىي قىلىش قارشىنى تىكلەش؛ (2) بىئولوگىيە تېخنىكسىنىڭ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى مۇھىم رولى ۋە ئەمەلىي قىممىتىنى چۈشىنىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىش ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بۇرچىنى ھېس قىلدۇرۇش. ئوقۇتۇش تەلىپى: 1) ئوقۇتۇشتا «بىئولوگىيە دەرس ئۆلچىمى» دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەرسلىك قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىشنى، ماتېرىيالغا ئاساسەن ئوقۇتۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى تولۇق تەرەققىياتقا ئېرىشتۇرۇش؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىئولوگىيە ساپاسىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتىرىش، ئوقۇتۇش نىشانى، مەزمۇنى ۋە باھالاش ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىئولوگىيە ساپاسىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە پايدىلىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. 2) ئوقۇتۇشتا ئوقۇغۇچىلارنى بىلىم، ئىقتىدار، ھېسسىيات، پوزىتسىيە ۋە قىممەت قارىشى قاتارلىق تەرەپلەردىن تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنى ھەر خىل ئىزدىنىش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا ۋە باشتىن كەچۈرۈشكە يېتەكلەش. 3) بىلىم يەتكۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىلمىي ئىزدىنىش ئۇسۇلى بىلەن تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنۋېرسال ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلىش. ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك ئەمەلىي پائالىيەتلەرگە تەشكىللەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرۈش. كۈچەپ شارائىت يارىتىپ دەرسلىكتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكشۈرۈش، ماھارەت مەشقى، مەشق، ئىزدىنىش ۋە ماتېرىيال تەھلىل قىلىش پائالىيەتلىرىنى كۆپلەپ قانات يايدۇرۇش. 4) ئوقۇتۇشتا ھەرخىل بىۋاستە كۆرسەتمىلىك قوراللار ۋە ھازىرقى زامان ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىنىڭ قوللىنىشىنى مۇۋاپىق تاللاشقا ۋە ماسلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش. 5) بىئولوگىيە كۇرژۇك گۇرۇپپىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپ ياخشى تەشكىللەپ، ئالاھىدە قىزىقىشى بار ئوقۇغۇچىلارنى ئايرىم يېتەكلەش. 5. ئوقۇتۇش سۈرئەت پىلانى ئوقۇتۇش سۈرئەت پىلانى دەرس ئۆلچىمىگە ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. بۇ يەردە كونكىرت تۈزۈپ كۆرسىتىلمىدى. (ئايرىم تۈزۈپ چىقىلىدۇ ۋە ئارخىپلاشتۇرىلىدۇ) 6. سۈپەتنى يۇقىرى كۆتىرىش تەدبىرلىرى 1) دەرس ئۆلچىمى ۋە دەرسلىكنى ياخشى تەييارلايمەن. يېڭى دەرس ئۆلچىمى ۋە دەرسلىك ماتېرىيالىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئوقۇتۇش نىشان تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇھىم، قىيىن نۇقتىلارنى ئىگەللەپ، ھەر بىر بۆلەك، ھەر بىر سائەتلىك ئوقۇتۇش مەزمۇنىنىڭ پۈتۈن دەرسلىكتىكى تۇتقان ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىلىملەر ئوتتۇرسىدىكى ئىچكى باغلىنىش ۋە قانۇنىيەتلەرنى ئېنىق چۈشىنىپ، دەرسلىك مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش ۋە ئىگەللەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دەرسلىكىتىكى ئىدىيىۋىي تەربىيە ئامىللىرىنى قېزىپ چىقىپ، ئىدىيىۋىي تەربىيىنى ئوقۇتۇش جەريانىغا سىڭدۈرىمەن. 2) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى ئىگەللەيمەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىۋىي ئەمەلىيىتى ۋە بىلىم، ماھارەت سەۋىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئوقۇغۇچىلار يېڭى بىلىمنى ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇقىدىغان مەسىلىلەرنى تولۇق مۆلچەرلەپ، بۇ مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشقا تىرىشىمەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش قانۇنىيىتى ۋە پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئوقۇتۇش جەريانى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەيمەن. 3. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ياخشى تاللاپ بېكىتىمەن. دەرس ئۆلچىمىگە، ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيتىگە ئاساسەن، ئوقۇتۇش نىشانىنى توغرا بېكىتپ، ئۆزلكىدىن ئۆگىنىشكە يېتەكلەش، سۆھبەت ئۇسۇلى، كۆرسەتمىلىك تەجرىبە، ئوقۇغۇچىلار تەجرىبىسى، كۆپ ۋاستىلىك ئوقۇتۇش ئۈسكىنىلىرىدىن پايدىلىنىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتىرىمەن. 4) مۇناسىۋەتلىك مائارىپ نەزەرىيەلىرىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋىي مائارىپنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلىدۇرۇش ئاساسىدا، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە تىرىشىمەن. 5) ياخشى بولغان دەرسخانا ئوقۇتۇش ئەندىزلىرى توغرىسىدا ئىزدىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىشنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە دەرسخانىدا قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىمەن. 6) ھازىرقى زامان ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش ۋە دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئەمەلىي قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتىرىمەن. 7) مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان تۈرلۈك ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتىنىشىپ، ئەمەلىي تەجرىبەمنى ئاشۇرىمەن. دەرسنى ياخشى ئۆتۈپ، دەرستىن كېيىنكى تەسىرات ۋە قايتا ئويلىنىشنى كۈچەيتىمەن. 8) دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىشتىكى ياخشى ئوسۇللارنى قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، جانلىق، ئەمەلىي ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىمەن. دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتۇش مەزمۇنى بىلەن ئىدىيۋىي تەربىيەنى ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىمەن. 9) تەجرىبىلىك ئوقۇتۇشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەجرىبە مەشغۇلات ئىقتىدارى ۋە تەجرىبە ئىزدىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىمەن. 10) ئالاھىدە قىزىقىشى بولغان ئوقۇغۇچىلاردىن دەرستىن سىرتقى بىئولوگىيە كۇرژۇكى تەشكىللەپ، مول مەزمۇنلىق كۇرژۇك پائالىيىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئايرىم يېتەكلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمەن.
|
|