مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرىدىن نومۇر تۇتۇشتا قانداق ئالاھىدە بەلگىلىمە بار؟
گوۋۇيۈەننىڭ « مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى» نىڭ بەلگىلىمىسگە ئاساسەن، مەكتەپ ئاپتوموبىلى – بالىلار باغچىسىدىكى بالىلارنى ئاپىرىپ-ئەكېلىش، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئاپىرىپ- ئەكىلىشكە ئىشلىتىلىدۇ. مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ-كېلىش بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدىگەندە زور ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالغان بولىدۇ، شۇڭا قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇن-قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك. مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ 123- نۇمۇرلۇق پەرمانىدا مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا قاتتىق نومۇر تارتىش بەلگىلىمىسى چىقىرىلدى: بىرىنچىدىن، بىر قېتىمدىلا 12 نومۇر تارتىلىدىغان ئەھۋاللار: مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىدىكى ئادەم سانى بەلگىلەنگەن ئادەم سانىدىن %20 تىن ئارتۇق ئېشىپ كەتكەن بولسا؛ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول،شەھەر تېز سۈرئەتلىك تاشيولىداھەيدىگەندە سائەتلىك سۈرئىتى بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن %20دىن ئارتۇق ئېشىپ كەتكەن ياكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، شەھەر تېز سۈرئەتلىك تاشيولىدىن باشقا يولدا سائەتلىك سۈرئىتى بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن %50 تىن يۇقىرى بولسا؛ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدەش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالمىغانلار مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدىگەن بولسا؛ ئىككىنچىدىن، بىر قېتمدىلا ئالتە نومۇر تارتىلىدىغان ئەھۋاللار: مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىدىكى نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن ئادەم سانى %20 كە يەتمىگەندە؛ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، شەھەر تېز سۈرئەتلىك تاشيولىداھەيدىگەندە بەلگىلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن سائەتلىك سۈرئىتى %20 كە يەتمىگەندە؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، شەھەر تېز سۈرئەتلىك تاشيولىدىن باشقا يولدا ھەيدىگەندە بەلگىلىمىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن سۈرئىتى %20تىن يۇقىرى %50تىن تۆۋەن بولغاندا؛ئۈچىنچىدىن، بىر قېتىمدا ئىككى نومۇر تارتىلىدىغان ئەھۋاللار: مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىغا بەلگىلىمىگە بويسۇنمىغان ھالدا بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرىنى ئورناتمىغانلار ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى بىخەتەرلىك جەھەتتە ئاسرىمىغانلا؛ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ ماڭغاندا، بەلگە تاختىسىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قويمىغان، بەلگە چىرىغىنى ئېچىپ قويمىغانلار ۋە ياكى تەكشۈرۈپ بىكىتىشتىن ئۆتمىگەن يول لىنيىسىدە يول يۈرگەنلەر؛ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى مەكتەپكە بارىدىغان- قايتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ ماڭغاندا، بەلگىلىمە بويىچە مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى توختىتىش بېكىتىدە توختىمىغانلار؛ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى ئوقۇغۇچىلارنى ئالماي يول يۈرگەندە مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگىسى ، مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگە چىرىغى، ئاپتوموبىل توختىتىش كۆرسەتكۇچ بەلگىسىنى ئىشلەتكەنلەر؛ مەكتەپ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ يول يۈرۈشتىن ئىلگىرى، مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا تەلىپىگە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى تەكشۈرمىگەن ياكى بىخەتەرلىك يۇشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان ئاپتوموبىلنى ھەيدىگەنلەر؛ ئوقۇغۇچىلار ئولتۇرغان مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىغا ماي قاچىلىغان ياكى مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ ماتورى ئۆچمەستىن بۇرۇن ئورنىدىن ئايرىلغانلار. مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرىنىڭ باشقا قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا نومۇر تارتقاندا، «يول قاتناش بىخەتەرلىكى بويىچە تارتىلىدىغان نومۇر قىممىتى» نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئىجرا قىلىنىدۇ. ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، باشقا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى بەلگىلىمە بويىچە مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىغا يول بېرىشى كېرەك، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرى مەكتەپ ئاپتوموبىلىغا بەلگىلىمە بويىچە يول بەرمىگەندە بىر قېتىمدا ئالتە نومۇر تارتىلىدۇ.
(تەھرىر : admin)
«مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرىدىن نومۇر تۇتۇشتا قانداق ئالاھىدە بەلگىلىمە بار؟»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: دادىسىنى ‹‹ساتقان›› ئالدامچى تۈرمىگە يول ئالدى
- دادىسىنى ‹‹ساتقان›› ئالدامچى تۈرمىگە
- مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرىدىن نوم
- ئاپتوموبىللار يول يۈرگەندە مەكتەپ ئاپت
- مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى ئادەتتىكى ۋاقىتت
- گۇاڭشى ساقچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنى چاناپ ئ
- گۇمانخۇرلوقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان سەب
- ئىمپورت–ئېكسپورت تاۋارلىرى پىرىيوم قا
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇ
- موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادى
- ‹‹ئەمگەك قانۇنى›› دىكى سەل قارالغان م
- قوش تىل ئوقۇتۇشنى باھالاش كۆرسەتكۈچى
- ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلى
- ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنىنى يولغا قويۇش چا
- شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇر
- ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆي ھوقۇقىن
- بوۋاقنى سېتىۋەتكەن دوختۇرغا ئۆلۈم جازا
- دادىسىنى ‹‹ساتقان›› ئالدامچى تۈرمىگە يول ئ
- مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرىدىن نومۇر تۇ
- ئاپتوموبىللار يول يۈرگەندە مەكتەپ ئاپتوموبى
- مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى ئادەتتىكى ۋاقىتتا مەك
- گۇاڭشى ساقچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنى چاناپ ئۆلتۈر
- گۇمانخۇرلوقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان سەبى بال
- ئىمپورت–ئېكسپورت تاۋارلىرى پىرىيوم قانۇنى
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى
- موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسى ج
- ‹‹ئەمگەك قانۇنى›› دىكى سەل قارالغان ماددىل
- ياش- ئۆسمۈرلەر قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىدىن لىكس
- بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۆيۈپ يارىلى
- 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشتا قانۇنغا خلاپ
- قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ
- يەسلى باشلىقى ئۆلگەن بالىنى كۆمۈۋەتتى
- ئاتا-ئانىلار ياكى ۋەسىيلەرنىڭ قانداق قىلمىشل
- ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادى
- مەجبۇرىيەت مائارىپ قانونى
- قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قان
- ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىن
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇ
- ج خ ج نىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇ
- مائارىپ قانۇنلىرى
- جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى
- دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش
- پارتىيە 17-نۆۋەتلىك 4-ئۇمۇمى يىغىنى
- جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىز
- ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنى بى
- ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قان