گۇمانخۇرلوقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان سەبى بالا
گۇمانخۇرلوقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان سەبى بالا
ئۈچ بالىغا ئانا بولغان مېھرىبان ئانا گۇمانخورلۇق سەۋەبىدىن ئەمدىلا 12 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان نارسىدە قىزنى ۋەھشىلەرچە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتتى.ئۇنداقتا بۇ ئانا نىمە ئۈچۈن قىزنىڭ جېنىغا زامىن بولدى،دىلۇ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز ،نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى قۇرلاردا بولسۇن.
نارسىدىگە سۇنۇلغان قارا قول
ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق تۇرسۇنخان بىلەن قاھار تۇرمۇشتا كىلىشەلمەي، ئوماق قىزى ئادىلەنى يېتىملىك كوچىسىغا ئىتتەردى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئادىلە ئانىسى تۇرسۇنخان بىلەن چوڭ ئۆيدە تۇردى. مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن تۇرسۇنخان قوشنا مەھەللىدىكى ساتتار بىلەن توي قىلدى،ئەمما ئادىلە يەنىلا چوڭ ئانىسى ئايىمخاننىڭ قېشىدا تۇرۇپ قالدى.
2012-يىلى قىش كۈنلىرىنىڭ بىر كۈنى، ئايىمخاننىڭ ئۈيىدىن تۇيۇقسىز ئىككى قېتىم پول يوقاپ كەتتى.ئەينى ۋاقىتتا ئايىمخان بۇ ئىشنى قەينى سېڭلىسى ئاسىيەگە ئېيىتتى،ئاسىيە بۇ ئىشلارنى ئەمدىلا 12 ياشقا كىرگەن ئادىلەدىن گۇمانلاندى. ئاسىيە كۆپ قېتىم ئادىلەنىڭ كەينىگە چۈشۈپ ئىسپات تاپماقچى بولغان بولسىمۇ،قولغا چىققۇدەك ئىسپاتقا ئېرىشەلمىدى.
بۇلتۇر 18-مارت سەھەر،كېچىدىن بېرى ئانىسىنى چۈشەپلا چىققان ئادىلە ئەتىگەنلىك ناشتىسىنى قىلىپلا ئانىسى تۇرسۇنخاننىڭ ئۈيىگە كەلدى. ئادىلەنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ماڭغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئاسىيەمۇ شۇ ھامانلا تۇرسۇنخاننىڭ ئۈيىگە يېتىپ كەلدى.بۇ ۋاقىتتا تۇرسۇنخان يولدىشى ساتتار بىلەن بازارغا بېرىشقا تەييارلىق قىلۋاتقان بۇلۇپ، ئۇلار ئاسىيەنىمۇ بازارغا بىللە بېرىپ چۆگىلەپ كىلىشكە تەكلىپ قىلدى. ئاسىيە بالىلارغا مەن قاراپ تۇراي دىگىنىچە، ئۇلارنىڭ تەلىپىنى چىرايلىقچە رات قىلدى. تۇرسۇنخان ئەر-ئايال ئۈچ پەرزەنتىنى ئاسىيەگە تاپشۇرۇپ بازارغا يول ئېلىشتى.
ھويلا ئىچى شۇنداق رەتلىك بولۇپ ھويلىنىڭ بىر چېتىدە ئادىلە ئەمدىلا 16 ئايلىق بولغان قوشكىزەك ئۇكىلىرى بىلەن بەش ياشلىق سىڭلىسى ئەقىدەنى ئوينىتىۋاتاتتى.بىر ئازدىن كىيىن ئەقىدە قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كەتتى. پۈرسەتنىڭ كەلگەنلىگىنى پەمىلىگەن ئاسىيە ئادىلەنى ئۆيگە چاقىردى. ھېچ ئىشتىن خەۋەرسىز ئادىلە قوشكىزەك ئۇكىلرىنى يۆتىلىگىنىچە ئۆيگە كىرىپ كەلدى. ئاسىيە شۇ ھامانلا قوشكىزەكلەرنى ھويلىغا ئېلىپ چىقىپ قۇيۇپ ئادىلەنى ئىچكىركى ئۆيگە ئەكىرىپ سوراق قىلىشقا باشلىدى.
--ھەي شۇمتەك، راستىڭنى ئېيتە؟ سەن چوڭ ئاناڭ ئايىمخاننىڭ پۇلىنى ئالدىڭمۇ-يوق، مەھەللىدىكلەر سىنىڭ دۇككانغا 100 يۈەن پۇلنى كۆتىرىپ كىرگەنلىگىڭنى كۈرۈپتىغۇ؟
--ئادىلە دېر-دېر تېترىگەن ھالدا: خان ئاپا، مەن چوڭ ئاپامنىڭ پۇلىنى ئالمىدىم، ماڭا ئىشىنىڭ!دىدى
-- سەن ئالمىساڭ كىم ئالىدۇ پۇلنى؟ بۈگۈن چۇقۇم راستىڭنى دەيسەن، بولمىسا......كۆرگىلىكىڭنى كۆرىسەن
--ماڭا ئىشىنىڭ، پۇلنى راستىنلا مەن ئالىمىدىم، سىز مىنى باشقۇرىمەن دىمەي، ئاۋال ئۈزىڭىزنىڭ باللىرىنى باشقۇرۇڭ دىدى ئادىلە سەل ئاچچىقلانغان ھالدا:
كىچىككىنە تۇرۇپ ئۆزىگە گەپ ياندۇرۋاتقانلىقىدىن ئاچچىقى كەلگەن ئاسىيە شۇ ھامانلا ئادىلەنى مۇشت، تاسما بىلەن قالايمىقان ئۇرۇشقا باشلىدى.
--ئانا-دادا، مىنى قۇتقۇزىۋىلىڭلار،تاياق زەربىسىگە چىدىمىغان ئادىلە قاتتىق توۋلاشقا باشلىدى.ئاسىيە بولدى قىلاي دىمەي، ئادىلەنىڭ پۇت-قولىنى باغلاپ يەنە سوراق قىلىشقا باشلىدى.
جېنىم ئاچا، مەن راستىنلا پۇلنى ئالمىدىم.....،ئادىلە شۇنچە يېلىنغان بولسىمۇ ئاسىيە راست گەپ قىلمىدىڭ دېگىنىچە ئادىلەنى تاسما بىلەن ئۇرۇشقا باشلىدى. بۇ چاغدا ئادىلەنىڭ سىڭلىسى ئەقىدە خوشنىلارنڭ ئۈيىدىن قايتىپ كىرىپ، ئىشكنى ئىتتىرگەن بولسىمۇ ئاچالمىدى. ئاسىيەنىڭ كۆزىگە قان تولدىمۇ قانداق پەشقۇننىڭ ئۈستىدىكى پىچاقنى ئېلىپ ئادىلەگە دەۋەيلىگىنىچە: --ماۋۇ پىچاقنى كۆردۈڭمۇ، راسىت گىپىڭنى دەمسەن-دىمەمسەن» دىگىنىچە، پىچاقنىڭ دەستى بىلەن ئادىلەنىڭ باش قىسمىغا تۆت-بەشنى ئۇرۇۋەتتى.ئادىلەنىڭ بېشىدىن شۇ ھامانلا ئوقتەك قان ئېتىلىپ چىقتى. ۋەھشىلەشكەن ئاسىيە ئۆيدىن بىر دانە ئەتىۋىرتكىنى ئېلىپ ئادىلەنىڭ پۇت، بىلەك ۋە ئارقا مېڭىسى قاتارلىق جايلارغا بىر قانچىنى سانجىۋەتتى. ئاغرىق ئازابىغا چىدىمىغان ئادىلە بار ئاۋازى بىلەن يىغلاشقا باشلىدى. ئاسىيە بولدى قىلماستىن ئادىلەنى سۆرىگىنىچە كارۋاتنىڭ قىرىغا ۋە يەرگە بىر قانچىنى ئۈستۈردى-دە، ئادىلەنىڭ بوينىنى تاسما بىلەن باغلاپ تاكى ئاۋازى ئۆچكۈچە كۈچەپ تارتتى، ئادىلە شۇ ھامانلا ھوشىدىن كەتتى.ئاسىيە ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئادىلەنى كارۋاتقا ياتقۇزۇپ يۈزىگە ياغلىق ياپقىنىچە ئۈستىگە كۆرپە ئارتىپ قويدى.
كەچ سائەت 7 ئەتراپىدا، تۇرسۇنخان بىلەن ساتتار بازاردىن قايتىپ كەلدى. ساتتار ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ ئۆگەي قىزى ئادىلەنىڭ ياتقان ھالىتىنى كۈرۈپ ئاسىيەدىن نىمە بولغانلىغىنى سورىۋىدى،ئاسىيە ئۇخلاپ قالدى دەپلا جاۋاپ بەردى.ساتتار چارۋىلارغا يەم بەرگەندىن كىيىن ئۆيگە كىرىپ ئادىلەنىڭ تېخىچە ئويغانمىغانلىقىدىن سەل ئەجەپلەندى بولغاي،ئادىلەنىڭ يۈزىدىكى ياغلىقىنى ئېچىپلا كەينىگە داجىدى.
--بالىنى نىمە قىلدىڭ -دىدى ساتتار غەزەپ بىلەن ئاسىيەگە قاراپ:
قورقۇپ كەتكەن ئاسىيە زۇۋان سۈرمەي جىم تۇرۋالدى.
--ياخشىلىقچە جاۋاپ بەر، بالىنى نىمە قىلدىڭ؟ بولمىسا مەن ساقچىغا مەلۇم قىلمەن.
-- مەن... مەن قىلغان ئىشىمنى دەي، ئادىلەنى مەن ئۇرۇپ..........
دەل شۇ ۋاقىتتا ئادىلە ھۇشغا كىلىپ خارتىلدىدى. ساتتار بىلەن تۇرسۇنخان ئادىلەنى دوختۇرخانىغا ئاپارماقچى بولىۋىدى، ئاسىيە باشقىلارنڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئادىلەنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا قوشۇلمىدى. شۇنداق قىلىپ ئەمدىلا 12 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئادىلە تالاش-تارتىش ئىچىدە جان ئۈزدى.
ساتتار ئېغىر ئۇھسىنغان ھالدا ئاسىيە بىلەن تۇرسۇنخانغا قاراپ:
-- بالىمۇ جان ئۈزدى، ئەمدى قانداق قىلىمىز دىدى. تۇرسۇنخان ھۆركىرەپ يىغلىغىنىچە،
--ئاپامغا نىمە دەيمەن، ئادىلەنى ئاپام بىر قوللۇق باققان تۇرسا- دىدى چاچلىرنى يۇلۇپ.
--مېنى كەچۈرۈڭلار، مەن جاۋاپكارلىقنى ئۈستۈمگە ئالاي- دەپ تىزلاندى ئاسىيە ساتتار بىلەن تۇرسۇنخانغا يالۋۇرۇپ:.
--ئاپامنىڭ يۈرىكى ئاجىز، بۇ ئىشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ ئۈچ بالىڭىز بار، ئەگەر سىز تۈرمىگە كىرىپ كەتسىڭىز باللىرىڭىزنى كىم باقىدۇ؟ نەچچە ئائىلە ۋەيران بولغاندىن كۆرە، ئادىلەنى شوتىدىن يىقىلىپ كەتتى دەيلى-دىدى تۇرسۇنخان يىغلامسىراپ:
ئاسىيە شۇ ھامانلا يولدىشى باتۇرنى چاقىرىپ كەلدى-دە، ئادىلەنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرگىنىچە ئايىمخاننىڭ ئۆيىگە ئاپاردى ۋە ئەتىسىلا ئادىلەنى يەرلىككە قۇيدى.
20-مارت، ئاسىيە تۇرسۇنخاننىڭ ئۆيىگە كەلدى، ساتتار ئاسىيەگە قاراپ:
--بۇ ئىشنى قانداق قىلمىز دىدى،
--مەن بۇ ئىشلارنى بوينۇمغا ئالاي دىدى ئاسىيە تېترىگىنىچە . ساتتارشۇ ھامانلا ساقچىخانىغا دىلو مەلۇم قىلدى. دىلۇ مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ج خ خادىملىرى دەرھال يەرلىكىنى ئېچىپ ئادىلەنىڭ جەسىتىنى تەكشۈردى. قانۇن دوختۇرى ئادىلەنىڭ بۇغۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
جىنايى جازا
جىنايەت گۇماندارى ئاسىيە 21-مارت، قەستەن قاتىللىق جىنايىتى بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ، 24-ئاپىرىل ئۇچتۇرپان ناھىيلىك تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى، بۇلتۇر 20-ماي ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمسى سوت ئېچىپ، جاۋاپكار ئاسىيەسنىڭ ئۇرۇنسىز گۇمان بىلەن ئۆلگۈچى ئادىلەنى ئۇرۇپ، بەدىننىڭ كۆپ جايلىرىغا ئەتىۋىركە تىقىپ ۋە ئالدىن تەييارلىۋالغان تاسما بىلەن گېلىنى بۇغۇپ ئېچىشنىشلىق ئۆلتۈرۋەتكەن قىلمىىشدىن قەستەن قاتىللىق قىلىش قىلىش جىنايىتى شەكىللىندۇ، قىلمىشى ئېغىر، ۋاستىسى قەبئى، ئاقۋىتى ئچىنىشلىق، قانۇن بۇيىچە ئېغىر جازا بىرىش كىرەك، كونكىرىتنى جازا ئۆلچىگەندە جاۋپكارنىڭ جىنايەت سادىر قىلغاندىن كىيىن، ئۆلگۈچىنىڭ دادىسى ساتتارغا ساقچىخانغا تىلفۇن قلىشنى تەشەببۇس قىلىپ،ئۈزىنى مەلۇم قىلغانلىقىنى نەزەرە ئېلىش كىرەك. ئەيىپلىگۈچى ئورگاننىڭ دېلونىڭ پاكىتى ۋە خارەكىرىنى بىكتىىشى توغرا، قانۇن-ماددىلارنى تەدبىقلىشى مۇۋاپىق بولغان بولسىمۇ، جاۋاپكارنىڭ ئۈزىنى مەلۇم قىلغانلىغىنى بىكىتمەسلىكى ۋە ئۈزىنى مەلۇم قىلىش ماددىسىنى تەدبىقلىماسلىقى توغرا بولمىغان، تۈزىتىش كىرەك، جاۋاپكار ئاسىيەنىڭ ئاقلىغۇچىسىنىڭ سوتتا ئوتتۇرغا قويغان «جاۋاپكار ئۈزىنى مەلۇم قىلغان، جىنايىتنى تۇنۇش ئىپادىسسى ياخشى، تۇنجى قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان، جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە يۇقارقى تەرەپلەرنى نەزەرگە ئالسا» دىگەن مەزمۇندىكى ئاقلاش سۆزلىرىنىڭ ئاساسى بار، سوتىمىز قۇبۇل قىلىدۇ دەپ قاراپ، جاۋاپكار ئاسىيەنىڭ قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن ئۈلۈم جازاسى بىرىپ، ئىككى يىل كىچىكتۈرۈشكە، سىياسى ھۇقۇقىدىن ئۈمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى. ئاسىيە ھۈكۈمنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ھۈكۈمگە قايىل بولماي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يۇقۇرى خەلق سوت مەھكىمسىگە نارازلىق ئەرزى سۇندى. يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يۇقۇرى خەلق سوت مەھكىمسى ئاسىيەنىڭ ئەرىزنى رەت قىلىپ، ئەسلى ھۈكۈمنى كۈچگە ئىگە قىلىدى.
ئەسكەرتىش: كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى
(تەھرىر : ئىزدەن)
«گۇمانخۇرلوقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان سەبى بالا»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: گۇاڭشى ساقچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنى چاناپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن گۇماندارنى تىك ئۇچار ئارقىلىق
- گۇاڭشى ساقچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنى چاناپ ئ
- گۇمانخۇرلوقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان سەب
- ئىمپورت–ئېكسپورت تاۋارلىرى پىرىيوم قا
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇ
- موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادى
- ‹‹ئەمگەك قانۇنى›› دىكى سەل قارالغان م
- قوش تىل ئوقۇتۇشنى باھالاش كۆرسەتكۈچى
- ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلى
- ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنىنى يولغا قويۇش چا
- شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇر
- ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆي ھوقۇقىن
- بوۋاقنى سېتىۋەتكەن دوختۇرغا ئۆلۈم جازا
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ جىنايى ئىشلا
- 2014-يىلى تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغا
- ياش- ئۆسمۈرلەر قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىدىن
- بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۆيۈپ ي
- گۇاڭشى ساقچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنى چاناپ ئۆلتۈر
- گۇمانخۇرلوقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان سەبى بال
- ئىمپورت–ئېكسپورت تاۋارلىرى پىرىيوم قانۇنى
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى
- موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسى ج
- ‹‹ئەمگەك قانۇنى›› دىكى سەل قارالغان ماددىل
- قوش تىل ئوقۇتۇشنى باھالاش كۆرسەتكۈچى
- ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قان
- ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى
- شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش نىز
- ياش- ئۆسمۈرلەر قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىدىن لىكس
- بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۆيۈپ يارىلى
- 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشتا قانۇنغا خلاپ
- قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ
- يەسلى باشلىقى ئۆلگەن بالىنى كۆمۈۋەتتى
- ئاتا-ئانىلار ياكى ۋەسىيلەرنىڭ قانداق قىلمىشل
- ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادى
- مەجبۇرىيەت مائارىپ قانونى
- قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قان
- ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىن
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇ
- ج خ ج نىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇ
- مائارىپ قانۇنلىرى
- جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى
- دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش
- جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىز
- پارتىيە 17-نۆۋەتلىك 4-ئۇمۇمى يىغىنى
- ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنى بى
- ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قان