جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
(8 – نومۇرلۇق)
‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى> قاتارلىق يەتتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2013 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى.
‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى> قاتارلىق يەتتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››دا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېلىقچىلىق قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاماكا مونوپول تىجارىتى قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن؛ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار 2014 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ
2013 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى
12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6 – يىغىنىنىڭ قارارى:
................................
3 . ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى
(1) 10 – ماددىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى ‹‹ھەم گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ›› دېگەن سۆز چىقىرىۋېتىلدى.
(2) 14 – ماددىدىكى ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقى›› دېگەن سۆز ‹‹ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقى›› دەپ تۈزىتىلدى.
‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېلىقچىلىق قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاماكا مونوپول تىجارىتى قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ؛ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار 2014 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېلىقچىلىق قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاماكا مونوپول قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى›› مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن، قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.
(1985 – يىل 9 – ئاينىڭ 6 – كۈنى 6 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2009 – يىل 8 – ئاينىڭ 27 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10 – يىغىنىنىڭ ‹‹بىر قىسىم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار›› ىغا ئاساسەن 1 – قېتىم تۈزىتىلگەن، 2013 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6 – يىغىنىنىڭ ‹‹دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى›› قاتارلىق يەتتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار››ىغا ئاساسەن 2 – قېتىم تۈزىتىلدى)
مۇندەرىجە
1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2 – باب ئاساسىي ئۆلچەم ئەسۋابلىرى، تەڭشەكلىك ئۆلچەم ئەسۋابلىرى ۋە ئۆلچەم تەكشۈرۈش
3 – باب ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى باشقۇرۇش
4 – باب ئۆلچەمنى نازارەت قىلىش
5 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1 – ماددا بۇ قانۇن ئۆلچەمنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئىشىنى كۈچەيتىش، دۆلەت ئۆلچەم بىرلىكلىرى سىستېمىسىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ۋە مىقدارلىق قىممەتنىڭ توغرا، ئىشەنچلىك بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، سودا ۋە پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە، ئاساسىي ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى، تەڭشەكلىك ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى تەييارلاشتا، ئۆلچەمنى تەكشۈرۈشتە، ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياساش، رېمونت قىلىش، سېتىش ۋە ئىشلىتىشتە مۇشۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىش شەرت.
3 – ماددا دۆلەت خەلقئارا بىرلىكلەر سىستېمىسىنى قوللىنىدۇ.
خەلقئارا بىرلىكلەر سىستېمىسىنىڭ ئۆلچەم بىرلىكلىرى ۋە دۆلەت تاللاپ بېكىتكەن باشقا ئۆلچەم بىرلىكلىرى دۆلەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بىرلىكى بولىدۇ. دۆلەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بىرلىكىنىڭ نامى ۋە بەلگىسىنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلىدۇ.
دۆلەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا ئۆلچەم بىرلىكلىرى بىكار قىلىنىدۇ. بىكار قىلىش چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.
4 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۆلچەم خىزمىتىنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئۆلچەم خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.
2 – باب ئاساسىي ئۆلچەم ئەسۋابلىرى، تەڭشەكلىك ئۆلچەم ئەسۋابلىرى ۋە ئۆلچەم تەكشۈرۈش
5 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مىقدارلىق قىممەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ كۈچلۈك ئاساسى بولىدىغان تۈرلۈك ئاساسىي ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى تەييارلاشقا مەسئۇل بولىدۇ.
6 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقى ئۆز رايونىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، جامائەت ئىشلىتىدىغان تەڭشەكلىك ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى تەييارلاپ، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىشلىتىدۇ.
7 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى ئۆز تارمىقىنىڭ ئالاھىدە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۆز تارمىقىدا ئىشلىتىدىغان تەڭشەكلىك ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى تەييارلىسا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالىي تەڭشەكلىك ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئىشلىتىدۇ.
8 – ماددا كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۆز ئورۇنلىرىدا ئىشلىتىدىغان تەڭشەكلىك ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى تەييارلىسا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالىي تەڭشەكلىك ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتى ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئىشلىتىدۇ.
9 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارماقلىرى جامائەت ئىشلىتىدىغان تەڭشەكلىك ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى، تارماقلار ۋە كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار ئىشلىتىدىغان ئالىي تەڭشەكلىك ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى شۇنىڭدەك مەجبۇرىي تەكشۈرۈلىدىغان ئەسۋابلار مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن، سودا ھېساباتىدا، بىخەتەرلىك – مۇھاپىزەت، داۋالاش – ساقلىق ساقلاش، مۇھىتنى كۆزىتىش ۋە ئۆلچەش ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان ئىش ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى مەجبۇرىي تەكشۈرىدۇ. بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلىپ تەكشۈرتمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەنلىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. مەجبۇرىي تەكشۈرۈلىدىغان ئىش ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنىڭ مۇندەرىجىسىنى ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنمىگەن باشقا تەڭشەكلىك ئۆلچەم ئەسۋابلىرى ۋە ئىش ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۆز ئالدىغا قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇشى ياكى ئۆلچەم تەكشۈرگۈچى باشقا ئاپپاراتلارنىڭ تەكشۈرۈپ بېرىشىگە تاپشۇرۇشى لازىم، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقى ئۇنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك.
10 – ماددا ئۆلچەم تەكشۈرۈش ئىشى دۆلەتنىڭ ئۆلچەم تەكشۈرۈش سىستېما جەدۋىلى بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. دۆلەتنىڭ ئۆلچەم تەكشۈرۈش سىستېما جەدۋىلىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقى چىقىرىدۇ.
ئۆلچەم تەكشۈرۈشتە ئۆلچەم تەكشۈرۈش قائىدىسىنى ئىجرا قىلىش شەرت. دۆلەتنىڭ ئۆلچەم تەكشۈرۈش قائىدىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقى چىقىرىدۇ. دۆلەتنىڭ ئۆلچەم تەكشۈرۈش قائىدىسى بولمىسا، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى ئۆز تارمىقىغا خاس ئۆلچەم تەكشۈرۈش قائىدىسىنى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقى ئۆز رايونىغا خاس ئۆلچەم تەكشۈرۈش قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.
11 – ماددا ئۆلچەم تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تېجەشلىك ۋە مۇۋاپىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە شۇ يەرنىڭ ئۆزىدە ۋە شۇ ئەتراپتىكى جايدا ئىشلەش كېرەك.
3 – باب ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى باشقۇرۇش
12 – ماددا ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياسايدىغان، رېمونت قىلىدىغان كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياساش، رېمونت قىلىش تەلىپىگە لايىق ئەسلىھەلەرنى، خادىملارنى ۋە تەكشۈرۈش سايمان – ئۈسكۈنىلىرىنى ھازىرلىغان بولۇشى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، ‹‹ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياساش ئىجازەتنامىسى››نى ياكى ‹‹ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى رېمونت قىلىش ئىجازەتنامىسى››نى ئالغان بولۇشى شەرت.
ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياسايدىغان، رېمونت قىلىدىغان كارخانىلاردىن ‹‹ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياساش ئىجازەتنامىسى›› ياكى ‹‹ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى رېمونت قىلىش ئىجازەتنامىسى›› ئالمىغانلىرىغا سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تىجارەت كىنىشكىسى بەرمەسلىكى كېرەك.
13 – ماددا ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياسايدىغان كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار ئۆز ئورۇنلىرىدا ئىشلەپ باقمىغان ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنىڭ يېڭى تۈرلىرىنى ئىشلەپچىقارماقچى بولسا، ئۇنىڭ ئەۋرىشكىسىنىڭ ئۆلچەش ئىقتىدارىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشى شەرت.
14 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىكار قىلىنىدىغان، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بىرلىكىگە كىرمەيدىغان ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ۋە گوۋۇيۈەن ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغان باشقا ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەستىقىسىز ياساشقا، سېتىشقا ۋە ئىمپورت قىلىشقا بولمايدۇ.
15 – ماددا ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياسايدىغان، رېمونت قىلىدىغان كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار ياسالغان، رېمونت قىلىنغان ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى تەكشۈرۈپ، مەھسۇلاتنىڭ ئۆلچەش ئىقتىدارىنىڭ تەلەپكە لايىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە تەلەپكە لايىق بولغان مەھسۇلاتلارغا تەلەپكە لايىق مەھسۇلات گۇۋاھنامىسى بېرىشى شەرت.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقى ياسالغان، رېمونت قىلىنغان ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك.
16 – ماددا ئىمپورت قىلىنغان ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن سېتىش شەرت.
17 – ماددا ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ئىشلەتكەندە، ئۇنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى بۇزۇپ، دۆلەت ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ.
18 – ماددا يەككە سودا – سانائەتچىلەر ئاددىي ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياسىسا، رېمونت قىلسا بولىدۇ.
ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياسايدىغان، رېمونت قىلىدىغان يەككە سودا – سانائەتچىلەر ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، ‹‹ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياساش ئىجازەتنامىسى›› ياكى ‹‹ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى رېمونت قىلىش ئىجازەتنامىسى›› ئالغاندىن كېيىن، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىپ تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىشى شەرت.
يەككە سودا – سانائەتچىلەرنىڭ ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياساش، رېمونت قىلىش دائىرىسىنى ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەيدۇ.
4 – باب ئۆلچەمنى نازارەت قىلىش
19 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقى ئېھتىياجغا قاراپ ئۆلچەم نازارەتچىسى قويىدۇ. ئۆلچەم نازارەتچىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقى چىقىرىدۇ.
20 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقى ئېھتىياجغا قاراپ ئۆلچەم تەكشۈرۈش ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ ياكى باشقا ئورۇنلارنىڭ ئۆلچەم تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا ھوقۇق بېرىپ، مەجبۇرىي تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ۋە باشقا تەكشۈرۈش، سىناش ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلدۇرىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تەكشۈرۈش، سىناش ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلغۇچى خادىملار سىناقتىن ئۆتكەن بولۇشى شەرت.
21 – ماددا ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى تۈپەيلىدىن تۇغۇلغان ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئۆلچەم ئەسۋابلىرى ياكى جامائەت ئىشلىتىدىغان تەڭشەكلىك ئۆلچەم ئەسۋابلىرى بىلەن تەكشۈرۈپ ئېلىنغان سانلىق مەلۇمات ئاساس قىلىنىدۇ.
22 – ماددا جامائەت گۇۋاھلىقى بولىدىغان سانلىق مەلۇمات چىقىرىدىغان مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرگۈچى ئاپپاراتلار ئۆلچەمنى تەكشۈرۈش، سىناش ئىقتىدارى ۋە ئىشەنچلىك دەرىجىسى جەھەتتىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈشى شەرت.
5 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
23 – ماددا ‹‹ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياساش ئىجازەتنامىسى››، ‹‹ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى رېمونت قىلىش ئىجازەتنامىسى›› ئالماي تۇرۇپ، ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياسىغان ياكى رېمونت قىلغانلار ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
24 – ماددا ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنىڭ تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن يېڭى تۈرلىرىنى ياسىغان، ساتقانلار شۇ يېڭى مەھسۇلاتنى ياساش، سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
25 – ماددا تەلەپكە لايىق كەلمەيدىغان ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياسىغان، رېمونت قىلغان ۋە ساتقانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
26 – ماددا مەجبۇرىي تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرىدىغان ئۆلچەم ئەسۋابلىرىدىن بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرتمىگەنلىرىنى ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەنلىرىنى داۋاملىق ئىشلەتكەنلەر ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
27 – ماددا تەلەپكە لايىق كەلمەيدىغان ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىپ ياكى ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى بۇزۇپ، دۆلەتكە ۋە ئىستېمالچىلارغا زىيان سالغانلار زىياننى تۆلەشكە بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلچەم ئەسۋابلىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
28 – ماددا ئىستېمالچىلارنى ئالداش مەقسىتىدە ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياسىغان، ساتقان، ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئۆلچەم ئەسۋابلىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئۇلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغان شەخسلەر ياكى ئورۇنلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
29 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تەلەپكە لايىق كەلمەيدىغان ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ياساش، رېمونت قىلىش، سېتىش نەتىجىسىدە كىشىلەرنى تالاپەتكە ئۇچراتقان ياكى مال – مۈلۈك جەھەتتە زور زىيان پەيدا قىلغان شەخسلەر ياكى ئورۇنلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
30 – ماددا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ئۆلچەم نازارەتچىلىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرى ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ، قىلمىشى يېنىكلىرىگە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.
31 – ماددا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازانى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقى قارار قىلىدۇ. مۇشۇ قانۇننىڭ 27 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازانى بېرىشنى سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قارار قىلسىمۇ بولىدۇ.
32 – ماددا ئالاقىدارلاردىن مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى جازا ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ، جەرىمانە قويۇش ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىشتەك مەمۇرىي جازا قارارىنىڭ مۇددىتى توشقۇچە دەۋا قىلمىسا، جازا قارارىنىمۇ ئىجرا قىلمىسا، مەمۇرىي جازا بېرىشنى قارار قىلغان ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
33 – ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ۋە دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكا سانائەت سىستېمىسىنىڭ ئۆلچەم خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن ئايرىم چىقىرىدۇ.
34 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەم مەمۇرىي تارمىقى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى چىقىرىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ.
35 – ماددا بۇ قانۇن 1986 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى
ئاسراش قانۇنى›› قاتارلىق يەتتە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى(ئۈزۈندە)
(2013 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)
(تەھرىر : ئىزدەن)
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئىمپورت–ئېكسپورت تاۋارلىرى پىرىيوم قانۇنى
- ئىمپورت–ئېكسپورت تاۋارلىرى پىرىيوم قا
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇ
- موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادى
- ‹‹ئەمگەك قانۇنى›› دىكى سەل قارالغان م
- قوش تىل ئوقۇتۇشنى باھالاش كۆرسەتكۈچى
- ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلى
- ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنىنى يولغا قويۇش چا
- شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇر
- ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆي ھوقۇقىن
- بوۋاقنى سېتىۋەتكەن دوختۇرغا ئۆلۈم جازا
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ جىنايى ئىشلا
- 2014-يىلى تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغا
- ياش- ئۆسمۈرلەر قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىدىن
- بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۆيۈپ ي
- تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كىيىنكى «جىنايى
- ياش-ئۆسمۈرلەرگە دائىر دىلو مىساللىرى ۋە
- ئىمپورت–ئېكسپورت تاۋارلىرى پىرىيوم قانۇنى
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى
- موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسى ج
- ‹‹ئەمگەك قانۇنى›› دىكى سەل قارالغان ماددىل
- قوش تىل ئوقۇتۇشنى باھالاش كۆرسەتكۈچى
- ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قان
- ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى
- شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش نىز
- ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆي ھوقۇقىنىڭ تەۋ
- بوۋاقنى سېتىۋەتكەن دوختۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېر
- ياش- ئۆسمۈرلەر قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىدىن لىكس
- بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۆيۈپ يارىلى
- 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشتا قانۇنغا خلاپ
- قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ
- يەسلى باشلىقى ئۆلگەن بالىنى كۆمۈۋەتتى
- ئاتا-ئانىلار ياكى ۋەسىيلەرنىڭ قانداق قىلمىشل
- ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادى
- مەجبۇرىيەت مائارىپ قانونى
- قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قان
- ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىن
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇ
- ج خ ج نىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇ
- مائارىپ قانۇنلىرى
- جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى
- دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش
- ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنى بى
- جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىز
- پارتىيە 17-نۆۋەتلىك 4-ئۇمۇمى يىغىنى
- چېگرادىن چىقىش–كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇنى