ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > قانۇن تۇزۇم > تولۇق مەزمۇنى

موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا نىزامى

ۋاقىت : 2014-03-17 22:47 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : 13999644454 | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

گوۋۇيۈەننىڭ ‹‹ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا نىزامى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى

   گوۋۇيۈەن ‹‹ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتا نىزامى››غا تۆۋەندىكىچە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:

   بىر ماددا قوشۇپ 43 – ماددا قىلىندى: ‹‹پىرېتسىپلىق ئاپتوموبىللار موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا سۇغۇرتىلاتمايدۇ. يول قاتناش بىخەتەرلىكى ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ، تالاپەت پەيدا قىلغان ۋە مال– مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتقانلارغا سۆرەش ئاپتوموبىلى سۇغۇرتىلاتقان سۇغۇرتا شىركىتى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە تۆلەم بېرىدۇ؛ يەتمىگەن قىسمى ئۈچۈن تۆلەم بېرىش مەسئۇلىيىتىنى سۆرەش ئاپتوموبىلىنىڭ ئىگىسى بىلەن پىرېتسىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ ئىگىسى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ››.

   بۇ قارار 2012 – يىل 3 – ئاينىڭ – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

   ‹‹ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسى مەجبۇرىي سۇغۇرتا نىزامى›› مۇشۇ قارارغا ئاساسەن تۈزىتىلگەندىن كېيىن قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ پەرمانى

630 – نومۇرلۇق

‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار›› ھازىر ئېلان قىلىندى، 2013 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

زۇڭلى ۋېن جياباۋ

2006 – يىل 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى

 1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

   1 – ماددا بۇ نىزام موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يول قاتناش ھادىسىسىدە زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە تۆلەم ئېلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى ساقلاش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى››،‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى››غا ئاساسەن چىقىرىلدى.

   2 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىكى يولدا يۈرىدىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى ياكى باشقۇرغۇچىسى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا سۇغۇرتىلىتىشى كېرەك.

   موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىدىكى سۇغۇرتىلىتىش، تۆلەش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مۇشۇ نىزام تەتبىقلىنىدۇ.

   3 – ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتىلانغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يول قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ، شۇ قاتناش ۋاسىتىسىدىكىلەر ۋە سۇغۇرتىلانغۇچىلاردىن باشقا زىيانغا ئۇچرىغۇچىنى تالاپەتكە ئۇچراتقان ۋە مال – مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقاندا جاۋابكارلىق دائىرىسىدە تۆلەم بېرىدىغان مەجبۇرىي جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسىنى كۆرسىتىدۇ.

   4 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سۇغۇرتا نازارەتچىلىك ئاپپاراتى (تۆۋەندە سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى دېيىلىدۇ) سۇغۇرتا شىركىتى يولغا قويغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا كەسپىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

   جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى، يېزا ئىگىلىك (يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى) مەسئۇل تارمىقى(تۆۋەندە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرغۇچى تارماق دېيىلىدۇ) موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك. قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلمىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى باشقۇرغۇچى تارماق تىزىملىمايدۇ، بىخەتەرلىكىنى تېخنىكىلىق تەكشۈرگۈچى ئاپپارات تەكشۈرمەيدۇ.

   جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرغۇچى تارمىقى ۋە ئۇنىڭ قاتناش ساقچىلىرى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى ۋە يول قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا بەلگىسىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشى كېرەك.

   2 – باب سۇغۇرتىلىتىش

   5 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا كەسپىنى يولغا قويسا بولىدۇ.

موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى سۇغۇرتا شىركىتىدىن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا كەسپىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخس موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا كەسپىنى يولغا قويسا بولمايدۇ.

6 – ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىدا بىرلىككە كەلگەن سۇغۇرتا ماددىلىرى ۋە ئاساسىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتى يولغا قويۇلىدۇ. سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقىنى مەجبۇرىي سۇغۇرتا كەسپىدە ئومۇمەن پايدىمۇ ئالماسلىق، زىيانمۇ تارتماسلىق پىرىنسىپى بويىچە تەستىقلايدۇ.

سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تەستىقلاشتا، ئالاقىدار كەسپىي ئاپپاراتلارنى باھالاشقا تەكلىپ قىلسا، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىپ ئاممىدىن پىكىر ئالسا بولىدۇ.

7 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا كەسپىنى باشقا سۇغۇرتا كەسىپلىرىدىن ئايرىپ باشقۇرۇشى، ئايرىم ھېسابات قىلىشى كېرەك.

سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا كەسپىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى ھەر يىلى تەكشۈرۈشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك؛ سۇغۇرتا شىركىتى يولغا قويغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا كەسپىدە ئومۇمىي جەھەتتىكى پايدا ئېلىش ياكى زىيان تارتىش ئەھۋالىغا قاراپ، سۇغۇرتا شىركىتىدىن سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى مۇناسىپ تەڭشەشنى تەلەپ قىلسا ياكى ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلسا بولىدۇ.

سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى چوڭراق تەڭشەشتە، سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى ئىسپات ئاڭلىشى كېرەك.

8 – ماددا سۇغۇرتىلانغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ۋە يول قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلمىغانلىرىنىڭ سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى سۇغۇرتا شىركىتى كېيىنكى يىلى تۆۋەنلىتىشى كېرەك. سۇغۇرتىلانغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن كېيىنكى يىللاردىمۇ يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ۋە يول قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلمىغانلىرىنىڭ سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى سۇغۇرتا شىركىتى داۋاملىق تۆۋەنلىتىشى، ھەتتا ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمگە چۈشۈرۈشى كېرەك. سۇغۇرتىلانغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ياكى يول قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغانلىرىنىڭ سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى سۇغۇرتا شىركىتى كېيىنكى يىلى ئۆستۈرۈشى كېرەك. يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى، يول قاتناش ھادىسىسىنى كۆپ قېتىم سادىر قىلغان ياكى زور يول قاتناش ھادىسىسىنى سادىر قىلغانلارنىڭ سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى سۇغۇرتا شىركىتى ئۆستۈرۈشى كېرەك. سۇغۇرتىلانغۇچىلاردىن يول قاتناش ھادىسىسىدە خاتالىقى بولمىغانلىرىنىڭ سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتى ئۆستۈرۈلمەيدۇ. سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتى ئۆلچىمىنى چۈشۈرۈش ياكى ئۆستۈرۈشنى سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ.

9 – ماددا سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار تارماقلار موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا ئۇچۇرى، يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ۋە يول قاتناش ھادىسىسىگە دائىر ئۇچۇرلاردىن تەڭ پايدىلىنىش مېخانىزمىنى پەيدىنپەي ئورنىتىشى كېرەك.

10 – ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلىتىشتا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا كەسپىنى يولغا قويۇش سالاھىيىتى ھازىرلىغان سۇغۇرتا شىركىتىنى تاللىشى كېرەك، تاللانغان سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتىلاشنى رەت قىلماسلىقى ياكى كەينىگە سۆرىمەسلىكى كېرەك.

سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا كەسپىنى يولغا قويۇش سالاھىيىتى ھازىرلىغان سۇغۇرتا شىركىتىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

11 – ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلاتقاندا مۇھىم ئىشلارنى سۇغۇرتا شىركىتىگە ئەينەن ئېيتىشى كېرەك.

مۇھىم ئىشلار موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ تۈرى، تىپ نومۇرى كودى، نومۇرى، خاراكتېرى ۋە ئىگىسى ياكى باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى (نامى)، جىنسى، يېشى، ئولتۇرۇشلۇق جايى، كىملىكى ياكى ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ نومۇرى (تەشكىلىي ئاپپارات كودى)، شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ داۋاملىق سۇغۇرتىلىتىشتىن ئىلگىرىكى ھادىسە سادىر قىلىش ئەھۋالى ۋە سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى بەلگىلىگەن باشقا ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

 

12 – ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشتە، سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتا ھەققىنىڭ ھەممىسىنى بىر يوللا تاپشۇرۇشى كېرەك؛ سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا سۇغۇرتا تالونى، سۇغۇرتا بەلگىسى بېرىشى كېرەك. سۇغۇرتا تالونى، سۇغۇرتا بەلگىسىگە سۇغۇرتا تالونىنىڭ نومۇرى، قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ نومۇرى، سۇغۇرتا مۆھلىتى، سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ نامى، ئادرېسى ۋە تۆلەم تېلېفون نومۇرىنى يېزىش كېرەك.

سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتا بەلگىسىنى سۇغۇرتىلاتقان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىگە چاپلاپ قويۇشى كېرەك.

سۇغۇرتا بەلگىسىنىڭ نۇسخىسى مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بولىدۇ. سۇغۇرتا تالونى، سۇغۇرتا بەلگىسىنى سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى تەييارلايدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ سۇغۇرتا تالونى، سۇغۇرتا بەلگىسىنى ياسىۋېلىشىغا، ئۆزگەرتىۋېلىشىغا ياكى ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغان سۇغۇرتا تالونى، سۇغۇرتا بەلگىسىنى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

13 – ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشتە، سۇغۇرتا شىركىتىگە سۇغۇرتا ماددىلىرى ۋە سۇغۇرتا ھەق نىسبىتىدىن سىرت، باشقا شەرتلەرنى قوشۇپ تەلەپ قويسا بولمايدۇ.

سۇغۇرتا شىركىتى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشتە، سۇغۇرتىلاتقۇچىنى سودا سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشكە مەجبۇرلىسا شۇنىڭدەك باشقا شەرتلەرنى قوشۇپ تەلەپ قويسا بولمايدۇ.

14 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ؛ لېكىن، سۇغۇرتىلاتقۇچىلاردىن مۇھىم ئىشلارنى ئەينەن ئېيتىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

سۇغۇرتىلاتقۇچى مۇھىم ئىشلارنى ئەينەن ئېيتىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى توختامنى بىكار قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى، سۇغۇرتىلاتقۇچى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە ئەينەن ئېيتىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك؛ سۇغۇرتىلاتقۇچى ئەينەن ئېيتىش مەجبۇرىيىتىنى يۇقىرىدا ئېيتىلغان مۆھلەتتە ئادا قىلغان بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى توختامنى بىكار قىلسا بولمايدۇ.

15 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلىشتا، سۇغۇرتا تالونى ۋە سۇغۇرتا بەلگىسىنى قايتۇرۇۋېلىشى ھەمدە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى باشقۇرغۇچى تارماققا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

16 – ماددا سۇغۇرتىلاتقۇچى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ، لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا:

(1) سۇغۇرتىلانغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قانۇن بويىچە تىزىمدىن ئۆچۈرۈلگەن بولسا؛

(2) سۇغۇرتىلانغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى توختىتىپ قويۇلغان بولسا؛

(3) سۇغۇرتىلانغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ يىتۈپ كەتكەنلىكىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىسپاتلىغان بولسا.

17 – ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلىشتىن بۇرۇن، سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىنى توختام بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

توختامنى بىكار قىلىشتا، سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى باشلانغان كۈندىن باشلاپ، توختام بىكار قىلىنغان كۈنىگىچە سۇغۇرتا ھەققىنى ئېلىپ، ئېشىپ قالغان سۇغۇرتا ھەققىنى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا قايتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ.

18 – ماددا سۇغۇرتىلانغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يۆتكەشتە، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا توختامىنى ئۆزگەرتىش كېرەك.

19 – ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا توختامىنىڭ مۇددىتى توشقاندا، سۇغۇرتىلاتقۇچى ۋاقتىدا داۋاملىق سۇغۇرتىلىتىشى ھەمدە ئالدىنقى بىر يىللىق سۇغۇرتا تالونىنى بېرىشى كېرەك.

20 – ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىنىڭ مۇددىتى بىر يىل بولىدۇ، لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە، سۇغۇرتىلاتقۇچى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسى بويىچە قىسقا مۇددەت سۇغۇرتىلاتسا بولىدۇ:

(1) چېگرا سىرتىدىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى چېگرادىن ۋاقىتلىق كىرىدىغان بولسا؛

(2) موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يولغا ۋاقىتلىق چىقىدىغان بولسا؛

(3) موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ بەلگىلەنگەن بىراك مۆھلىتىگە بىر يىل قالمىغان بولسا ؛

(4) سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى بەلگىلىگەن باشقا ئەھۋاللار.

 

3 – باب تۆلەش

21 – ماددا سۇغۇرتىلانغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يول قاتناش ھادىسىسى تۇغدۇرۇپ، شۇ قاتناش ۋاسىتىسىدىكىلەر ۋە سۇغۇرتىلانغۇچىلاردىن باشقىلارنى تالاپەتكە ئۇچراتقان ۋە مال – مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقاندا، سۇغۇرتا شىركىتى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى دائىرىسىدە قانۇن بويىچە تۆلەم بېرىدۇ.

يول قاتناش ھادىسىسىدىكى زىياننى زىيانغا ئۇچرىغۇچى قەستەن كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بەرمەيدۇ.

22 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە، سۇغۇرتا شىركىتى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى دائىرىسىدە قۇتقۇزۇش خىراجىتىنى بېرىپ تۇرىدۇ ھەمدە زىيانغا ئۇچراتقۇچىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق:

(1) ھەيدىگۈچى ھەيدەش سالاھىيىتىگە ئىگە بولمىسا ياكى ھاراق ئىچىپ مەست بولغان بولسا؛

(2) سۇغۇرتىلىتىلغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئوغرىلانغان، بۇلانغان مەزگىلدە، ھادىسە سادىر بولغان بولسا؛

(3) سۇغۇرتىلانغۇچى يول قاتناش ھادىسىسىنى قەستەن پەيدا قىلغان بولسا.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، يول قاتناش ھادىسىسى سادىر بولۇپ، زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ مال – مۈلكى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

23 – ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىدا، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن تۆلەم جاۋابكارلىق چېكى يولغا قويۇلىدۇ. تۆلەم جاۋابكارلىق چېكى ئۆلۈش – زەخىملىنىش، مېيىپ بولۇش تۆلەم چېكى، داۋالىنىش خىراجىتى تۆلەم چېكى، مال – مۈلۈك زىيان تۆلەم چېكى شۇنىڭدەك سۇغۇرتىلانغۇچىلاردىن يول قاتناش ھادىسىسىدە جاۋابكارلىقى بولمىغانلىرىنىڭ تۆلەم چېكى دەپ ئايرىلىدۇ.

موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا تۆلەم جاۋابكارلىق چېكىنى سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىللە بەلگىلەيدۇ.

24 – ماددا دۆلەت يول قاتناش ھادىسىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش فوندى (تۆۋەندە قۇتقۇزۇش فوندى دېيىلىدۇ) تەسىس قىلىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە، يول قاتناش ھادىسىسىدە زىيانغا ئۇچرىغۇچىلاردىن جىسمانىي تالاپەتكە ئۇچرىغانلىرىنىڭ دەپنە پۇلى، قىسمەن ياكى ھەممە قۇتقۇزۇش پۇلى قۇتقۇزۇش فوندىدىن بېرىپ تۇرۇلىدۇ. قۇتقۇزۇش فوندىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات يول قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق:

(1) قۇتقۇزۇش پۇلى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى چېكىدىن ئېشىپ كەتسە؛

(2) ھادىسە پەيدا قىلغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان بولسا؛

(3) موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھادىسە تۇغدۇرۇپ قېچىپ كەتكەن بولسا.

25 – ماددا قۇتقۇزۇش فوندىنىڭ مەنبەسى:

(1) موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىنىڭ سۇغۇرتا ھەققىدىن مەلۇم نىسبەت بويىچە ئاجرىتىلغان مەبلەغ؛

(2) موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتىسىغا بەلگىلىمە بويىچە قاتناشتۇرمىغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىلىرى، باشقۇرغۇچىلىرىغا قويۇلغان جەرىمانە؛

(3) قۇتقۇزۇش فوندىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات يول قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارىدىن قانۇن بويىچە تۆلىتىۋالغان مەبلەغ؛

(4) قۇتقۇزۇش فوندىنىڭ تۇغۇندىسى؛

(5) باشقا مەبلەغ.

26 – ماددا قۇتقۇزۇش فوندىنى كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىپ، سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويىدۇ.

27 – ماددا سۇغۇرتىلانغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يول قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلغاندا، سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى زىيانغا ئۇچرىغۇچى سۇغۇرتا شىركىتىگە ئۇقتۇرۇش قىلسا، سۇغۇرتا شىركىتى دەرھال جاۋاب بېرىپ، كونكرېت تۆلەم تەرتىپى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى زىيانغا ئۇچرىغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

28 – ماددا سۇغۇرتىلانغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يول قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلغاندا، سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتا شىركىتىدىن سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلەپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بىر كۈن ئىچىدە، سۇغۇرتىلانغۇچىغا سۇغۇرتا شىركىتىگە تاپشۇرىدىغان تۆلەمگە دائىر ئىسپات ۋە ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشنى يازما ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

29 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتىلانغۇچى تاپشۇرغان ئىسپات ۋە ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش كۈن ئىچىدە، سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىغا كىرىدىغان – كىرمەيدىغانلىقىنى بېكىتىشى ھەمدە نەتىجىسىنى سۇغۇرتىلانغۇچىغا ئۇقتۇرۇشى؛ سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىغا كىرمەيدىغانلىرىدا سەۋەبىنى يازما چۈشەندۈرۈشى؛ سۇغۇرتا جاۋابكارلىقىغا كىرىدىغانلىرىدا سۇغۇرتىلانغۇچى بىلەن سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلەش كېلىشىمى ھاسىل قىلغاندىن كېيىنكى ئون كۈن ئىچىدە سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلىشى كېرەك.

30 – ماددا سۇغۇرتىلانغۇچى بىلەن سۇغۇرتا شىركىتى ئوتتۇرىسىدا تۆلەم تالاش– تارتىشى تۇغۇلغاندا، قانۇن بويىچە كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشقا بولىدۇ.

31 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا پۇلىنى سۇغۇرتىلانغۇچىغا تۆلەپ بەرسىمۇ، زىيانغا ئۇچرىغۇچىغا بىۋاسىتە تۆلەپ بەرسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. لېكىن زەخىملەنگەنلەرنى قۇتقۇزۇشتا سۇغۇرتا شىركىتى قۇتقۇزۇش پۇلىنى بېرىشكە ياكى بېرىپ تۇرۇشقا توغرا كەلسە، سۇغۇرتا شىركىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، داۋالاش ئاپپاراتىغا قۇتقۇزۇش پۇلىنى ۋاقتىدا بېرىشى ياكى بېرىپ تۇرۇشى كېرەك.

زەخىملەنگەنلەرنى قۇتقۇزۇشتا قۇتقۇزۇش پۇلىنى قۇتقۇزۇش فوندىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات بېرىپ تۇرۇشقا توغرا كەلسە، قۇتقۇزۇش فوندىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، داۋالاش ئاپپاراتىغا قۇتقۇزۇش پۇلىنى ۋاقتىدا بېرىپ تۇرۇشى كېرەك.

32 – ماددا داۋالاش ئاپپاراتى يول قاتناش ھادىسىسىدە زەخىملەنگەنلەرنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى چىقارغان كىلىنىكىلىق داۋالاش كۆرسەتمىسىدىن پايدىلىنىپ قۇتقۇزۇشى، داۋالىشى كېرەك.

33 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلەشتە ياكى قۇتقۇزۇش پۇلىنى بېرىپ تۇرۇشتا، قۇتقۇزۇش فوندىنى باشقۇرغۇچى ئاپپارات قۇتقۇزۇش پۇلىنى بېرىپ تۇرۇشتا، ئالاقىدار تارماق ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئالاقىدار تارماق ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرى ماسلىشىشى كېرەك.

34 – ماددا سۇغۇرتا شىركىتى ۋە قۇتقۇزۇش فوندىنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ خادىملىرى ئالاقىدارلارنىڭ سىرىنى ساقلىشى كېرەك.

35 – ماددا يول قاتناش ھادىسىسى زىيان تۆلىمىنىڭ تۈرى ۋە ئۆلچىمى ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
13999644454 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-20 14:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-03-16 23:03
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ