ئىمپورت–ئېكسپورت تاۋارلىرى پىرىيوم قانۇنى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
(5 – نومۇرلۇق)
‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇنى> قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2013 – يىل 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلدىم، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ
2013 – يىل 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى
مۇندەرىجە
1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2 – باب ئىمپورت تاۋارلىرىنى پىرىيوم قىلىش
3 – باب ئېكسپورت تاۋارلىرىنى پىرىيوم قىلىش
4 – باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش
5 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1 – ماددا بۇ قانۇن ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرى پىرىيوم خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرى پىرىيوم ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، جامائەت مەنپەئىتى ۋە ئىمپورت – ئېكسپورت سودىسىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، تاشقى ئىقتىساد – سودا مۇناسىۋىتىنىڭ راۋان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
2 – ماددا گوۋۇيۈەن قۇرغان ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرى پىرىيوم تارمىقى (تۆۋەندە دۆلەت تاۋار پىرىيوم تارمىقى دېيىلىدۇ) پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرى پىرىيوم خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. دۆلەت تاۋار پىرىيوم تارمىقى جايلاردا قۇرغان ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرى پىرىيوم ئاپپاراتى (تۆۋەندە تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى دېيىلىدۇ) ئۆز تەۋەسىدىكى جايلارنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرى پىرىيوم خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ.
3 – ماددا تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى ۋە دۆلەت تاۋار پىرىيوم تارمىقى ئىجازەت بەرگەن پىرىيوم ئاپپاراتى ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىنى قانۇن بويىچە پىرىيوم قىلىدۇ.
4 – ماددا دۆلەت تاۋار پىرىيوم تارمىقى ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىنى پىرىيوم قىلىشتا، ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى، ھايۋانات ياكى ئۆسۈملۈكنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى قوغداش، مۇھىت ئاسراش، ئالدامچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش پىرىنسىپى بويىچە، جەزمەن پىرىيوم قىلىنىدىغان ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرى مۇندەرىجىسى (تۆۋەندە مۇندەرىجە دېيىلىدۇ)نى تۈزۈشى، تەڭشىشى ھەمدە ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشى كېرەك.
5 – ماددا مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلگەن ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىنى تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى پىرىيوم قىلىدۇ.
ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئىمپورت تاۋارلىرىدىن پىرىيوم قىلىنمىغانلىرىنى سېتىشقا، ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛ ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئېكسپورت تاۋارلىرىدىن پىرىيومدىن ئۆتەلمىگەنلىرىنى ئېكسپورت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
مۇشۇ ماددىنىڭ 1 – تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىدىن دۆلەت بەلگىلىگەن پىرىيومنى كەچۈرۈم قىلىش شەرتىگە توشىدىغانلىرىدا، مال تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ياكى مال ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىلتىماس قىلىشى، دۆلەت تاۋار پىرىيوم تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن پىرىيوم كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.
6 – ماددا ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىنى جەزمەن پىرىيوم قىلىش مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلگەن ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ تېخنىكا قائىدىسىدىكى مەجبۇرلاش تەلىپىگە لايىق كەلگەن – كەلمىگەنلىكىنى باھالاش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.
لاياقەت باھالاش تەرتىپى ئەۋرىشكە ئېلىش، پىرىيوم قىلىش ۋە تەكشۈرۈش؛ باھالاش، گۇۋاھنامىلەرنى تەكشۈرۈش ۋە لاياقىتىگە كاپالەت بېرىش؛ رويخەتكە ئېلىش، ئېتىراپ قىلىش ۋە تەستىقلاش شۇنىڭدەك تۈرلەرنى بىرىكتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
7 – ماددا مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلگەن ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرى دۆلەتنىڭ تېخنىكا قائىدىسىدىكى مەجبۇرلاش تەلىپى بويىچە پىرىيوم قىلىنىدۇ؛ دۆلەتنىڭ تېخنىكا قائىدىسىدە مەجبۇرلاش تەلىپى بېكىتىلمىگەن بولسا، قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بېكىتىش كېرەك، بېكىتىشتىن ئىلگىرى دۆلەت تاۋار پىرىيوم تارمىقى كۆرسەتكەن چەت ئەلنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىپ پىرىيوم قىلىنسا بولىدۇ.
8 – ماددا دۆلەت تاۋار پىرىيوم تارمىقى ئىجازەت بەرگەن پىرىيوم ئاپپاراتى تاشقى سودا مۇناسىۋەتچىلىرى ياكى چەت ئەل پىرىيوم ئاپپاراتىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە، ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىنى پىرىيوم قىلىش، باھالاش كەسپىنى يولغا قويسا بولىدۇ.
9 – ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا باشقا پىرىيوم ئاپپاراتىنىڭ پىرىيوم قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرى ياكى پىرىيوم تۈرلىرى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە پىرىيوم قىلىنىدۇ.
10 – ماددا دۆلەت تاۋار پىرىيوم تارمىقى ۋە تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتلىرى ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرى پىرىيومىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا توپلىشى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرگە بېرىشى كېرەك.
دۆلەت تاۋار پىرىيوم تارمىقى ۋە تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى خادىملىرىنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىنى پىرىيوم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا بىلىپ قالغان سودا مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار.
2 – باب ئىمپورت تاۋارلىرىنى پىرىيوم قىلىش
11 – ماددا مۇشۇ قانۇندا تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتىنىڭ جەزمەن پىرىيوم قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئىمپورت تاۋارلىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى تاموژنىغا مەلۇم قىلغان جايدىكى تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتىغا پىرىيوم قىلدۇرۇشى كېرەك. تاموژنا تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتىنىڭ مال ئۆتكۈزۈش ئىسپاتىغا قاراپ ئۆتكۈزىدۇ.
12 – ماددا مۇشۇ قانۇندا تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتىنىڭ جەزمەن پىرىيوم قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئىمپورت تاۋارلىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى بەلگىلىگەن جاي ۋە مۆھلەتتە، تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتىنىڭ ئىمپورت تاۋارلىرى پىرىيومىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى دۆلەت تاۋار پىرىيوم تارمىقى بىر تۇتاش بەلگىلىگەن مۆھلەتتە پىرىيوم قىلىپ بولۇشى ھەمدە پىرىيوم ئىسپاتى بېرىشى كېرەك.
13 – ماددا مۇشۇ قانۇندا تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتىنىڭ جەزمەن پىرىيوم قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئىمپورت تاۋارلىرىدىن باشقا ئىمپورت تاۋارلىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچىلاردىن ئىمپورت تاۋارلىرى سۈپىتىنىڭ لاياقەتسىز ياكى ئۇنىڭ بۇزۇلغان، كەم ئىكەنلىكىنى بايقاپ، تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتىنىڭ ئىسپاتى بىلەن تۆلىتىدىغانلىرى تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتىغا پىرىيوم ئىسپاتى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
14 – ماددا مۇھىم ئىمپورت تاۋارلىرى ۋە چوڭ يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلەرنى تاپشۇرۇۋالغۇچىلار تاشقى سودا توختامىدا پۈتۈشكىنى بويىچە، ئېكسپورت قىلغان دۆلەتتە قاچىلاش، توشۇشتىن ئىلگىرى پىرىيوم قىلدۇرۇشى، ياسىتىشى ياكى قاچىلىتىشى، مەسئۇل تارماق نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك؛ تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى ئېھتىياجغا قاراپ پىرىيوم خادىملىرىنى قاتناشتۇرسا بولىدۇ.
3 – باب ئېكسپورت تاۋارلىرىنى پىرىيوم قىلىش
15 – ماددا مۇشۇ قانۇندا تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتىنىڭ جەزمەن پىرىيوم قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئېكسپورت تاۋارلىرىنى ئەۋەتكۈچى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى بەلگىلىگەن جاي ۋە مۆھلەتتە تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتىغا پىرىيوم قىلدۇرۇشى كېرەك. تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى دۆلەت تاۋار پىرىيوم تارمىقى بىر تۇتاش بەلگىلىگەن مۆھلەتتە پىرىيوم قىلىپ بولۇشى ھەمدە پىرىيوم ئىسپاتى بېرىشى كېرەك.
مۇشۇ قانۇندا جەزمەن پىرىيوم قىلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئېكسپورت تاۋارلىرىنى تاموژنا تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتىنىڭ مال ئۆتكۈزۈش ئىسپاتىغا قاراپ ئۆتكۈزىدۇ.
16 – ماددا تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتىنىڭ پىرىيومىدىن ئۆتكەن، پىرىيوم ئىسپاتى بېرىلگەن ئېكسپورت تاۋارلىرىنى تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى بەلگىلىگەن مۆھلەتتە تاموژنىغا مەلۇم قىلىپ ئېكسپورت قىلىش كېرەك؛ مۆھلىتى ئېشىپ كەتكەنلىرىنى قايتا پىرىيوم قىلدۇرۇش كېرەك.
17 – ماددا ئېكسپورت قىلىنىدىغان خەتەرلىك ماللارنىڭ ئورۇ قاچىلىرىنى ئىشلەيدىغان كارخانىلار تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتىغا ئورۇ قاچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى باھالاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى شەرت. ئېكسپورت قىلىنىدىغان خەتەرلىك مال ئىشلەيدىغان كارخانىلار تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتىغا ئورۇ قاچىلارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باھالاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى شەرت. باھالاشتىن ئۆتەلمىگەن ئورۇ قاچىلارنى ئىشلىتىپ ئورالغان، قاچىلانغان خەتەرلىك ماللارنى ئېكسپورت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
18 – ماددا ئاسان چىرىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدىغان يېمەكلىكلەردىن ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىرى قاچىلانغان پاراخوت بۆلمىسى ۋە كونتېينېرنى توشۇغۇچى ياكى قاچىلىغۇچى ئورۇن مال قاچىلاشتىن بۇرۇن پىرىيوم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشى شەرت. پىرىيومدىن ئۆتەلمىگەنلىرىنى قاچىلاپ توشۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
4 – باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش
19 – ماددا تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى مۇشۇ قانۇندا تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتىنىڭ جەزمەن پىرىيوم قىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىدىن باشقا ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئارىلاپ پىرىيوم قىلىدۇ.
دۆلەتنىڭ تاۋار پىرىيوم تارمىقى ئارىلاپ پىرىيوم قىلىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلسا ياكى ئارىلاپ پىرىيوم قىلىش ئەھۋالىدىن ئالاقىدار تارماقلارنى خەۋەرلەندۈرسە بولىدۇ.
20 – ماددا تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى تاشقى سودىغا قولايلىق بولۇش ئېھتىياجىغا قاراپ، مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلگەن ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ سۈپىتىنى زاۋۇتتىن چىقىشتىن ئىلگىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرسا ۋە پىرىيوم قىلسا بولىدۇ.
21 – ماددا ئىمپورت – ئېكسپورت ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى، ئەۋەتكۈچى ئۈچۈن پىرىيوم رەسمىيىتى ئۆتەپ بېرىدىغان ۋاكالەتچى پىرىيوم رەسمىيىتى ئۆتەشتە تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتىغا ھوقۇق ئالغانلىق ھاۋالىنامىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.
22 – ماددا دۆلەت تاۋار پىرىيوم تارمىقى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەكشۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى پىرىيوم ئاپپاراتلىرىدىن شەرتكە توشىدىغانلىرىنىڭ ھاۋالە قىلىنغان ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىنى پىرىيوم قىلىش، باھالاش كەسپىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا ئىجازەت بەرسە بولىدۇ.
23 – ماددا دۆلەت تاۋار پىرىيوم تارمىقى ۋە تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى دۆلەتنىڭ تاۋار پىرىيوم تارمىقى ئىجازەت بەرگەن پىرىيوم ئاپپاراتىنىڭ ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىنى پىرىيوم قىلىش، باھالاش كەسپىنى نازارەت قىلىدۇ، ئۇلار پىرىيوم قىلغان تاۋارلارنى ئارىلاپ پىرىيوم قىلسا بولىدۇ.
24 – ماددا دۆلەت تاۋار پىرىيوم تارمىقى دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىسپات بېرىش تۈزۈمى بويىچە، ئالاقىدار ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىنى ئىسپات بېرىپ باشقۇرىدۇ.
25 – ماددا تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى دۆلەت تاۋار پىرىيوم تارمىقى چەت ئەلنىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتى بىلەن تۈزۈشكەن كېلىشىمىگە بىنائەن ياكى چەت ئەلنىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ سۈپىتىگە ئىسپات بېرىش خىزمىتىنى ئىشلەشتە، ئىسپات ئالغان ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىغا سۈپەت ئىسپات بەلگىسى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلسا بولىدۇ.
26 – ماددا تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى مۇشۇ قانۇن بويىچە، ئىجازەت تۈزۈمى يولغا قويۇلغان ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ ئىسپاتىنى تەكشۈرۈپ باشقۇرىدۇ، ئىسپاتلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئىسپات بىلەن مالنىڭ مۇناسىپ كەلگەن – كەلمىگەنلىكىنى ئېنىقلايدۇ.
27 – ماددا تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى ئېھتىياجغا قاراپ، پىرىيومدىن ئۆتكەن ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىغا تاۋار پىرىيوم بەلگىسى ياكى پېچەت بەلگىسى قويسا بولىدۇ.
28 – ماددا ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىنى پىرىيوم قىلدۇرغانلاردىن پىرىيوم ئاپپاراتىنىڭ پىرىيوم نەتىجىسىگە باشقىچە پىكرى بارلىرى ئەسلىدىكى تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتىغا ھەتتا دۆلەت تاۋار پىرىيوم تارمىقىغا قايتا پىرىيوم قىلىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، قايتا پىرىيوم ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى ياكى دۆلەت تاۋار پىرىيوم تارمىقى قايتا پىرىيوم يەكۈنىنى ۋاقتىدا چىقىرىشى كېرەك.
29 – ماددا ئالاقىدارلاردىن تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى ۋە دۆلەت تاۋار پىرىيوم تارمىقىنىڭ قايتا پىرىيوم يەكۈنىگە قايىل بولمىغان ياكى تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتىنىڭ جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسىمۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.
30 – ماددا دۆلەت تاۋار پىرىيوم تارمىقى ۋە تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى، دۆلەت مەنپەئىتىنى قوغدىشى، قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشى، نازارەتچىلىكنى قوبۇل قىلىشى شەرت.
دۆلەت تاۋار پىرىيوم تارمىقى ۋە تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئېھتىياجىغا قاراپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تاۋار پىرىيوم خادىملىرىنى سىياسىي، كەسپىي ساپاغا ئىگە قىلىشى كېرەك. تاۋار پىرىيوم خادىملىرى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە باھالاشنى قەرەللىك قوبۇل قىلىپ، باھالاشتىن ئۆتكەندە ئىش ئورنىغا چىقىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشى كېرەك.
تاۋار پىرىيوم خادىملىرى ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇشى، مەدەنىي مۇلازىمەت قىلىشى، كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلانماسلىقى، شەخسىي نەپ ئېلىۋالماسلىقى كېرەك.
31 – ماددا دۆلەت تاۋار پىرىيوم تارمىقى ۋە تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى ئىچكى نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خادىملىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك.
تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى ئىچكى قىسىمدا پىرىيوم ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدىغان، پىرىيوم قىلىدىغان، ئىسپات بېرىپ ماڭدۇرىدىغان ئاساسلىق ئىش ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى، ھوقۇق دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى ھەمدە ئۆزئارا ئايرىۋېتىشى، بىر– بىرىنى چەكلەپ تۇرۇشى كېرەك.
32 – ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس دۆلەت تاۋار پىرىيوم تارمىقى، تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ قانۇن، ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشىنى پاش قىلىش، شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. پاش قىلىش ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇۋالغان ئورگان مەسئۇلىيىتى بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى ھەمدە پاش قىلغۇچى ۋە شىكايەت قىلغۇچىلارنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.
5 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى
33 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى جەزمەن پىرىيوم قىلىدىغان ئىمپورت تاۋارلىرىنى پىرىيوم قىلدۇرماي ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ساتقان ياكى ئىشلەتكەنلەر ياكى تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى جەزمەن پىرىيوم قىلىدىغان ئېكسپورت تاۋارلىرىنى پىرىيومدىن ئۆتكۈزەلمەي تۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېكسپورت قىلغانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى مۇسادىرە قىلىدۇ، مال قىممىتىنىڭ %5 ىدىن يۇقىرى، %20 ىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
34 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت تاۋار پىرىيوم تارمىقىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن پىرىيوم قىلغان، باھالىغانلارنى تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى قانۇنسىز تىجارىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ.
35 – ماددا باشقا نەرسىلەر، ساختا نەرسىلەر ئارىلاشتۇرۇلغان، ساختىسى راست، ناچىرى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىلگەن تاۋارلارنى ئىمپورت ياكى ئېكسپورت قىلغان ياكى لاياقەتسىز ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرىنى لاياقەتلىك ئىمپورت – ئېكسپورت تاۋارلىرى قىلىپ كۆرسەتكەنلەرنى تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى ئىمپورت ياكى ئېكسپورتنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، مال قىممىتىنىڭ %50 ىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
36 – ماددا تاۋار پىرىيوم ئىسپاتى، تامغىسى، بەلگىسى، پېچەت بەلگىسى، سۈپەت ئىسپات بەلگىسىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان، ئېلىپ – ساتقان ياكى ئوغرىلىغانلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايى جازاغا توشمايدىغانلارنى تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، مال قىممىتىگە تەڭ قىممەتتىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ.
37 – ماددا دۆلەت تاۋار پىرىيوم تارمىقى، تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، بىلىپ قالغان سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
38 – ماددا دۆلەت تاۋار پىرىيوم تارمىقى، تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلىنىپ قەستەن قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان، پىرىيوم نەتىجىسىنى ئويدۇرغان ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ پىرىيوم ئىسپاتىنى كېچىكتۈرگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
39 – ماددا تاۋار پىرىيوم ئاپپاراتى ۋە باشقا پىرىيوم ئاپپاراتلىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە پىرىيوم قىلغان ۋە پىرىيوم – باھالاش كەسپىنى يولغا قويغاندا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ھەق ئالىدۇ.
40 – ماددا گوۋۇيۈەن يولغا قويۇش نىزامىنى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن چىقىرىدۇ.
41 – ماددا بۇ قانۇن 1989 – يىل 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)
(تەھرىر : سەپەر)
«ئىمپورت–ئېكسپورت تاۋارلىرى پىرىيوم قانۇنى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: گۇمانخۇرلوقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان سەبى بالا
- گۇمانخۇرلوقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان سەب
- ئىمپورت–ئېكسپورت تاۋارلىرى پىرىيوم قا
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇ
- موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادى
- ‹‹ئەمگەك قانۇنى›› دىكى سەل قارالغان م
- قوش تىل ئوقۇتۇشنى باھالاش كۆرسەتكۈچى
- ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلى
- ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنىنى يولغا قويۇش چا
- شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇر
- ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆي ھوقۇقىن
- بوۋاقنى سېتىۋەتكەن دوختۇرغا ئۆلۈم جازا
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ جىنايى ئىشلا
- 2014-يىلى تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغا
- ياش- ئۆسمۈرلەر قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىدىن
- بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۆيۈپ ي
- تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كىيىنكى «جىنايى
- گۇمانخۇرلوقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان سەبى بال
- ئىمپورت–ئېكسپورت تاۋارلىرى پىرىيوم قانۇنى
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەم قانۇنى
- موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسى ج
- ‹‹ئەمگەك قانۇنى›› دىكى سەل قارالغان ماددىل
- قوش تىل ئوقۇتۇشنى باھالاش كۆرسەتكۈچى
- ج خ ج نىڭ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى قان
- ئېنېرگىيە تېجەش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى
- شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش نىز
- ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆي ھوقۇقىنىڭ تەۋ
- ياش- ئۆسمۈرلەر قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىدىن لىكس
- بالىلارنىڭ كارتون فىلىمنى دوراپ كۆيۈپ يارىلى
- 2013-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىشتا قانۇنغا خلاپ
- قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ
- يەسلى باشلىقى ئۆلگەن بالىنى كۆمۈۋەتتى
- ئاتا-ئانىلار ياكى ۋەسىيلەرنىڭ قانداق قىلمىشل
- ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادى
- مەجبۇرىيەت مائارىپ قانونى
- قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قان
- ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىن
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇ
- ج خ ج نىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش قانۇ
- مائارىپ قانۇنلىرى
- جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى
- دۆلەت يېرىدىكى ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تۆلەم بېرىش
- ئوقۇغۇچىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھادىسىلىرىنى بى
- جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىز
- پارتىيە 17-نۆۋەتلىك 4-ئۇمۇمى يىغىنى
- چېگرادىن چىقىش–كىرىشنى باشقۇرۇش قانۇنى