ئۇنۋان
ئۇنۋان

بۇ يىللىق ئالى دەرجىلىك ئۇنۋان كەلگەن ئوخشايدۇ ،مەكتەپلەر ئارا سان تالشىدىغان ئوخشايمىز مەن مائارىپ ياچايكىسىغا شۇ يىغىنغا بىرىپ كىلەي دىدى ؛-مەكتەپ مۇدىرى
- ماڭا كەپتىما ..كۈلكە چاخچاققا ماھىر ،ئوچۇق يۇرۇق يېڭى خىزمەتدىشىمىزنىڭ بۇ گىپى ھەممەيلەننى كۈلدۈرۋەتكەن ئىدى .
- سەنمۇ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ ،خىزمەت ئورنۇڭنى قەدىرلىسەڭ،ئىش ئورنۇڭدا مۇئەييەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرسەڭ يىراق بولمىغان ئون نەچچە يىلغىچە ساڭىمۇ ئالىمىز دىدى ؛مەكتەپ مۇدىرىمۇ جاۋابەن .
مەكتەپ مۇدىرى مىڭشىغا ھەممەيلەن ئۇنۋان توغۇرلۇق بەس مۇنازىرگە چۈشتۇق ..ئۇنۋان ئىلىشقا شەرتى توشقانلار ئۆز خىزمەتلىرىنى خۇلاسە قىلسا ،ئۇنۋان ئىلىپ بولغانلار ئۇنۋاننى ئىلىش جەريانىدكى تارتقان جاپا –مۇشەقەتلرىنى سۆزلەيتى .... ئۇنۋان زادى قانداق ئوقۇتقۇچىلارغا بىرلىدۇ ؟-دەپ سوراپ قالدى گىپمىزنى تولۇق ئاڭقىرالمىغان يېڭى يېڭى خىزمەتىشىم ھەيران بولغان قىياپەتتە .
-قانداق ئوقۇتقۇچلارغا بىرلەتتى ،خىزمەت نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى كەسپى ئىقتىدارى كۈچلۈك ئوقۇتقۇچىلارغا...
- خىزمەت ئورنىنى قەدىرلەپ ،كەسىپنى سۈيدىغان ،ئىشقا ۋاقتىدا كىلىپ ۋاقىدا قايتىدىغانلارغا ...
- كۈننى بىكار ئۆتكۈزمەيدىغان ،مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىنكى ھەر بىر سائەت ھەر بىر مىنۇتنى ياش غۇنچىلارغا مىننەتسىز سەرىپ قىلدىغانلارغا ...
- ئىچكىرى تولۇقسىزغا ئوقۇغۇچى ئۆتكەزسىڭىز ئالدىن ئويلىشىلىدۇ دىدى يەنە بىرەيلەن
-قىسقىسى ئۇكام ئۆزىنىڭ بىر ئوقۇتقۇچى ،بىر باغۋەن ، بىر ئەينەك ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىققارماي ،يۇقىرى دەرجىلىك ئورۇنلار ۋە مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلارنى جان كۆيدۇرۇپ ئىشلەپ ئۈنۈم يارتالىغانلار مۇشۇ ئۇنۋانغا ئىرشەلەيدۇ دىدى پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىمىزدىن بىرىسى گىپمىزىنى خۇلاسىلاپ ... شۇنداق قىلىپ ھەممەيلەن ئۆزىمىزنىڭ بىلگىنىمىز بۇيىچە ئۇنىڭغا چۈشەنچە بەردۇق .
-قارىغاندا بۇ ئۇنۋانغا ئىرشىش ئۈچۈن جاپاغا چىداپ ئىشلەشكە توغرا كىلدىكەن ، ساختىپەزلىك ئاقمايدىكەندە ؟
دىدى يېڭى خىزمەتدىشىم بىر خىل ھەجىۋى قىياپەتتە ...
- ئەلۋەتتە ؛؛ مائارىپ ساختىلىق خالىمايدۇ ،بىزنىڭ مۇلازىمەت ئوبىكتلىرىمىز بىر ۋاراق ئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ ،بىز بۇ ئاق قەغەزگە دۇردانىلەرنى تىزالىساق ،يۈكسەك مەسئۇلىيەت بۇرچىمىزنى تولۇق ئادا قىلىش ئاساسىدا ھەممىنىڭ
دىقىتىنى تارتالغىدەك گۈزەل مەنزىرلەرنى ئورنۇتۇپ چىقالىساق ،ئەڭ مۇھىمى ئاۋام خەلىقنىڭ بەرگەن ئۇنۋانىغا
ئىرشەلىسەك ،قالغان ئۇنۋانلار سىزنىڭ قولىڭىزغا ئۆزلىگىدىن كىلىدۇ ئۇكا ؛........
ئىشتىن چۈشۈشكە يىقىن مەكتەپ مۇدىرىمىز يىغىندىن قايتىپ كەلدى .ئۇنىڭ كەيپىياتى خىلىلام ياخشى ئىدى ،
دىمەك بىزنىڭ مەكتەپتىنمۇ بىرەر ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ ئۇنۋاننى ئالالىغانلىقىدا گەپ يوق ئىدى .
ھەممەيلەن ئىشخانىغا يىغلدۇق مەكتەپ مۇدىرى بۈگۈنكى مائارىپ ياچايكىسىدا ئىچىلغان يىغىننىڭ مەقسىدى ،شۇنداقلا ھەر قايسى مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ بۇ ئۇنۋاننى تالشىش جەريانىدىكى سۆز-ھەركەتلىرىنى قىسقىچە بايان قىلۋەتكەندىن كىيىن مەكتىۋىمىزدىن بۇ قىتىملىق ئۇنۋان ئىلىشقا ماس كەلگەن ئوقۇتقۇچىنى ئىلان قىلدى .
.....ئىشخانا ئىچى سۈكۈتكە چۈمگەن بولۇپ ،ھەممەيلەننىڭ ئاغزى كاماردەك ئىچىلىپ قالغان ئىدى ، چۈنكى بۇ
قىتىمقى ئۈنۋان ئىلىشقا مەكتىۋىمىزدىن ماس كەلگەن ئوقۇتقۇچى خوشى تۇتسا ھەپتىدە بىر ئىككى كۈن ئىشقا كىلىپ قويدىغان ، ئويۇن –تاماششا دىسە ئۆزىنى ئاتىدىغان ، مەكتەپنىڭ قائىدە –تۈزۈملىرىنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايدىغان تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىمىز ئىدى .
يېڭى خىزمەتدىشىم ۋە باشقا ئوقۇتقۇچىلار ماڭا مەنىلىك قاراپ قويۇشتى ..شۇتاپتا مەن ئەتىگەندىن بىرى ئۇنۋان
توغۇرلۇق قىلغان گەپلىرىمدىن گەدەنگىچە قىزىرىپ كەتكەن ئىدىم ..
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ئۇنۋان»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: جوڭگۇ-ئامېرىكا مائارىپى نېمىشقا شۇنچە پەرقلىق؟
- ئۇنۋان
- جوڭگۇ-ئامېرىكا مائارىپى نېمىشقا شۇنچە پ
- مائارىپقا بىر قانچە تەكلىپ (ئەنۋەر داۋۇ
- ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇلايىملىقىنى كىم ئوغۇرلا
- مەجبۇرلاش قىزىقىشنى نابۇت قىلىدۇ
- ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىكى «كەس
- ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ دەرسى
- كىتابقىلا دۈم چۈشكەن مائارىپ ھەقىقىي ما
- ئويۇن بالىلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى
- مائارىپقا خىيانەت − مىللەتك
- مائارىپنىڭ نىداسى ۋە «قۇشۇمچە پەن» ئوقۇ
- ئىش ھەققى ئۈچۈنلا ئىشلىمەڭ
- ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھە
- بىلىم تەقدىرنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىدۇ
- شوجاڭنىڭ ئۈيىدە ئەمەلىلەشكەن نومۇر قۇي
- كۆپىيۋاتقان شەكىل،ھەقدادىغا يىتەلمەيۋ
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
بەردى تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-20 22:09 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-07-11 20:07
- ئۇنۋان
- جوڭگۇ-ئامېرىكا مائارىپى نېمىشقا شۇنچە پەرقلى
- مائارىپقا بىر قانچە تەكلىپ (ئەنۋەر داۋۇت)
- ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇلايىملىقىنى كىم ئوغۇرلاپ كەت
- مەجبۇرلاش قىزىقىشنى نابۇت قىلىدۇ
- ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىكى «كەسىپ تا
- ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ دەرسى ۋە ئو
- كىتابقىلا دۈم چۈشكەن مائارىپ ھەقىقىي مائارىپ
- ئويۇن بالىلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى
- مائارىپقا خىيانەت − مىللەتكە زال
- ئۇنۋان
- ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇلايىملىقىنى كىم ئوغۇرلاپ كەت
- مەجبۇرلاش قىزىقىشنى نابۇت قىلىدۇ
- ئويۇن بالىلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى
- ئىش ھەققى ئۈچۈنلا ئىشلىمەڭ
- كۆپىيۋاتقان شەكىل،ھەقدادىغا يىتەلمەيۋاتقان
- ئەللىك كىتاپ
- زەھەرلىنىش، دورا ئىچكۈزۈش، تەن جازاسى بېرىش
- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى زامانىۋىلاش
- بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇمدۇق ياكى نومۇر ئېلىش ئ
- ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائارىپىن
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى-بوز
- كەلگۈسىنىڭ ئەندىشىسى: پارقىراق
- مەكتەپ مەدەنىيىتى مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى
- مىللى روھ، مائارىپ بايلىغى ،ئۇقۇت
- جۇڭگونىڭ مائارىپ مەسىلىسى ۋە مائارىپنىڭ جۇڭگ
- ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم پۇلى بىرىش س
- ھەقىقىي سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ھەقىقىي ھېكايىلىرى
- ساپا مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى ما
- ئوقۇتقۇچى ھىممىتى ۋەئۇنىڭ قىممىتى