ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ دەرسى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى
بىلىمخۇمار
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى

مەن ئالدىنقى بىر ماقالىدا ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ تاپشۇرۇق بېرىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، بەزى قېرىنداشلار ئامېرىكىدىكى باشلانغۇچلاردا بالىلارغا نېمە دەرسلەر ئۆتۈلىدىغانلىقىنى سوراپ ئىنكاس يېزىپتۇ. مەن مەزكۇر ماقالىدا ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ يەنە بىر قىسىم ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
1. ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھەپتىلىك ئۆتۈلۈش سائىتى
ئامېرىكىنىڭ «مەملىكەتلىك مائارىپ ستاتىستىكا مەركىزى» نىڭ 1997-يىلىدىكى بىر دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى باشلانغۇچنىڭ بالىلىرىغا ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر ۋە ئۇلارنىڭ بىر ھەپتىلىك ئۆتۈلۈش سائەت سانى مۇنداق ئىكەن [1]:
يادرو دەرسلەر (Core Subjects):
ئىنگلىزچە، كىتاب ئوقۇش، ۋە تىل سەنئىتى: ھەپتىسىگە 9.4 سائەت
ھېساب ۋە ماتېماتىكا: ھەپتىسىگە 4.6 سائەت
ئىجتىمائىي-پەن ۋە تارىخ: ھەپتىسىگە 2.6 سائەت
تەبىئىي-پەن: ھەپتىسىگە 2.3 سائەت
جەمئىي: ھەپتىسىگە 18.9 سائەت
مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، يۇقىرىدىكى «يادرو دەرسلەر» ھەممە مەكتەپلەردىن ئۆتۈش مەجبۇرى تەلەپ قىلىنغان دەرسلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا مائارىپ مىنىستىرلىقى بەلگىلەپ بەرگەن، ھەر بىر مەكتەپ ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئۆتسە بولىدىغان «يادرو-ئەمەس دەرسلەر» (Non-core Foundation Subjects) مۇ بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت [2] (بۇ دەرسلەرنىڭ ھەپتىسى قانچىلىك ئۆتۈلىدىغانلىقى ھەر بىر مەكتەپكە باغلىق بولۇپ، شۇڭا مەن ئۇ توغرۇلۇق بىرەر ماتېرىيال تاپالمىدىم):
لايىھىلەش ۋە تېخنولوگىيە
ئۇچۇر ۋە خەۋەرلىشىش تېخنولوگىيىسى
تارىخ
جۇغراپىيە
ھازىرقى زامان چەت ئەل تىللىرى
سەنئەت ۋە لايىھە
مۇزىكا
تەنتەربىيە
2. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يىللىق ۋە ھەپتىلىك ئىشلەش ۋاقتى
بىر يىلدا 52 ھەپتە، بىر ھەپتىدە 5 خىزمەت كۈنى بار بولۇپ، بىر ئادەم ھېچ قانداق دەم ئېلىش كۈنى يوق ھالدا ئىشلىسە، بىر يىلدا 260 كۈن ئىشلەيدۇ. ئامېرىكىدىكى شىركەت-ئىدارە ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ 5 كۈندىن 11 كۈنگىچە بايرام كۈنلىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپىنچە ئورۇنلار ئۆز خىزمەتچىلىرىگە ھەر يىلى بەلگىلىك تەتىل ۋاقتى ئاجرىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، خىزمەتچىلەر تەتىل قىلىدىغان ۋاقىتلارنى ئائىلە ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆزلىرى بېكىتىدۇ.
باشقا بارلىق شىركەت ۋە ئىدارە ئورۇنلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر يىل ئىچىدە ئىشلەيدىغان ۋاقتى جەمئىي 180 كۈن ئىكەن [3]. بۇنداق بولۇشىدىكى بىر سەۋەب، مەكتەپلەردە يازلىق ۋە قىشلىق تەتىل ۋاقتىنىڭمۇ بار بولۇشىدۇر. مېنىڭ بىر يىلدا ئىشلەيدىغان ۋاقتىم 231 كۈن.
بىر ھەپتىدە خىزمەت كۈنىدىن 5 كۈن بولغاچقا، ئەگەر بىر ئادەم كۈنىگە 8 سائەتتىن ئىشلىسە، بىر ھەپتىدە 40 سائەت ئىشلەيدۇ. ئامېرىكىنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن نورمال خىزمەت ۋاقتى ھەپتىسىگە 40 سائەت بولۇپ، ئەگەر كىشىلەر ئاشۇ 40 سائەتتىن كۆپرەك ئىشلەشكە مەجبۇرى بولىدىكەن، قانۇن بويىچە ئۇلارنىڭ ئارتۇق ئىشلىگەن ۋاقتىغا شەنبە كۈنى بولسا 1.5 ھەسسە مائاش، يەكشەنبە كۈنى بولسا 2 ھەسسە مائاش بېرىلىشى كېرەك. مەسىلەن، سىزنىڭ نورمال مائاشىڭىز سائىتىگە 30 دوللاردىن توغرا كەلگەن بولسا، ئارتۇق ئىشلىگەن ۋاقتىڭىز شەنبە كۈنىگە توغرا كەلسە، سىزگە سائىتىگە 45 دوللار بېرىلىشى كېرەك. ئەگەر ئارتۇق ئىشلىگەن ۋاقتىڭىز يەكشەنبە كۈنىگە توغرا كېلىدىكەن، سىزگە سائىتىگە 60 دوللاردىن مائاش بېرىلىشى كېرەك. مانا بۇ ئامېرىكىنىڭ بىر قانۇنى بولۇپ، مائاشلىق خىزمەتچىلەر «ئارتۇق ئىشلەشكە لاياقەتلىك خىزمەتچىلەر» (nonexempt) بىلەن «ئارتۇق ئىشلەشكە لاياقەتسىز خىزمەتچىلەر» (exempt) دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. «لاياقەتسىز» تۈرىگە كىرىدىغانلار ئارتۇق ئىشلىسە ھېلىقى ئارتۇق مائاش بېرىلمەيدۇ. پەقەت ئۆلچەملىك ۋە مۇقىم مائاشلا بېرىلىدۇ. مەن «لاياقەتسىز» تۈرىگە كىرىدىغان بولۇپ، تۆۋەندىكى 4-مەنبە [4] دە كۆرسىتىلىشىچە، دەرس ئۆتۈش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەكتەپ خادىملىرى ياكى ئوقۇتقۇچىلارمۇ «لاياقەتسىز» تۈرىگە كىرىدىكەن. يەنى، ئۇلار 40 سائەتتىن كۆپ ئىشلىسە، ئارتۇق قىسمىغا ئايرىم مائاش بېرىلمەيدىكەن.
ئەمما، ئامېرىكىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىر ھەپتىدە ئىشلەيدىغان ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 45.6 سائەت ئىكەن [1]. بۇنىڭ ئىچىدە مەكتەپ ئىچىدە ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتى 32.9 سائەت بولۇپ، نورمال ئوقۇش كۈنلىرىدىن باشقا كۈنلەردە مەكتەپ سىرتىدا ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتى 11.7 سائەت ئىكەن. مەكتەپ سىرتىدا سەرپ قىلغان بۇ ۋاقىتنى ئۇلار ترېنېرلىق قىلىش (coaching)، ئوقۇغۇچىلارنى دالا سەپىرىگە ئاپىرىش، دەرس تەكرارلاپ بېرىش، دەرسكە تەييارلىق قىلىش، قەغەز تەكشۈرۈش، ئاتا-ئانىلار بىلەن ئۇچرىشىش، ۋە ئوقۇتقۇچىلار يىغىنىغا قاتنىشىش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىدىكەن.
3. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى
ئامېرىكا ئەمگەك ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2012-يىللىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا [5-6]، ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق مائاشى 53400 دوللار بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى مائاشلىقلارنىڭ مائاشى 83160 دوللار، ئەڭ تۆۋەن مائاشلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى 35630 دوللار ئىكەن. ئامېرىكىدا نيۇ يورك ۋە كالىفورنىيە قاتارلىق شتاتلاردا مائاش ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى شتاتلاردا مائاش ئەڭ تۆۋەن بولىدۇ. ئامېرىكىدا ئالىي مەكتەپ باكالاۋرلىقىنى تاماملاپ، يېڭى خىزمەتكە ئورۇنلاشقان ياشلارنىڭ دەسلەپكى يىللىق مائاشى ئادەتتە 30000 دوللاردىن 45000 دوللارغىچە بولىدۇ.
مەن ئوقۇرمەنلەرگە بۇ مائاشنى ئەينەن جۇڭگو پۇلىغا ئايلاندۇرماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇنىڭ سەۋەبى، ئامېرىكا ئالدى بىلەن مائاشنى تولۇق بېرىپ، ئاندىن باج تۇتىدىغان دۆلەت. جۇڭگو بولسا تۇتىدىغان باجلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ بولۇپ، ئاندىن قالغىنىنى مائاش قىلىپ بېرىدۇ. ئامېرىكىدا ئاساسلىق باجلاردىن مۇنداق 5 تۈرلۈك باج بار: (1) دۆلەت كىرىم بېجى. (2) شتات كىرىم بېجى. (3) سودا بېجى (بۇ ھازىر كالىفورنىيەدە 9.25 پىرسەنت). (4) 65 ياشقا كىرگەندىن كېيىنكى كىرىم كېپىللىك بېجى. (4) 65 ياشقا كىرگەندىن كېيىنكى داۋالىنىش كېپىللىك بېجى. بۇ باجلار كىرىمنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدىغان بولۇپ، كىشىلەردىن ئەڭ تۆۋەن بولغاندا جەمئىي 15 پىرسەنت، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا جەمئىي 40 پىرسەنت ئەتراپىدا باج ئېلىنىدۇ. يەنى، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر باجنى ئاز تاپشۇرىدۇ. يۇقىرى كىرىملىك كىشىلەر بولسا باجنى كۆپ تاپشۇرىدۇ.
باشلانغۇچنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئەڭ بايلارنىڭ ئىچىگە كىرمىسىمۇ، ئوتتۇراھال كىرىملىك (middle class) سىنىپقا كىرىدۇ.
4. ئاخىرقى سۆز
مەن ئۆزۈمنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى ئالدىنقى يازمىلىرىمغا چۈشكەن ئىنكاسلاردىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا بىر قىسىم چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇم. بۇ جەھەتتە بەزى قېرىنداشلارنىڭ ماڭا يازغان ئايرىم خەتلىرىمۇ كۆپ ياردەم قىلدى. قېرىنداشلارنىڭ خەۋىرىدە بار بولغىنىدەك، مەن بۇرۇن يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل ھەققىدە خېلى كۆپ ئىزدەنگەن، ھەمدە خېلى كۆپ ماقالىلەرنىمۇ يازغان. مېنىڭ بۇ ساھەدە دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن بەزىلىرى بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتىم بار بولۇپ، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا ئۇلار بىلەن پىكىرمۇ ئالماشتۇرۇپ باققان. ئۇلاردىن ھازىرمۇ ھەر قانداق ۋاقىتتا مەسلىھەت ئېلىش ئىمكانىيىتىم بار. بۇ ساھەدىكى بەزى خەلقئارالىق يىغىنلارغىمۇ مەن ئۆز چىقىمىم بىلەن قاتنىشىپ باقتىم. ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى بويىچە قارىغاندا، ئۇيغۇر باشلانغۇچ مائارىپىنى بىر «پۈتۈنلەي بۇزۇلغان مائارىپ»، دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمدىكى گەپ بۇ توغرۇلۇق قانداق قىلىش مەسىلىسىدۇر. بەزى قېرىنداشلار ماڭا خەت يېزىپ، مەندىن مۇشۇ سوئالنى سوراۋاتىدۇ.
ئەگەر سىياسىي مەزمۇننى كىرگۈزمىسەك، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر باشلانغۇچ مائارىپىنىڭ مەقسىتىنى مۇنداق بىر قانچە نۇقتىلارغا يىغىش مۇمكىن:
--خەنزۇ تىلىدىن ساۋاتىنى چىقىرىش
--باشلانغۇچ سەۋىيىسىدىكى ھېساب ۋە باشقا كەسپىي دەرسلەرنى ئۆگىتىش
--بالىلارنى ئەخلاق، مىجەز، خۇلق ۋە كىشىلىك خاراكتېر جەھەتلەردە بىر نورمال ئىنسان سۈپىتىدە چوڭ قىلىش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى كەلگۈسىدە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئويلىيالايدىغان ۋە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش قىلالايدىغان، جەمئىيەتكە ياراملىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيىلەپ يېتىلدۈرۈش
ئەگەر يۇقىرىدىكى مەقسەتلەر توغرا بولسا، يەنى ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى مائارىپنىڭ مەقسىتىگە ئۇيغۇن بولسا، ئۇ ھالدا ئاشۇ مەقسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلى، ھازىر دۇنيادىكى تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۇسۇلى مۇنداق بولۇشى كېرەك:
--باشلانغۇچ 3-سىنىپنى تاماملىغۇچە، بالىلارغا خەنزۇ تىلى دەرسىنى بىر ئايرىم دەرس قىلىپ ئۆتۈش
--باشلانغۇچ 3-سىنىپنى تاماملىغۇچە ئۇيغۇر تىلىنىمۇ ھېچ بولمىغاندا خەنزۇ تىلى دەرسى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ئۆتۈش
--باشلانغۇچ 3-سىنىپنى تاماملىغۇچە، بارلىق كەسپىي دەرسلەرنى ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈش
--باشلانغۇچ 4-سىنىپتىن باشلاپ، خەنزۇ تىلى دەرسى بىلەن ئۇيغۇر تىلى دەرسىنى ئايرىم دەرس قىلىپ ئۆتۈشتىن سىرت، بىر قىسىم تەبىئىي-پەن كەسپىي دەرسلىرىنى خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە بىرلەشتۈرۈپ ئۆتۈش. ھەمدە ئۇ دەرسلەرنىڭ خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈلۈش نىسبىتىنى تەدرىجىي ھالدا ئاشۇرۇپ مېڭىش
بۇ ئۇسۇل ھازىرقى زامان ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. ھەمدە ئۇ يۇقىرىدىكى 3 مەقسەتنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.
ئەمدى ئىككىنچى گەپ، ھازىر يولغا قۇيۇلۇۋاتقان تۈزۈمنى ئۆزگەرتىپ، يۇقىرىقىدەك ئىلمىي ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىمكانىيىتى بولمىسا، قانداق قىلىش كېرەك؟
بۇ سوئالنىڭ ئەڭ تۈز جاۋابى يۇقىرىدىكى ياخشى ئۇسۇلنى ئۆيدە قوللىنىشتىن ئىبارەت. ئەمما، بۇنداق قىلغاندا بىز كەم دېگەندە يەنە تۆۋەندىكى 2 مەسىلىگە دۇچ كېلىمىز:
--ئۆيدە ئوقۇتۇش ۋاقتى نەدىن كېلىدۇ؟
--ئۆيدە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىلەن مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئوخشىماي قېلىش مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ دەرسلەر مەكتەپتە خەنزۇچە، ئۆيدە ئۇيغۇرچە ئۆتۈلىدىغان بولغاچقا، بۇ ئىككى يەردىكى دەرس ئۆگىتىش ئۇسۇلى ھەقىقەتەنمۇ ئوخشىماي قالىدۇ.
ئامېرىكىدىكى باشلانغۇچلاردا دەرس ئۆتۈش ۋاقتى 6 سائەتتىن ئاشمايدۇ. يەنى، بەزى مەكتەپلەر ئەتىگىنى سائەت 7 دە، بەزىلىرى 8 دە، ۋە بەزىلىرى 9 دا دەرس باشلاپ، چۈشتىن كېيىن سائەت 2 ياكى 3 تە چوقۇم دەرستىن چۈشىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىغا بېرىلگەن تاپشۇرۇقنىڭ مىقدارى بىر سائەتتىن ئاشمايدۇ. يەنى، باشلانغۇچنىڭ بالىلىرى بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولسىمۇ تاپشۇرۇق ئىشلەش ۋاقتىنىمۇ قوشۇپ ئاران 7 سائەت ئوقۇيدۇ. مەن ئىگىلىگەن ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ كۈنلۈك ئوقۇش ۋە تاپشۇرۇق ئىشلەش ۋاقتى 12 - 15 سائەت كېلىدىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا «ئۆيدە ئۆگىتىش» ئىشىنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك؟
بۇ سوئالغا مەندىمۇ جاۋاب يوق. مېنىڭچە بۇ ئىشقا ئۇيغۇر ئەمەل ئەھلىلىرى بىلەن ئۇيغۇر مائارىپچىلار ئۆزلىرى كۈچىشى كېرەك. يەنى، ئۇيغۇر باشلانغۇچ مائارىپىنىڭ دائىرىلەر كۆزلىگەن مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، ھازىرقىدەك قالاق ۋە ئۈنۈمسىز ئۇسۇل بىلەن تەرەققىي تاپقان ئەللەر قوللىنىۋاتقان ئىلمىي ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بار. ئەمەل ئەھلىلىرى بىلەن مائارىپچىلار ھاكىمىيەت ئۈستىدىكىلەرنى «نىشاننى سەن بەلگىلەپ بەر، ئۇنى ئۆزىمىز ئەمەلگە ئاشۇرايلى» دېگەن نەرسىگە كۆندۈرۈش يولىدا داۋاملىق تىرىشىشى كېرەك. ئامېرىكىدا مائارىپ توغرىسىدىكى دۆلەت قارارلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش جەريانلىرىنىڭ ھەممىسىگە مائارىپچىلار بىلەن ئاتا-ئانىلار چوقۇم قاتناشتۇرۇلىدۇ. مەن ھازىرچە بۇنىڭدىن باشقا ئامالنى ئويلاپ چىقالمىدىم.
بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] Time spent teaching core academic subjects in elementary schools
http://nces.ed.gov/pubs/97293.pdf
[2] Teaching primary
<http://www.education.gov.uk/get- ... ps/teaching-primary>
[3] Teachers and the Teaching Profession in the United States
<http://www2.ed.gov/pubs/USCaseStudy/chapter5a.html>
[4] Wage and Hour Division (WHD)
<http://www.dol.gov/whd/regs/compliance/whdfs46.htm>
[5] Elementary School Teacher Education Requirements
<http://education-portal.com/elem ... r_requirements.html>
[6] Elementary School Teacher: Salary
<http://money.usnews.com/careers/ ... hool-teacher/salary>
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ دەرسى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىكى «كەسىپ تاللاش» پائالىيىتى
- ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىكى «كەس
- ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ دەرسى
- كىتابقىلا دۈم چۈشكەن مائارىپ ھەقىقىي ما
- ئويۇن بالىلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى
- مائارىپقا خىيانەت − مىللەتك
- مائارىپنىڭ نىداسى ۋە «قۇشۇمچە پەن» ئوقۇ
- ئىش ھەققى ئۈچۈنلا ئىشلىمەڭ
- ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھە
- بىلىم تەقدىرنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىدۇ
- شوجاڭنىڭ ئۈيىدە ئەمەلىلەشكەن نومۇر قۇي
- كۆپىيۋاتقان شەكىل،ھەقدادىغا يىتەلمەيۋ
- ئەللىك كىتاپ
- زەھەرلىنىش، دورا ئىچكۈزۈش، تەن جازاسى ب
- ئادەتتىكىمائارىپتا مېيىپلە
- قوش تىل مائارىپى تەتقىقات جەمئىيىتى قۇر
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى قەيەردە؟
- ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىكى «كەسىپ تا
- ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ دەرسى ۋە ئو
- كىتابقىلا دۈم چۈشكەن مائارىپ ھەقىقىي مائارىپ
- ئويۇن بالىلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى
- مائارىپقا خىيانەت − مىللەتكە زال
- مائارىپنىڭ نىداسى ۋە «قۇشۇمچە پەن» ئوقۇتقۇچى
- ئىش ھەققى ئۈچۈنلا ئىشلىمەڭ
- ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسى تەت
- بىلىم تەقدىرنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىدۇ
- شوجاڭنىڭ ئۈيىدە ئەمەلىلەشكەن نومۇر قۇيۇش تۈز
- ئويۇن بالىلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى
- ئىش ھەققى ئۈچۈنلا ئىشلىمەڭ
- كۆپىيۋاتقان شەكىل،ھەقدادىغا يىتەلمەيۋاتقان
- ئەللىك كىتاپ
- زەھەرلىنىش، دورا ئىچكۈزۈش، تەن جازاسى بېرىش
- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى زامانىۋىلاش
- بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇمدۇق ياكى نومۇر ئېلىش ئ
- بالىلارنى دەرستىن بىزار قىلىۋاتقان زادى نېمە
- تىل تەربىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا پاي
- جۇڭگونىڭ مائارىپ مەسىلىسى ۋە مائارىپنىڭ جۇڭگ
- ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائارىپىن
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى-بوز
- كەلگۈسىنىڭ ئەندىشىسى: پارقىراق
- مەكتەپ مەدەنىيىتى مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى
- مىللى روھ، مائارىپ بايلىغى ،ئۇقۇت
- جۇڭگونىڭ مائارىپ مەسىلىسى ۋە مائارىپنىڭ جۇڭگ
- ھەقىقىي سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ھەقىقىي ھېكايىلىرى
- ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم پۇلى بىرىش س
- ساپا مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى ما
- ئوقۇتقۇچى ھىممىتى ۋەئۇنىڭ قىممىتى