زەھەرلىنىش، دورا ئىچكۈزۈش، تەن جازاسى بېرىش
ـ بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىمىز؟
يۈننەن ئۆلكىسىدىكى بىر يەسلىدە 32 بالا يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ، ئىككى بالا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى. شەنشى، جىلىن ۋە خۇبېيدا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ بالىلارغا قالايمىقان دورا ئىچكۈزۈش ۋەقەسى يۈز بەردى.
يېقىندا زەھەرلىك سۈت تالقىنى ۋەقەسى، مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ قاتناش ۋەقەسى، ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىش قاتارلىق ۋەقەلەر ئارقا – ئارقىدىن يۈز بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى ئاتا – ئانىلار ئەڭ ئەنسىرەيدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىمىز؟ كىم بالىلارنى بىخەتەر ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەر جامائەتچىلىك بەس – مۇنازىرە قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى.
شىئەننىڭ فېڭيۈن يەسلىسىدىكى قالايمىقان دورا ئىچكۈزۈلگەن بالىنىڭ ئانىسى جاڭ خانىم: يەسلى ئەسلىي بالىلارنى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان جاي بولۇشى كېرەك ئىدى، ئەپسۇسكى ئۇنداق بولمىدى، دېدى. موروكسىدىندىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇ بالىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغان.
37 ياشلىق ۋاڭ ئەپەندىمنىڭ بالىسى بۇ يىل 9 – ئايدا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىدۇ، ئۇنىڭ بالىسىمۇ شىئەن فېڭيۈن يەسلىسىدە ئوقۇيتتى.
ۋاڭ ئەپەندىم مۇنداق دېدى: يەسلىدە ئوقۇش ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، يەسلىدىكىلەر ھەر كۈنى تېلېفون بېرىپ بالامنى يەسلىگە ئاپىرىپ بېرىشىمنى سۈيلەۋاتىدۇ. بۇنچىۋالا ئىش يۈز بەرگەن تۇرسا، بالىنى قانداقمۇ ئۇلارغا خاتىرجەم تاپشۇرالايمەن؟
21 – ئەسىر مائارىپ تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شيۇڭ بىڭچى: مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى ھازىر ئاتا – ئانىلار ئەڭ ئەنسىرەيدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى، دېدى. يەسلىلەردە قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ بالىلارغا قالايمىقان دورا ئىچكۈزۈش ۋەقەسى پاش بولۇشتىن ئىلگىرىلا، جاي – جايلاردا بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى كەينى – كەينىدىن يۈز بەرگەن.
2011 – يىلى گەنسۇ ئۆلكىسى چىڭياڭ شەھەرلىك 1 – يەسلىنىڭ 64 كىشى سېلىنغان توققۇز كىشىلىك ئاپتوبۇسى يۈك ئاپتوموبىلىغا سۇقۇلۇپ، 21 كىشى قازا قىلدى، بۇنىڭ 19ى كىچىك بالا. بۇ ۋەقە جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى ئاشكارىلىدى، شۇنداقلا كۆپ قىسىم يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەرتىپكە سېلىشىغا تۈرتكە بولدى.
يېمەكلىك بىخەتەرلىكىمۇ ئاتا – ئانىلار قاتتىق تەشۋىشلىنىدىغان مۇھىم مەسىلىنىڭ بىرى.
2008 – يىلى، «سەنلۇ» قاتارلىق كۆپلىگەن سۈت مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدا مېلامىن بارلىقى ئاشكارىلاندى. بۇ خىل خىمىيەلىك ماتېرىيال سۈت مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇلۇپ، يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدار كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
سەنلۇ سۈت تالقىنى ۋەقەسىدىن كېيىن، جۇڭگو كۆپ خىل سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرماقچى بولدى. بىراق ئەنگلىيە، شياڭگاڭ قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ چېگرادىن كىرگەنلەر ئېلىپ كىرىدىغان سۈت تالقىنىنىڭ سانىنى چەكلىشىدىن، چەت ئەلگە چىقىرىلىدىغان سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ نامىنىڭ ئۇنچە ئاسان ئەسلىگە كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
شەنشى ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى يىڭ مۇنداق قارىدى: بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بىر قاتار قەبىھ ۋەقەلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئېلىمىزدە بالىلارنى قوغداش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بالىلارنىڭ بىخەتەر مۇھىت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتا، «باش ئاغرىسا باشنى، پۇت ئاغرىسا پۇتنى داۋالاش» چارىسىنىلا قوللانماي، نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، مەسئۇلىيەت مېخانىزمى بەرپا قىلىش ۋە قانۇن – تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق سىستېمىلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش كېرەك.
خۇشال بولۇشقا تېگىشلىكى، قىسمەن ساھەلەر بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىدە «ھەرىكەت»كە كەلدى.
مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىگە قارىتا، گوۋۇيۈەن 2012 – يىلى «مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى»نى ئېلان قىلدى. بۇ ئېلىمىزنىڭ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشتىكى تۇنجى مەخسۇس مەمۇرىي نىزامى بولۇپ، مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى قانۇن يولىغا كىرگۈزۈلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئالاقىدار زاتلار مۇنداق دېدى: بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى قانۇن ۋە ھۆكۈمەت نازارىتىگە تايىنىپلا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، ئەخلاق ئۆلچىمى بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«زەھەرلىنىش، دورا ئىچكۈزۈش، تەن جازاسى بېرىش»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- كۆپىيۋاتقان شەكىل،ھەقدادىغا يىتەلمەيۋ
- ئەللىك كىتاپ
- زەھەرلىنىش، دورا ئىچكۈزۈش، تەن جازاسى ب
- ئادەتتىكىمائارىپتا مېيىپلە
- قوش تىل مائارىپى تەتقىقات جەمئىيىتى قۇر
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى قەيەردە؟
- بالىلارغا ‹‹ قانۇنسىز دورا›› بېرىش قى
- مائارىپ چىرىكلىكى كەلگۈسىگە تەسىر يەتم
- مەجبۇرى مائارىپتىكى مەجبۇرلاشلار
- جۇڭگۇ مائارىپىدا بەشەرىي روھ كەمچىل
- مائارىپ ئىسلاھاتىدا ‹‹ئۈچتە يەنىمۇ ئا
- مائارىپ ئىشلىرىدا مۇقىم تەرەققىي قىلىش
- ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنى ۋاقىتلىق يۆتك
- 19 چوڭ شەھەردىن ئىمتىھاننى كەچۈرۈم قىلىش
- يېزىلاردا بالىلارنىڭ ئۇزۇقلۇق مەسىلىسى
- شاڭخەينىڭ ئىنگلىز تىلىنى ئالىي مەكتەپ ئ
- كۆپىيۋاتقان شەكىل،ھەقدادىغا يىتەلمەيۋاتقان
- ئەللىك كىتاپ
- زەھەرلىنىش، دورا ئىچكۈزۈش، تەن جازاسى بېرىش
- ئادەتتىكىمائارىپتا مېيىپلەرنىڭ
- قوش تىل مائارىپى تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇلدى
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى قەيەردە؟
- بالىلارغا ‹‹ قانۇنسىز دورا›› بېرىش قىلمىشى
- مائارىپ چىرىكلىكى كەلگۈسىگە تەسىر يەتمىسۇن
- مەجبۇرى مائارىپتىكى مەجبۇرلاشلار
- جۇڭگۇ مائارىپىدا بەشەرىي روھ كەمچىل
- كۆپىيۋاتقان شەكىل،ھەقدادىغا يىتەلمەيۋاتقان
- ئەللىك كىتاپ
- زەھەرلىنىش، دورا ئىچكۈزۈش، تەن جازاسى بېرىش
- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى زامانىۋىلاش
- بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇمدۇق ياكى نومۇر ئېلىش ئ
- بالىلارنى دەرستىن بىزار قىلىۋاتقان زادى نېمە
- تىل تەربىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا پاي
- جۇڭگونىڭ مائارىپ مەسىلىسى ۋە مائارىپنىڭ جۇڭگ
- ئوقۇتقۇچى ھىممىتى ۋەئۇنىڭ قىممىتى
- جۇڭگو قانداق مائارىپ تۈزۈلمىسىگە موھتاج ؟
- ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائارىپىن
- كەلگۈسىنىڭ ئەندىشىسى: پارقىراق
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى-بوز
- مەكتەپ مەدەنىيىتى مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى
- مىللى روھ، مائارىپ بايلىغى ،ئۇقۇت
- ھەقىقىي سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ھەقىقىي ھېكايىلىرى
- جۇڭگونىڭ مائارىپ مەسىلىسى ۋە مائارىپنىڭ جۇڭگ
- ئوقۇتقۇچى ھىممىتى ۋەئۇنىڭ قىممىتى
- تىلنىڭ ئۇپرىشى ۋە پۇرسىتى
- ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم پۇلى بىرىش س