ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

مائارىپ چىرىكلىكى كەلگۈسىگە تەسىر يەتمىسۇن

ۋاقىت : 2014-03-17 23:12 | مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

مائارىپ چىرىكلىكى كەلگۈسىگە تەسىر يەتمىسۇن

  ياڭ كەي

    جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خىيانەتچىلىك قىلدى، چىرىكلەشتى، سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش دېلوسىغا چېتىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مائارىپ ساھەسىدە چىرىكلىشىش دېلولىرى كۆپلەپ كۆرۈلمەكتە.

    ئېلىمىز پۇقرالىرى مائارىپقا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئائىلە شارائىتى ياخشى بولمىسىمۇ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇشنى مۇھىم بىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق شارائىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشىدۇ. ئىش تەقسىماتى كونكرېتلاشقان، رىقابەت كەسكىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئىمكان قەدەر مۇنتىزىم تەربىيەگە ئېرىشىش، شۇ ئارقىلىق ماھارەت ئىگىلەپ، بىلىمىنى كېڭەيتىشمۇ ياشلارنىڭ تىرىشىش نىشانى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، سانسىزلىغان ئاددىي پۇقرالار ئۈچۈن ئېيتقاندا، مائارىپ زىممىسىگە بىلىم ئېلىشلا ئەمەس، تەقدىرنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىمۇ يۈكلەنگەن.

    دۆلەتنى ئېلىپ ئېيتساق، ‹‹يىراق كېلەچەكنى كۆزلەشتە مائارىپنى ئاساس قىلىش كېرەك››. دۆلەت ۋە خەلققە ياراملىق كىشلەرنى يېتىشتۈرۈپ بېرىشتە، مەكتەپ بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بەكمۇ زور. ئوقۇتقۇچىلار بىلىمى، سۆز – ھەرىكىتى، پەزىلىتى ئارقىلىق باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كىشىلەردۇر.

    مائارىپ چىرىكلىكىنىڭ كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى قاينىتىشىدىكى سەۋەبمۇ دەل مۇشۇ يەردە. ئېلىمىزدە ۋۇ زېتيەن دەۋرىدىن باشلاپلا، ئىمتىھان قەغىزىدە ئوقۇغۇچىنىڭ نام – شەرىپىنى يەملىۋېتىپ ئاندىن قەغەز تەكشۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، بۇنىڭدىن مائارىپ ئادىللىقىنىڭ 1000يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، مائارىپ چىرىكلىكىدىن ئىبارەت بۇ ‹‹زەھەرلىك يىلان›› نىڭ نەشتىرىنى سانجىۋاتقىنى چۈشكۈنلەشكەنلەرنىڭ ۋىژدانى بولۇپلا قالماي، بەلكى زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ گۈزەل ئارزۇسى، شۇنىڭدەك جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى، ھەتتا دۆلەتنىڭ كەلگۈسى بولماقتا. ‹‹ توغاننى بۇزغان چۈمۈلىنىڭ ئۇۋىسى›› دېگەندەك، چىرىكلىك دېلولىرى ئاشكارىلىغان قاراڭغۇ ئۆڭكۈر ھوشيارلىقىمىزنى قوزغىماي تۇرالمايدۇ.

    ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئەسلىدە ئىختىساسلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك بايقاش ۋە تەربىيەلەش ئۈچۈن ئىدى، ۋاھالەنكى، بەزى ھوقۇق تۇتقان كىشىلەر نەزەرىدە بۇ ‹‹ئۆزى ئىگىدارلىق قىلىدىغان بوشلۇق››، ‹‹نەپ ئالىدىغان بوشلۇق›› بولۇپ قالغان. توردا تارقىلىپ يۈرگەن ‹‹ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئون چوڭ چىرىكلىك يوللىرى›› دېگەن ماقالىدىن كىشىلەر ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەت سودىسى مەنتىقىسىدە ھەر بىر قېتىملىق تۈزۈم يېڭىلاشنىڭ ‹‹سودا سۇپىسى›› نى يېڭىلاشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايقىۋالالايدۇ. ‹‹قوش نەپ يەتكۈزۈش›› كە بەدەل تۆلەيدىغىنى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلەردىن سىرت جامائەتنىڭ ئىشەنچىسى بولماقتا.

    بۇنداق چېكى يوق نەپ ئېلىش خاھىشىغا يول قويۇلۇۋەرسە، ئىشلار قانداق بولۇپ كېتەر؟ ئەگەر ئوقۇغۇچىلار نەزەرىدە ‹‹قولاي يول›› لا بولۇپ، ‹‹نورمال يول›› بولمىسا، مەكتەپلەر ‹‹ماددىي ئاساس›› قىلا بېرىلىپ، ‹‹ئوقۇتۇش ئاساسى›› غا كۆڭۈل بۆلمىسە، ئوقۇتقۇچىلار ‹‹ئازدۇرۇش›› لارغا بەرداشلىق بېرەلمىسە، مائارىپنىڭ ئەخلاقنى ئاساس قىلىپ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش تۈپ مەقسىتى كۆپۈككە ئايلىنىدۇ، ماددىي ۋە نام – مەنپەئەت قوغلىشىدىغان كىشىلەر بارغانچە كۆپىيىدۇ.

    مائارىپ ساھەسىگە سوزۇلغان قارا قولنى كېسىپ تاشلاشتا، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تۈزۈمى كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلۈش بىلەن بىللە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، پەۋقۇلئاددە زور چىرىكلىك دېلولىرىنى سادىر قىلغان ۋە ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدىكەن. بۇ ۋاقتىدا يولغا قويۇلغان تەدبىردۇر. بۇ مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ھەقىقى چىڭ تۇتماي، قۇرۇق تېرە تاراقشىتقاندا، ھەر قانداق ئىلغار ئىدىيەمۇ قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، ھەر قانداق ئىنچىكە تەرتىپمۇ شەكىل بولۇپ قالىدۇ.

    مائارىپ ساھەسىدە يالغۇز ‹‹ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قارا پەردىسى›› لا ئەمەس، ئاساسىي قۇرۇلۇش ئارقا سېپىدە چىرىكلىشىپ تۈرمىگە چۈشكەن مەكتەپ مۇدىرلىرىمۇ، ئىلىم چىرىكلىكى تۈپەيلىدىن نام – ئابرۇيى تۆكۈلگەن پىروفىسسورلارمۇ بار. ئۇلار قانۇن – بەلگىلەرنى بىلمەيدۇ ئەمەس، بەلكى قانۇن – بەلگىلىمىلەر قاتتىق ئىجرا قىلىنمىغان. بېشى ئاغرىمىغانلارنىڭ بېشى ئاغرىغاندا، جەمئىيەتنىڭ بېشى تېخىمۇ ئاغرىغاندا بەكمۇ كېچىككەن بولىمىز. ھوقۇقدارلار بۇ مەسىلىنى ئوبدانراق ئويلىنىشى كېرەك.

 

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ