مائارىپ ئىسلاھاتىدا ‹‹ئۈچتە يەنىمۇ ئازاد بولۇش›› كېرەك
ليۇ زىچېڭ
ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى بولغان مائارىپ ئىسلاھاتىدا ‹‹ئۈچتە يەنىمۇ ئازاد بولۇش››، تۈزۈلمە مېخانىزمىدىكى ئىللەتلەرنى قەتئىي تۈگىتىش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ‹‹قارارى››دا ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇش، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچتە يەنىمۇ ئازاد بولۇش›› ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مەقسىتى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، شەرتى ۋە يولى شەرھلەندى. ‹‹ئۈچتە يەنىمۇ ئازاد بولۇش››قا ماھىر بولۇش، تۈزۈلمە مېخانىزمىدىكى ئىللەتلەرنى قەتئىي تۈگىتىش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.
مائارىپ ئىدىيەسىدە يەنىمۇ ئازاد بولۇش كېرەك
ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ يول باشلىغۇچىسى، شۇنداقلا ئىسلاھاتنىڭ باش ئۈزچاتى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنىڭ دەرىجىسى مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى، كۈچەش نۇقتىسى ۋە كەڭلىكىنى بەلگىلەيدۇ. پەقەت تۈرلۈك قاتماللىقلىقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، كونا ئىدىيە – قاراشلارنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلغاندىلا، ئىدىيەدە ئۈزلۈكسىز ئازاد بولۇپ، مائارىپ نەزەرىيەسىدە، مائارىپ ئەمەلىيىتىدە ۋە مائارىپ تۈزۈمىدە يېڭىلىق ياراتقىلى بولىدۇ.
مائارىپ باشقۇرۇشتىن مائارىپنى ئىدارە قىلىشقا يۈزلىنىش كېرەك. ‹‹قارار››دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي نىشانى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. زامانىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىنتايىن ئېنىق: .1 ئىچكى ئامىللىرى ئىسلاھات، تەرەققىيات مۇقىملىقىغا، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى قاتارلىق تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ. .2 سۇبيېكتى كۆپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، بازار، پۇقرالار قاتارلىق كۆپ خىل كۈچ بۇنىڭغا قاتنىشىپ، ھەممە ئورتاق ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ، ئورتاق ئىدارە قىلىدۇ. .3 قانۇن ئىدارە قىلىش شەكلى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئاددىيلا بۇيرۇق چۈشۈرۈش شەكلى، مەمۇرىيلاشقان باشقۇرۇش ئەمەس. ھازىر دۆلىتىمىزدە ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپتىن 530 مىڭى بار،ئوقۇغۇچى 260 مىليون بولۇپ، ھەممە ئائىلىگە چېتىلىدۇ. بۇ دۆلەت، مىللەتكە مۇناسىۋەتلىك چوڭ سان. يۇقىرىدىن تۆۋەنگە باشقۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشقا يۈزلىنىش، مائارىپنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشتە ئالدى بىلەن مائارىپ قارىشىنى ئۆزگەرتىش كېرەك.
بازارنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى رولىنى يېڭىباشتىن تونۇش كېرەك. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، بازار بايلىق تەقسىملەيدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك شەكىلدۇر. ‹‹قارار››دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئويناتقۇزۇش، بازارنىڭ ئاساسلىق رولىنى ھەل قىلغۇچ رولغا كۆتۈرۈش نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. بۇ، بىر تەرەپتىن، مائارىپنىڭ قانداق قىلىپ بازار قانۇنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشى، بۇ ئارقىلىق بازار مېخانىزمىنى تېخىمۇ ياخشى ئورنىتىپ، مائارىپ بايلىقىنى تېخىمۇ ئىلمىي، مۇۋاپىق تەقسىملەپ، مائارىپنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، مائارىپ تەربىيەلەيدىغان ئىختىساسلىقلار، ئۇ ياراتقان پەن – تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ بازارنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشالايدىغانلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ. مائارىپ، بولۇپمۇ مەجبۇرىيەت مائارىپى ئومۇمىي خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان پاراۋانلىق ئىشى بولۇپ، ھۆكۈمەت بۇنىڭدا ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئېلىمىز ئۇزاققچە سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرىدىغان بولغاچقا، يالغۇز ھۆكۈمەتكە تايىنىپلا ئاممىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقان كۆپ مەنبەلىك مائارىپ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. شۇڭا، بىرىنچىدىن، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇش؛ ئىككىنچىدىن، جەمئىيەتنى قاتنىشىشقا يېتەكلەش كېرەك. بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتە ئوينايدىغان ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا بازار مائارىپ ساھەسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ، بازار ياكى بازار مېخانىزمىنىڭ مائارىپ ساھەسىدە قوللىنىلىشىنى قانداق تونۇش ۋە جارى قىلدۇرۇش كېرەك؟ بۇنىڭدا مائارىپ ئىدىيەسىنى يېڭىباشتىن ئازاد قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
پۇقرالار باشقۇرۇۋاتقان مائارىپنىڭ ئورنى ۋە رولىنى يەنىمۇ ياخشى تونۇش كېرەك. ‹‹قارار››دا: ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئۇلار ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئاساسى، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى بىلەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ باراۋەر ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، ئېلىمىز مائارىپىدىكى مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە قۇرۇلمىسى تەدرىجىي تەڭشىلىپ، پۇقرالار باشقۇرۇشىدىكى مائارىپ تېز تەرەققىي قىلدى. ئەمما، پۇقرالار باشقۇرۇشىدىكى مائارىپنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە كەمسىتىش مەسىلىسى ساقلاندى، پۇقرالار باشقۇرۇشىدىكى مائارىپنىڭ تېگىشلىك ئورنى ۋە رولى گەۋدىلەندۈرۈلمىدى. مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى قانداق قىلىپ يەنىمۇ ئىسلاھ قىلىش، پۇقرالار باشقۇرۇشىدىكى مائارىپنىڭ ئورنى ۋە رولىنى قانداق ئايدىڭلاشتۇرۇش، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان مائارىپ بىلەن تەمىنلەش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش بىر چوڭ تېما، بۇنىڭدىمۇ مائارىپ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ.
مائارىپ ئادىللىقىنى ئاساسىي قىممەت يۈزلىنىشى قىلىش كېرەك. ‹‹قارار››دا: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت – سائادەت كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. بۇ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، شۇنداقلا ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشتىكى دەۋر تەلىپى. مائارىپ خەلق تۇرمۇشىدىكى مۇھىم ئىش، مائارىپ ئادىللىقى ئىجتىمائىي ئادىللىقنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئادىللىقنى يۈرگۈزۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مائارىپ ئادىللىقى ئىشقا ئاشسا، ئاندىن نامراتلىققا باشلايدىغان كىشەن ئۈزۈپ تاشلىنىپ، ھەر بىر پۇقرانىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا ئاساس سالغىلى، جەمئىيەتنىڭ تىك يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بۇ مەۋقە ۋە مەقسىتىنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مائارىپ ئادىللىقىنى قانداق قىلىپ ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، ئادىللىق ئارقىلىق ئومۇمىي لايىھە ۋە پىلانغا يېتەكچىلىك قىلىپ، مائارىپ ساھەسىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىشتا يەنىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
مائارىپ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك
ئىدىيەنىڭ ھەقىقىي ئازاد بولغان – بولمىغانلىقى مائارىپ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئازاد قىلىنغان – قىلىنمىغانلىقى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان – قىلدۇرۇلمىغانلىقىدا ئىپادىلىنىشى كېرەك. مائارىپ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئازاد قىلىنغانلىقى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلىقىدا، خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلگەن – سۈرۈلمىگەنلىكى، ئىقتىسادىي – ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تەلىپىگە ماسلاشقان – ماسلاشمىغانلىقىغا قاراشنى تۈپ ئۆلچەم قىلىش كېرەك.
مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى ئىقتىدارىدۇر. ئەمگەك ماتېرىياللىرى، ئەمگەك ئوبيېكتى، ئەمگەكچىلەردىن ئىبارەت ئۈچ ئامىل ئىچىدە ئادەم ئەڭ مۇھىم، ئەڭ جانلىق ئامىلدۇر. زامانىۋى ئىختىساسشۇناسلىق، باشقۇرۇش ئىلمى نەزەرىيەسىدە باشقۇرۇشنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپلا قالماستىن، يەنە يېڭىلىق يارىتىشنىڭمۇ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئۇنىڭ ماھىيىتى يەنىلا ئادەمدىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي ئامىلدا. مائارىپنىڭ ماھىيىتى ئادەم تەربىيەلەش، تۈپ فۇنكسىيەسى ئادەمنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. ھازىرقى دەۋردە، ئوقۇغۇچىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىدىكى ئەڭ يادرولۇق كۆرسەتكۈچ ئوقۇغۇچىدا ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يېتىلدىمۇ – يوق، يېڭىلىق يارىتىش روھى يېتىلدىمۇ – يوق، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئىقتىدارى يېتىلدىمۇ – يوق، دېگەنلەردىن ئىبارەت. سەي يۇەنپېي ئەپەندى مۇنداق قارىغان: ھازىرقى زامان ئوقۇغۇچىلىرى ھېچبولمىغاندا مۇنداق ئۈچ شەرتنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك: ‹‹شىردەك جىسمانىي كۈچ، مايمۇندەك ئەقىل – پاراسەت، تۆگىدەك روھ››. بۇ ئوبرازلىق، جانلىق ئوخشىتىش ھازىرمۇ قوللىنىلىدۇ. بۇلار مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرىكىشىنى، ئەخلاقىي تەربىيەنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئاشۇرۇشنى، ئۆگىنىشنى، ئەمگەكنى، ۋەتەننى سۆيىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك شەكلى ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، روھىي ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇپ، گۈزەللىك قارىشى ۋە گۇمانىتارلىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.
مائارىپنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مائارىپ ئىجتىمائىي چوڭ سىستېمىنىڭ تەركىبىي قىسمى، مائارىپ خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلەنگەن – ئىشلەنمىگەنلىكى، مائارىپ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلغان – قىلدۇرۇلمىغانلىقىدىكى ئاچقۇچ ئۇنىڭ ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ماشلىشالىغان – ماسلىشالمىغانلىقىدا. مائارىپنىڭ ئىقتىسادىي – ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تەلىپى بىلەن جىپسىلىشىشى ۋە ماس كېلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم بىرىكىش نۇقتىسى ئىشقا ئورۇنلىشىشتا. ھازىر ئېلىمىزدە ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولماقتا، بۇ ھەم قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەت مەسىلىسى، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىنىڭ ساپا، ئىقتىدارى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىدۇر. بۇنىڭدا بىرىنچىدىن، ئىقتىسادىي – ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن، مائارىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مائارىپنى، رايون ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى، پەن – كەسىپلەر ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، تەربىيەلەش، ئېھتىياج، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئۆزئارا بىرىكىشىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئىختىساسلىقلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى، كەسىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجتىمائىي تىپىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تەلەپلەرگە ئاساسەن، مائارىپنىڭ مەزمۇنى، شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى تەڭشەپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىقتىسادىي – ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى مۇۋاپىق ئىختىساسلىقلار بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
مائارىپنىڭ جانلىقلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىجتىمائىي تۇرمۇش رەڭگارەڭ بولىدۇ، ئادەم بىلەن ئادەم ئارىسىدىكى پەرق زور بولىدۇ، مائارىپقا بولغان ئېھتىياجمۇ ھەر خىل بولىدۇ. مائارىپ ئىسلاھاتى مائارىپ سىستېمىسىنىڭ جانلىقلىقى، كۆپ خىللىقىنى ئاشۇرۇش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققى قىلىشى كېرەك. بىرىنچى، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مائارىپ ئالاقىسى ۋە ھەر خىل ئۆگىنىش شەكلى جىپسىلاشقان ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىپ، ھەممە كىشىنى ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئوقۇيالايدىغان قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، ئوقۇيدىغانلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان مائارىپ مۇلازىمىتى بولۇش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكى، قىزىقىش، ھەۋىسىگە ئاساسەن، مۇۋاپىق كېلىدىغان مائارىپ مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ئۆسۈپ – يېتىلىش جەريانىدا، ئۆز ئىقتىدارى، يوشۇرۇن قابىلىيىتى ۋە قىزىقىشىنى يېڭىباشتىن تونۇپ ۋە بايقاپ، مەكتەپنى، كەسىپنى يېڭىباشتىن تاللاش ئىستىكى تۇغۇلىدۇ، شۇڭا بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا جانلىق، مەكتەپ، كەسىپ يۆتكەشكە قولاي بولغان يول ۋە مېخانىزم ئورنىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، مائارىپ مۇلازىمىتىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. مائارىپنىڭ ئۆز – ئۆزىنى يېڭىلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىيات، ئۈزلۈكسىز ئۆزگۈرۈپ تۇرۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ تەلىپى ۋە جەمئىيەت تەلىپىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، مائارىپ تۈزۈلمىسىدە ۋاقتىدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.
مائارىپنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك
بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى كارخانىدا، مائارىپنىڭ ھاياتىي كۈچى مەكتەپتە. مەكتەپنى قانداق باشقۇرۇش مەكتەپ مۇدىرلىرىغا ئەڭ ئېنىق؛ ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش ئوقۇتقۇچىلارغا ئەڭ ئېنىق. پەقەت يەرلىك، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغىغاندىلا، مائارىپنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تەڭ قوزغىتىپ، مائارىپ ئىدىيەسىنى ئازاد قىلىشنىڭ نەتىجىسىنى مائارىپ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ بەخت – سائادەت كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
30 نەچچە يىللىق مائارىپ ئىسلاھاتى مەكتەپ باشقۇرۇش ئىگىلىك ھوقۇقىنى كېڭەيتىشنىڭ مەكتەپنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. ھازىر سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ‹‹بازار بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان›› يېڭى باسقۇچقا كىردى. مانا بۇ مەكتەپلەردىن جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا مەكتەپ باشقۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ‹‹قارار››دىكى ئېنىق ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇنداقلا مەكتەپلەرنىڭ كۈچلۈك ساداسى بولۇپ كەلدى. ھۆكۈمەتنىڭ مەكتەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تېخى پۈتۈنلەي راۋان بولماي، ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىدىن ھالقىپ كېتىش، ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمەسلىكىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش مەسىلىسىگە قارىتا، ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى پائال ئۆزگەرتىپ، ماكرولۇق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مەكتەپكە تاپشۇرۇپ بېرىشكە تېگىشلىكلىرىنى قەتئىي تاپشۇرۇپ بېرىش، باشقۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى قەتئىي باشقۇرۇش كېرەك. قىسقىسى، مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش فۇنكسىيەسى ۋە شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە، مەكتەپلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا مەكتەپ باشقۇرۇشىغا، مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاشقا ئۆزگەرتىپ، زامانىۋى مەكتەپ تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك.
(تەھرىر : سەپەر)
« مائارىپ ئىسلاھاتىدا ‹‹ئۈچتە يەنىمۇ ئازاد بولۇش›› كېرەك»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: جۇڭگۇ مائارىپىدا بەشەرىي روھ كەمچىل
- جۇڭگۇ مائارىپىدا بەشەرىي روھ كەمچىل
- مائارىپ ئىسلاھاتىدا ‹‹ئۈچتە يەنىمۇ ئا
- مائارىپ ئىشلىرىدا مۇقىم تەرەققىي قىلىش
- ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنى ۋاقىتلىق يۆتك
- 19 چوڭ شەھەردىن ئىمتىھاننى كەچۈرۈم قىلىش
- يېزىلاردا بالىلارنىڭ ئۇزۇقلۇق مەسىلىسى
- شاڭخەينىڭ ئىنگلىز تىلىنى ئالىي مەكتەپ ئ
- ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم پۇلى ب
- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى زامانى
- مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىشكە 39 مىليارد 900 مى
- ئىمتىھان سوئاللىرى تەرجىمىچىلىكىگە «غە
- ئىككىنچى تىل ئوقۇتۇشىدىكى مەدەنىيەت ئا
- مەكتەپلەردە ‹‹تاماكا چېكىشنى چەكلەش ب
- ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوغد
- ھەر 4 جۇڭگولۇقنىڭ بىرى ئوقۇشتىن چېكىنىد
- شاڭخەيدە 20بالىلار باغچىسى دەرس ئارىلىق
- جۇڭگۇ مائارىپىدا بەشەرىي روھ كەمچىل
- مائارىپ ئىسلاھاتىدا ‹‹ئۈچتە يەنىمۇ ئازاد ب
- مائارىپ ئىشلىرىدا مۇقىم تەرەققىي قىلىش يېڭى
- ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلارنى ۋاقىتلىق يۆتكەش قا
- 19 چوڭ شەھەردىن ئىمتىھاننى كەچۈرۈم قىلىش خىزم
- يېزىلاردا بالىلارنىڭ ئۇزۇقلۇق مەسىلىسى بىر ق
- شاڭخەينىڭ ئىنگلىز تىلىنى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھ
- ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم پۇلى بىرىش س
- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى زامانىۋىلاش
- مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىشكە 39 مىليارد 900 مىليون ي
- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى زامانىۋىلاش
- بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇمدۇق ياكى نومۇر ئېلىش ئ
- بالىلارنى دەرستىن بىزار قىلىۋاتقان زادى نېمە
- تىل تەربىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا پاي
- جۇڭگونىڭ مائارىپ مەسىلىسى ۋە مائارىپنىڭ جۇڭگ
- ئوقۇتقۇچى ھىممىتى ۋەئۇنىڭ قىممىتى
- جۇڭگو قانداق مائارىپ تۈزۈلمىسىگە موھتاج ؟
- مائارىپ مىنستىرىنىڭ ھەسىرىتى نېمىنى چۈشەندۈ
- ئوقۇتقۇچىلارغا بىر تىيىنمۇ مائاش تارقاتماسل
- ئوقۇتقۇچى ئەڭ پەس كەسىپ
- ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائارىپىن
- كەلگۈسىنىڭ ئەندىشىسى: پارقىراق
- دىپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى-بوز
- مىللى روھ، مائارىپ بايلىغى ،ئۇقۇت
- ھەقىقىي سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ھەقىقىي ھېكايىلىرى
- جۇڭگونىڭ مائارىپ مەسىلىسى ۋە مائارىپنىڭ جۇڭگ
- ئوقۇتقۇچى ھىممىتى ۋەئۇنىڭ قىممىتى
- ساپا مائارىپى ۋە ئۇيغۇرلاردىكى ما
- مەكتەپ مەدەنىيىتى مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى
- تىلنىڭ ئۇپرىشى ۋە پۇرسىتى