ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىكى «كەسىپ تاللاش» پائالىيىتى

ۋاقىت : 2014-06-14 14:19 | مەنبەسى : ئىزدىنىش مۇنبىرى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

 ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىكى «كەسىپ تاللاش» پائالىيىتى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 16-ماي


مەن ھەر قېتىم ئامېرىكىنىڭ بالىلار مائارىپىدىكى بىزگە يېڭىلىق بولۇپ تۇيۇلىدىغان ئىشلاردىن بىرەرنى كۆرسەم، ئۇنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلارغا دەپ بېرىشكە ئالدىراپ كېتىمەن. مەن ئاشۇنداق ئىشتىن بىرىنى 2014-يىلى 9-ماي كۈنى كۆردۈم. ئەمەلىيەتتە يالغۇز ئۇنى «كۆردۈم» لا ئەمەس، مەن بىر كۈنلۈك خىزمەتتىن سوراپ، ئۇنىڭغا بېرىپ قاتنىشىپ، ئۇنىڭدا بىر كىشىلىك «كەسىپ ئەھلى» سۈپىتىدە سۆزلەپ بېرىش رولىنى ئوينىدىم. مەزكۇر يازمىدا مەن ئاشۇ پائالىيەتنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.


1. باشلانغۇچنىڭ «كەسىپ تاللاش كۈنى» پائالىيىتى

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئىسمى «كەسىپ تاللاش كۈنى» (Career Day) پائالىيىتى بولۇپ، ئۇ پائالىيەت كالىفورنىيە شتاتى لوس ئانژېلىس شەھىرىگە 50 كىلومېتىردەك كېلىدىغان «Santa Clarita» شەھىرىدىكى «Emblem Academy» دەپ ئاتىلىدىغان بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئېلىپ بېرىلدى. مېنىڭ بىر تونۇشۇمنىڭ بالىسى ئاشۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولۇپ، مەن ئاشۇ تونۇشۇمنىڭ تەكلىپى بىلەن مەزكۇر مەكتەپكە بېرىپ، 3 سىنىپ بالىلىرىغا ئايرىم-ئايرىم 20 مىنۇتتىن سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردىم.

مەن تاپشۇرۇپ ئالغان «تەكلىپنامە» خېتىگە مۇنداق دەپ يېزىلغان:

«بىز ئۆز كەسپىگە ئائىت ئىشلارنى بىزنىڭ ئوقۇغۇچىمىزغا سۆزلەپ بېرىشنى خالايدىغان ئاتا-ئانىلار ياكى ئۇلارنىڭ دوستلىرىنى ئىستەيمىز. بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئوخشىمىغان كەسىپلەر توغرىسىدىكى يېڭى ئۇچۇرلارغا داۋاملىق قىزىقىدىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىملەرنى كەلگۈسىدىكى كەسىپ پۇرسەتلىرى بىلەن باغلاشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىدۇر. ئەگەر سىز ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ئۆز كەسپىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.»

سىنىپلارغا كىرىپ سۆزلەپ بېرىدىغان كەسىپ ئەھلىلىرىدىن ھەر بىر سىنىپقا كىرگەندە تۆۋەندىكى نۇقتىلار بويىچە سۆزلەپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان:

1. ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇڭ، ۋە ئۆزىڭىزنىڭ پەرزەنتى ياكى تونۇشىڭىزنىڭ پەرزەنتىنىڭ ئىسمىنى دەپ بېرىڭ.

2. سىز قانداق قىلىپ ھازىرقى كەسپىڭىزگە قىزىقىپ قالغانلىقىڭىزنى، ھەمدە مەكتەپلەردىكى قايسى كەسىپلەر سىزنىڭ مۇشۇ كەسىپكە كىرىشىڭىزگە شارائىت ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇڭ. ئۆزىڭىزنىڭ كۈنلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىڭىز، ئۇنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى، ۋە ئاشۇ ۋەزىپىلەر ئىچىدىكى سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى سۆزلەپ بېرىڭ.

3. بىزنىڭ مەكتەپ تۆۋەندىكى ساھەلەرنى ئۆزىنىڭ مائارىپ مەركىزى قىلىدۇ: كەسپىي ئەخلاق (ethics)، تەبىئىي-پەن، تېخنولوگىيە، ئىنژېنېرلىق، كارخانىچىلىق، ۋە ماتېماتىكا. ئوقۇغۇچىلارغا سىزنىڭ كەسپىڭىز بىلەن يۇقىرىدىكى بىز مەركەز قىلغان ساھەلەر ئوتتۇرىسىدا قانداق باغلىنىش بارلىقىنى سۆزلەپ بېرىڭ.

4. سۆزلىگەندە چوقۇم سىزنىڭ سۆزىڭىزنى ئاڭلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپ دەرىجىسىگە ئېتىبار بېرىڭ.

مەن ھازىرغىچە بىر قانچە سورۇنلاردا (مەسىلەن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ يىغىنىدا) ۋە ئۆزۈمنىڭ ماقالىلىرىدە بىر دۆلەت ياكى بىر مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىدا تەبىئىي-پەن، تېخنولوگىيە، ئىنژېنېرلىق ۋە ماتېماتىكا قاتارلىق 4 نەرسىنىڭ ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى بىر قانچە قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. مەن بۇ قېتىم ئامېرىكىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئۆزى ئۈچۈن يادرو، دەپ قارايدىغان 6 نەرسىنىڭ ئىچىدىكى 4 نەرسە مەن بۇرۇن تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقان ئاشۇ 4 نەرسە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بەكمۇ تەسىرلەندىم، ھەمدە بىر ئاز ھەيران قالدىم. ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ قانچە پىرسەنتى مۇشۇ ئىشلارنى چۈشىنىدىغاندۇ؟ مەن بۇ يەردە ھەرگىزمۇ گۇناھنى ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ قويۇۋاتمايمەن - مەن ھازىرقىدەك ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئۆز كونتروللۇقىمىز ئاستىدا ئەمەس ئامىللارنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن. مەن بۇ يەردە پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئامېرىكىلىقلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا بۇ جەھەتتە جىق ئارقىدا قالغانلىق ئەھۋالىغا ئۆكۈنۈۋاتىمەن.

مەندىن ھازىرغىچە ئېلخەت ئارقىلىق سوئال سورىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدە، كەسىپ تاللاش ئىشىدا مەسلىھەت سورىغانلار ئەڭ كۆپ. تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىش، ئالىي مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش، ۋە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە كەسىپنى قانداق تاللاشنى بىلەلمەي، مەندىن مەسلىھەت سورىغانلار بار. مەن ئاشۇنداق ياشلارغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن بىر قىسىم ماقالىلەرنىمۇ يازدىم. ئۇيغۇر ياشلىرىدا كەسىپ تاللاش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنىڭ سەۋەبى، ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئاساسەن ھېچ قانداق كەسىپ تاللاش تەربىيىسى يوق. ئۇيغۇر دىيارىدىكى مائارىپچىلار «مۇشۇ جەھەتتە قىلغىلى بولىدىغان ئىشلار بارمۇ؟»، دېگەن سوئال ئۈستىدە بىر ئاز ئىزدىنىپ باققان بولسا.

مەن نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا توردا مۇنداق بىر خەۋەرنى كۆردۈم: جەنۇبتىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئانا تىل پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپتىكەن، ئۇ پائالىيەتكە بىر داڭلىق ئۇيغۇر شائىر كېلىپ سۆزلەپ بېرىپتۇ. مەن ئۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ئەمدى ئۇيغۇر دىيارىدىكىلەر بۇنداق پائالىيەتنى تەبىئىي-پەن، تېخنولوگىيە، ئىنژېنېرلىق، كارخانىچىلىق، ۋە ماتېماتىكا قاتارلىق باشقا ساھەلەرگىمۇ كېڭەيتىشنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ.


2. بالىلارنىڭ كەسىپ تاللىشىغا پايدىلىق باشقا پائالىيەتلەر

يۇقىرىدىكى «كەسىپ تاللاش كۈنى» پائالىيىتىدىن باشقا، ئامېرىكىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپ تاللىشىغا ياردەم بېرىدىغان يەنە تۆۋەندىكىدەك پائالىيەتلىرى بار:

(1) دالا سەپىرى (Field trip). ئوقۇغۇچىلار بىر كۈنلۈك دەرسنى تاشلاپ، مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا بىرەر داڭلىق جاينى، مەسىلەن، بىرەر داڭلىق شىركەتنى، ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ. بۇ پائالىيەتنى ئاساسەن باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئېلىپ بارىدۇ. بولۇپمۇ باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرى ئۈچۈن بۇنداق پائالىيەت ئاساسەن ھەر يىلى دېگۈدەك بار. مۇشۇنداق پائالىيەتلەر بىلەن بىزنىڭ ئىدارىگە كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن كۆپ. بىزنىڭ ئىدارىنىڭ ئىچىدە بەزىدە توپ-توپ يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلارنى كۆرىمەن.

(2) ئىلىم-پەن مۇسابىقىسى (Science Fair). مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يىلدا بىر قېتىم تەبىئىي-پەن، تېخنولوگىيە ۋە ئىنژېنېرلىق ساھەلىرى بويىچە بىرەر تەتقىقات تۈرلىرىنى ئىشلەپ، بىر كۈنى ئۇنى ئۆز مەكتىپىدە كۆرگەزمە قىلىدۇ. بۇ ئاساسەن بىر مەكتەپ تاپشۇرۇقى تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. مېنىڭ ئوغلۇم باشلانغۇچتا بىر قېتىم بىر تال باتارېيە بىلەن ئايلىنىدىغان ئېلېكترونلۇق ماتور ياسىغان. مېنىڭ بالىلىرىمنىڭ ھەر ئىككىلىسى باشلانغۇچ مەكتەپتىلا ئىلمىي تەجرىبىلەرنى قانداق ئىشلەشنى ئۆگىنىپ بولغان.

(3) ئوچۇق ئۆي (Open House) پائالىيىتى. بىزنىڭ ئىدارە ھەر يىلى ئىككى كۈن «ئوچۇق ئۆي» پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ 2 كۈن ئىچىدە بىزنىڭ ئىدارە سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىلىدىغان بولۇپ، ھەر قانداق ئادەم بىزنىڭ ئىدارىگە كىرىپ، ئادەتتىكى زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن يەرلەرنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ كۆرەلەيدۇ. بۇ كۈنلىرى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان مەخسۇس پائالىيەتلەر بار. مەسىلەن، 6 چاقلىق مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسىنىڭ بىر قىسمى بار بولۇپ، ئۇنى ئۆسمۈرلەر ئۆزلىرى ماڭدۇرۇپ كۆرۈپ باقىدۇ. بەزىدە بىر توپ بالىلارنى يەرگە قاتار تىزىپ ياتقۇزۇپ قويۇپ، ئۇ ماشىنىنى ئۇلارنىڭ دۈمبىسىنىڭ ئۈستىدە ماڭدۇرىدۇ.

(4) ئالىي مەكتەپكە يېڭى كىرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن «كەسىپ تاللاش» پائالىيىتى. بەزى ئالىي مەكتەپلەر يىلدا بىر كۈننى تاللاپ، ھەر خىل شىركەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى مەكتەپكە تەكلىپ قىلىپ كېلىپ، ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز شىركەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن قانداق كەسىپنىڭ ئادەملىرى لازىملىقى، بىلىم، ماھارەت ۋە كىشىلىك سۈپەت جەھەتتىن ئۆزلىرى ئۈچۈن نېمە ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى سۆزلەتكۈزىدۇ.

(5) ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خىزمەت تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى (Job Fair). يىلدا بىر قېتىم شىركەتلىرىدە بوش خىزمەت ئورنى بار شىركەتلەر ئالىي مەكتەپلەرگە كېلىپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز شىركىتىگە قوبۇل قىلىدۇ.


3. جەمئىيەتنىڭ بالىلارنىڭ كەسىپ تاللىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى

مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان پائالىيەتلەرنىڭ ئىچىدىكى ھەر قاندىقىغا بارسىڭىز، خۇددى بىر بايرام تەنتەنىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز. يەنى، ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن جەمئىيىتى بۇنداق ئىشلارغا ناھايىتىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. مەن بۇ قېتىم ھېلىقى باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىشتىن بۇرۇن، ئىدارەمنىڭ «مائارىپ ئىشخانىسى» غا كىرىپ، ئۆزۈمنىڭ ئاشۇنداق بىر پائالىيەتكە قاتنىشىدىغانلىقىمنى، ئەگەر ئىدارىدىن تەييارلاپ قويغان ماتېرىياللار بولسا، مەن شۇلاردىن ئازراق ئاشۇ 3 سىنىپقا ئېلىپ بارغۇم بارلىقىنى ئېيتتىم. ئۇ ئىشخانىدا ئىشلەيدىغان بىر خانىم ماڭا ئىنتايىن قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، كائىناتقا ئائىت يېڭى بايقاشلار رەسىملىك چۈشەندۈرۈلگەن چوڭ قەغەزلىك رەسىم قاتارلىق خېلى كۆپ ماتېرىياللاردىن 3 نۇسخا تەييارلاپ، «NASA» دېگەن خېتى بار بىر پلاستىك سومكىغا سېلىپ بەردى. ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ مەكتەپلەر ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقى، ۋە مەكتەپلەر ئۆزلىرى بىلەن قانداق ئالاقىلەشسە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ماڭا ناھايىتى ئەستايىدىل چۈشەنچە بەردى.

قىسقىسى، پۈتۈن ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ دىققىتى بالىلاردا.


4. مەن بارغان مەكتەپتە كۆرگەنلىرىم

يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمدەك، مەن بۇ قېتىم جەمى 3 سىنىپقا كىرىپ سۆزلەپ بەردىم.  ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 2 سىنىپ 3-يىللىق بولۇپ، يەنە بىرى بولسا 5- ۋە 6-يىللىقلار بىرلەشتۈرۈلگەن سىنىپ ئىكەن.  مەن دەسلىۋىدە ئۆزەمنىڭ كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ بىر نەرسە ياساشقا ئالاھىدە قىزىققانلىقىمنى سۆزلەپ، شۇنىڭغا ئائىت مۇنداق ئىككى ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردىم.  ئۇنىڭ بىرى، مەن باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، ئۆزەمدىن ئىككى ياش چوڭلۇقتىكى ئاكام بىلەن بىللە، چىنە قاچىنىڭ ئۈستەلگە تېگىپ تۇرىدىغان يۇمىلاق قىسمىنى چېقىپ ئاجرىتىپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا مىق بىلەن بىر يوغان تۆشۈك تېشىپ، شۇنى چاق قىلىپ ئىشلىتىپ، بىر كىچىك 4-چاقلىق كىچىك ھارۋا ياسىقانلىقىمىز، ھەمدە مەن چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ئاشۇ كىچىك ھارۋىغا ئۆزەمدىن 3 ياش كىچىك ئۇكامنى سېلىپ، بىر زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان ئاپامنىڭ يېنىغا كۆپ قېتىم ئاپارغانلىقىمنىڭ ھېكايىسى.  يەنە بىرى بولسا مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا (بۇ ۋەقەلەر 1960-يىللىرى بولغان) ئاكام بىلەن بىرلىشىپ، بىر پلاستىك سوپۇن قۇتىسىنىڭ ئىچىگە پەقەت بىرلا باتېرىيە بىلەن ئىشلەيدىغان، پەقەت قۇلاققا تىقىپ قويىدىغان تىڭشىغۇچ بىلەنلا ئاڭلىغىلى بولىدىغان بىر كىچىك رادىئو ياسىغانلىقىمىزنىڭ ھېكايىسى (ئۇ چاغدا رادىئولار ئىنتايىن قىس بولۇپ، پەقەت ئالاھىدە باي كىشىلەرنىڭ ئۆيىدىلا رادىئو بار ئىدى).  مېنىڭ ئېلېكتىرغا بولغان قىزىقىشىم ئەنە شۇ چاغدا باشلانغان بولۇپ، شۇ يەردىن تەرەققىي قىلىپ، ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمغا كېلىپ قالغانلىقىمنى سۆزلەپ بەردىم.  ئاندىن ئۆزەم ھازىر شۇغۇللىنىۋاتقان، تاشقىي پىلانېتىلارنى تاپىدىغان ئالەم تېلېسكوپىنىڭ ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەردىم.  ئۆزەم تەييارلىغان، ئىدارەمنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزگەن بىر PowerPoint ئىلمىي دوكلات ھۆججىتى بار بولۇپ، مەن ئوقۇغۇچىلارغا شۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچە بەتنى ئېكراندا كۆرسىتىپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەردىم.  ئوقۇغۇچىلار سۆزۈمگە ناھايىتى قىزىقتى، ھەمدە قاتتىق ھەيرانلىق ۋە ھاياجانلىقنى نامايان قىلىشتى.  (مەن بۇ دوكلاتنى چەت ئەلدىكى بىر قانچە ئەللەردە سۆزلىگەن بولۇپ، 2009-يىلى يۇرتقا بارغاندىمۇ ئۇنى ئالغاچ بارغان ئىدىم.  ئەمما مېنىڭ ئىلمىي دوكلات بېرىشىمگە ئىمكان بولماي قالدى.)  

مەن بۇ قېتىم ئۆزۈم بارغان باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەندىكى ئىشلىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدىم:

1. ھەممە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىردىن دۈمبىسىدە كۆتۈرىدىغان سومكىسى بار بولۇپ، ئاخشىمى ئۇنىڭغا كىتاب-ماتېرىياللىرىنى سېلىپ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىدىكەن. ئەتىگىنى ئۇنى مەكتەپكە كۆتۈرۈپ كېلىپ، سىنىپىنىڭ ئالدىدىكى مەخسۇس تەييارلانغان يەرگە قاتارى تىزىپ ئېسىپ قويىدىكەن. سىنىپقا پەقەت شۇ قېتىملىق دەرسكە لازىمەتلىك ماتېرىياللارنىلا ئەكىرىدىكەن.

2. ھەر بىر ئوقۇتقۇچىدا بىردىن ئەڭ يېڭى تىپتىكى، يەنى، ئېكرانىنى بارماق بىلەن سىلاش ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان دەپتەر كومپيۇتېر بار ئىكەن. ئۇ كومپيۇتېردىكى مەزمۇنلارنى پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسەتكىلى بولىدىغان بىر چوڭ ئېكرانمۇ بار بولۇپ، ئۇ ئېكران دوسكا بولۇش رولىنىمۇ ئوينايدىكەن.

3. بۇ قېتىم كەلگەن كەسىپ ئەھلىلىرى ئالدى بىلەن بىر «كۆپ مەقسەتلىك زال» (Multi-Purpose Room, MPR) غا يىغىلغان بولۇپ، بۇ زالنىڭ ئىچىدە ھەر بىر سىنىپ ئۈچۈن بەلگىلەپ بېرىلگەن ئايرىم-ئايرىم پائالىيەت رايونى بار ئىكەن. ئۇنىڭ تاملىرىغا ئۈستىگە خەت يېزىلغان ئالەم كېمىسىنىڭ رەسىملىرى چاپلانغان بولۇپ، ئۇ رەسىملەرنىڭ ئارىلىقلىرى بىر قانچە مېتىر كېلىدىكەن. ئۇ رەسىملەرنىڭ ئۈستىگە تۆۋەندىكى خەتلەر بېسىلىپتۇ:

--ئادىللىق (Fairness)
--مەسئۇلىيەتچانلىق (Responsibility)
--ھۆرمەت (Respect)
--باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش (Caring)
--گراجدانلىق (Citizenship)
--ئىشەنچلىك بولۇش (Trustworthiness)

4. ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى ئاكتىپ ۋە ئەقىللىق بولۇپ، مەندىن سوئال سورايدىغانلاردىن ھەر بىر ۋاقىتتا كەم دېگەندە 3 ئوقۇغۇچى چىقىپ تۇردى. بەزىلەر خېلى چوڭقۇر سوئاللارنى سورىدى.

5. مەن كىرگەن 3 سىنىپنىڭ ھەر بىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 25 كىشىدىن ئاشمايدىكەن. مەن ئامېرىكىدا «ھەر بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار سانىنى ئازايتىش» دېگەن شوئارنى ئاڭلىغىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى. ئەمما بىر سىنىپتا ئەڭ كۆپ بولغاندا ئاران 25 ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىغانلىقىنى بۇ قېتىم تۇنجى قېتىم كۆرۈپتىمەن. سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار سانى ئاز دېگەنلىك، ئوقۇتقۇچى ئۇلاردىن ياخشى خەۋەر ئالىدۇ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ۋاقتىنى ۋە زېھنىنى كۆپرەك ئاجرىتالايدۇ، دېگەندىن دېرەك بېرىدىغان بولغاچقا، ھەر بىر سىنىپتا قانچە ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىغانلىقى مائارىپ سۈپىتىنىڭ بىر كۆرسەتكۈچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

دىن توغرىسىدىكى يازمىنى مەن ھازىرمۇ داۋاملىق تەييارلاۋىتمەن.  

بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.


تۆۋەندىكىسى مەزكۇر تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم رەسىملەر.

1-رەسىم


مەن بىزنىڭ ئىدارىنىڭ «مائارىپ ئىشخانىسى» غا مەن بارىدىغان مەكتەپتىكى 2 سىنىپقا سوۋغا قىلىدىغان ماتېرىياللارنى ئالغىلى كېتىۋېتىپ، مەزكۇر مەنزىرىنى كۆردۈم. بۇ بالىلار بىر بىنانىڭ ئىچىگە قويۇپ قويۇلغان «مارس ئىلىم-پەن تەجرىبىخانىسى» (Mars Science Laboratory) دەپ ئاتىلىدىغان ماشىنىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى تۇرۇپتۇ. بۇ ماشىنىدىن ئىككىسى ياسالغان بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە بىرى 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى مارسقا ماڭدۇرۇلغان بولۇپ، 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى مارسقا يېتىپ بارغان. ئۇ ھازىر مارستا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

2-رەسىم


بىزنىڭ ئىدارىدىن ماڭا بەرگەن، ھەر بىر سىنىپقا بىر نۇسخىسىدىن سوۋغا قىلىدىغان ماتېرىياللار.

3-رەسىم


«كۆپ مەقسەتلىك ئۆي» نىڭ ئىچىدىكى بىر كۆرۈنۈش. تامدىكى ئالەم كېمىسىگە يېزىقلىق خەت «ئادىللىق» دېگەن سۆزدۇر.

4-رەسىم


بۇ قېتىمقى پائالىيەت كەلگەن بىر كەسىپ ئەھلى ئامېرىكىنىڭ داڭلىق كىنو بازىسى «ھوللىۋود» (Hollywood) نىڭ بىر كىنو دىرېكتورى ئىكەن. ئۇ مۇشۇ پائالىيەت ئۈچۈن «قاراڭغۇ چەۋەندازنىڭ كۆتۈرۈلۈشى» (The Dark Knight Rises) دېگەن كىنودا ئىشلەتكەن ئالاھىدە ياسالغان موتسىكلىتنى ئۆزى بىلەن بىللە ئەكېلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسەتتى. بۇ رەسىمنى مەن شۇ چاغدا تارتىۋالدىم.

5-رەسىم


 ئوقۇغۇچىلار سىنىپنىڭ ئالدىدىكى تامغا ئېسىپ قويغان سومكىلار.

6-رەسىم


مەن كىرگەن سىنىپنىڭ بىر كۆرۈنۈشى.

7-رەسىم


 مەن كىرگەن سىنىپنىڭ بىر كۆرۈنۈشى.

8-رەسىم


مەن كىرگەن سىنىپنىڭ بىر كۆرۈنۈشى. مېنىڭدىن بۇرۇن بۇ سىنىپقا ساقچى بولغىلى 35 يىل بولغان بىر ساقچى كىرىپتىكەن. بۇ چاغدىكى سوئال-جاۋابلار ئىنتايىن قىزىپ كەتتى. سىنىپتىكى ھەممە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللىرى سوئال سوراش نۆۋىتىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆتۈرۈلگىلىكلا تۇردى. «سەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ باقتىڭمۇ؟ نەچچە ئادەم ئۆلتۈرۈپ باقتىڭ؟ سەندە ئاپتوماتىك ماشىنا مىلتىق بارمۇ؟ سەن داۋاملىق 2 تاپانچا كۆتۈرۈپ يۈرەمسەن؟ ھازىرغىچە قانچە ئادەمنى قولغا ئېلىپ باقتىڭ؟ سەن قانچە ئادەمنى ئېتىپ باقتىڭ؟» بۇ قېتىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئاللىرى تۈگىمەي، مېنىڭ نۆۋىتىم 10 مىنۇت كېچىكىپ كەتتى.

9-رەسىم


بىزنىڭ ئىدارىدە «ئوچۇق ئۆي» بولغان ۋاقىتتىكى بىر كۆرۈنۈش.

10-رەسىم


مەن 2014-يىلى 13-ماي كۈنى بىر يىغىندىن چىقىۋېتىپ، ئىدارىمىزنىڭ كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقان بىر توپ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇچرۇتۇپ قالدىم.  بۇ رەسىمدىكىسى شۇ چاغدىكى بىر كۆرىنىش.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ