ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

مەجبۇرلاش قىزىقىشنى نابۇت قىلىدۇ

ۋاقىت : 2014-06-22 17:49 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
مەجبۇرلاش قىزىقىشنى نابۇت قىلىدۇ

ئەكبەر ۋەلى

    مەجبۇرلاش قىزىقىشنى نابۇت قىلىدۇ. ‹‹يەرگە بىر سىقىم دان چېچىپ توخۇنىڭ بېشىنى بېسىپ يېيىشكە مەجبۇرلىسا توخۇ ھەرگىز يېمەيدۇ، ئەمما ئۇنى ئىختىيارىغا قويۇپ بەرسە بەخىرامان دانلايدۇ››

    ئېسىمدىن چىقمايدىغىنى شۇكى، 1956 – يىلى ئۈرۈمچى ئىككىنچى دارىلمۇئەللىمىن رەھبەرلىكى ئەينى چاغدا بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، مۇزىكا ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەر بىر سىنىپقا بىردىن پىيانىنو ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن ئىسكىرىپكا تارقىتىپ بەردى. ھەم ھەر خىل كەسپى كۇرژۇكلارنى قۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ھەر جەھەتتىكى قىزىقىشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى. شېئىر، ھېكايە يېزىشقا قىزىقىدىغان بالىلارنىڭ ئەسەرلىرى تام گېزىتى، مەكتەپنىڭ شاپىگىراف گېزىتىدە ئېلان قىلىنىپلا قالماستىن مەكتەپ رادىيو ئۇزېلىدا ئاڭلىتىلدى. بەزى بالىلارنىڭ سىزغان رەسىملىرى ‹‹شىنجاڭ رەسىملىك ژۇرنىلى››دا ئېلان قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتتى،بۇنىڭ تۈرتكىسىدە كېيىن بۇغدا ئابدۇللا، ئابلەق ئاۋامسىلىم، ئىمىن ھاسىل قاتارلىق يازغۇچى، شائىر، مۇزىكانت، رەسساملار يېتىشىپ چىقتى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۇ چاغلاردا ئوقۇغۇچىلار تەنتەربىيەگە ئالاھىدە قىزىقىپ، پۇرسەت تاپسىلا ۋالىبول، پۇتبول ئوينايتتى ھەتتا يۇقىرى يىللىقلار، مەكتەپلەر ئارا مۇسابىقىگە چۈشەتتى. شۇنداق بولغانلىقتىن ئەينى يىللاردا مەكتىپىمىزنىڭ ۋالىبول، پۇتبول كوماندىلىرى شەھەر بويىچە چېمپىيون بولغانىدى. 1958 – يىلى 8 – ئايدا مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىغا 40 ئوقۇغۇچى ئوقۇشقا باردۇق. شۇ چاغدا بىزدىن تاللانغان تەنھەرىكەتچىلەر مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىپ ۋالىبول، پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە مەكتەپ بويىچە چېمپىيون بولۇپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان ھەر مىللەت ياشلىرىنى ھەيران قالدۇرغانىدى. مانا مۇشۇنداق ئوتتەك قىزغىنلىقىمىز كېيىنچە بىزنىڭ تىل ۋە كەسىپ ئۆگىنىشىمىزدىمۇ تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

    ئۇلۇغ ئالىم گالېلىي كىچىك ۋاقتىدا كىتاب ئوقۇشقا بەك قىزىقىدىكەن، لېكىن ئۇنىڭ ئائىلىسى نامرات بولغانلىقتىن، ئاتىسى ئۇنى داۋاملىق ئوقۇتۇشقا ئامالسىز قاپتۇ. بۇ چاغدا ئۇ:‹‹ ئاتا مېنى مەكتەپتە ئوقۇتسىڭىز بولاتتى، كەلگۈسىدە چوقۇم بىر ئالىم بولۇپ چىقىپ ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن سىزگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن›› دەپ ۋەدە بېرىپتۇ. ھەم ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، ئالىم بولۇش ئىستېكىدە زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ. دېمەك، قىزىقىش ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈپلا قالماي، بىزنى تەۋرەنمەس ئىرادىگە ئىگە قىلىدۇ.

    ھالبۇكى، ھازىر بەزىلەر ئائىلە، مەكتەپ قوينىدا مەجبۇرلاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ بىلىم ۋە ماھارەت ئۆگىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ دەپ قارىماقتا. لېكىن مائارىپتا قىزىقىشنىڭ بولۇش – بولماسلىقىنىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، 20 – ئەسىردە ھىندىستان تەتقىقاتچىسى مارنىيدى ئون دانە تۇتقۇچىنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىپ تىل ئۆگەتكەن. بىرىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر شەرتلىك رېفلېكس تىپىدىكىلەر بولۇپ، خىزمەتچى خادىملار ئوخشاش بىر جۈملە سۆزنى تەكرارلاپ ئۆگەتكەن. ھەم ئوزۇقلۇقتىن پەرھىز تۇتۇش ئارقىلىق مەشغۇلات ئۈنۈمىنى ئاشۇرغان. ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكىلەرگە قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايرىغان ئاۋازى ۋە ئىنسانلارنىڭ رىتىملىق سۆزلىرى ئېلىنغان لېنتىنى قويۇپ بەرگەن. ھەم ئوزۇقلۇق يېتەرلىك تەمىنلەنگەن. ئۈچ ئايدىن كېيىن بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى قۇشلارنىڭ پەيلىرى قالايمىقانلىشىپ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ بەش گىرام ئورۇقلاپ كەتكەن. ئۇلار ئاران بىرنەچچە جۈملە سۆزنىلا ئۆگىنەلىگەن. ئەكسىچە، ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ روھى جانلىنىپ نەچچە جۈملە سۆزنىمۇ ئۆگىنىۋالغان.

    تەجرىبە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، زورمۇ زور ئۆگىتىلگەن نەرسىنىڭ قىلچە ئۈنۈمى بولمايدۇ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن قىزىقىشنى قوزغاش ئەڭ مۇھىم.

    دېمەك، مەجبۇرلاپ ئوقۇتۇش قارىماققا ئۈنۈملۈك بولغىنى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي، مەنىۋى ساپاسىنى ئۆستۈرۈشىگە پايدىسىز.

 

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ