ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

ئىش ھەققى ئۈچۈنلا ئىشلىمەڭ

ۋاقىت : 2014-05-21 12:30 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئىش ھەققى ئۈچۈنلا ئىشلىمەڭ

خىزمەت تۇرمۇشىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، بىزنى بىكارچىلىقتىن خالاس قىلىدۇ، ئۇ ھاياتىمىزنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ، ھاياتىمىزنىڭ قىممىتىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ قورسىقى توق، توققۇزى تەل، ئەمما كۈنبويى خىزمەت قىلمايدۇ، دېسەك بۇنداق ئادەمنىڭ تۇرمۇشىدا خۇشاللىق ۋە بەخت بولامدۇ؟ بۇنداق تۇرمۇشنىڭ مەنىسى بولامدۇ؟
   بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە مائاش ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم، شۇڭا مائاشىم باشقىلاردىن تۆۋەن بولۇپ قالسا بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپنى يېڭىدىن پۈتكۈزگەن بىر قىسىم ياشلاردا ئەمەلىي خىزمەت بىلەن ئارزۇسىدىكى خىزمەت ئوتتۇرىسىدا پەرق مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ خىزمەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل.
   بىرىنچى، خىزمەتكە تاقابىل تۇرۇش. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئىدارىنىڭ  ئۇلارغا بەرگەن مائاشى تۆۋەن، شۇڭا ئەپلەپ - سەپلەپ خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق ئىدارىسىغا تاقابىل تۇرىدۇ. ئۇلاردا خىزمەتكە نىسبەتەن قىزغىنلىق كەمچىل، قېچىش پۇرسىتى بولسىلا قاچىدۇ، بۇ ئارقىلىق باشلىققا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ خىزمەت قىلىشى مائاش ئۈچۈنلا ،خىزمەتنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمايدۇ.
   ئىككىنچى، قوشۇمچە خىزمەتكە زىيادە بېرىلىپ كېتىش. قەلبىدىكى نارازىلىق تۇيغۇسىنى بېسىش ئۈچۈن ئۇلار كۆپلەپ قوشۇمچە خىزمەت قىلىدۇ. توختىماستىن رول ئالمىشىپ تۇرغاچقا، ئۇزاق مۇددەتلىك روھىي ھارغىنلىق كېلىپ چىقىدۇ، نەتىجىدە ھېچ ئىشتىن نەتىجە قازىنالمايدۇ، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ كەسپىي ھايات يولى تارىيىپ كېتىدۇ.
   ئۈچىنچى، ھەر ۋاقىت قېچىشنىڭ پۇرسىتىنى ئىزدەش. ئۇلار مائاشنىڭ ئاز - كۆپلۈكىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋالغاچقا، ھازىرقى خىزمەت ئورنىنى سەكرەش تاختىسى قىلىۋېلىپ، مائاشى تېخىمۇ يۇقىرى كارخانا ۋە تارماقلارغا يۆتكىلىش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدەيدۇ. خىزمەتكە نىسبەتەن ئالا كۆڭۈللۈك قىلىش سەۋەبىدىن كەسپىي ھاياتىدا ھەممىلا يەردە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ.
   بىر ئادەم ئەگەر مائاش ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىپ، خىزمەتنى قورساق بېقىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالسا ھەم تېخىمۇ يۈكسەك مەقسەتنى كۆڭلىگە پۈكمىسە، بۇ ئادەمنىڭ خىزمەت ھاياتى تولىمۇ چاكىنىلىق ۋە پۇچەكلىك بىلەن ئۆتكەن ھايات بولۇپ قالىدۇ. خىزمەتنى ئۆگىنىشنىڭ بىر تۈرلۈك ۋاسىتىسى، دەپ چۈشەنگىنىڭىزدىلا، خىزمەت جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلەلەيسىز. شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئىدارىنىڭ  سىزگە بەرگەن مائاشى سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنىڭ ھەققى. ئەمما خىزمەت جەريانىدا ئېرىشكەن ئەڭ قىممەتلىك نەرسىڭىز تەجرىبە - ساۋاق، تەستە قولغا كېلىدىغان پىراكتىكا سورۇنى، ئۆزىڭىزنىڭ ماھارىتىنى جارى قىلدۇرىدىغان ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدىغان، شۇنداقلا ئەخلاق - پەزىلەت ۋە مىجەز خاراكتېرىڭىزنى يېتىشتۈرىدىغان پۇرسەت. شۇڭا بىرەر خىزمەتدىشىڭىزنىڭ مائاشى تۆۋەن بولۇپ، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىزلا ئۆستۈرۈلۈپ قالسا بۇنىڭدىن ھەيران قالماڭ. ئەگەر بۇ يەردە بىر مەخپىيەتلىك بار، دەپ قارىسىڭىز ئۇ مەخپىيەتلىك شۇكى، ئىككىڭلار خىزمەت قىلىشقا باشلىغان چاغدا ئىككىڭلارنىڭ مائاشى تەڭ ئىدى، ھەتتا ئۇنىڭ مائاشى سىزنىڭكىدىن تۆۋەن ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ تۆلىگەن بەدىلى سىزنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن مائاش ئېلىش سىزنىڭ خىزمەت قىلىشتىكى بىردىنبىر مەقسىتىڭىز، مائاشنىڭ ئاز - كۆپلۈكى خىزمىتىڭىزنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى بولۇپ قالمىسۇن. بىزنىڭ ئەھمىيەت بېرىدىغىنىمىز خىزمەت جەريانىدا ئېرىشكەن بىلىم ۋە تەجرىبە، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ھەر خىل پۇرسەت بولۇشى كېرەك. مانا بۇ قىممىتى ئەڭ يۇقىرى مائاش.
   قانداق خىزمەتنى قىلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر بىز مەسىلە ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىشىمىز زۆرۈر: زادى نېمە ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز؟ نۇرغۇن كىشى خىزمەت قىلىش مائاش ئېلىش ئۈچۈن، دەپ جاۋاب بېرىدۇ، يەنە بىر قىسىم كىشى جان بېقىش ئۈچۈن، دەپ جاۋاب بېرىدۇ، ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشى خىزمەت جەريانىدا خۇشاللىق تېپىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش ئۈچۈن ئىشلەيمىز، دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
   خىزمەت تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆز ھاياتىنى تېخىمۇ يۈكسەك مەزمۇنغا ئىگە قىلىدىغان جەريان. بىر خىزمەتنىڭ ياخشى - يامانلىقى ئۇ ئېلىپ كەلگەن ماددىي تەمىنات تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى خىزمەت قىلغۇچىنىڭ مۇشۇ خىزمەت جەريانىدا قانچىلىك ئۆسۈپ يېتىلەلەيدىغانلىقى، قانچىلىك بىر نەرسە ئۆگىنەلەيدىغانلىقى ۋە كېيىنكى ھاياتىغا قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى لازىم.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%

«ئىش ھەققى ئۈچۈنلا ئىشلىمەڭ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ