ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

شوجاڭنىڭ ئۈيىدە ئەمەلىلەشكەن نومۇر قۇيۇش تۈزۈمى

ۋاقىت : 2014-05-02 00:21 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : مەرپەتكار | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

شوجاڭنىڭ ئۈيىدە ئەمەلىلەشكەن نومۇر قۇيۇش تۈزۈمى
شوجاڭ بەك ئالدىراش بۇلۇپ ئائىلىسىگە قارىيالمىغاچقا،خوتۇنىنى ياخشى باشقۇرۇپ،ئائىلىدىكى خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش،ئائىلىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىزباسارى بولغان بالىسىنى ياخشى تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن،يېقىندا ئۈزى تەكشۈرۈپ،تەتقىق قىلىپ، تۈزۈپ چىققان ھەمدە باشلىقلارنىڭ يۇقۇرى دەرىجىدە مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئىرىشكەن ‹‹مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارنى نومۇر قۇيۇپ دائىمىلىق باشقۇرۇش››تۈزىمىنى ئائىلىسىدە قوللىنىش قارارىغا كەلدى.ئەگەرمۇۋاپىقىيەتلىك بولسا،ئۈيىگە نەق مەيدان يىغىنى چاقىرىپ باشقا ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ ئائىلىسىگىمۇ كەڭەيتىشنى قارار قىلدى.
شوجاڭ نەچچەكۈن ئۇخلىماي بۇتۈزۈمنى تۈزۈپ چىقتى،ۋە ئائىلىسىدە يېرىم كۈن چوڭ يىغىن ئېچىپ تۈزۈم-تەدبىرلەرنى كۆپچىلىككە يەتكۈزدى.تۈزۈم ئاساسەن ئايالىغا تۈزۈلگەن بولغاچ،ئايالى يىغىن خاتىرىسى يازدى،ھەمدە يىغىن مەزمۇنىدىن ئۈگىنىش قىلدى.ھەتتا يىغىن مەزمۇنىدىن تەسىرات،سۆزقىلىش تىزىسى ۋە ئىرادىنامە يازدى.
 بۇتۈزۈم مۇنداق تۈزۈلگەن ئىدى:
1.ئاۋال بىر يىللىق ئومۇمىي خىزمەت پىلانى بۇلۇش.پىلان،قەدەم-باسقۇچلار ئىنىق،سان-سىفىرلار كىرگۈزۈلگەن،خەتلىرى چىرايلىق،ئەمىلىي ئۈنۈم قوغلىشىلغان بولۇش،سالمىقى ئون بەتتىن كام بولماسلىق.‹5نومۇر›
2.ھەر تۈرلۈك قۇشۇمچە خىزمەت پىلانلىرى تولۇق يېزىلغان بولۇش.يەنى،ئانىلىق خىزمەت پىلانى،ئاياللىق خىزمەت پىلانى،كىلىنلىك خىزمەت پىلانى،بالا بېقىش پىلانى،بالا ئىمىتىش پىلانى،بالا تەربىيلەش پىلانى،تاماق ئىتىش پىلانى،ئۆي يىغىشتۇرۇش پىلانى،ئۆيدىكى ھەر تۈرلۈك ئىلىكتىر سايمانلىرى،ئاشخانا ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش،باشقۇرۇش پىلانى.....قاتارلىقلار.‹5نۇمۇر›
3.بارلىق پىلانلار تولۇق،ئۆلچەملىك يېزىلغاندىن كىيىن ئىرىگە كۆرسىتىپ،قىزىل قەلەمدە تەستىق سېلىنغاندىن كىيىن ئاندىن ئىجىرا قىلىش.‹2نۇمۇر›
4.تۈزۈلگەن ھەربىر پىلاننىڭ ئىجىرانامىسى بۇلۇش.مەسىلەن:«پالانى چاغدا مۇنداق تاماق ئەتمەكچى بولغان،مانا بۈگۈن مانداق ۋاقىتتا ئىتىلدى.ئەتكەن تاماقنى قېينىئانام ۋە قېينىئاتام يەپ مانداق ماختىدى باللىرىم يەپ بەدىنىگە ماغدۇر تۇلۇپ مانداق ئۈنۈم كۈرۈلدى.»دىگەندەك.‹5نومۇر›
5.ھەر بىر خىزمەتكە يەنە كالىندارلاشقان پىلان ۋە خاتىرىسى بۇلۇش.مەسىلەن:ئائىلىدىكى سايمانلارنى ئىشلىتىش خاتىرىسى،ئاسراش خاتىرىسى،بالا ئىمىتىش خاتىرىسى،تاماق يىگۈزۈش خاتىرىسى،بالا ئىمىتىش خاتىرىسى،تەرەت قىلدۇرۇش خاتىرىسىى.......‹5نومۇر›
6.بالا تەربىيلەشتە بارلىق زامانىۋى ئۇسۇل،ئىلغار ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىش.بالاتەربىيلەشتە يىڭىلىق يارىتىش.چۇقۇم خاتىرىسى بۇلۇش. ‹5نومۇر›
7.يىل ئاخىرىدا بارلىق پىلان،بارلىق خىزمەتلەرنىڭ خۇلاسىسىنى يېزىش.ھەمدە ئىرى ۋە قېينئانىسىنىڭ تەكشۈرىشى ئۈچۈن ئارخىپلاشتۇرۇپ ساقلاش.‹10نومۇر›
8.ھەر قېتىملىق ئىش ۋە خىزمەت ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىش لاھىيەسى تۈزۈپ چىقىش،قېينئانىسىغا قىزىل قەلەمدە تەستىق سالدۇرغاندىن كېيىن ئاندىن قىلىش.ئىش لاھىيەسىنى تۈۋەندىكى نوقتىلار بۇيىچە تۈزۈش.يەنى:تاماق ئەتمەكچى بولغان بولسا،تاماق ئىتىش نىشانى،تاماق ئىتىشتىكى مۇھىم-قىيىن نوقتا،قىيىن نوقتىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى،تاماق ئىتىشكە كىرەكلىك قۇرال-سايمان،تاماق ئىتىش جەرياننى سېستىمىلىق يېزىش.تاماق ئىتىپ بولغاندىن كىيىن،تاماق ئەتكەندىن كىيىنكى ئويلىنىش ۋە تەسىراتنى تولۇق يېزىش. ‹5نومۇر›
9.خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ ئائىلىدىكىلەرنىڭ كۈندە ئۇچ ۋاخ
تاماق يىيىش نىسبىتىنى 98%دىن ئاشۇرۇش.‹5نومۇر›
10.ئائىلىگە كىرىپ-چىققانلارنى تىزىملاش خاتىرىسىنى تولۇق يېزىش.كىرگەنلەر ئەرمۇ؟ئايالمۇ؟جىنسىنى ئىنىق يېزىش،قانداق ۋاقىتتا كىردى،ئۆيدىن قاچان چىقىپ كەتتى،ئۆيدە قانداق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى تولۇق يېزىش.
11.تاماق ئەتكەندە ئاشپەزلىك فورمىسىنى كەيگەن بولۇش.‹بىر قېتىم كەيمىگىنى تۇتۇلۇپ قالسا بىر نومۇر تارتىلىدۇ›
12.ئۆي ئىچى،ئاشخانا ۋە ئۇبۇرنى پاكىز تازلانغان،ئىشىك-دەرىزە،ئۈستەل-ئۇرۇندۇقلار ۋە ئىشكاپلار پاكىز سۈرتۈلگەن بولۇش.ھەر تۈرلۈك لازىمەتلىكلەر رەتلىك تىزىلغان بولۇش.ئۆيگە ئادەم كىرگەن ھامان ئۆيدىن بىرخىل قۇيۇق ئائىلە تۈسى گەۋدىلىنىپ تۇرۇش.‹5نومۇر›
13.ئايال بولغۇچى ئۆيدىكى بارلىق ئىشلىتىدىغان سايمانلارنىڭ ئورنىنى بىلىش،سورىغان ھامان دەرھال تېپىش.‹2نۇمۇر›
14.كۈندە يېرم سائەت كەسپىي ئۈگىنىش قىلىش.يەنى،تۈرلۈك بالا بېقىش،تەربىيلەش،ئائىلە باشقۇرۇش،تاماق ئىتىش،توغرىسىدىكى ئۇقۇشلۇقلاردىن ئۈگىنىش قىلىپ بىلىم سەۋىيەسىنى ئۆزلۈكسىز يىڭىلاپ تۇرۇش.‹پىلان ئۈگىنىش خاتىرىسى تەكشۈرلىدۇ›‹2نۇمۇر›
15.ئىشتىن سىرتقى پائالىيەت پىلانى، خاتىرىسى بۇلۇش.‹1نۇمۇر›
16.ئانىلىق ئىستىلى،كىلىنلىك ئىستىلى يېزىلىپ تامغا،كۆزگە كۈرىنىدىغان جايغا ئېسىلغان،سۈرتۈلگەن بۇلۇش.‹2نومۇر›
17.ئانا بولغۇچى ئۆينىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى يادقا بىلىش.
18.بارلىق خىزمەتلەردە چۇقۇم ئۈنۈم كۈرۈلگەن بۇلۇش.
19.ئانىسىنىڭ ئۈيىگە بارىدىغان رۇخسىتىنى ئامال بار ئازايتىش ئەگەر  بىر قېتىم رۇخسەت سورىسا بىر نومۇر تارتىلىدۇ.
20.بارلىق خزمەتلەرنى ئىرى ۋە قېينئانىسى كۈچ تەشكىللەپ ھەر ئايدا تەكشۈرۈپ نۇمۇر قۇيۇپ تۇرىدۇ.بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىسپات-خاتىرىلىرىدىن باشقا،ئەمىلىيىتى بالىلار ۋە ئائىلە ئەزالىرىدىن دەلىللىنىدۇ .
21.تەكشۈرۈشتە نۇمۇرنى تۈۋەن ئېلىپ لاياقەتسىز چىقساپۈتۈن ئۇرۇق-تۇققانلار ئارىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئۈزىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇلىدۇ.تەكشۈرۈشتە داۋاملىق ناچار چىقسا ھەر ئايلىق تەمىناتى 30% قىسقارتىلىدۇ ۋە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بىرىلىدۇ.يەنە تۈزەتمىسە ئۆيدىن ھەيدىلىدۇ.
شۇنداق قىلىپ شوجاڭنىڭ ئۈيىدە بۇتۈزۈم-تەدبىرلەر ئىجىرا قىلىنىشقا باشلىدى.
شوجاڭنىڭ ئايالى دەسلەپتە تۈزۈم بۇيىچە ئىش قىلدى.لېكىن بىرمەزگىلدىن كېيىن نۇرغۇن يازار-يازغۇلۇقلار ئالدىراشچىلىقتا سەل قارىلىپ ئۇنتۇلۇپ قالدى.
بىر ئايدىن كېيىن شوجاڭ ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ تەكشۈرۈشكە كۈچ تەشكىللەپ  تەكشۈرۈشنى باشلىدى.
تەكشۈرۈش ناھايىتى چىڭ بولدى.نۇمۇر تارتىلىش باشلاندى.
خزمەت پىلانىغا سان-سىفىر كىرگۈزلمىگەن بىر نومۇر،
قۇشۇمچە خىزمەت پىلانلىرى تۇلۇق يېزىلمىغان،يېزىلسىمۇ تەستىق يوق 2نومۇر.
ئىش لاھىيسىنىڭ خەتلىرى ئاز،كوتمەك تۈزۈلگەن3نومۇر.
بالا ئىمىتىش خاتىرىسى ۋە تەرەت قىلدۇرۇش خاتىرىسى يېزىلمىغان 3نومۇر.
بالا تەبيلەشتە زامانىۋى ئۇسۇل ۋە ئىلغار ئەسلىھەلەردىن پايدىلانمىغان،چۈنكى خاتىرىسى چىقمىدى.     5نومۇر................
تارتىلدى 3نومۇر،تارتىلدى4نومۇر....
شۇنداق قىلىپ شوجاڭنىڭ ئايالى بۇ ئايلىق تەكشۇرۈشتە لاياقەتسىز چىقتى.
شوجاڭنىڭ ئەرۋاھى مىڭ گەز ئۇچتى«سىنىڭ بۇھالىڭغا ھېلىمۇ بۇ ئائىلە ئۈرە تۇرىدىكەن!»شوجاڭ ئايالىغا شۇنداق دىدى ۋە غەزىپىنى ئاران بېسىپ پۈتۈن ئۇرۇق-تۇققانلار ئارىسىدا ئۇمۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ۋە قائىدە-تۈزۈملەردىن يەنە بىرقېتىم ئۆگىنىشكە سالدى. كىلەر قېتىم يەنە شۇنداق چىقسا 30%تەمىناتىنى قىسقارتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
شوجاڭنىڭ ئايالى بۇقېتىمقى تەكشۈرۈشتىن كىيىن سەل چۈچىدى ۋە ئۈزىگە تەلەپنى يەنىمۇ چىڭىتىپ تۈرلۈك يازار-يازغۇلۇقلارنى ئامال بار چالا قويماسلىققا تىرىشتى.
لېكىن 2-ئايلىق نومۇر قويۇشتا تازلىق،ئۆي باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەردە ياخشى چىقالماي بۇ ئايلىق تەكشۈرۈشتىمۇ نۇمۇرنى سەل تۈۋەنرەك ئالدى شوجاڭ يەنە كايىپ30% تەمىناتنى قىسقارتقاندىن باشقا، ئەمدى كىلەر قېتىم ئالغان نومۇريەنە تۈۋەن بولسا ئۆيدىن ھەيدەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
شوجاڭنىڭ ئايالى بۇقېتىم قاتتىق چۈچىگەن ئىدى.شۇنىڭ بىلەن بۇقېتىم ئۆيدىن ھەيدىلىشىدىن ئەنسىرەپ بالا بېقىش،بالا تەربىيلەش دىگەندەك نۇغۇن مۇھىم ئىشلاردا كۆز بۇيامچىلىق قىلىپ ئامال بار ئۆينى،دەپتەرنى چىرايلىق كۆرسىتىپ تەكشۈرۈشتە ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشنى قوغلاشتى.لېكىن شوجاڭنىڭ بالىسى كۈندىن-كۈنگە ئۇرۇقلاپ، لاتىلىشىپ شۈمۈپ تاشلىۋەتكەن گۇلىدەك بوپ  قالدى.شوجاڭمۇ بۇلارنى ھىس قىلىپ يەتكەن ئىدى ۋە ئايالىم چۇقۇم تۈزۈم-تۈدبىرلەرنى ياخشى ئىجىرا قىلمىدى دەپ قاتتىق غەزىپى كەلگەن ئىدى.
مانا ئايلىق تەكشۈرۈشنىڭ ۋاقتى كەلدى.شوجاڭ ئايالىنى قاتتىق بىر تەكشۈرۈپ دىكتاتۇرىغا سېلىپ ئەدەپلەش قارارىغا كەلدى.
ئەپسۇس،بۇقېتىمقى نۇمۇر قۇيۇشتا ئايالى 100نومۇر ئالغان ئىدى.شوجاڭ بۇنىڭغا بىر نىمە دىيەلمىدى.خىزمەتلەرنى شۇنچە ياخشى ئىشلىسىمۇ بالىلار نىمىشقا بۇنداق بۇلۇپ قالىدىغاندۇ؟شوجاڭ قاتتىق ئويلاندى شۇنچە ئويلىنىپمۇ تىگىگە يىتەلمىدى .يەنە شۇ ئايالىم كۆز بۇيامچىلىق قىلغان بۇلىشى مۇمكىن دىگەن خۇلاسىنى چىقاردى ،ۋە ئۆينىڭ ھەر بۇلۇڭلىرىغا تېلىكامىرا ئورنىتىپ قۇيۇپ ئايالىنىڭ خىزمەت ئەمىلىيىتىنى نازارەت قىلىش قارارىغا كەلدى.ئەمما ئايالى بۇلارنى بىلگەندىن كىيىن ئىدىيىسىدىن ئۆتمىگەن بۇ ئىشلارغا ئەمدى سەۋىر قىلالماي ئاخىرى ئۈزى بۇ ئائىلىنى تاشلاپ كەتتى.شوجاڭمۇ قارشىلىق قىلمىدى.شوجاڭغا باشقىلار شۇنچە نەسىھەت قىلسىمۇ يەنىلا ئۈزىنىڭ تۈزۈم-تەدبىرلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى  رۇلىنىڭ چوڭلىقىنى دەستەك قىلىپ، ئۇنداق يارىماس خوتۇنغا يالۋۇرمايدىغانلىقىنى دىدى ،ئايالىنى يەنىلا قۇيىۋەتتى.

مانا شوجاڭنىڭ تۈزگەن تۈزۈم-تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈملىرى.ياخشىمىكەن؟
 
 

 

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
مەرپەتكار تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-25 00:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-05-17 12:05
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ