ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

مائارىپقا خىيانەت − مىللەتكە زالالەت

ۋاقىت : 2014-05-22 17:09 | مەنبەسى : بوزقىر مۇنبىرى | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
مائارىپقا خىيانەت − مىللەتكە زالالەت
 
غوپۇرجان ئىبراھىم
 
ئوخشاش بولمىغانئىجتىمائىي توپتىكىلەرنىڭئۆز دەۋرىگە مۇناسىپساپانى ھازىرلىغانياكى ھازىرلىيالمىغانلىقىئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىيئورنىغا بىۋاسىتە تەسىركۆرسىتىدۇ.ئوخشاش بولمىغان دەۋرنىڭجەمئىيەت ئەزالىرىنىڭساپاسىغا قويىدىغان تەلىپىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، رايونىمىز شىنجاڭغانىسبەتەن 1930- يىللاردا بىريۇرتتا خەت ئوقۇيالايدىغان ھەميازالايدىغان بىرەرئادەمنىڭ بولۇشى ئالاھىدە ئىش،مۇتلەق كۆپ ساندىكىئادەمنىڭ ساۋاتسىزبولۇشى نورمال ئىشھېسابلانغان بولسا، ھازىرقىدەۋردە ساۋاتسىزلىق»ئالاھىدە ئىش«،ھەممە ئادەمنىڭ خەت ساۋاتىنىڭ بولۇشى نورمال ئىش ھېسابلىنىۋاتىدۇ.
دۇنيادا نۇقسانسىزئادەم بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارى نورمال بولغان ھەرقانداق بىر ئادەمدىكىمەلۇم خىل نوقساننى ئەينى ۋاقىتتىكىئالاقىدار تەلىم- تەربىيەنىڭيېتەرلىك ۋە توغرا بولمىغانلىقىنىڭمەھسۇلى، دەپ قاراشقا بولىدۇ.ھەرقانداق ئادەمگە ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋرنىڭتامغىسى بېسىلغانبولىدۇ. جەمئىيەتنىڭ مۇرەككەپلىشىشىگە،ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكىئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ زىللىشىشىغا، ئادەملەرنىڭ ھەرىكىتىگەيېتەكچىلىكقىلغۇچى يېتەكچى ئاڭنىڭ ئۆزگىرىشىگەئەگىشىپ،مىللىيپىسخىكىمىزدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەربوراندىن كېيىنكىئېتىزلىقنىڭ چالمىلىرىدەكئۆزىنى ئاشكارىلاۋاتىدۇ. بىرلىرىمىز ئازراق پۇل تاپقاندىن كېيىنلاكەمبەغەلچىلىكتەقاتتىق ناننى تەڭ غاجىلىغانئاياللىرىمىزنى يوقىلاڭباھانە - سەۋەب بىلەنئۆيدىن ھەيدەپ يېڭىسىغائالماشتۇرۇۋاتىمىز؛بىرلىرىمىزئازراق ئادەمبولۇۋېلىپلا ئەينى ۋاقىتتا بۇرنىمىزنى ئېيتىپ،ئاغزىمىزغائىلىمسالغان كونا چاپان ئۇستازلىرىمىزنىتونۇمايۋاتىمىز؛بىرلىرىمىزخۇددى يېمەك - ئىچمەكتەئۆچىمىزباردەك بۇرۇن نەگە كەتكەنتىڭ،دېگەندەك قىلىپئىسراپخورلۇق قىلساق، يەنە بىرلىرىمىزپۈتكۈل دۇنيانى بەرسىمۇتويمايدىغاندەك ئەلپازدا توغرا - خاتانى،ھالال - ھارامنى ئايرىمايقۇربىمىزيەتسىلا باشقىلارنىڭ، ئومۇمنىڭمۆلكىنى شىلىپ پوكىنىمىزغابايلىق يىغىۋاتىمىز. 80 − 90 - يىللاردا خىزمەتچىلىرىمىزنەچچە يۈز يۈەن مائاش بىلەن ۋېلىسىپىت مىنىپ يۈرۈپمۇ رازىمەنلىكبىلەن تىرىشىپخىزمەت قىلغانبولسا، ھازىر بىرقىسىملىرىمىز نەچچە مىڭيۈەن مائاش بىلەن ماشىنىدا مېڭىپيۈرۈپمۇ خىزمەتتىنقاقشاپ، بىر ئاماللار بىلەن خىزمەتنى»ئىلغىغائىلىپ«قويۇپ قوشۇمچە پۇل تېپىشقا جان- جەھلىمىزبىلەن تېپىرلاۋاتىمىز.بايلىقىمىز كۆپەيگەنسېرى خۇددى »ئەلى بابا ۋە قىرىققاراقچى« ھېكايىسىدىكى قاسىمتىلسىمغارىغا كىرىپ بايلىقنىڭ خۇشاللىقىدا تىلسىم غارىنىئاچىدىغانسۆزنى ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ئازراق ياخشىلانغانتۇرمۇش، كىچىككىنە كۆپەيگەن بايلىقىمىز بىزگەھاياتتىكى بەك مۇھىمبولغان ئەسل - ۋەسلىمىزنى ئۇنتۇلدۇرۇۋېتىپ بارىدۇ.ئۇنتۇيدىغانلىرىمىزۋە ئۇنتۇغانلىرىمىزنىڭكۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىلەرئالدىدىكىئوبرازىمىزخۇنۈكلىشىۋاتىدۇ. ئىلگىرى ئاتا - بوۋىلىرىمىزباشقىلارغا بىكارغابىر نەرسە بېرىشنىخەير - ئېھسان دەپ ئاتاپ، خەير - ئېھسانغا ئېرىشىشنى ئاجىزلىقنىڭ،پەقىر - مىسكىنلىكنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىغانبولسا، ھازىر ئاشۇ خەير - ئېھساننى ئېلىش ئۈچۈن بىر- بىرىمىزنى سېتىۋېتىشكە تاس - تاماس قېلىۋاتىمىز. ئاتا - بوۋىلىرىمىزغاقارىغاندا ياخشى ياشاۋاتقاندەك كۆرۈنگىنىمىز بىلەنروھىيىتىمىزپۈچەكلىشىپمەنىۋى جەھەتتىنئاجىزلاپ كېتىۋاتىمىز. مائارىپئىدېئولوگىيەساھەسىدىكىخىزمەت، شۇنداق بولغاچقا، ئۇ جەمئىيەتتىكىيېتەكچى ئاڭنىڭ شەكىللىنىشىگە ۋە قانداق شەكىللىنىشىگەبىۋاسىتەتەسىر كۆرسىتىدۇ. مەن مائارىپ ساھەسىدىكى بىرئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەنبۇنداق مەسىلىلەرگەيەنىلا مائارىپنىڭ كۆزنىكىدىنقاراپ بېقىشنى توغرا دەپ قارايمەن.
ھەربىردەۋردىكى مائارىپئۆزىدىنكېيىنكى يەنە بىردەۋر ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەيدۇ.مەلۇم بىر دەۋردىكىئادەملەرنىڭ مائارىپقاتۇتقان پوزىتسىيەسىۋە ھېسسىياتى كېيىنكىيەنە بىر دەۋردىكىئومۇمىي ئەھۋالغا ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.مائارىپ ھەرقاچان ئويلىنىشقا،ئىسلاھ قىلىشقا، تەلىم- تەربىيە مەزمۇنىنىجەمئىيەت ئەھۋالىغا،دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگەلايىقلاشتۇرۇشقا موھتاج. ئىلگىرىيېڭىچە مائارىپقىسقا ۋاقىتئىچىدەھەم ئوقۇيالايدىغان، ھەم يازالايدىغان ئادەملەرنى تەربىيەلەپ كونىچەمائارىپ ئۈستىدىن غەلىبەقىلغان بولسا، ھازىر يەنىلابۇ ئۇسۇلدا مېڭىۋەرسە مەغلۇب بولغان مائارىپ ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرى مائارىپنىڭ تەربىيەلەشمەزمۇنى 20 - 30 يىلدا بىر قېتىميېڭىلانغان بولسا، ھازىر نەچچە يىلدابىر قېتىميېڭىلىنىۋاتىدۇۋە ياكى يېڭى مەزمۇنلار قوشۇلۇۋاتىدۇ.ئەقەللىيسى 90 - يىللاردامەكتەپلەردەگۇمانتارلىققا ئائىتسىستېمىلىق تەربىيەيوق ئىدى. ئارىدىن 20يىلئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ھەممىمىز كىشىلەردە گۇمانتار روھنىڭ كەمچىلبولۇۋاتقانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىۋاتىمىز. ئىلگىرى مەكتەپلەردە ياكى ئائىلىلەردەئوقۇغۇچىلاردىنچوڭ بولغاندا نېمە بولىسەن،دەپ سوراپ، ئارقىدىن ئالىمبولىمەن، دوختۇر بولىمەن، ئۇچقۇچى بولىمەن... دېگەندەك جاۋابلارنى كۈتەتتۇقھەم شۇنداق جاۋاب بەرسە قانائەتلىنەتتۇق.ھازىرچۇ؟ ھازىرئادەم بولىمەن، دېگەن جاۋابقا تەقەززا بولۇۋاتىمىز.يەنە ئون، يىگىرمەيىلدىنكېيىن جەمئىيەتتە،ئادەملەرنىڭ دۇنيا قارىشىدا قانداق مەسىلىلەرپەيدا بولىدۇ؟ بۇنىڭغانىسبەتەن ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش يۆنىلىشىدەمائارىپ قانداق تەييارلىق قىلىشى كېرەك؟ مېنىڭچە، مائارىپتابىز تېخى بۇ مەسىلىلەرنىئويلاپ بولالمىدۇق. پەقەت ئۆز دەۋرىنىڭجاكارچىسىغىلا ئايلىنىپ، كەلگۈسىنىڭ پىلانچىسىغائايلىنالمىغان مائارىپداۋاملىق ئۆز خەلقىنىھەسرەتتە قويىدىكەن.نۆۋەتتە مائارىپنىڭكۆلەملىشىش،ئۆلچەملىشىشدەرىجىسىتارىختىكىئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگەيەتتى. پارتىيە، ھۆكۆمەت رەھبەرلىرى مائارىپنىڭ خەلق ۋە دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى غايەت زور رولىنى تونۇپ يەتتى. شۇنداقلا »يۈز يىللىقئۇلۇغۋار پىلاندا مائارىپئاساس« دېگەندەك دانا ھۆكۈمنى كەڭ جەمئىيەتكەچاقىرىقتەرىقىسىدە جاكارلىدى.ھازىر مائارىپنىتەرەققىي قىلدۇرۇشھەقىقەتەن تەخىرسىز ۋەزىپىگە ئايلاندى. ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا خەلقنىڭ مائارىپقانىسبەتەن پەيدا بولغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ئوخشاش ئەمەس. بۇ جەھەتتەبىزنى مائارىپقاچاقچاق قىلىۋاتىدۇ، دېسە ئارتۇق كەتمەيدۇ. بىزدە مەكتەپلەرگە كىرىپبالىسىنىڭ ئوقۇش ئەھۋالى توغرىسىدامۇئەللىم بىلەنمەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيەدە پىكىرلىشەلەيدىغان ئاتا - ئانىلار بەك ئاز، ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيەلىيەلمىسە ئاتا - ئانىلاردىنخىجىلبولىدىغان،ئۆزىنىڭئوقۇتقۇچىلىقمەسئۇلىيىتى،تەلىم - تەربىيەماھارىتى ھەققىدەقايتا ئويلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ يوق دېيەرلىك. راست گەپنى قىلغاندا، ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدىكىخېلى بىر قىسىملىرىمىزمەكتەپتىن چىقىۋالساقلا قەپەستىن قۇتۇلغان قۇشتەك يېنىكلەپ قالىمىز. ئەسلىدەمەكتەپ قەپەس ئەمەس ئىدى، بىزنىڭكاللىمىزدىكى ئوي - خىياللىرىمىز مەكتەپلەردە تەكىتلىنىۋاتقان ئادەم تەربىيەلەشكە ئائىتگەپ - سۆزلەر بىلەن بىردەكبولمىغاچقا، تالادىكى قوشۇمچە ئىشلىرىمىز،بەزىبىرئىجتىمائىي ئالاقىلىرىمىز بىزگەنىسبەتەن ئوقۇتۇش، ئادەم تەربىيەلەشتىنمۇ»مۇھىم« بولغاچقا، بىزنى بىھوشلاندۇرۇپكۆزىمىزگەگۈلنى تىكەن، ئالتۇننى تۆمۈر كۆرسىتىپقويۇۋاتىدۇ. ئوخشاش تېمپېراتۇرىدىكىسۇغا يازدا قولنى سېلىپتۇرغان ۋاقىت بىلەنقىشتا قولنى سېلىپ تۇرغان ۋاقىت ئوخشاش بولسىمۇ، ئادەمنىڭتۇيغۇسىدىكىۋاقىت ئوخشاش ئەمەس. دېمەك مەكتەپلەر شۇمەكتەپتىن نان يەۋاتقان، بىر كۈنلۈك ۋاقتىنىڭمۇتلەق كۆپ قىسمى شۇ يەردە ئۆتۈۋاتقان بەزىلەر ئۈچۈن باھارىستان بولسا، يەنە بەزىلەر ئۈچۈن زىمىستان بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.مائارىپ بىرئۇلۇغۋار كەسىپ، مىللەتنىڭ، دۆلەتنىڭئۈمىدى مائارىپتا.مائارىپتىكىمەسئۇلىيەتسىزلىك، قانۇنىيەتتىن چەتنەش ئەۋلادلارغا ئورنىنى تولدۇرغىلىبولمايدىغان ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ.ئوقۇتقۇچىلار يەتتە قەدەم نېرىدىنسالام بېرىشكە ئەرزىيدىغان كىشىلەر ئىدى.ئەپسۇسكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوقۇتقۇچىلارنىڭجەمئىيەت تەرىپىدىنئېتىراپ قىلىنىشدەرىجىسىتازا كۆڭۈلدىكىدەكئەمەس، ئاز ساندىكىلەر يەتتە قەدەم نېرىدىنسالام بېرىش ئەمەس، ئەكسىچە يەتتە قەدەم نېرىدىنتۈكۈرۈپ قويۇشقا لايىق بولۇپقېلىۋاتىدۇ.ئۇچىغا چىققانشەخسىيەتچىلىك، مەنپەئەتپەرەسلىك ئىدىيەسى ئومۇمىيلىققا ئەھمىيەتبېرىدىغان،پايدا تاپمايدىغان خاراكتېردىكى مائارىپبىلەن سىغىشالمايۋاتىدۇ.ھازىرچە، خەلقىمىزنىڭمائارىپقا بولغان تونۇشى تېخى ئېچىنىپتۇرۇپ ھېساب ئالىدىغان باسقۇچقا بارمىدى. مۇشۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولسا، ھامىنى بىركۈنى بىر قىسىملىرىمىز»پادىشاھنىڭيېڭى كىيىمى«دېگەن چۆچەكتىكى ئالدامچى باپكارلاردەك خەلقىئالەم ئالدىدارەسۋا بولماي قالمايمىز. بىز بىرقىسىمكىشىلەرنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىن مىللەتلەرباراۋەرلىك دەۋاسى قىلىپ قاخشىغىنىنىئانچە - مۇنچە ئاڭلاپ قالىمىز. شۇ نەرسە ئېنىقكى، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىتىدەمىللەتلەر قانۇن ئالدىدا بابباراۋەر، بۇنى قانۇن ھەرقاچانقوغدايدۇ، ئەمما بازار ئىگىلىكىدە، جەمئىيەترىقابىتىدىكىباراۋەرلىكنى قانۇن قوغداپ ئولتۇرمايدۇ. بۇنىشۇ مىللەتنىڭئومۇمىي ساپاسى، يېڭىلىقيارىتىشئىقتىدارى،جەمئىيەتكە تۆھپەقوشۇش دەرىجىسىقاتارلىق ئامىللاربەلگىلەيدۇ. يانچۇقىدا پۇلى بار ئادەم ئىمكانقەدەر تامىقى ياخشى ئاشخانىدىنتاماق يەيدۇ، تاللاپ تۇرۇپ سودا قىلىدۇ. بۇنىڭغانىسبەتەن مال ساتالمىغانلارنىڭقاقشاپ، ۋايسىشى ھېچقانداق ئۈنۈم بەرمەيدۇ. پەقەتئۆزىنى ياخشىلاش،ئۆزىنى ئۆزگەرتىش،ئۆزىنى كۈچەيتىشلابۇنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسىدۇر.بىزنىڭھازىرقى دەۋردىكىمائارىپقا تۇتقان پوزىتسىيەمىز، تونۇشىمىز، كۆڭۈل بۆلۈشىمىزماھىيەتتە ئۆزىمىزگە، ئۆز خەلقىمىزگەكۆڭۈل بۆلۈشتۇر. مائارىپىمىزدائويلىنىشقا،ئۆزگەرتىشكە، يېڭىلاشقاتېگىشلىكمەسىلىلەربەك كۆپ. ئەمدى بۇنىمۇ ھۆكۈمەتبىر تەرەپ قىلىپ بېرىدۇ،دەپ ئولتۇرساق بولمايدۇ. تەييار دەرسلىك كىتابتىكىسوئالغا مەزمۇن ئىچىدىنجاۋاب سىزدۇرۇپ ئاندىنئۇنى يادقا ئالدۇرۇپ قويۇش ھازىرقىدەۋردىكى مائارىپنىڭ مەقسىتىئەمەس. مەكتەپنىڭ ھەممە يېرىنىئالا - يېشىل بوياپ، ھەممە ئوقوغوچىنى ئوخشاش بىرخىل قېلىپقاسېلىپ باشقۇرۇشمۇ ھازىرقى دەۋردىكىمەكتەپ باشقۇرۇش ئەمەس. ھەربىرئوقوغوچى ئۆز ئالدىغا بىر دۇنيا، يېشىلمىگەنسىر، ئېچىلمىغان بايلىق،ئۇ نېمىنى ئويلاۋاتىدۇ،ئۇنىڭ تەرەققىيقىلىشىغا، يۈكسىلىشىگەنېمىلەر توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭغاقانداق مۇھىت يارىتىپ بېرىپ،قايسى جەھەتتن تەربىيەلىگەندە ئاندىنكۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ...دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر مائارىپىمىزتېخى تولۇق ئويلاپ بولالمىغان،ئەمما ئويلىمىساققەتئىي بولمايدىغانمەسىلىلەردۇر.خەلقىمىزئۆز مائارىپىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئىنتىزار. شارائىتىيار بەرگەنلىكى كىشىلەر قانچىلىك بەدەل تۆلىشىگە قارىمايبالىلىرىغا مەكتەپ تاللاۋاتىدۇ. ئىچكىئۆلكىلەردىكىتولوق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ۋە رايون ئىچىتولوقسىز سىنىپلىرىغا ئۆتكەن ئوقوغوچىلارنىڭئاتا - ئانىسىنىڭ چېھرىدىكى خۇشاللىق بىزگەئۇلارنىڭ سۈپەتلىك،ئىشەنچلىكمائارىپقا قانچىلىك دەرىجىدە تەقەززا بولۇۋاتقانلىقىنىئېيتىپ بېرىدۇ.تارىختا بىزگەئوخشاش قىسمەتلەرگە دۇچار بولغان، نادانلىقنىڭ،ئىلىم- مەرىپەتسىزلىكنىڭدەردىنى بىزكەبىي تارتقان مىللەتيوق بولسا كېرەك. نەچچە يۈز يىلمابەينىدە تارتقىنىمىزئاز كەلگەندەك، جەمئىيەتتەشەكىللەنگەن يېڭىچەبىرخىلشەكىلدىكىنادانلىق يەنە ئۇدۇل كېلىپ بىزنىتاپسا بولماس. نۆۋەتتە پارتىيە،ھۆكۆمەتنىڭ مائارىپقائەھمىيەت بېرىشىتارىختىنبۇيانقى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگەيەتتى، بۇ خىل ئەۋزەل شارائىتتىنتولۇق پايدىلىنىپ مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش،قولىدىنكېلىدىغانلىكى ئىمكانىيەتلەر بىلەنمائارىپنىڭتەرەققىياتىغاتۈرتكە بولۇپ خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش ۋە كېيىنكىلەرئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىش ھەربىر مائارىپچىنىڭمۇقەددەس بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىدۇر.
 
قەشقەر كوناشەھەرناھىيە ئاققاش يېزىلىقئوتتورا مەكتەپتىن
مەنبە :مائارىپ ژورنىلى
 

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ