ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > پەرزەنت ساغلاملىقى > تولۇق مەزمۇنى

ئەخلەت يىمەكلىكلەر خالىغانچە يېزا باللىرىنىڭ ئەقلىنى بۇلغىمىسۇن

ۋاقىت : 2014-02-10 01:42 | مەنبەسى : باغداش مۇنبىرى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئەخلەت يىمەكلىكلەر خالىغانچە يېزا باللىرىنىڭ ئەقلىنى بۇلغىمىسۇن

ئەخلەت يىمەكلىكلەر خالىغانچە يېزا باللىرىنىڭ ئەقلىنى بۇلغىمىسۇن

مەن بىر يېزا ئوقۇتقۇچىسى ، ھەر كۈنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىستىن چۈشۈپلا مەكتەپ ئالدىدىكى دۇكانلاردىن پارچە-پۇرات يىمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىۋاتقانلىقنى كۆرۈپ تۇرىمەن، بەلكىم كۆپ قىسىم كىشىلەر بالىلار تېىخى كىچىك، ئۇششاق يىمەكلىىكلەرنى يېيىشىنى خاتا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ دەپ قارىشى مۇمكىن، بىراق كۆپچىلىك ئۇلارنىڭ يەۋەتقىنىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلسە ئىدى ، شۇ ھامان قاپاقلىرىى تۈرۈلۈپ قالاتتى، ھەتتا كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇۋېتىشى مۇمكىن، باھاسى ئىنتايىن ئەرزان،سۈپىتى ئىنتايىن ناچار، ئورىلىشى سۈپەتسىز، ھېچقانداق سۈپەت كاپالىتى يوق……… بۇ ئۇششاق يىمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنى دىمەي تۇرايلى، ھەتتا ئەڭ ئاددىيسى بىخەتەرلىكتىنمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.ئەنخۈي ئۆلكىسى ۋۇۋېي ناھىيەسىدە ئىلگىرى مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەن، 13 ياشلىق بالا 13خالتا 1 خالتىسى 1 موچەنلىك ”گۆش“ (大刀肉) يىگەنلىكتىن ئۆلۈپ قالغان. بىر نارىسىدىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ”گۆش“ مۇشۇ شۇ
ئەخلەت يىمەكلىكلەر خالىغانچە يېزا باللىرىنىڭ ئەقلىنى بۇلغىمىسۇن

1خالتىسى 1 موچەنلىك زادى قانداق گۆش؟ ئويلغانسىرى ئادەمنىڭ چىكىسىنى تەر باسىدۇ، مۇشۇنداق مەھسۇلاتنىڭ ھازىرمۇ بازاردا سېتىلىۋاتقانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، تېخى مەخسۇس بالىلار ئۈچۈنلا ياسىلىدۇ! ”ئەخلەت يىمەكلىك“لەر يېزىلارغا ھۇجۇم قىلدى، يېزا بالىلىرى ئائىلە ئىقتىسادى چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ، خەجلەيدىغان پارچە پۇلىمۇ چەكلىك بولىدۇ، ئەزەلدىن باھاسى يۇقۇرراق بولغان ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارغا يېزىلاردا بازار يوق، بالىلارمۇ ئامالسىز سۈپىتى ناچار ، باھاسى ئەرزان ئۇششاق يىمەكلىلەرنى يىشىشكە مەجبۇر بولىدۇ.چۈنكى بالىلارنىڭ پەرىق ئىتىش ئىقتىدارى ۋە ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى چەكلىك بولغاچقا، ئۆزى سېتىۋالماقچى بولغان مەھسۇلاتنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقنى پەرىق ئىتەلمەيدۇ.  يېزىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا قىلغان نەسىھەتلىرىمۇ ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغان بالىلارنىڭ ئوڭ قۇلقىدىن كىرىپ ،سول قۇلقىدىن چىقىپ كىتىدۇ.  ئەگەر ، مەمىلكىتىمىزدە شەھەر بىلەن يېزىلار ئارسىدا پەرىق مەۋجۇت دىسەك، يىمەكلىك بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش جەھەتتى بۇ پەرىق تېخىمۇ روشەن، شەھەرلەردە يىمەكلىك بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش تورلىرى دىگەندەك مۇكەممەل بولمىسىمۇ ، ھېچ بولمىسا باشقۇرغۇچى تارماقلار بار، سودىگەرلەر خالىغانچە ھەددىدىن ئاشالمايدۇ، بىراق كەڭ يېزىلار بولسا نەزەردىن ساقىت قىلىنغان بۇلۇڭ خالاس، يىمەكلىك بىخەتەرلىك مەسىللىرى ماڭدامدا بىر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.يېزا باللىرىمۇ ئوخشاشلا دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ، مىللەتنىڭ ئۈمۈدى، ئۇلارمۇ شەھەردىكى بالىلارغا ئوخشاش، مىھرىبانلىق ۋە كۆيۈنۈشكە مۇھتاج. سۈپىتى ناچار مەھسۇلاتلار خالىغانچە يېزا باللىرىنىڭ سالامەتلىكىگە تاجاۋۇز قىلسا بولمايدۇ.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ