ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > پەرزەنت ساغلاملىقى > تولۇق مەزمۇنى

چىنىقىشنىڭ كام بولۇشى ‹‹پارنىك بالا›› لارنى كۆپەيتتى

ۋاقىت : 2013-09-17 20:10 | مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
چىنىقىشنىڭ كام بولۇشى ‹‹پارنىك بالا›› لارنى كۆپەيتتى

چىنىقىشنىڭ كام بولۇشى ‹‹پارنىك بالا›› لارنى كۆپەيتتى

يېقىندا، گۇاڭدۇڭدىكى بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئون كىلومېتىر يۈگۈرگەچكە، بەدەن ئەزالىرى زەئىپلىشىپ ئۆلۈپ كەتكەن. خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لۇەن چۈەن ناھىيەسىدىمۇ بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەشىق قىلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن... بۇنىڭ بىلەن جياڭسۇ، گەنسۇ، خۇبېي قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى بىر قىسىم ئالىي، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەر تەنتەربىيە دەرسىدىكى ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش قاتارلىق يېنىك ئاتلېتكا تۈرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. بۇ تۈرلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ئوقۇغۇچىلارنى ‹‹پارنىك بالا››غا ئايلاندۇرۇپ قويماقتا.

   ‹‹ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى يۈگۈرتمەسلىكى، مەكتەپلەرنىڭ يۈگۈرتۈشكە جۈرئەت قىلالماسلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈگۈرۈشنى خالىماسلىقى ياكى يۈگۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلمەسلىكى››گە قارىتا، نەنجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى تەنتەربىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ زۇڭپىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىدە ئۆرلەش بولغان بولسىمۇ، بىراق بەدەن ساپاسى تۆۋەنلەپ كەتتى. ئوغۇللارنىڭ 1000 مېتىر، قىزلارنىڭ 800 مېتىرغا يۈگۈرۈش تۈرلىرىنى مىسالغا ئالساق، ھازىر ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە نەتىجىسى 10 يىلدىن بۇرۇنقىدىن ئون سېكۇنتتىن كۆپرەك ئازلاپ كەتتى، دېدى.

   ھازىر مەكتەپلەردە ‹‹كىچىك بودەكلەر›› كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان ‹‹2011 – يىللىق بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ساغلاملىق تەكشۈرۈش دوكلاتى››دىن ئاشكارىلىنىشىچە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىش سالامەتلىك تەكشۈرۈشىگە قاتناشقان 75 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ %14 لاياقەتلىك بولغان. كۆرۈش ئىقتىدارى ئاجىز بولغانلار %86كە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئوغۇللارنىڭ %15تىن، قىزلارنىڭ بولسا %10تىن ئېشىپ كەتكەن.

   ‹‹ھازىرقى بالىلارنىڭ بويى ئېگىز بولسىمۇ، بىراق ئۇلار پارنىك بالىلىرىغا ئوخشايدۇ. نەنجىڭدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى 20 يىل كۆزىتىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى سەۋەبنى ئۇلارنىڭ ‹‹ ئۇزۇنغا يۈگۈرمىگەنلىكى، تېز يۈگۈرمىگەنلىكى، ئېگىزگە، يىراققا سەكرىمىگەنلىكى››دە بولۇۋاتقانلىقىدىن دەپ قارىغان. كۆپلىگەن ئاتا – ئانىلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان رىقابىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى، بەدەن ساپاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىم ئامىل دەپ قارايدۇ. ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى كۆپرەك چېنىقىشقا قاتناشتۇرۇشنى ئويلايدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ۋەزىپىسى زىيادە ئېغىر، ۋاقتى يوق، ئۇنىڭدىن باشقا ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراش ئۇسۇلىنىڭ كەمچىل بولۇشىمۇ ‹‹پارنىك بالا››نىڭ كۆپىيىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. كۆپلىگەن ئاتا – ئانا پەرزەنتلىرىنى زىيادە ئەتىۋارلايدۇ، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلدۇرمايدۇ، سىرتقا چىقسا ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغۇزىدۇ، بەزىدە بالىلارغا ئوزۇقلۇق تولۇقلاشنى ئويلاپ، ئىلمىي يېمەك – ئىچمەككە دىققەت قىلمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، كۆپلىگەن بالىلار ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇققا مەپتۇن بولۇپ كېتىپ، ھەرىكەت قىلمايدۇ.

    يىغىنچاقلىغاندا، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى كۆپرەك چېنىقىشقا قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارغا ئۈلگە بولغاندا، پارنىك بالىلار ئازلايدۇ.

 

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ