بوۋاقلار قەۋزىيەت بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟
قەۋزىيەت بوۋاقلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ھەر خىل بولسىمۇ، چوڭ جەھەتتىن ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ: بىرى، فۇنكسىيەلىك قەۋزىيەت بولۇپ، ياخشى پەرۋىش قىلىنسىلا ساقايتقىلى بولىدۇ؛ يەنە بىرى، تۇغما خاراكتېرلىك ئۈچەي غەيرىلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان قەۋزىيەت بولۇپ، تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىقلا ساقايتقىلى بولىدۇ. ئادەتتە بوۋاقلاردىكى قەۋزىيەتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى فۇنكسىيەلىك قەۋزىيەتكە تەۋە بولۇپ، ئائىلىلەردىمۇ داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.
1. ئوزۇقلۇقنى ئۆزگەرتىش. ئەگەر بوۋاقلاردىكى قەۋزىيەت ئوزۇقلۇقنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن بولسا، ئوزۇقلۇق مىقدارىنى كۆپەيتىش كېرەك. ئانا سۈتىدە بېقىلىۋاتقان بوۋاقلارنى پات - پات ئېمىتىش، سۈنئىي بېقىلىۋاتقان بوۋاقلارغا بېرىلىدىغان تەڭشەلگەن سۈتنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
2. يېمەكلىك ئارقىلىق تالا ماددىسىنى تولۇقلاش. تالا ماددىسى (سېلليۇلوزا) ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ. كۆكتات ۋە مېۋىلەردىن باشقا مور (قېرىنقۇلاق)، موگۇ تۈرىدىكىلەر، سۇلۇ يارمىسى، دېڭىز قوغاژايى، لامنارىيە ۋە قۇرۇق مېۋە قاتارلىقلاردىمۇ مول تالا ماددىسى ۋە مىنېرال ماددىلار بولغاچقا، ئۇلارنى بوۋاقلارغا مۇۋاپىق مىقداردا يېگۈزسە پايدىسى بولىدۇ. ئەگەر بوۋاقلارغا تېخى قوشۇمچە يېمەكلىكلەر بېرىلمىگەن بولسا، قايناق سۇ ۋە كۆكتات سۈيىنى كۆپرەك ئىچكۈزسە بولىدۇ. ئەگەر ئانا سۈتىدە بېقىلىۋاتقان بولسا، ئانىمۇ يېمەك - ئىچمەكنى تەڭشىشى، كۆكتات، مېۋە ۋە قارا ئاشلىق يېمەكلىكىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
3. ئۈچەي پروبىئوتىكلىرىنى كۆپەيتىش. بوۋاقلارغا پروبىئوتىك (پايدىلىق باكتېرىيە) دورىلىرىنى بېرىش، بولۇپمۇ تەركىبىدە قوش ئاچىلىق تاياقچە باكتېرىيەسى، سۈت كىسلاتا باكتېرىيەسى، ئۈچەي شارچە باكتېرىيەسى قاتارلىق پروبىئوتىك (پايدىلىق باكتېرىيە) لەرنى تولۇقلاش كېرەك.
4. قورساقنى ئۇۋۇلاش. بوۋاقنى ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ ئوڭ ئالقان بىلەن بوۋاقنىڭ قورسىقىنى سائەت ئىسترېلكىسى يۆنىلىشى بويىچە ئۇۋۇلاش ۋە ئىتتىرىش كېرەك، ئۇۋۇلىغاندا بەك كۈچىۋەتمەسلىك، كۈندە ئىككى - ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئون مىنۇت داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
5. تەرەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش. بوۋاقلارنى ئۈچ - تۆت ئايدىن كېيىنلا قەرەللىك تەرەت قىلدۇرۇپ ئادەتلەندۈرۈش كېرەك. چۈنكى دائىم تاماقتىن كېيىن ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى كۈچىيىپ تەرەت قىستاش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، شۇڭا تاماقتىن كېيىن بوۋاقنى تەرەت قىلدۇرۇپ، تەرەت قىلىشنىڭ شەرتلىك ئىنكاسىنى پەيدا قىلىش كېرەك.
6. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش. قورساق مۇسكۇلىنىڭ ھەرىكىتىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە كۈچەيتىش قەۋزىيەتنى يوقىتىشقا پايدىلىق. مەسىلەن: ئاددىي ھالدىكى ئۆمىلەش، دومىلاش، زوڭزىيىش، بەدەننى ئالدى - ئارقىغا ئېگىش ياكى بەلنى ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلار ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىدۇ.
7. مەقئەتنى قىسمەن غىدىقلاش. بارماقنى سوپۇن سۈيىگە ياكى بوۋاقلار مېيىغا چىلاپ بوۋاقلارنىڭ مەقئىتىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، مەقئەتنى غىدىقلاپ مەقئەتتىكى قورۇغۇچى مۇسكۇللارنى بوشىتىپ تەرەت ماڭدۇرۇشقا پايدىسى بولىدۇ.
8. دورا بىلەن داۋالاش. بوۋاقلار قەۋزىيەت دورىسىنى ئىشلەتسە بىرقەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ساپ مالتوزىدىن ياسالغان بولۇپ، مالتوزىنىڭ ئاستا - ئاستا ئېچىتىش رولى ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ، ئەكس تەسىرى بولمايدۇ.
(تەھرىر : سەپەر)
«بوۋاقلار قەۋزىيەت بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: بالا ئالتە ياشتىن بۇرۇن كېكەچلىسە ئەنسىرىمەڭ
- بالا ئالتە ياشتىن بۇرۇن كېكەچلىسە ئەنسى
- بوۋاقلار قەۋزىيەت بولۇپ قالسا قانداق قى
- بالا باققۇچى ئالتە ياشلىق بالىنى يىڭنە
- سەرگەردان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلغانلى
- بالىلارنىڭ يۈزى تارتىشىپ قالغاندا...
- مېۋە چېۋە كۆكتاتىنىڭ ئورنىنى باسالامدۇ
- بالىلارغا زىيانلىق ئون قىلىق.
- بوۋاقىنى قانداق ئاپتاپسىندۇرۇش كېرەك.
- بوۋاقنى دائىم ياتقۇزۇپ قويۇش توغرىمۇ؟
- بالىلار قانداق مىشىقىرىش كېرەك؟
- يەتتە ئايلىق بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىېمەك
- يوغان سورتلۇق ھالۋابىدىت يۆتەلگە داۋا.
- بالىلار نېمىشىقا قاتتىق پوستلۇق مېۋىلە
- بالىلارنىڭ قىسمەن تاماقلارنى يېگۈسى كە
- بالىلارنى كۆكتات يىېيشىكە قانداق كۆندۈ
- بالىلار نېمىشىقا مېۋىلەرنى ئارتۇق ئىست
- بالا ئالتە ياشتىن بۇرۇن كېكەچلىسە ئەنسىرىمەڭ
- بوۋاقلار قەۋزىيەت بولۇپ قالسا قانداق قىلىش ك
- بالا باققۇچى ئالتە ياشلىق بالىنى يىڭنە سانجى
- سەرگەردان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلغانلىق - ئە
- بالىلارنىڭ يۈزى تارتىشىپ قالغاندا...
- مېۋە چېۋە كۆكتاتىنىڭ ئورنىنى باسالامدۇ؟
- بالىلارغا زىيانلىق ئون قىلىق.
- بوۋاقىنى قانداق ئاپتاپسىندۇرۇش كېرەك.
- بوۋاقنى دائىم ياتقۇزۇپ قويۇش توغرىمۇ؟
- بالىلار قانداق مىشىقىرىش كېرەك؟
- بوۋاقلار قەۋزىيەت بولۇپ قالسا قانداق قىلىش ك
- كىچىك بالىلار سۇ ئۈزگەندە نىمىلەرگە دىققەت ق
- ئەخلەت يېمەكلىكلەرنىڭ زىيىنىنى بىلىۋېلىڭ
- بالىلارنىڭ چىشىنىڭ رەتسىز ئۆسۈپ قېلىشنىڭ سەۋ
- قۇۋۋەت ئىچىملىكى بىخەتەرمۇ؟
- ئېمىتىش ۋاقتى قانچىلىك بولسا مۇۋا
- بالىڭىزدا ‹‹چۈش سەيلىسى›› كېسەل
- يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى تەۋرەتكەندە
- بالىلار نېمىشقا تاماقتىن چىقىپ قا
- بالىلار مېۋە ئۇيۇتمىسى ئىستېمال ق
- ئېمىتىش ۋاقتى قانچىلىك بولسا مۇۋا
- بالىلار نېمىشقا تاماقتىن چىقىپ قا
- بالىلارنى بارغانسېرى دۆت قىلىپ قويىدىغان يېم
- يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى تەۋرەتكەندە
- بالىڭىزغا ئۈچ ياشتىن ئىلگىرى تېلې
- 12 ئايلىق بوۋاقلارغا قانداق قوشۇمچ
- بالىلار نېمىشقا شورپا ياكى قايناق
- بوۋاقنى دائىم ياتقۇزۇپ قويۇش توغر
- بالىلار مېۋە ئۇيۇتمىسى ئىستېمال ق
- بالىلارنىڭ شالۋىقى ئاقسا قانداق ق