ئېمىتىش ۋاقتى قانچىلىك بولسا مۇۋا
ئېمىتىش ۋاقتى قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ
نۇرغۇن ياش ئانىلار بالىنى ھەر نۆۋەتلىك ئېمىتىش ۋاقتىنىڭ قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى ئانچە بىلىپ كەتمىگەچكە ، بالا ئېمىتكەندە ئېمىتىش ۋاقتىنى يا قىسقا ، يا ئۇزۇن قىلىۋالىدۇ . ئەگەر ئېمىتىش ۋاقتى بەك قىسقا بولۇپ قالسا بالىنىڭ قورسىقى تويماي ، ياتقۇزۇپ بولغىچىلا يىغلاپ كېتىدۇ . بۇ خىل ھالەت ئۇزىراپ كەتسە بالىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن . يەنە بىرى ئېمىتىش ۋاقتىنىڭ بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىشى بولۇپ ، بۇنىڭدىن تۆۋەندىكىدەك ناچار ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ :
بالىنىڭ بىر قېتىملىق ئەمگەن سۈتىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق ، بالا ئانىنى ئېمىشكە باشلىغان ۋاقتىدا ئانا سۈتىنىڭ ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى ، ماي مىقدارى تۆۋەن بولىدۇ . ئېمىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ماي مىقدارى يۇقىرىلاپ ، ئاقسىل مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ . شۇڭا ئېمىش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە بالىنىڭ قوبۇل قىلىدىغان ماي مىقدارىمۇ كۆپ بولۇپ ، بالىدا ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ئەگەر سۈتنى ئېمىپ بولۇپ ، قۇرۇق شوراپ سالسا ھاۋانى سۈمۈرىۋالىدۇ – دە ، بالا قۇسۇۋېتىدۇ . ئۇنداقتا ھەر قېتىملىق بالا ئېمىتىش ۋاقتى قانچىلىك بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولغان بولىدۇ ؟ ئادەتتە ھەر قېتىملىق بالا ئېمىتىش ۋاقتى 10 مىنۇت ئەتراپىدا بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ . دەسلەپكى ئىككى مىنۇتتا بالا سۈتنىڭ %50 ىنى قوبۇل قىلالايدۇ . كېيىنكى تۆت مىنۇتتا 80 – 90 پىرسەنتىنى قوبۇل قىلالايدۇ . يەنە بەش مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن بولسا ئاساسەن قوبۇل قىلالمايدۇ . بۇنىڭدىن قارىغاندا ئېمىتىش ۋقتى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشى دېگەن قاراش ئانچە توغرا بولماي قالىدۇ . ئوزۇقلۇق قىممىتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ، بالا ئېمىتىش ۋاقتى تۆت مىنۇت بولسىلا كۇپايە قىلىدۇ . لېكىن كېيىنكى بەش مىنۇت ۋاقىتنىمۇ ئارتۇقچە دەپ قارىماسلىق كېرەك . چۈنكى بۇ ۋاقىت سۈت كەلتۈرىدىغان ھورمۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، سۈتنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ . ئۇندىن باشقا يەنە ئانا – بالىلىق مېھرىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ .
‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى ››ژۇرنىلىدىن ئېلىندى
(تەھرىر : بەشتاش)
«ئېمىتىش ۋاقتى قانچىلىك بولسا مۇۋا»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- بوۋاقنى دائىم ياتقۇزۇپ قويۇش توغرىمۇ؟
- بالىلار قانداق مىشىقىرىش كېرەك؟
- يەتتە ئايلىق بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىېمەك
- يوغان سورتلۇق ھالۋابىدىت يۆتەلگە داۋا.
- بالىلار نېمىشىقا قاتتىق پوستلۇق مېۋىلە
- بالىلارنىڭ قىسمەن تاماقلارنى يېگۈسى كە
- بالىلارنى كۆكتات يىېيشىكە قانداق كۆندۈ
- بالىلار نېمىشىقا مېۋىلەرنى ئارتۇق ئىست
- 18 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ تەن قۇرۇلما جەھەتت
- 18 ئايلىق بالىلارنىڭ ھەرىكەت ئىقىتىدارى
- نېمە ئۈچۈن بالىلارغا ئۆزى تاماق يىېيشىن
- بالىلارنىڭ تاماق قاچىسىنى قانداق تالىل
- بەك پاكىز بولۇپ كەتسە ، بالا ئوڭاي كېسەل
- بالىلار بۇرننى كولسا نېمىشقا بولمايدۇ؟
- بالىلار نېمشىقا كۆكتاتنى كۆپرەك يىېيشى
- بوۋاقلارغا تاۋۇزنى كۆپ بېرىۋېتىشتىن سا
- بوۋاقنى دائىم ياتقۇزۇپ قويۇش توغرىمۇ؟
- بالىلار قانداق مىشىقىرىش كېرەك؟
- يەتتە ئايلىق بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىېمەكىلىك ق
- يوغان سورتلۇق ھالۋابىدىت يۆتەلگە داۋا.
- بالىلار نېمىشىقا قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى كۆ
- بالىلارنىڭ قىسمەن تاماقلارنى يېگۈسى كەلمەسى
- بالىلارنى كۆكتات يىېيشىكە قانداق كۆندۈرۈش كې
- بالىلار نېمىشىقا مېۋىلەرنى ئارتۇق ئىستېىمال
- 18 ئايلىق بوۋاقلارنىڭ تەن قۇرۇلما جەھەتتىكى ي
- 18 ئايلىق بالىلارنىڭ ھەرىكەت ئىقىتىدارىنىڭ يى
- كىچىك بالىلار سۇ ئۈزگەندە نىمىلەرگە دىققەت ق
- ئەخلەت يېمەكلىكلەرنىڭ زىيىنىنى بىلىۋېلىڭ
- بالىلارنىڭ چىشىنىڭ رەتسىز ئۆسۈپ قېلىشنىڭ سەۋ
- قۇۋۋەت ئىچىملىكى بىخەتەرمۇ؟
- ئېمىتىش ۋاقتى قانچىلىك بولسا مۇۋا
- بالىڭىزدا ‹‹چۈش سەيلىسى›› كېسەل
- يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى تەۋرەتكەندە
- بالىلار نېمىشقا تاماقتىن چىقىپ قا
- بالىلار مېۋە ئۇيۇتمىسى ئىستېمال ق
- 12 ئايلىق بوۋاقلارغا قانداق قوشۇمچ
- ئېمىتىش ۋاقتى قانچىلىك بولسا مۇۋا
- بالىلار نېمىشقا تاماقتىن چىقىپ قا
- بالىلارنى بارغانسېرى دۆت قىلىپ قويىدىغان يېم
- يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى تەۋرەتكەندە
- بالىڭىزغا ئۈچ ياشتىن ئىلگىرى تېلې
- 12 ئايلىق بوۋاقلارغا قانداق قوشۇمچ
- بالىلار نېمىشقا شورپا ياكى قايناق
- بوۋاقنى دائىم ياتقۇزۇپ قويۇش توغر
- بالىلار مېۋە ئۇيۇتمىسى ئىستېمال ق
- بالىلارنىڭ شالۋىقى ئاقسا قانداق ق