ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > پەرزەنت ساغلاملىقى > تولۇق مەزمۇنى

بالىلارغا دورا ئىشلىتىشتىكى خاتا كۆز قاراشلار(2)

ۋاقىت : 2013-12-27 19:38 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

بالىلارغا دورا ئىشلىتىشتىكى خاتا كۆز قاراشلار(2)

 

l        ئانتىبىئوتىكلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش

تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، 90% تىن ئارتۇق يۇقىرى نەپەس يۇقۇملىنىش ۋىرۇستىن كېلىپ چىقىدىكەن. شۇڭا يۇقىرى نەپەس يولىدا يۇقۇملىنىش كۆرۈلگەندە ئانتىبىئوتىك ئىشلىتىش مۇۋاپىق ئەمەس. ئۇ ھەتتاكى پاتوگىننىڭ ئانتىبىوتىكقا قارشى كۈچ ھاسىل قىلىۋېلىشىنى  كەلتۈرۈپ چېقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا بالا ئاغرىپ قېلىشى بىلەنلا سەۋەبىنى ئېنىقلىماي تۇرۇپلا،ئانتىبىوتىك ئىچكۈزۈشكە ئالدىرىماسلىق كېرەك، چۈنكى ئانتىبىوتىكلارنى قالايمىقان ئىشلەتكەندە ئاڭلاش نېرىپلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ قۇلاق غوڭۇلداش، ھەتتا گاس بولۇشنى كەلتۈرۈپ چېقىرىدۇ.

ئۇنداقتا قانداق ئەھۋال ئاستىدا بالىغا ئانتىبىوتىك ئىشلتىشى كېرەك؟ مۇتەخەسسسلەرنىڭ دېيىشىچە، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا توغرا ھۆكۈم قېلىش كېرەك. باكتىرىيەدىن يۇقۇملىنىشنىڭ  جىددى پەيتىدە،( قان كۆرسەتكۈچلىرى يۇقىرى بولغاندا)  ئانتىبىوتىك ئىشلىتىش كېرەك، بالىنىڭ ئەھۋالى ئەسلىگە قايتىش مەزگىلىگە كېرگەندە  ئانتىبىوتىك ئىشلىتىشنى باشلىمغان بولسا ئىشلتىشنىڭ ھاجىتى يوق.يۇقۇملىنىشنىڭ جىددى پەيتىگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بالىنىڭ بىئارام بولغان -ھۆكۈم قىلىشتۇر، ئەگەر بالىنىڭ قىزىتمىسى يېنىپ تېتىك ھالەتكە قايتسا ساقىيىش باسقۇچىغا كېرگەن بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا ئانتىبىوتىك ئىشلەتكەندە چوقۇم باسقۇچقا تولدۇرۇپ ئىشلىتىشپ كېرەك. ئادەتتە بىر باسقۇچى 5~7كۈنگىچە بولىدۇ،ھەرگىزمۇ بالىنىڭ كېسىلىدە بىرئاز ياخشىلىنىش بولغانلىقىنى كۆرۈپلا توختىتىۋەتسە بولمايدۇ. ئەگەر قالدۇق باكتىرىيەلەر بار بولسا، ئۇ شۇخىل ئانتىبىوتىكقا قارشى كۈچ ھاسىل قىلىۋالىدۇ دە دوختۇرلارمۇ قانداق دورا  بىلەن تاقابىل قىلىشتا قېيىنچىلىققا ئۇچرايدۇ،

l           ئانتىبىوتىك ئىشلىتىشنى رەت قىلىش

بەزى ئاتا_ ئانىلار ئانتىبىوتىك ئىشلىتشنىڭ يۇقاردا ئېيتيلغاندەك ئەكىس تەسىرىنى بىلىۋېلىپ  ئانتىبىوتىكنى قەتئىي رەت قىلىدىغان بىر خىل پىسخىكا شەكىللەندۈرېۋالىدۇ دە، دوختۇر يېزىپ بەرگەن ئانتىبىوتىكلارنى ئۆيگە ئېلىپ قايتىپ كەلگەن تەقدىردىمۇ ھەرخىل ئويلار بىلەن ئىشلىتىشتىن ئەنسىرەيدۇ. ئەمەلىيەتتە قالايمىقان ئىشلىتىش بىلەن مۇۋاپىق ئىشلتىش دېگەن ئىككى خىل ئۇقۇم شۇڭا كېسەللىك ئەھۋالى ئېھتىياجلىق ئەھۋال ئاستىدا مۇۋاپىق ئشلىتىشمۇ  ئىنتايىن زۆرۈردۇر.

*بىرخىل كېسەلگە كۆپ خىل دورا ئىشلىتىش

بالىلار كېسەل بولۇپ قالغاندا، ئاتا_ئانىلار كۆپ خىل دورا بىلەن تېزراق ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە دورىلار بەك مۇرەككەپ بولغاندا  ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىپ زەھەرلىك خۇسۇسىيىتى ئارتىپ كېتىپ ئۈنۈمى ياخشى بولمايلا قالماستىن ئەكىسچە يامان تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ.مەسلەن: پىنتسىلىن بىلەن ئاسپىرىنىنى بىللە ئىستىمال قىلغاندا پىنسىلىننىڭ باكتىرىيەگە قارشى تۇرۇش رولىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ،磺胺 بىلەن ۋىتامىن س نى بىللە ئىسىتىمال قىلغاندا بۆرەكنى زەھەرلەشنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ.

l           تېنى ئاجىز بولۇش ۋە قۇۋۋەت تولۇقلاش دورىلىرى

نۆۋەتتە بالىلارغا قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىستىمال قىلدۇرىدىغان ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ، ئاتا- ئانىلارنىڭ بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبىمۇ دەل بالىلار غا ياخشى بولسۇن ئۈچۈن، ئۇلار بالىنىڭ تەس ساپاسىنىڭ ياخشى بولۇپ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىستەپ شۇنداق قىلىدۇ، ئەمما تىببى ساۋاتلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشى تۈپەيلىدىن نەتىجىسى ئۈمۈدىنىڭ قارشىسىدەك بولۇپ چىقىدۇ. بىر دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، 9 نەپەر بوۋاق ئادەمگىياھ ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن نىرۋا سېستىمىسىدا ھەرخىل ئالامەتلەر كۆرۈلگەن ، يەنە بىر بالا كۆپ مىقداردا ئادەمگىياھ ئىچكەندىن كېيىن قول –پۇتلىرى تارتىشش، ھۇشسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ، ئاخىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەۋسىيىسى بولسا، ساغلام بالىلارنىڭ قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان نەرسىلەرنى بەرمەسلىك،5 ياشتىن يۇقىرى تېنى ئاجىز بالىلارغا دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسىدە مۇۋاپىق ئىستىمال قىلدۇرۇش، ھەرگىزمۇ ئۆزى بىلگەنچە قالايمىقان ئىستىمال قىلدۇرماسلىق لازىم.


 

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ