ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > پەرزەنت ساغلاملىقى > تولۇق مەزمۇنى

بوۋاقنىڭ پۇتىنىڭ ئەگرى بولىشى نورمال ئەھۋالمۇ؟

ۋاقىت : 2013-12-27 19:35 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
بوۋاقنىڭ پۇتىنىڭ ئەگرى بولىشى نورمال ئەھۋالمۇ؟

بالىنىڭ پۇتىنىڭ ئەگرى بولىشى نورمال. بۇنداق بولىشى ھامىلە بالىياتقۇ ئىچىدە تۈگۈلۈپ تۇرىدۇ، ئىككى پۇتى ئېگىلگەن ھالەتتە بولىدۇ، بوۋاقنىڭ مۇسكۇلىنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولمىغانلىقتىن، سۆڭىكىنىڭ كۈچىمۇ بىر قەدەر ئاجىز بولىدۇ. شۇڭا بوۋاقنىڭ پۇتىمۇ ئەگرى بولىدۇ. بوۋاقنىڭ داۋاملىق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، ئولتۇرۇشتىن ئۆرە تۇرۇش ۋە مېڭىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پۇتى تەبىئىيلا تۈزلىنىدۇ.
چوڭلار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ پۇتىنى تېڭىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا پۇتىنىڭ مايماق بولۇپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇ خىل قاراش توغرا ئەمەس. مەنمۇ بالام تۇغۇلغاندا، ئاپامنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يۆگەككە چىڭڭىدە زاكىلاپ باققان ئىدىم. تېخى پۇتىنى ئايرىپ تېڭىۋېلىپ ئاندىن قوللىرىنىمۇ تۈزلەپ تېڭىپ زاكىلايتتىم. ئەمما بالام زاكىلىساملا قىمىرلاپ جىم ياتمايتتى. ئاستىنى قۇرۇقداش ئۈچۈن زاكىدىن يەشكەن چاغلىرىمدا بولسا پۇت قوللىرىنى سوزۇپ كېرىلىپ راھەتلىنىپ كېتەتتى. بالامنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ پۇت قوللىرىنى ئەركىن قويۇپ بېرىپ، يۆگەككە بۆلىمەي چوڭ قىلىشنى ئويلاشقا ھەم ئاپامغا شۇنداق قىلىش ئويۇمنى ئېيتقان چاغدا، ئاپام پەقەتلا قوشۇلمىدى. بالىنى زاكىلىمىساق پۇتى مايماق بولۇپ قالسا قانداق قىلىمىز؟ كېيىن ۋاي ئىسىت دېگەن بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ دەپ تۇرىۋالدى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ مەنمۇ تازا خاتىرجەم بولالماي زاكىلاۋەردىم. بالام 42 كۈنلۈك بولغاندا ئانا بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسغا بالامنى بەدەن تەكشۈرتۈش قىلغىلى ئاپام بىلەن بىللە باردىم. نۆۋەت بىزگە كەلگەندە، دوختۇر بالىنىڭ پۇت قول ھەرىكىتىنى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يۆگەكتىن ئايرىشقا بۇيرىدى. مەن ئەمدى سىرتىدىكى يۆگەكنى قايرىشىمغا چىڭڭىدە تېڭىۋەتكەن بالىنى كۆرۈپلا :“ بىچارە بالىنى نىمانداق قىينايسىلەر؟ سىلەرنىڭ پۇت قولۇڭلارنى مەھكەم تېڭىپ قويسا بەك راھەتلىنىپ كېتىدىغان ئوخشىمامسىلەر؟ بوۋاقلارنىڭ پۇت قولى ئەركىن قويىۋېتىلىپ بېقىلسا، بەدىنىنىڭ تەرەققىياتىمۇ ياخشى بولىدۇ. ھەم راھەت ئۇخلايدۇ. ..“ دەپ سۆزلەپلا كەتتى. مەن دوختۇرغا پۇتى مايماق بولۇپ قالمىسۇن دەپ شۇنداق قىلغانلىقىمىزنى ئېيتتىم. دوختۇر ھەيران قېلىپ، بۇ گەپنىڭ قىلچىمۇ ئاساسى يوقلىقى، ئەگەر ئىرسىيەت ئامىلى بولسا ئاندىن مايماق بولۇپ قالىدىغانلىقى،بولمىسا ھەرگىزمۇ مايماق بولۇپ قالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن شۇندىلا خاتىرجەم بولدۇم ھەم شۇنىڭدىن باشلاپ بالامنى تاڭماي چوڭ قىلدىم. بالام ھازىر بىر يېرىم ياشقا كىردى. ئەلھەمدۇلىللاھ. پۇتى شۇنچىلىك تۈز.
ئەمىلىيەتتە پۇتنى تېڭىش بوۋاقنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي يەنە قان ئايلىنىشغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. داۋاملىق تېڭىلسا، بوۋاق سۆڭىكىنىڭ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۆڭگەچ بوغۇمىنىڭ چىقىپ قېلىشى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بەزى ئاتا ئانىلار بوۋاقنىڭ پۇتىنىڭ ئەگرى بولىشى كالتىسينىڭ كەم بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىدۇ دەپ ئويلايدۇ. بۇ كالتىسي بىلەن مۇناسىۋەتسىز. بوۋاقلاردىكى كالتىسىي كەملىكىتىن كېلىپ چىققان راخت كېسىلى ئاساسلىقى باش سۆڭىكى يۇمشاق بولۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. راخت كېسىلىدىن كېلىپ چىققان پۇتىنىڭ ئەگرى بولىشى بالا مېڭىشقا باشلىغاندىن كېيىن كۆرىلىدۇ. سۆڭەك يۇمشاق بولغانلىقى ۋە مۇسكۇل، بوغۇملار بوش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆرە تۇرۇش ۋە مېڭىشنىڭ تەسىرىدە پەيدىنپەي پۇتنىڭ غەيرى يېتىلىشى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، بوۋاقنىڭ پۇتىنىڭ ئەگرىلىكىنى كۆرۈپلا بوۋاققا دەرھال كالتىسي تولۇقلاشقا ئالدىرىماسلىق كېرەك. بۇنداق قىلىش بوۋاققا ئارتۇقچە يۈك بولىدۇ.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ