ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > پەرزەنت ساغلاملىقى > تولۇق مەزمۇنى

بالىلارغا دورا ئىشلىتىشتىكى خاتا كۆز قاراشلار(1)

ۋاقىت : 2013-12-27 19:36 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

بالىلارغا دورا ئىشلىتىشتىكى خاتا كۆز قاراشلار(1)

بالىلار ئاغرىپ قالغاندا دورا ئىشلەتكەندە دورىنىڭ ئەكىس تەسىرىگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بالىلارغا دورا ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولمىغاندا ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىىقىشى مۇمكىن، شۇڭا بالىلارنىڭ جىسمانىي سالامەتلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى  خاتا كۆز قاراشتىن خالي بولۇش كېرەك.

1.       بالىلارغا چوڭلارنىڭ دورىسىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىپ بېرىش

بۇخىل قاراش  بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق. ئاتا –ئانىلار شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى لازىمكى، بالىلاربىلەن چوڭلارنىڭ پەرقى  ئېغىرلىقتىكى پەرقلا بولۇپ قالماستىن، ئەڭ مۇھىم ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى پەرقىدۇر. بولۇپمۇ بالىلارنىڭ جىگەر، بۆرەك قاتارلىق ئەزالىرى تولۇپ يېتىلىپ بولالمىغان ، ئېنىزىم سىېستىمىسى تېخى شەكىللەنمىگەن بولغاچقا، دورىلارغا قارىتا مىتابولىزىمى ۋە زەھەر پارچىلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئەمەس. چوڭلارنىڭ دورىلىرىنى قالايمىقان ئىشلەتكەندە ئاسانلا ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا مېيىپ قېلىپ قويۇش ۋە ياكى ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. مەسلەن: فوپەيسۈەن 氟哌酸ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىنغاندا بالىنىڭ سۆڭىڭىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 18 ياشتىن كىچىك بالىلار ئىچىشكە بولمايدۇ. 四环素بالىلارنىڭ سۆڭىكىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن بالىلارنىڭ چىشىنى سارغايتىۋىېتىدۇ، شۇڭا 8 ياشتىن كېىچك بالىلارغا بېرىشكە بولمايدۇ.

2.     قىزىتما دورىلىرىنى قالايمىقان ئىشلتىش

قىزىتما ئادەمنىڭ زۆرۈر بولغان قوغداش مىخانىزىمى. بەزى ياش ئانىلا ر بالىلار قىزىتىپ قالغاندا دورا ئىچكۈزسىلا ياخشى بولۇپ قالىدۇ دەپ ئويلايدۇ. شۇڭا ئۇلار بالىلىرى  ئازراق قىزىتپ بولغۇچە قىزىتما دورىلىرىنى ئىچكۈزىدۇ. ئەمەليەتتە، بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ ھەقىقى كېسەللك ئالامەتلىرى ئاسانلا يوشۇرۇنۇپ قالىدۇ دە دىئاگنوز قويۇش تەسكە توختايدۇ. ئادەتتە نورمال ئادەمنىڭ بەدەن تىمپىراتورىسى 37 سىلتسيە گرادۇس بولىدۇ، ئۇ نىڭدىن يۇقىرى بولسا قىزىتما بولغان بولىدۇ.  بالىلارنىڭ چوڭ مىڭىسى تولۇق يېتىلمىگەن بولغاچقا، بەدەن تىمپىرتورىنى تەڭشەش ئىقتىدارى نىسبەتەن ئاجىز بولىدۇ. شۇڭا بالىلار زۇكام بولۇپ قالغاندا، قىزىل چىققاندا، ئۆپكىسى ياللۇغلانغاندا، يۇقۇملانغاندا، دورىلارغا بولغان ئەكىس تەسىىر قاتارلىق ئالامەتلەر روشەن بولماي، قىزىتىدۇ. قىزىتما بالىنىڭ كېسىلىنىڭ سىگنالى . شۇڭا  قىزىتما كېسەلگە دىئاگنوز قويۇشتىكى مۇھىم  ئالامەت بولۇپ، قىزىتمىسى ئۆرلەپ بولغۇچە دورا بىلەن قايتۇرۇۋەتكەندە  بالىنىڭ كېسىلى يوشۇرۇنۇپ قالىدۇ دە دىئاگنوز قويۇش تەسلىشىدۇ، ھەتتا كېسەللىك خەتەر باسقۇچىغا كەلگەندە ئاندىن دىئاگنوز قويۇلىدىغان ئىش كېلىپ چىقىدۇ. ئۇندىن باشقا ئاسپىرىن دېگەندەك بەزى بىر قسىم قىزىتما دورىلىرى بالىنىڭ قان ئۇيۇش مىخانىزىمىغا تەسىر كۆرسۈتۈپ، بالىنىڭ تېرە، ئۆپكە، مېڭە قاتارلىق ئەزالىرىدا قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بەزى قىزىتما دورىلىرى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ قان تەركىبىدىكى تۆۋەن قىزىل قان ئاقسىلىنى يۇقىرى قان قىزىل ئاقسىلىغا ئايلاندۇرىۋېتىپ، قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئوكسىگىن ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ئوكسىگىن يېتىشمەسلىك، ئېغىر بولغاندا مېڭە سۇلۇق ئىششىقى، قول-پۇت تارتىشىپ قېلىش، ھۇشسىزلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چېقىرىدۇ. شۇڭا بالا قىزىتىپ بولغۇچە قىزىتما دورىسى بېرىش بالىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق.  بالا زقىزىتقاندا سەۋەبىنى ئېنىقلاپ ئاندىن كېسەلگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

ئەگەر بالىنىڭ قىزىتمىسى 38 دىن ئاشمىسا دورا بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق، بالىغا سوغۇق لۆڭگە قويۇش، ئىسپىرىت بىلەن سۈرتۈش قاتارلىق  فىزىكىلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قىزىتما قايتۇرۇش بىلەن بىرگە بالىنى كۆزىتىش كېرەك. ئەگەر بالىنىڭ قىزىتمىسى 39 ۋە ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولغاندا بالىنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولۇپ، بالا تارتىشىپ قېلىشى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋاللاردا ئاكتىپ ھالدا داۋالاش ئاساسىدا قىزىتما دورىسى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

3.     قارىغۇلارچە ۋىتامىن تولۇقلاش ۋە ياكى تاماق ئورنىدا ئىچكۈزۈش

ۋىتامىن بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. لېكىن قارىغۇلارچە ۋىتامىننى كۆپ تولۇقلىسا ياخشى بولىدۇ دەپ قارىماسلىق كېرەك. دورىغا ئىشلىتىدىغان ۋىتامىنلارنىڭ بەلگىلىك ئەكىس تەسىرى ھەتتاكى زەھىرى بار، بولۇپمۇ مايدا ئېرىشچان ۋىتامىننى  كۆپ يېگەندە ياكى ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلغاندا بەدەندە توپلىنىۋېلىپ زەھەرلەپ قويىدۇ. مەسلەن: بېلىق مېيىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن ئا ۋە د باربولۇپ ، كۆپ يېگەندە قىزىتىدىغان، تاماقتىن بىزار بولۇش، ئاسان تېرىكىشى، جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سۇدا ئېرىشچان ۋىتامىن گەرچە بىر قەدەر بىخەتەر بولسىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. مەسلەن: ۋىتامىن س نى كۆپ ئىستىمال قىلىش  سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا قىلىپ قويىدۇ ۋە سۆڭەكنى چۈرۈكلەشتۈرىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاقسىل ۋىتامىننى ھەددىدىن زىيادە تولۇقلاش بالىنىڭ بالدۇر يېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چېقىرىدۇ.شۇڭا ئوزۇقلۇقشۇناسلار يىمەكلىك تەركىبىدىكى ۋىتامىننى ئەڭ ياخشى تاللاش دەپ قارايدۇ.

 

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ