ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > پەرزەنت ساغلاملىقى > تولۇق مەزمۇنى

بالىلارنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ ئاغرىشى كالتسىي تولۇقلاش بىلەن مۇناسىۋەتسىز

ۋاقىت : 2014-02-11 01:20 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
يېتىلىۋاتقان بالىلارنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ ئاغرىشى كالتسىي تولۇقلاش بىلەن مۇناسىۋەتسىز

بالىلارنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ ئاغرىشى كالتسىي تولۇقلاش بىلەن مۇناسىۋەتسىز

 ئەگەر بالىلار كېچىدە پۇتى ئاغرىپ، كۈندۈزى يەنە نورمال ئويناۋەرسە، بۇ نورمال. بالىلار يېتىلىۋاتقاندا پۇتى ئاغرىيدۇ، لېكىن نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بۇ خىل ئەھۋالنى كالتسىي يېتىشمەسلىكتىن، دەپ قاراپ، بالىلىرىغا كالتسىي تولۇقلاش بىلەن ئاۋارە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە يېتىلىش دەۋرىدىكى بۇ ئاغرىق كالتسىي بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

   بالىلار يېتىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۇلارنىڭ تىز بوغۇمى ئەتراپى ئاغرىيدۇ. تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، تا ھازىرغىچە بۇ خىل ئاغرىقنىڭ سەۋەبى تېپىلمىغان، لېكىن ئانالىز قىلغاندا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا بالىلارنىڭ پۇت-قوللىرى ئاغرىيدىكەن.

   بىرىنچى، بالىلار ئالاھىدە ياش مەزگىلىگە قەدەم قويغاندا، يەنى 13 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتىن باشلاپ بەدىنى ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشقا باشلايدىكەن، بولۇپمۇ سۆڭەكنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىر قەدەر تېز بولىدىكەن، بۇنداق بولغاندا مۇسكۇللاردا تارتىشىپ ئاغرىش شەكىللىنىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلار تىزىنىڭ ۋە پاقالچەك تەرىپىدىكى سۆڭىكىنىڭ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىدىكەن.

   ئىككىنچى، يېتىلىشى تەڭپۇڭ بولمىغانلىق سەۋەبىدىنمۇ بولىدىكەن. بالىلاردىكى سۆڭەكنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا سۆڭەك ئەتراپىدىكى نېرۋا، مۇسكۇل پېيى، مۇسكۇللارنىڭ ئۆسۈشى بىر قەدەر ئاستا بولىدىكەن. بۇنداق ئوخشاشماسلىق سەۋەبلىك تۆۋەنكى ئەزا مۇسكۇللىرى ئاغرىيدىكەن.

   ئۈچىنچى، بالىلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ كۆپ بولۇشى ۋە يېتىلىش جەريانىدا، مېتابولىزم ھاسىلاتىنىڭ ئېشىپ، كىسلاتالىق مېتابولىزم ھاسىلاتىنىڭ يىغىلىپ قېلىشى مۇسكۇللارنىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

   يىغىنچاقلىغاندا، يېتىلىش جەريانىدىكى ئاغرىق نورمال ئەھۋال، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا ئاغرىق توختىتىش دورىسى بېرىشىنىڭ ياكى كالتسىي تولۇقلىشىنىڭ ھاجىتى يوق. بەك ئاغرىپ كەتسە، ئۇلارنى كۆپرەك ئارام ئېلىشقا ئۈندەش، مۇسكۇللارنى بوشاشتۇرۇپ تۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى بۇراش، ئاغرىغان جايىغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىش، زىيادە ئېغىر ھەرىكەتلەرنى ئىشلەتكۈزمەسلىك كېرەك.

 

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ