بالىلارنىڭ داڭلىق ماركىلىق كىيىملىرىدە زەھەرلىك ماددا بارلىقى ئاشكارىلاندى
بالىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار كىيىم- كېچەكلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەك. ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 14- يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «يېشىل تىنچلىق» ناملىق مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان بىر پارچە دوكلاتتا ئېيتىلىشچە، يەر شارىدىكى 12 داڭلىق ماركىلىق بالىلار كىيىملىرىدە زەھەرلىك ماددا بار ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بۇربېررى، ئادىداس قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن.
«يەر شارىدىكى داڭلىق بالىلار كىيىملىرىدىكى زەھەرلىك، زىيانلىق ماددا قالدۇقىنى تەكشۈرۈش» ناملىق بۇ دوكلاتتا ئېيتىلىشچە، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە ئۈچتىن بىر قىسىمدىن كۆپرەك ئەۋرىشكە (29 پارچە) جۇڭگودىن كەلگەن، زەھەرلىك، زىيانلىق ماددا چىقىش نىسبىتى %96.6 كە يەتكەن.
«يېشىل تىنچلىق» ناملىق مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى بۇ داڭلىق ماركىلىق شىركەتلەردىن تەمىنات زەنجىرىدە ئىشلىتىلىۋاتقان ۋە قويۇپ بېرىلگەن زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلارنى دەرھال تۈگىتىشنى تەلەپ قىلدى.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى 2013- يىلى 5- ئايدىن 6- ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، يەر شارىدىكى 25 دۆلەت ۋە رايوندا 82 قۇر بالىلار ۋە بوۋاقلار كىيىمى سېتىۋېلىپ تەكشۈرگەن. بۇ ئەۋرىشكىلەر چىققان جاي جۇڭگو قاتارلىق 12 دۆلەتكە چېتىلىدىكەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە، 12 داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتنىڭ ھەممىسىدە زەھەرلىك، زىيانلىق ماددا چىققان،
يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم مۇشۇنداق تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى ئېلان قىلغان. 2012- يىلى، مەزكۇر تەشكىلات كىشىلەرنىڭ تونۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە بىر مەيدان ئاتالمىش «زەھەرلىك كىيىم كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈپ، ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچتىن ئىككى قىسىم تەييار كىيىمدە زەھەرلىك ماددا بار دېگەن قاراشقا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقانىدى. بۇ تەشكىلات ئىلگىرى يەنە 2020- يىلىغا بارغاندا تەييار كىيىملەردىكى زەھەرلىك ماددا قويۇپ بېرىش مىقدارىنى نۆلگە چۈرۈشۈش نىشانىنى يولغا قويغان.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«بالىلارنىڭ داڭلىق ماركىلىق كىيىملىرىدە زەھەرلىك ماددا بارلىقى ئاشكارىلاندى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: بالىلارغا تۆمۈر تولۇقلىسا...
- بالىلار قىشتا كۆپ يۇيۇنسا ...
- دائىم ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يېگەندە
- بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى چوڭ مېڭىنىڭ يېت
- بالىلاردا تەكرار كۆرۈلىدىغان كېكىردەك
- بالىلارغا تۆمۈر تولۇقلىسا...
- بالىلارنىڭ داڭلىق ماركىلىق كىيىملىرىدە
- يان تېلېفون، كومپيۇتېرنىڭ ياش – ئۆسمۈر
- بالىلاردا ئىشتاھا تۇتۇلۇش ۋە قەۋزىيەت ئ
- يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ساغلاملىق ئۆلچى
- بالىلارغا دورا ئىشلىتىشتىكى خاتا كۆز قا
- بالىلارغا دورا ئىشلىتىشتىكى خاتا كۆز قا
- بوۋاقنىڭ پۇتىنىڭ ئەگرى بولىشى نورمال ئە
- بوي ئېگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئام
- بالىلارنى ناركوز قىلغاندا...
- ۋاكسىنىغا مۇناسىۋەتلىك خاتا قاراشلار
- تۆت خىل ئەھۋالدا بوۋاقلارنى سۆيمەڭ
- بالىلار قىشتا كۆپ يۇيۇنسا ...
- دائىم ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يېگەندە
- بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى
- بالىلاردا تەكرار كۆرۈلىدىغان كېكىردەك ياللۇ
- بالىلارغا تۆمۈر تولۇقلىسا...
- بالىلارنىڭ داڭلىق ماركىلىق كىيىملىرىدە زەھە
- يان تېلېفون، كومپيۇتېرنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرنى
- بالىلاردا ئىشتاھا تۇتۇلۇش ۋە قەۋزىيەت ئالامە
- يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ساغلاملىق ئۆلچىمى
- بالىلارغا دورا ئىشلىتىشتىكى خاتا كۆز قاراشلا
- بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى
- چىنىقىشنىڭ كام بولۇشى ‹‹پارنىك بالا›› لارن
- بوۋاقلار قەۋزىيەت بولۇپ قالسا قانداق قىلىش ك
- كىچىك بالىلار سۇ ئۈزگەندە نىمىلەرگە دىققەت ق
- ئەخلەت يېمەكلىكلەرنىڭ زىيىنىنى بىلىۋېلىڭ
- بالىلارنىڭ چىشىنىڭ رەتسىز ئۆسۈپ قېلىشنىڭ سەۋ
- قۇۋۋەت ئىچىملىكى بىخەتەرمۇ؟
- ئېمىتىش ۋاقتى قانچىلىك بولسا مۇۋا
- بالىڭىزدا ‹‹چۈش سەيلىسى›› كېسەل
- يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى تەۋرەتكەندە
- ئېمىتىش ۋاقتى قانچىلىك بولسا مۇۋا
- بالىلار نېمىشقا تاماقتىن چىقىپ قا
- بالىلارنى بارغانسېرى دۆت قىلىپ قويىدىغان يېم
- يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى تەۋرەتكەندە
- 12 ئايلىق بوۋاقلارغا قانداق قوشۇمچ
- بالىلار نېمىشقا شورپا ياكى قايناق
- بالىڭىزغا ئۈچ ياشتىن ئىلگىرى تېلې
- سەرگەردان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلغانلىق - ئە
- بوۋاقنى دائىم ياتقۇزۇپ قويۇش توغر
- بالىلار مېۋە ئۇيۇتمىسى ئىستېمال ق