ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىڭىزغا ئۇخلاشتىن بالىڭىز تاماق يېگىلى سۈت بالىلارنىڭ ھەرىك بالىڭىزغا پۇرچاق سۈت

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 0-6ياشقىچە > يېمەكلىك > تولۇق مەزمۇنى

بالىڭىز تاماق يېگىلى ئۇنىمىسا...

ۋاقىت : 2015-12-27 22:19 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم

    بالىلارنىڭ دىققىتىنى يىغىش ۋاقتى چەكلىك بولغاچقا، ئۇلار تاماق يېگەندە ئۇياق-بۇياققا قاراپ تاماق يېگىلى ئۇنىمايدۇ. ئاتا-ئانىلار بۇ چاغدا بالىنى ئالداش، ئۇنى كۈلدۈرۈش ئارقىلىق بىر نەچچە قوشۇق تاقامنى ئارتۇق يېگۈزۈشكە ئۇرۇنماسلىقى كېرەك. بالا تاماق يەۋاتقاندا ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇپ ۋاراڭ-چۈرۈڭ قىلماسلىقى، تېلېۋىزورنىڭ ئاۋازىنى يۇقىرىلىتىۋەتمەسلىكى كېرەك. چۈنكى بۇنداق بولغاندا بالىنىڭ دىققىتى تېخىمۇ چېچىلىپ تاماققا رايى بارمايدۇ. ئادەم قورسىقى ئاچقاندا تاماقنى ھۇزۇرلىنىپ يەيدۇ . ئاتا-ئانىلار بالىلارغا قورسىقى ئاچقانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن قەرەللىك تاماق بېرىشكە ئادەتلىنىشى كېرەك. بالا تاماقنى كۆپ يېمىسە، مەجبۇرىي يېگۈزمەسلىكى، كېيىنكى قېتىملىق تاماقنى ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ بىر كۈنلۈك تاماق مىقدارى ئازلاپ كەتسىمۇ، كېيىن بالىدا ياخشى تاماق يېيىش ئادىتى يېتىلىدۇ.

 

 

ئالدىنقىسى:بالىڭىزغا ئۇخلاشتىن بۇرۇن نەرسە يېگۈزمەڭ | كېيىنكىسى: تۈگەپ قاپتۇ
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار