ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بوۋاقلارغا تاۋۇزنى بوۋىقىڭىزنىڭ سۈت پار بالىلار كۆپ ئىستېمال بوۋاقلارغا كالتسىي ت

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 0-6ياشقىچە > يېمەكلىك > تولۇق مەزمۇنى

بالىلاردا تەكرار كۆرۈلىدىغان كېكىردەك ياللۇغىنى يېمەكلىكنىڭ زىيادە سېزىمى پەيدا ق

ۋاقىت : 2014-01-19 15:57 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم


بالىلاردا تەكرار كۆرۈلىدىغان كېكىردەك ياللۇغىنى يېمەكلىكنىڭ زىيادە سېزىمى پەيدا قىلىدۇ

بالىلاردا تەكرار كۆرۈلىدىغان كېكىردەك ياللۇغىنى يېمەكلىكنىڭ زىيادە سېزىمى پەيدا قىلىدۇ

  كۆپىنچە ئاتا – ئانا دائىم بالىلىرىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئاجىزلىقىدىن ئەنسىرەپ كېكىردەك ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش تەدبىرلىرىنى قوللانسىمۇ يەنىلا، بۇنداق كېسەلدىن خالىي بولالمايدۇ.

   مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىككى ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلارنىڭ ئۇچرىشىش دائىرىسى ئاز، ئانا سۈتى ۋە سۈت پىشۇرۇقلىرى بىلەن بېقىلىدىغان بولغاچقا، ئىممۇنىتېت كۈچى بىرقەدەر كۈچلۈك بولىدۇ. كېسەللىك بولۇپمۇ ئۆپكە ياللۇغى ۋە كېكىردەك ياللۇغى ئاسان كۆرۈنمەيدۇ.

   ئەگەر ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا تەكرار كېكىردەك ياللۇغى پەيدا بولسا، بۇ يېمەكلىكنىڭ زىيادە سېزىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى %5 – %15 بالىلاردا تۇخۇم ۋە كالا سۈتى ئىچكەندىن كېيىن قىسمەن ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بەدەندىكى ئانتېتىلا بىلەن بىرىكىپ، ئۇنى بەدەن قوبۇل قىلىپ كېتەلمەيدۇ ھەم جىگەرنىڭ تازىلىشى بىلەن سۈمۈرۈشى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئادەتتە روشەن ئىپادىلەنمەيدۇ.

   بىراق زەھىرى كۈچلۈك ۋىرۇس ياكى باكتېرىيەلەرگە يولۇققاندا، بەدەن كۆپلىگەن قارشى تۇرۇش ئىممۇنىتېت ھاسىل قىلالمىغاچقا، بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى خېلىلا ئاجىزلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بالىلاردا تەكرار كېكىردەك ياللۇغى پەيدا بولىدۇ.

   ئۇنىڭدىن باشقا ئاقسىل تەسىرىدىن زىيادە سېزىم پەيدا بولغان بالىلاردا دائىم ھېق تۇتۇش، سۈت ياندۇرۇش، ياندۇرغاندا سۈت ۋە باشقا يېمەكلىكلەر نەپەس يوللىرىغا كىرىپ كېتىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلار ئاسانلا نەپەس يولىدا كۆپىيىدۇ ۋە ياللۇغلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ.

   ئەگەر كىرىپ كەتكەن سۈت كۆپ بولسا، بىۋاسىتە ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار