يېڭى قىزىق نۇقتا :
بوۋاقلارغا تاۋۇزنى
بوۋىقىڭىزنىڭ سۈت پار
بالىلار كۆپ ئىستېمال
بوۋاقلارغا كالتسىي ت
تۇز، تېتىتقۇ. بالىلارنىڭ كۈندىلىك غىزاسىدا ئاش تۇزىنىڭ مىقدارى تۆت گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا بۆرەك ئارتېرىيە تومۇرى قېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تەركىبىدە قوغۇشۇن بار يېمەكلىكلەر. قوغۇشۇن مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ قاتىلدۇر. ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان تەركىبىدە قوغۇشۇن بار يېمەكلىكلەر: قوناق ئېتىلدۈرمىسى، ھاكتا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، كونسېرۋالىق يېمەكلىكلەر بولۇپ، بۇلاردىن سىرت تەركىبىدە قوغۇشۇن بار قاچا-قۇچا، قازان-قۇمۇچلارنىمۇ ئاز ئىشلىتىش كېرەك.
تەركىبىدە ئاليۇمىن بار يېمەكلىكلەر. ئاليۇمىننى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پىلتە قۇيماق، پىنتوزا، لەڭپۇڭ قاتارلىق يېمەكلىكلەر تەركىبىدە ئاليومىن بار بولۇپ، ئاز ئىستېمال قىلىش كېرەك.
شاكىلات. ئاتا-ئانىلار شاكىلاتنى كۆپ يېگەندە پەقەت بالىلارنىڭ چىش ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن يېقىندا ئامېرىكا ساغلاملىق تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئېنىقلىشىچە، شاكىلات بالىلارنىڭ تېنىدە رېئاكسىيە پەيدا قىلىپ، دوۋساق كۆپۈش، پەي تارتىشىپ قېلىش، كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.