يېڭى قىزىق نۇقتا :
بوۋاقلارغا تاۋۇزنى
بوۋىقىڭىزنىڭ سۈت پار
بالىلار كۆپ ئىستېمال
بوۋاقلارغا كالتسىي ت
غىدىقلىغۇچى خاراكتېرگە ئىگە ئىچىملىكلەر: بۇ خىل ئىچىملىكلەرنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ بەدىنىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە يوشۇرۇن زىيان يەتكۈزىدۇ.
قوماچ: قوماچنى داۋاملىق ئىستېمال قىلسا، ئوڭايلا قوغۇشۇن بىلەن زەھەرلىنىش يۈز بېرىدۇ.
ئادەمگىياھقا ئوخشاش دورىلاردىن ياسالغان يېمەكلىكلەر: بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېسە بالىلارنىڭ جىنسىي جەھەتتىكى يېتىلىشى بالدۇر بولۇپ قالىدۇ.
چىلانغان بېلىق: بۇ خىل يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ئىككى خىل مېتىللىق نىترات كىسلاتا تۇزى ئاسانلا بەدەنگە زىيانلىق بولغان ئىككى خىل مېتىللىق نىتروزو ئامىنىغا ئۆزگىرىپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
كونسېرۋاتىپىدىكى يېمەكلىكلەر: بۇ خىل يېمەكلىكلەرگە قوشۇلغان رادىئو ئاكتىپ ماددىلار سوزۇلما خارالتېرلىك زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
سېغىز كەمپۈت: بۇنىڭ تەركىبىدىكى رادىئو ئاكتىپ ماددىلار ئورگانىزىملارنى زەھەرلەيدۇ.
چاي: بالىلار چاينى كۆپ ئىچسە، بەدىنىدە تۆمۈر يېتىشمەسلىك كۆرۈلىدۇ.
پالەك: بالىلار پالەكنى داۋاملىق ئىستېمال قىلسا، كالتسىي يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ.
ھايۋانات يېغى: بالىلار ھايۋانات يېغىنى داۋاملىق ئىستېمال قىلسا، بەدەننىڭ كالتسىي سۈمۈرلىشىگە تەسىر يېتىدۇ .