يېڭى قىزىق نۇقتا :
بوۋاقلارغا تاۋۇزنى
بوۋىقىڭىزنىڭ سۈت پار
بالىلار كۆپ ئىستېمال
بوۋاقلارغا كالتسىي ت
1.ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئاساس قىلىش كېرەك. ئانا سۈتى بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئەڭ مۇۋاپىق ھەم كۆڭۈلدىكىدەك تەبىئىي ئوزۇقلۇق بولۇپ، ئانا سۈتى تەركىبىدىكى ياغ ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ. ئانا سۈتى تەركىبىدە لاكتوزانىڭ مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2. قوشۇمچە ئوزۇقلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بوۋاقلارنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئانا سۈتى تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ، شۇڭا قوشۇمچە ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن تاماق مىقدارىنى پەيدىنپەي ئاشۇرۇش، ئوزۇقلۇقنى سۇيۇق ھالەتتىن پەيدىنپەي قاتتىق ھالەتكە ئۆزگەرتىش كېرەك. بوۋاقلارغا بېرىلىدىغان تاماقنىڭ سۈپىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بوۋاقلارغا بېرىلىدىغان تاماققا ئاش تۇزى قوشۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى بوۋاقلارنىڭ بۆرىكى تېخى تولۇق يېتىلمىگەچكە، تۇز تەركىبىدىكى ناترىينى سۈزەلمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاش تۇزى بۆرەككە بەلگىلىك دەرىجىدە بېسىم پەيدا قىلىدۇ.