ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بوۋاقلارغا تاۋۇزنى بوۋىقىڭىزنىڭ سۈت پار بالىلار كۆپ ئىستېمال بوۋاقلارغا كالتسىي ت

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 0-6ياشقىچە > يېمەكلىك > تولۇق مەزمۇنى

بالىلارنى بارغانسېرى دۆت قىلىپ قويىدىغان يېمەكلىك

ۋاقىت : 2011-11-20 17:47 | مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

بالىلارنى بارغانسېرى دۆت قىلىپ قويىدىغان يېمەكلىكلەر

 

بالىلارنى بارغانسېرى دۆت قىلىپ قويىدىغان يېمەكلىك

بالىلار يېمەكلىكىگە  دىققەت قىلمىغاندا چوڭ مېڭە زەخمىلىنىپ، ئەقلىي ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئوزۇقلانغاندا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:

   بەك تۇزلۇق يېمەكلىكلەر: تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە، يۇقىرى قان بېسىم، ئارتېرىيە قېتىشىش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ھەمدە ئىنكاسى ئاستلاش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، شۇڭا تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمىگەن ياخشى.

   تەركىبىدە تېتىتقۇ كۆپ بولغان يېمەكلىكلەر: چوڭلار بىر كۈندە تۆت گىرام تېتىتقۇ يېسە بولىدۇ، لېكىن ھامىلدارلار بىلەن بالىلار تېتىتقۇ يېمەسلىكى كېرەك.

   تەركىبىدە ئوكسىدلاندۇرۇلغان ماي يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەر. ئوكسىدلاندۇرۇلغان ماي تەركىبى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەر  چوڭ مېڭىنىڭ ئاسان قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا كۆپ يېمەسلىك كېرەك.

ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار