ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : كىنو تارىخىدىكى ئون خەلقئارا فىزىكا ئولى ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ پويىز ۋاگونىدىكى ئور

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > تارىخ > تولۇق مەزمۇنى

ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى

ۋاقىت : 2010-03-16 21:50 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى

 

1–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: ئافىنا مەرمەر تاش تەنھەركەت مەيدانى.
تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى 1896–يىلى 4–ئاينىڭ 6–كۇنى گىرىتسىيەنىڭمەرمەر تاش تەنھەركەت مەيدانىدا ئۆتكۇزۇلدى. بۇقېتىمقى تەنھەركەت يىغىنىغا جەمئى 13دۆلەت قاتناشتى.
1896–يىلى 4–ئاينىڭ 6–كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 دە، گىرىتسىيە پادىشاھى جورجى 1– نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ باشلانغانلىغىنى داغدۇغلىق جاكارلىدى. ساھىپخان دۆلەت بۇ كۈننى تۈركىيە ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلاڭنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بىكىتكەن ئىدى.
گىرىتسىيە نىڭ مەرمەر تاش تەنھەركەت مەيدانى تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى بۇلۇپ، ئۇ ئەسلىدىكى كونا تەنھەركەت مەيدانىنڭ قالدۇقى ئورنىغا قايتا سېلىنغان. بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان دۆلەتلەردىن ئاۋىستىرالىيە، بولغارىيە، ئاۋىستىرىيە، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، دانىيە، ۋىنگىرىيە، ئامرىكا، فىرانسىيە، چىلى، شىۋىتسىيە، شىۋىتسارىيە ۋە ساھىپخان دۆلەت بۇلۇپ 13 دۆلەت، جەمئى 311 تەنھەركەتچى قاتناشتى. خاتىرلىنىشىچە شۇ ۋاقىتتا چىڭ خاندانلىقىغا تەكلىپ ئىۋەتىلگەن بولسىمۇ، لىكىن چىڭ خاندانلىقى بۇ تەنھەركەت يىغىنىنى چۈشەنمىگەچكە بارمىغان. باشقا ئاسىيا، ياۋرۇپا دىكى دۆلەتلەر تەكلىپ قىلىنمىغان بولسىمۇ قاتناشقان.
2–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: ئەسلىدىكى ئات بەيگە كولوبى ئات يۈگۈرۈش مەيدانى.
1900–يىلى 9–ئاينىڭ 10–كۈنى پارىژ ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى دۇنيا يەرمەنكە يىغىنى ۋاقتىدا ئۆتكۇزۇلدى. پارىژلىقلار دۇنيا يەرمەنكە يىغىنىغا بېرىلىپ كەتكەچكە، بۇ قىتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ۋاقتى سوزۇلۇپلا قالماستىن يەنە مۇسابىقە مەيدانى تارقاق، ئۇسكۇنىلرى ناچار ئىدى، ئولىمپىك كومتىتى پارىژ شەھەر سىرتىغا جايلاشقان بىر ئات بەيگە مەيدانىنى بۇقىتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى قىلدى، بۇمەيدانغا ئاران 500 تاماشبىن سىغاتتى. بۇقىتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدا ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمىدى.
3–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: جورجى ۋاشىنگىتون ئۇنۋېرسىتىتى شىنلۇي تارماق مەكتىۋى.
جورجى ۋاشىنگىتون ئونۋىرسىتىتى تارماق مەكتىۋى
بۇقېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانىنىڭ 20 مىڭدىن ئارتۇق ئورۇندۇقى باربۇلۇپ، 40 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم سىغاتتى، مۇسابىقە كۆرۈشكە ئەپلىك بولسىمۇ، لىكىن كۆرۇش سەھنىسى ئۈستىدە سايىۋەن بولمىغاچقا، تاماشىبىنلار ئىسسىقتا قىينىلىپ مۇسابىقە كۆرەتتى.
4–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: لوندون ئاق شەھەر تەنھەركەت مەيدانى.
1908–يىلىدىكى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئەسلى رىمدا ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى. رىم بىلەن ئىتالىيەنىڭ يەنە بىر شەھىرى، گىرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرى، ئەنگىلىيەنىڭ لوندون شەھىرى بىرلىكتە ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى ئۆتكۇزۇشنى تالىشىپ، ئاخىرى خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ھەيئىتى كومتىتىنىڭ بىلەت تاشلاپ بىكىتىشى بىلەن، بۇقېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. بىراق 1906–يىلى گىرىتسىيە سىناق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئۆتكۈزۋاتقان مەزگىلدە، ئىتالىيەدە يانارتاغ پارتلاش ھادىسى يۈزبېرىپ، ئىتالىيە نىڭ ئىقتىسادى ئېغىر زىيانغا ئۈچىرىدى، بۇنىڭ بىلەن ئىتالىيە ئولىمپىك كومتىتىغا ئىقتىسادى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن، بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشتىن ۋاز كەچكەنلىگىنى بىلدۇردى. ئىككى يىل ۋاقىت قالغاندا ئولىمپىك كومتىتى لوندوندىن ياردەم سورىدى، تەكشۈرگەندىن كىيىن لوندون ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى 1908–يىلى ئۆز ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈشكە ماقۇل بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا مەبلەغ توپلاش كومتىتى قۇرۇلدى، ھۆكۇمەت مەبلىغىنى ئىشلەتمەي ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيە نىڭ بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن كۆرگەزمىسى ئارقىلىق، «ئاق شەھەر» تەنھەركەت مەيدانىنى 10 ئاي ئىچىدە پۈتكۈزۈشنى قاراق قىلدى. بۇ تەنھەركەت مەيدانىدا كومۇر ئۇۋىقى ياتقۇزۇلغان يۈگۈرش يولى بۇلۇپلا قالماستىن، يەنە بەدەن گىلماستىكىسى مەيدانى، ئۇزۇنلىغى 100 ئىنگىلىز چىسى كەڭلىگى 15 ئىنگىلىز چىسى كىلىدىغان بىر سۇ ئۈزۈش كۆلچىگى، يىنىك ئاتلىتكا يولى سىرتىدا يەنە ئايلانما ئۇزۇنلىغى 666.66 ئىنگىلىز چىسى كىلىدىغان ئەركىن ماشىنا يولى بار ئىدى. بۇ تەنھەركەت مەيدانى 4 خىل ئىقتىدارنى بىرلەشتۈرۈپ سېلىغان 79 مىڭ كىشلىك بىردىنبىر ئالاھىدە تەنھەركەت مەيدانى ئىدى.
1908–يىلى 4–ئاينىڭ 27–كۈنى تۆتىنىچى نوۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى لوندوننىڭ «ئاق شەھەر» تەنھەركەت مەيدانىدا غەلبىلىك باشلاندى. ئەنگلىيە پادىشاھى ئېدۋارد 7– بۇ قېتىمقى ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ كۈنى ھاۋا تازا ياخشى ئەمەس بۇلۇپ ئەنگىلىيە پادىشاھى ۋە خانىشى، گىرىتسىيە پادىشاھى ۋە نۇرغۇن ئاق سۈڭەكلەر، ئولىمپىك ھەيئەت ئەزالىرى ۋە 25 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن، تۇمانلىق ۋە يامغۇرلۇق ھاۋا دا بۇ قېتىمقى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىندا ھەرقايسى دۆلەت تەنھەركەتچىلىرىنىڭ كىيمى بىردەك بۇلىشى، ۋەكىللەر دۆلەت بايرىغى كۆتۇرۇپ رەئىس سەھنىسى ئالدىغا كەلگەندە ھۆرمەت بىدۇرۇش قاتارلىق بەلگىلىمىلەر تۇنجى قېتىم بىرلىككە كەلدى.
5–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: كىرولېف تەنھەركەت مەيدانى.
خەلىقئارا ئولىمپىك كومتىتى 1912–يىلىدىكى 5–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى شىۋىتىسىيە پايتەختى ستوتھولىم دا ئۆتكۈزۇشنى قارار قىلدى. شىۋىتسىيە كىلېلىف مەيدانىنى يېڭى سالدى، بۇ مەيدان ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك تەنھەركەت مەيدانىدەك چوڭ بولمىسىمۇ، لىكىن ئەسلىھەلىرى تۇلۇق ئىلغار ئىدى. يۈگۈرۈش يولىنىڭ ئومومى ئۇزۇنلىغى 380.33 بۇلۇپ ھازىرقى ئۆلچەملىك يۈگۈرۈش مەيدانىغا يېقىنلىشاتتى، يەنە ئىلىكتۇرۇنلۇق ۋاقىت ھىساپلىغۇچ ئورنىتىلغان بۇلۇپ ئۇندىن بىر سىكونت ئېنىقلىققىچە ئىدى.
1912–يىلى 7–ئاينىڭ 6–كۈنى كىلېلىف تەنھەركەت مەيدانىدا بۇقېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. شىۋىتسىيە پادىشاھى گوستاف ۋە ئولىمپك ھەيئەت ئەزالىرى قاتناشتى. بۇقېتىمقى تەنھەركەت يىغىنى ناھايىتى داغدۇغلۇق بۇلۇپ بۇ كىيىنكى قېتىملىق تەنھەركەت يىغىنلىرىغا ئەنئەنە بولدى، بۇقېتىم تەكلىپ بىلەن 28 دۆلەت 2547 تەنھەركەتچى قاتناشتى، بۇ تەنھەركەتچىلەرنىڭ ئىچىدە 57 سى ئايال ئىدى. تۇنجى قېتىم قاتناشقان دۆلەتلەردىن مىسىر، ليوكسۇمبۇرىگ، پورتىگالىيە، سۈرىيە ۋە ياپۇنىيە لەر بارئىدى.
7–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: بېرىسچوت تەنھەركەت مەيدانى.
بېرىسچوت تەنھەركەت مەيدانى 1914–يىلى سېلىنغان بۇلۇپ، 1912–يىلى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدا قىلىچۋازلىق بويىچە كوللىكتىپ 1–لىككە ئېرىشكەن كوماندىدىن ئانتاۋېپ، ئىنژىنىر مونتېگنېي ۋە ئۇنىڭ خىرمەتداشىلىرى بىرلىككتە قايتا لايىھىلەپ سالغان، مەخسۇس ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانى. بۇ 30 مىڭ كىشلىك تەنھەركەت مەيدانى تارىختا تۇنجى قېتىم 400 مىتىرلىق يۈگۈرۈش يولى ئىشلەتتى. شۇنىڭدىن كىيىن، 1924– يىلىدىكى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدا 500 مىتىرلىق يۈگۈرۈش يولى ئىشلەتكەندىن سىرت، 1928– يىلدىن باشلاپ 400 مىتىرلىق مەيدان ئىشلىتىلمەكتە.
ئەمدىلا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈرگەچكە، بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان بولدى، 1920–يىلى 8–ئاينىڭ 14–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېلگىيە چوڭ كاتولىك دىنى، ئەنتاۋىپ شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان چىركاۋدا ئۈرۈش مەزگىلىدە قازا قىلغان تەنھەركەتچىلەرگە ماتەم بىلدۈرۈلدى. چۈشتىن كىيىن ئانتاۋىپ تەنھەركەت مەيدانىدا ئېچىلىش مۇراسىمى رەسمىي ئۆتكۈزۈلدى.
بىلگىيە پادىشاھى ئەرەپات ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ باشلانغانلىغىنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن، تەنھەركەت يىغىنىدا تۇنجى قېتىم گۈبەيدە 1913–يىلى لايىھىلىگەن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى بايرىقى چىقىرىلدى، ئاندىن بىر توپ تىنىچلىق كەپتەرلىرى كۆككە كۆتۈرۈلدى، بۇ ئولىمپىك تارىخىدىكى تۇنجى تېنىچلىق كەپتەرلىرى ئىدى. بۇ قېتىمقى تەنھەركەت يىغىنىدا تۇنجى قېتىم يورۇقلۇق ۋە غەلبىگە سىموۋۇل قىلىنغان مەشئەل يېقىلدى، بۇنىڭ كىيىنكى قېتىملاردىكى ئولىمپىك مەشئىلىگە ئوخشىمايدىغىنى، ئوت ئولىمپىيەدىن تۇتاشتۇرۇلمىدى ۋە مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىمۇ ئېلىپ بېرىلمىدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە تۇنجى قېتىم قەسەم بىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ مۇراسىمنى 1913–يىلى گۇبەيدە ئوتتۇرغا قويغان بۇلۇپ، خەلىقئارا ئولىمپىك كومتىتى 1916–يىلى 6–قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدىن باشلاپ يولغا قويۇشنى قارار قىلغان. قەسەم بېرىش مۇراسىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش سەۋەبى، ئالدىنىقى ئىككى قېتىملىق تەنھەركەت يىغىنلىرىدا تەنھەركەتچىلەر ئالتۇن مىدالغا ئېرىشىشى ئۈچۈن يالغانچىلىق ۋە ساختىلىق قىلغانلىغى ئۈچۈن. تۇنجى قېتىم تەنھەركەچىلەرگە ۋاكالىتەن قەسەم سۆزى قىلغىنى، بىلگىيە سۈ توپى ۋە قېلىچۋازلىق تەنھەركەتچىسى ۋىكتور بوئان.
8–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: «كولۇمبۇ» تەنھەركەت مەيدانى.
پارىژ بىرىنچى بۇلۇپ ئىككى قېتىم ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئۆتكۇزگەن شەھەر بولغاندىن كىيىن، پارىژ خەلقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىغا ناھايىتى زور قىزغىنلىغىنى ئىپادىلىدى. ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، فىرانسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوي–پىكىرلەر پارىژدىكى ئولىمپىك تەييارلىق كومتىتىغا يىغىلدى، فىرانسىيەنىڭ بۇرۇنقى زەيتۇن توپ كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى ۋە ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدا كۈمۈش مىدالغا ئېرىشكەن جۇچالىكنىڭ، يېڭىدىن 10 مىڭ كىشلىك تەنھەركەت مەيدانى سېلىش ۋە تەنھەركەتچىلەر تۇرالغۇ ئۆيى سېلىش پىكرى بىردەك ماقۇللۇققا ئېرىشتى.
بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 1924–يىلى 7–ئاينىڭ 5–كۈنى ئېچىلدى. ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاش چۈشتىن بۇرۇن كاتولىك دىنى چىركاۋىدا مىسسا ئۆتكۈزۈپ تەبرىكلىدى. چۈشتىن كىيىن ئېچىلىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى كاستون دۇمرىگ مۇراسىم باشلانغانلىغىنى ئېلان قىلدى. رور ئاندىرى تەنھەركەتچىلەرگە ۋاكالىتەن قەسەم سۆزى قىلدى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىسمى فىرانسوس يېزىقىنىڭ ئىلىپبە تەرتىۋى بۇيىچە تىزىلىپ، تەنھەركەتچىلەر مۇشۇتەرتىپ بويىچە مەيدانغا كىردى، 40 مىڭ تاماشىبىن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
9–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: ئامىستىردام ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانى
ئامىستىردام ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانى بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى، 40 مىڭ تامشىبىن سىغىدۇ. بۇنى 37 ياشلىق ئىنژىنىر جان ۋىلىس لايىھىلىگەن بۇلۇپ، ناھايىتى كۆركەم ۋە قولايلىق ئىدى. ۋىلىسنىڭ ئاممىنى چىقىش قىلغان لايىھەسى بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ گۈزەل سەنئەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مىدالغا ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى مۇشۇ مەيداندا ئۆتكۈزۈلدى.
تەنھەركەت مەيدانىنىڭ ئوتتۇرى پۇتبول مەيدانى، ئەتراپى بولسا 400 مىتىرلىق يىنىك ئاتلىتكا يۈگۈرۈش يولى ئىدى. لوندون «ئاق شەھەر» تەنھەركەت مەيدانى بىلەن سىلىشتۇرغاندا: كۆرۇش سەھنىسى بىلەن يۈگۈرۈش يولى ئارىسىدا كەڭلىگى 8 مىتىر، ئۇزۇنلىغى 500 مىتىر كىلىدىغان ئەركىن ماشىنا مۇسابىقە مەيدانى بارئىدى، كۆرۈش سەھنىسىگىچە سايىۋەن بار ئىدى، تەنھەركەت مەيدانىنىڭ ئىشىگى ئالدىدا ئابىدىگە ئوخشاش بىزەك بويۇمى بارئىدى، كۆرۇش سەھنىسى ئاستىغا بىر قاتار قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى سېلىنغان بۇلۇپ، ئىشخانا، رىپىرلار ئۆيى، ئاخپارات فىلىم ئېلىش ئۆيى، ئالىي مىھمانلار ئۆيى، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى، تېلفون تېلگىراف ئۆيى قاتارلىقلار بار ئىدى.
گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ئامىستىردام ئاساسلىق تەنھەركەت مەيدانى يېنىغا بىر ئىگىز مۇنار سالدى، ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىلدە بۇ مۇناردا يالقۇنلۇق ئوت كۆيۈپ تۇردى، بۇ ھازىرقى مەشئەل مۇنارىغا ئوخشاپ كىتەتتى، ئوت ئالدىنقى نۆۋەت ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن گىرىتسىيەدىن يەتكۈرۈپ كېلىنگەن ئىدى. 1936– يىلى خەلىقئارا ئولىمپىك كومتىتى مەشئەل يەتكۈزۈش جەريانىنى بىكتىپ چىقتى، بۇ كىيىنكى ھەرقايسى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنلىرىغا مۇقىم ئەنئەنىۋى مۇراسىم بۇلۇپ قالدى.
تەنھەركەت يىغىنى 1927–يىلى 5–ئاينىڭ 17–كۈنىدىن 8–ئاينىڭ 12–كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلدى. 7–ئاينىڭ 28–كۈنى 9–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. گىرىتسىيەنىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدا ئوينىغان مۇھىم رولىنى گەۋدىلەندرۈش ئۈچۈن، تەنھەركەتچىلەرنىڭ مەيدانغا كىرىش تەرتىۋى گىرىتسىيە ئەڭ ئالدىدا، ساھىپخان دۆلەت ئەڭ كەينىدە، قالغان دۆلەتلەر ساھىپخان دۆلەت يېزىقىنىڭ ئېلىپبە تەرتىۋى بۇيىچە تىزىلدى، بۇخىل تىزىش ئۇسۇلى بۈگۈنگىچە داۋاملاشماقتا.
10–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: لوس–ئانژىلىس خاتىرە تەنھەركەت مەيدانى.
لوس–ئانژىلىس ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 1932–يىلى 7–ئاينىڭ 30–كۇنى سائەت 2 دىن 30 مىنوت ئۆتكەندە رەسمى باشلاندى. ۋەكىل ئامرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى رىچاد كازىس ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، زۇڭتۇڭ خوف يىغىنغا كىلىپ تەبرىك سۆزى قىلدى. لوس–ئانژىلىس خاتىرە تەنھەركەت مەيدانىنىڭ كۆرۈش سەھنىسىدە بىرمۇ بوش ئورۇن قالمىغان ئىدى. ئېچىلىش مۇراسىمى گىرىتسىيەنىڭ دىنىي مۇراسىمى بۇيىچە ئۆتكۇزۇلگەن بۇلۇپ، توپ ئوقىنىڭ ئېتىلىشى، ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ يېقىلىشى ۋە تىنىچلىق كەپتەرلىرىنىڭ كۆككە كۆتۈرۈلۈشى بىلەن بۇ قېتىمقى تەنھەركەت يىغىنى باشلاندى. مۇسابىقىغا جەمئى 37 دۆلەت قاتناشقان بۇلۇپ، جۇڭگو بىلەن كۇلۇمبىيە تۇنجى قېتىم قاتناشقان ئىدى. ئىشلىتىلىدىغان چىقىم سەۋەبىدىن بۇ قېتىمقى تەنھەركەت يىغىنىغا ئالدىنقى نۆۋەتنىڭ 3 دىن 1 چىلىك تەنھەركەتچى قاتناشتى، جەمئى 1048 تەنھەركەتچى بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 127 سى ئايال تەنھەركەتچىلەر ئىدى. دۆلىتىمىزدىن 6 تەنھەركەتچى قاتناشتى.
11–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: بېرلىن ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانى
ناتسىسلار «گۈللىنىش ۋە روناق تېپىش» تېمىسىدا نۇرغۇن تەشۋىقات ماتىرياللىرى باستۇردى، ناھايىتى كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىپ، گىرانىت تاش ۋە مەرمەر تاشتىن 100 مىڭ كىشى سىغىدىغان چوڭ تىپتىكى تەنھەركەت مەيدانى، 20 مىڭ كىشلىك كۆرۈش سەھنىسى بار سۈ ئۈزۈش مەيدانى، بەدەن گۈزەللىكى تەنھەركەت مەيدانى، ۋاسكىتبول مەيدانى قاتارلىقلارنى سالدى. لوس ئانژىلىس ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدىنمۇ ھەشەمەتلىك ئولىمپىك مەيدانى قۇردى.
1936–يىلى 8–ئاينىڭ1–كۈنى ناتسىىلارنىڭ باش جىنايەتچىسى گېتلىر، بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئىچىلىش مۇراسىمىنىڭ باشلانغانلىغىنى جاكارلىدى، ئولىمپىك يىنىك ئاتلىتكا تەنھەركەتچىسى فولىس شىرگىن مۇقەددەس ئولىمپىك مەشئىلىنى تۇتاشتۇردى، تەنھەركەتچىلەركە ۋاكالىتەن قەسەم بەرگىنى يەنە بىر تەنھەركەتچى ئادولوف ئسىمار ئىدى.
12– ۋە 13–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن.
14–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: لوندون ۋېنبول ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ھەرقايسى دۆلەتلەر ئەسلىگە كىلىش مەزگىلىدە بولغاچقا، يېڭىدىن ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانى سېلىنمىدى، بەلكى 40 يىل بۇرۇن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدا ئىشلىتىلگەن تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىدىن تۇلۇق پايدىلىنىلدى. لىكىن ئەسلىدىكى «ئاق شەھەر» تەنھەركەت مەيدانىنىڭ يۈگۈرۈش يولىنىڭ ئايلانمىسى 536.45 مىتىر بولۇپ، مۇسابىقە تەلىپىگە مۇۋاپىق كەلمىگەچكە ۋېنبول تەنھەركەت مەيدانى بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى قىلىپ بىكىتىلدى.
ۋېنبول تەنھەركەت مەيدانىنىڭ لايىھەلىگۈچىسى ئوۋېن ۋېللامىس (1969–1890) بۇلۇپ، ۋېللامىس ئەنگىلىيەدىكى داڭلىق ئىنژىنىر. ئۇ لاي ئارىلاشما ۋە پۇلات چىۋىق قۇرۇلمىسىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى. ئىلگىرى 1932–يىلدىن 1934–يىلغىچە ئەنگىلىيە ئىمپىرىيە سۈ ئۈزۈش مەيدانىنى لايىھەلىگەن. دەسلەپتە 1922–يىلى ۋېللامىس ئايرۇپىلان، تومۇريوللاردا ئىشلىتدىغان يېڭى ماتىرىياللارنى قۇرۇلۇش بىناكارلىق ساھەسىگە ئېلىپ كىرگەچكە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇ ئەنگىلىيە قۇرۇلۇش بىناكارلىق تارىخىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە.
تەنھەركەت يىغىنى 1948–يىلى 7–ئاينىڭ 29–كۈنىدىن 8–ئاينىڭ 14–كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلدى. 7–ئاينىڭ 29–كۈنى ئەنگىلىيە پادىشاھى جورجى 6– تەنھەركەت يىغىنىنىڭ باشلانغانلىغىنى جاكارلىدى. ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كېلمىنت ئېدىل دوستلۇق نۇتۇقى سۆزلىدى. ئەنگىلىيە يىنىك ئاتلىتكا تەنھەركەتچىسى يوھان ماك بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ مۇقەددەس مەشئىلىنى ياندۇردى، يەنە بىر يىنىك ئاتلىتكا تەنھەركەتچىسى تاناد فىلي تەنھەركەتچىلەرگە ۋاكالىتەن قەسەم سۆزى قىلدى.
15–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: خېلسىنكى ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانى
خېلسىنكى ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانى 70 مىڭ كىشى سىغىدىغان ئايلانما شەكىللىك قۇرۇلۇش، روشەن مىللى قۇرۇلۇش ئۇسلوبىغا ئىگە، سىرىتقى كۆرۈنۈشى ئاددى كۆركەم بۇلۇپ، بۇ فىنلاندىيەدىكى ئەڭ چوڭ زامانىۋى تەنھەركەت مەيدانى. بۇ كۆركەم تەنھەركەت مەيدانىنى فىنلاندىيەنىڭ داڭلىق ئىژىنىرى لىندېخېلان (1952–1900) ۋە يەندى (1975–1900) لايىھەلىگەن، يۈگۈرۈش يولىنىڭ ئۈزۈنلىغى 400 مىتىر. 1934–يىلى باشلىنىپ 1938–يىلى تاماملانغان، ئەسلىدە بۇ تەنھەركەت مەيدانى 12–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدا ئىشلىتىلمەكچى ئىدى، لىكىن ئۇرۇش سەۋەبىدىن 12–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇ قېتىم خېر شىج يەنە ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن بۇ تەنھەركەت مەيدانىنىڭ يەنە ئىشلىتىلىدىغان ئورنى بار بولدى، فىنلاندىيەلىكلەر بۇ تەنھەركەت مەيدانىنى قايتا رىمونىت قىلىپ 15–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى قىلدى.
خېلسىنكى ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانىنىڭ لايىھەلىگۈچىلىرىنىڭ بىرى، لىندېخېلان فىنلاندىيەنىڭ داڭلىق قۇرلۇش ئىنژىنىرى. ئۇنىڭ قۇرۇلۇش لايھىلەش ئۇسۇلى ئۆزگىچىلىككە ئىگە بۇلۇپ، بۇ تەنھەركەت مەيدانى 20–ئەسىردىكى ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ، بۇ قۇرۇلۇش ئۇنى خەلىقئارادا شەرەپكە ئىگە قىلدى.
16–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: موربىن ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانى
موربىندا زامانىۋى چوڭ تىپتىكى تەنھەركەت مەيدانى بولمىغاچقا، موربىن شەھىرى بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى كۇتۈۋىلىش ئۇچۇن 250 مىڭ پونىد ستېرلىڭ سەرىپ قىلىپ، ئەسلىدىكى پالاق توپ ۋە ياۋرۇپاچە زويتۇن توپ مەيدانىنى كېڭەيتىپ سېلىپ، بۇ قېتىمقى تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى قىلىشىنى قارار قىلدى، يەنە 1 مىليون 250 مىڭ پونىد ستېرلىڭ سەرىپ قىلىپ سۇئۈزۈش مەيدانى، يىنىك ئاتلىتكا مەيدانى، ۋەلسىپىت مۇسابىقە مەيدانى ۋە ئەگرى پالاق توپ مەيدانلىرى بار ئولىمپىك باغچىسى قۇردى، 20 مىڭ پونىد ستېرلىنىگ سەرىپ قىلىپ ئولىمپىك كەنتى قۇردى. باشقا تۈردىكى مۇسابىقىلەر ئەسلىدە بار بولغان تەنھەركەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى ئېچىلىش مۇراسىمى 1956–يىلى 11–ئاينىڭ 22–كۈنى چۈشتىن كىيىن 104 مىڭ كىشلىك ئاساسلىق مەيداندا ئۆتكۈزۈلدى، كىنەز ئەيدىن بورگ بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ باشلانغانلىغىنى ئېلان قىلدى. يىنىك ئاتلىتكا ماھىرى رون كىلارك ئولىمپىيەدىن ئېلىپ كېلىنگەن مۇقەددەس مەشئەلنى تۇتاشتۇردى، ئولىمپىك مەشئىلى تۇنجى قېتىم ئايرۇپىلان بىلەن يەتكۈزۈلدى، ئارىلىقى 20 مىڭ كىلومىتىر ئىدى. ئاۋىستىرالىيەلىك ئولىمپىك مەشئىلىنى ياندۇرغان يىنىك ئاتلىتكا ماھىرى رون كىلارك، ئۇ ئىلگىرى كۆپ تۈردە ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش دۇنيا رىكورتىنى ياراتقان، لىكىن 1964–يىلىدىكى 18–قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدا 10 مىڭ مىتىرغا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە بىرلا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن، بۇ كىلارك ھادىسى دەپ ئاتالغان.
17–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: رىم ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانى
تارىختىكى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ نەتىجىلىرى ھازىرقى زامان بىناكارلىق قۇرۇلۇش تارىخىدىكى پارلاق بىر سەھىپە. تەنتەربىيە بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئۆزگىچە سىھرى كۈچى دۇنيا بىناكارلىق قۇرۇلۇش ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردىغان نورغۇن بىناكارلىق ئوستىلىرىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى. ھەربىر قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ لايىھەلىنىشى ئالدىنقى قېتىمقسىدىن ئېشىپ چۈشۈپ، ئۆتكۈزگەن شەھەر ۋە ئولىمپىكنىڭ بىر دەۋىرى بەلگىسى بۇلۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى قۇرۇلۇشلىرى تەنتەربىيە بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. رىم ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىگى، قەدىمقى رىم تەنھەركەت مەيدانى بىلەن ھازىرقى زامان تەنتەربىيە قۇرۇلۇشىنى بىرلەشتۈرۈپ بىرگەۋدە قىلغان، دۇنيادا ئىككىنچى بىر شەھەر بۇنداق قىلالمىغان.
چوڭ يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن، رىم ئولىمپىك تەييارلىق كومتىتى چوڭ تىپتىكى مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ئوت گىرىتسىيەنىڭ قەدىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانىدىن ئېلىپ كېلىندى. 1960–يىلى 8–ئاينىڭ 25–كۈنى چۈشتىن كىيىن ئاۋىستىرالىيە زوڭتۇڭى چوۋان گېلېڭچ تەنھەركەت يىغىنىنىڭ باشلانغانلىغىنى ئېلان قىلدى. ساھىپخان دۆلەتنىڭ يىنىك ئاتلىتكا ماھىرى كارلو فىلىس ئولىمپىك مەشئىلىنى ياندۇردى، يەنە بىر يىنىك ئاتلىتكا ماھىرى ئادولوف كونسول تەنھەركەتچىلەرگە ۋاكالىتەن قەسەم سۆزى قىلدى.
18–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: توكيو ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانى
مىڭجى باغچىسى ئولىمپىك مەركىزىنىڭ بىرى، باغچا ئىچىدە ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانى، گوۋزې ئونۋىرسال تەنھەركەت مەيدانى، ئەگرى پالاق توپ مەيدانى، كۆپ خىل ئىشلىتىلىدىغان دەي دەي مۇ تەنھەركەت مەيدانى ۋە سۈ ئۈزۈش مەيدانى بار بۇلۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سۈ ئۈستى تۈرلىرى، قارىغا ئېتىش، ئات ئۈستىدە ماھارەت كۆرسىتىش، رۇداۋ، قېلىچۋازلىق ۋە باشقا تەنھەركەت تۈرلىرى مۇسابىقە مەيدانى قاتارلىقلار بار.
1964–يىلى 10–ئاينىڭ 10–كۈنى ئېچىلىش مۇراسىمى بۇلۇپ، بۇ كۈنى ھاۋا ناھايىتى ياخشى بولدى. چۈشتىن كىيىن سائەت 2 دە ئېچىلىش مۇراسىمى باشلاندى، يىغىنغا ياپۇنىيە پادىشاھى گۈرىن ۋە ھۆكۇمەت ئەمەلدارلىرى، خەلىقئارا ئولىمپىك كومتىتى رەئىسى بولۇندىچ قاتارلىقلار قاتناشتى. ئامرىكا «شىنكېم» ناملىق سۈنئى ھەمرانى قويۇپ بېرىپ، ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى سۈنئى ھەمرا ئارقىلىق تارقاتتى، بۇ ئولىمپىك تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىدى. 1964–يىلى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ 70 يىللىقى بۇلۇپ، ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ يولغا قويغۇچىسى گۇبەيدەنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئونىڭ 1936–يىلىدىكى سۆزىنىڭ فىرانسوسچە ئۈنئالغۇ لېنتىسى قويۇلدى. ئېچىلىش مۇراسىمى ناھايىتى داغدۇغلۇق بۇلۇپ، ياپۇنىيە پادىشاھى گۈرىن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ باشلانغانلىغىنى ئېلان قىلدى، ياپۇنىيەنىڭ تۇنجى بەدەن گۈزەللىكى گىلماستىكا چىمپىيونى شىياۋ يې چىياۋ تەنھەركەتچىلەرگە ۋاكالىتەن قەسەم سۆزى قىلدى.
19–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: مېكسىكا ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانى
ئۇنۋېرسىتىت شەھىرى ئۇنۋىرسال تەنھەركەت مەيدانى بۇقېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى، شۇنداقلا ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مۇسابىقە ۋە پائالىيەت مەركىزى. شەھەر مەركىزىدىن 15 كىلومىتىر يىراقلىقتا 4 رايۇن بۇلۇپ: ئوقۇتۇش رايۇنى، ئارام ئېلىش ۋە ئاممىۋى قۇرۇلۇش رايۇنى، تۇرمۇش رايۇنى ۋە ئولىمپىك تەنھەركەت رايۇنى قاتارلىقلار. سۈ توپى مۇسابىقىسى ئۇنۋېرسىتىت شەھىرى سۈئۈزۈش كۆلچىگىدە ئۆتكۈزۈلدى.
تەنھەركەت يىغىنى 1968–يىلى 10–ئاينىڭ 12–كۈنى ئېچىلدى. بۇ كۈنى كۇلۇمبۇ يېڭى قۇرۇقلۇقنى بايقىغانلىغىنىڭ (1492–يىلى) 476 يىللىق خاتىرە كۈنى ئىدى. چۈشتىن بۇرۇن 11 دە 81 ياشلىق مىكسىكا زۇڭتۇڭى دىياسىخې، 5–نۆۋەتتىن باشلاپ ئولىمپىك كومتىتىنىڭ رەئىسى بولغان بولۇندېچ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى، زۇڭتۇڭ دىياسىخې ئىچىلىش مۇراسىمىنڭ باشلانغانلىغىنى ئېلان قىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمى 1964–يىلىدىكى توكيو ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدىنمۇ داغدۇغىلىق ۋە ھەيۋەتلىك بولدى، 40 مىڭدىن كۆپ شار ھاۋاغا قويوپ بېرىلدى، 10 مىڭدىن ئارتۇق تىنىچلىق كەپتەرلىرى كۆككە كوتۇرۇلدى، ئالقىش سادالىرى ئىچىدە تاماشىبىنلارنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى كۆتۇرەڭگۈ بولدى. بۇ قېتىمقى تەنھەركەت يىغىندا رېپىرلارنىڭ مەسئولىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش ئۇچۇن، تۇنجى قېتىم رېپىرلار قەسەم سۆزى قىلىشى بىكىتىلدى، رېپىرلارغا ۋاكالىتەن ساھىپخان دۆلەتتىن بىر رېپىر تاللىنىپ قەسەم سۆزىنى ئوقۇدى، قەسەم سۆزىنىڭ مەزمونى « مەن پۈتۈن رېپىرلارغا ۋاكالىتەت قەسەم بىرىمەنكى، بۇقېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدا بىز ھەقىقى ئولىمپىك روھى بىلەن ۋە بارلىق ئولىمپىك تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىپ، رېپىرلار مەسئولىيىتىنى ئادىل ئىجرا قىلىمىز».
20–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: ميونخىن ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانى
ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مۇسابىقە مەيدانلىرى ئولىمپىك باغچىسىنىڭ ئىچىگە سېلىنغان بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى ھەممىدىن كۆزگە چېلىقىدىغان نامايەندىلىك قۇرۇلۇش. بۇ قۇرۇلۇشنى سىتۇجاتلىق ئىنژىنىر بېنىس 1967–يىلى مىنتىلېر دۇنيا كۆرگەزمىسىدە گىرمانىيە سارىيىدىكى كىچىك بىر چىدىرنىڭ تۈرتكىسى بىلەن لايىھەلىگەن. ئۇنىڭ يېڭىلىقى ئۇنىڭ يېرىم سۈزۈك چىدىر شەكلىدىكى سايىۋىنى بۇلۇپ، قاپلاش دائىرسى 85 مىڭ كۋادىرت مىتىر، نەچچە ئون مىڭ تاماشىبىننى يامغۇر ۋە ئاپتاپتىن ساقلايدۇ. بۇ تەنھەركەت مەيدانىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ئالاھىدە بۇلۇپلا قالماستىن، يەنە 47 مىڭ كىشلىك ئورۇندۇقى ۋە 33 مىڭ كىشلىك ئۆرە تۈرۈش سۈپىسى بار، تاماشىبىنلارنىڭ مەيداندىن ئەڭ يىراق ئارىلىقى 195 مىتىر، جەنۇپ ۋە شىمال كۆرۇش سۈپىسى ئۈستىدە ئېلىكتىرونلۇق كۆرسىتىش تاختىسى بار.
بۇ 74.8 مىڭ كۋادىرات مىتىرلىق تەنھەركەت مەيدانىغا دەسلەپتە 18 مىليون مارك سەرىپ قىلىدىغانلىغى ئالدىن ھىسابلانغان بولسىمۇ، كىيىن ئېشىپ 170 مىليون ماركقا يەتكەن، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن بۇ قۇرۇلۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغان، بۇنىڭ بىلەن بېنىس ئۆزىمۇ دۇنياغا داڭلىق ئىنژىنىرلار قاتارىغا كىرگەن. ھەمدە 20 يىلدىن كىيىن گىرمانىيە پىلاتا يېڭى بىناسىنى لايىھەلەپ سالدى. بۇ دۇنيا تارىخىدىكى چوڭ نادىر قۇرۇلۇشلار توپى، ميونخىن شەھرىنىڭ ھازىرقى زامان قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ۋەكىلى بۇلۇپ قالدى.
21–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: مونتىلىر ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانى
كانادالىقلار مىزوناف باغچىسىغا مىزوناف ئولىمپىك تەنھەركەت مەركىزى قۇردى، ئۇنىڭ ئىگەللىگەن يەرمەيدانى 750 مو بۇلۇپ، ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانى، ئۆي ئىچى سۈ ئۈزۈش كۆلچىگى، سۈغا سەكرەش كۆلچىگى ۋە ماشىنا مۇسابىقە مەيدانى قاتارلىقلار بار ئىدى. بۇ ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانىنى تايىللىبېرت بىلەن دائوسىت لايىھەلىگەن، 71 مىڭ 920 تاماشىبىن سىغىدۇ، سۈپىتى ناھايىتى ياخشى ئۆلچەملىك 400 مىتىرلىق سۇلىياۋ يۈگۈرۈش يولى بار.
1976–يىلى7–ئاينىڭ17–كۈنى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمى باشلاندى، بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ مەشئەل يەتكۈزۈشى ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان ئۈسۈل بىلەن يەتكۈزۈلدى، 7–ئاينىڭ 13–كۈنى ئولىمپىيەدە ئوت تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئوت ئافىناغا يەتكۈزۈلگەندىن كىيىن ئايرۇپىلان ياكى پاراخوت بىلەن يەتكۈزۈلمەستىن، بەلكى سۈنئى ھەمرا ئارقىلىق كانادا پايتەختى ئوتتاۋا غا يەتكۈزۈلدى، ئاندىن كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش ئارقىلىق مەشئەل 7–ئاينىڭ 17–كۈنى مونتىلىرغا يەتكۈزۈلدى. ئاخىرىدا بىرجۈپ ئوغۇل قىز ئۆسمۇر سىدىفان پۇلى فاند ۋە ساندىلا خىڭدېس بۇ قېتىمقى مەشئەل ياندۇرۇش شەرىپىگە ئىگە بولدى، بۇ ئولىمپىك تارىخىدا تۈنجى قېتىم ئىككى ئادەمىنىڭ بىرلىكتە بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئورۇنلىشى. ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىت 20 بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ باشلانغانلىغىنى ئېلان قىلدى. تەنھەركەتچىلەرگە ۋاكالىتەن قەسەم سۆزى قىلغىنى ساھىپخان دۆلەت ئېغىرلىق كۆتۇرۇش تەنھەركەتچىسى پىئېر شىنيىرەن، رېپىرلارغا ۋاكالىتەن قەسەم سۆزى قىلغىنى كانادا يىنىك ئاتلىتكا رېپىرى مولىس فور.
22–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: موسكۋا ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانى
1975–يىلى 3– ئايدا 22–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى كومتىتى قۇرۇلدى، موسكۋالىقلار ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىرمىتىنى ئىشلەشكە باشلىدى. موسكۋا نىڭ چوڭ تىپتىكى ئونۋىرسال مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈشتە تەجرىبىسى بولسىمۇ، ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشتە تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى كۆپ، تۇلۇق بولسىمۇ، ئاسان كەلمەيدىغان ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئۈچۈن يەرمەيدانى ۋە ياغاچ ماتىرىياللىرىنى ئايىمىدى.
داڭلىق قۇرۇلۇش ئىژىنىرى فىلاسوف، بولىك بوف ۋە لېسنى كوف لار 100 مىڭ كىشلىك مەركىزى لېنىن تەنھەركەت مەيدانىنى لايىھەلەشنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ياردەمچى قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى يېڭىدىن سالدى ۋە يېڭىلىدى.
23–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: لوس–ئانژىلس خاتىرە ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانى
ئېچىلىش مۇراسىمى، يېپىلىش مۇراسىمى ۋە يىنىك ئاتلىتكا مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى لوس–ئانژىلس خاتىرە تەنھەركەت مەيدانى. بۇ تەنھەركەت مەيدانى 1932–يىلدىكى ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى. 1982–يىلى ئاتلانتىك ئوكيان لېچىف تېسىس 5 مىليون ئامرىكا دوللىرى سەرىپ قىلىپ قايتىدىن رىمونىت قىلىپ ياسىدى، ئورۇندۇقلىرىنى ئالماشتۇردى، 175 ئايرىمخانا كۆپەيىتتى، بۇ ئايرىمخانىلارنى مۇنازىرەقىلىشقا ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ باش ۋەزىرلىرىگە ئىشلەتتى. گىرمانىيەدىن كىرگۈزۈلگەن سۇلىياۋ يۈگۈرۈش يولى ياتقۇزۇلدى. قايتا رىمونت قىلىنغاندىن كيىن 92 مىڭ 604 كىشى سىغىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەنھەركەت مەيدانىنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى.
1984–يىلى 7–ئاينىڭ 28–كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 تىن 15 مىنوت ئۆتكەندە بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى باشلاندى. سەنئەتچىلەرنىڭ ھەرخىل سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن ئېچىلىش مۇراسىمى ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، 7 دىن 15 مىنوت ئۆتكەندە ئامرىكا زوڭتۇڭى رېگىن تەنھەركەت يىغىنىنىڭ باشلانغانلىغىنى ئېلان قىلدى، 1904–يىلدىن كىيىن ئامرىكا تۆت قېتىم قىشلىق (1932–يىلى ۋە 1980–يىلى)، يازلىق(1904–يىلى ۋە 1932–يىلى) ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لىكىن ئامرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى تۇنجى قېتىم.
رېگىن ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ باشلانغانلىغىنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن، ئامرىكا داڭلىق يىنىك ئاتلىتكا ماھىرى جېس ئوۋىنىسنىڭ نەۋرىسى جىنا خانفېر ئولىمپىك مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ مەيدانغا كىردى، كەينىدىن 1960–يىلى 10 تۈر بۇيىچە چىمپىيون بولغان ئامرىكا ماھىرى لا يوھانسون مەشئەلنى ئېلىپ ئولىمپىك ئوتىنى تۈتاشتۇردى، ئاندىن 1976–يىلى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ توساق ئاتلاش تۈرىدە چىمپىيون بولغان ئامرىكا ماھىرى ئەي موش تەنھەركەتچىلەرگە ۋاكالىتەن قەسەم سۆزى قىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمى 2 سائەت داۋاملاشتى، پۈتۈن لوس–ئانژىلس خەلقى تاينام تاشقىنلىق ئىچىدە كەيپىياتنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتەردى.
24–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: سىئول ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانى
سىئول ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ھەرقايسى مۇسابىقە تۈرلىرى ئاساسلىق سىئول تەنتەربىيە مەركىزى ۋە ئولىمپىك مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. تەنھەركەت مەركىزى سىئولدىن 13 كىلومىتىر كىلىدىغان جايغا جايلاشقان بۇلۇپ، يەرمەيدانى 545 مىڭ كۋادىرات مىتىر كىلىدۇ. بۇ مەركەز ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانىنى يادرۇ قىلغان بۇلۇپ، تەنھەركەت مەيدانى، سۈئۈزۈش مەيدانى، ئوقوغۇچىلار مەيدانى، يىنىك ئاتلىتكا مەشىق مەيدانى، كالتەك توپ مەيدانى قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن. كورىيە تەييارلىغان 34 مۇسابىقە مەيدانى ئىچىدە، ئەڭ ئاساسلىقى ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانى.
1988–يىلى 8–ئاينىڭ 23–كۈنى ئولىمپىك مەشئىلى ئولىمپىيەدىن تۇتاشتۇرۇلۇپ 22 كۈن سەرىپ قىلىنىپ كورىيەنىڭ سىئول شەھرىگە ئېلىپ كېلىندى. 9–ئاينىڭ 17–كۈنى سائەت 10دىن 30 مىنوت ئوتكەندە 100 مىڭ كىشلىك ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانىدا ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئولىمپىك كومتىتىنىڭ ئەزاسى جاڭپۇ شىجى نوتۇق سۆزلىدى، كورىيە زۇڭتۇڭى لوتەييۈ ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ باشلانغانلىغىنى ئېلان قىلدى.
25–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: بارسېلونا مىڭجىك ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانى
1986–يىلى بارسېلونا ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش ھوقوقىغا ئېرىشكەندىن كىيىن، ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانىنىڭ سانىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «مىڭتويوك تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى تەرەققىيات پىلانى» نى بىكىتتى.
رىمونت قىلىنغاندىن كىيىنكى يېڭى تەنھەركەت مەيدانى ئەسلىدىكى قەدىمى ۋە ئاددى سىرىتقى كۆرۈنۈشىنى ساقلاپ قالدى، ئىچكى قىسمى يېڭى ۋە ھەيۋەتلىك بۇلۇپ، كەڭلىكى 40 مىتىر، ئۈستىنىڭ ئۈزۈنلىغى 140 مىتىر كىلىدىغان ئەگمە شەكىللىك رەئىس سەھنىسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ رەئىس سەھنىسى بۇلۇپ قالدى. كىرىش ئىشىكىنىڭ ئىككى تەرىپىگە گىرىتسىيە ئويمىچىلىغىنىڭ نامايەندىسى بولغان، ئىككى ئات مىنىپ تۇرغان چەۋەندازنىڭ ھەيكىلى قويۇلدى. بارسېلونا ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ مەشئەل سۈپىسى، ئوتتۇرا دېڭىز يەلكەنلىك كېمىسى شەكلىدە بۇلۇپ، ئىگىزلىكى 18 مىتىر، ئېغىرلىغى 18 توننا، ئونى شەھەر ئاھالىسى ھەرقانداق يەردە تۇرۇرپ ئېنىق كۆرەلەيدۇ.
26–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: ئاتلانتا ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانى
ئاتلانتا شەھىرىنىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدىن بۇرۇنلا ناھايىتى كۆپ ئىلغار تەنھەركەت مەيدانلىرى بارئىدى. لىكىن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، كومتىت ئۆزگەرتىپ سېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ناھايىتى چوڭ ئولىمپىك قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، بىر قىسم ئەسلىھەلەرنى قايتا سالدى. پۈتۈن ئولىمپىك قۇرۇلۇشىدا «قۇلايلىق» ۋە «ئەپلىك» بۇلۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلدى.
ئولىمپىك مەشئەل يەتكۈزۈش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى ئاۋام خەلىق بۇلۇپ، ئومومى مۇساپە 9656 كىلومىتىر بولدى، بۇ ئارىلىق 1984–يىلدىكى لوس ئانژىلىس ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ مۇساپىسىدىنمۇ ئۈزۈن بولدى. ئولىمپىك ئوتىنى ئەڭ ئاخىرى ئامرىكا خەلقى ياخشى كۆرىدىغان بوكسىيور پادىشاھى ئەلى تۇتاشتۇردى. ئامرىكا زوڭتوڭى كېلىنتون ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ باشلانغانلىغىنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن، ئاياللار ۋاسكىتبول تەنھەركەتچىسى تېلىسا ئەيدېف ۋە سۇغا سەكرەش مۇسابىقە تېرىنىرى خوب بىلىس ئايرىم–ئايرىم تەنھەركەرتچىلەر ۋە رېپىرلارغا ۋاكالىتەن قەسەم سۆزى قىلدى.
27–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: سىدنېي ئولىمپىك تەنھەركەت مەيدانى
2000–يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سېپنى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ دالا تەنھەركەت مەيدانى. 110 مىڭ كىشلىك بۇ تەنھەركەت مەيدانىنىڭ چات ئارىسىغا 4 دانە بوئىن 747 تىپلىق ئايرۇپىلان سىغىدۇ. بۇ تەنھەركەت مەيدانى سىدنېي شەھىرىگە 14 كىلومىتىر كىلىدىغان خوبوشىۋان ئولىمپىك باغچىسىغا جايلاشقان، قاتنىشى ناھايىتى قولايلىق. بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىدا يېشىل مۇھىت بەرپاقىلىش تەشەببۇس قىلىنىپ، قوياش ئىنىرگىيەسى، تەبىئى گاز قاتارلىق مۇھىتنى بولغىمايدىغان ئىنىرگىيىلەر ئىشلىتىلدى.
بۇ قېتىمقى ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش يەنە ئالاھىدە بۇلۇپ، سۈ، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن يەتكۈزۈلدى، ھەتتا سۈغا چۆككۈچىلەر بىلەن سۈنىڭ ئاستىغىمۇ ئېلىپ كىرىلدى. ئېچىلىش مۇرسىمى ئىككى كۈن بۇرۇن 2000–يىلى 9–ئاينىڭ 13–كۈنى باشلاندى، 9–ئاينىڭ 15–كۈنى مەشئەل ياندۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئولىمپىك مەشئىلىنى ئاۋىستىرالىيەنىڭ مۇنەۋۋەر ئايال قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش تەنھەركەتچىسى كاش فولمان ياندۇردى، ئەگرى پالاق توپ تەنھەركەتچىسى لىچىر خوكىس ۋە سۈ توپى مۇسابىقە تېرىنىرى بىد كېر ئايرىم–ئايرىم تەنھەركەرتچىلەر ۋە رېپىرلارغا ۋاكالىتەن قەسەم سۆزى قىلدى.
28–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: ئافېنا ئولىمپىك ئونۋىرسال تەنھەركەت مەيدانى
ئافېنا ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى 2004–يىلى 8–ئاينىڭ 13–كۈنىدىن، 8–ئينىڭ 29–كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلدى.
ئولىمپىك ئاساسلىق تەنھەركەت مەيدانى، 2004–يىلدىكى ئافىنا ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ مەركىزى. ئافىنانىڭ شىمالىي ئەتراپىغا جايلاشقان مالىش ئولىمپىك ئونۋىرسال تەنھەركەت مەيدانىنىڭ بىر قىسمى. تەنھەركەت مەيدانىغا 550 مىڭ تاماشىبىن سىغىدۇ، بۇنى ئىسپانىيەلىك قۇرۇلۇش ئىنژىنىرى سىندېگ كالتېلۋا لايىھەلىگەن. ئاساسلىق قۇرۇلۇشنى گىرىتسىيە مەدەنىيەت مېنىستىرلىگى ئۆزئۈستىگە ئېلىپ، 2004 يىلى 7–ئايدا قۇرۇلۇش تاماملاندى.
29–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى: بېيجىڭ ئولىمپىك ئونۋىرسال تەنھەركەت مەيدانى
29–نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق مەيدانى «قۇش ئۇۋىسى» ھازىر سېلىنماقتا. بۇ تەنھەركەت مەيدانىنىڭ يەرمەيدانى 37 مىڭ 57 كۋادىرات مىتىر، 38 مىڭ تاماشىبىن سىغىدۇ. بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى 2008–يىلى 8–ئاينىڭ 8–كۈنىدىن 24– كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدۇ.
 
 ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن شەھەر ئۆتكۈزۈلگەن يىلى مەشئەل يەتكۈزۈلگەن ئارىلىق(كىلومىتىر) بېسىپ ئۆتكەن دۆلەت ۋە رايۇن سانى مەشئەل يەتكۈزۈشكە سەرىپ قىلىنغان كۈن مەشئەل يەتكۈزۈشكە قاتناشقان ئادەم سانى
بېرلىن 1936 3,187 7 13 3,331
لوندۇن 1948 3,365 7 13 1,416
خېلسىنكى 1952 7,870 4 25 3,372
موربىن 1956 20,470 2 21 3,608
رىم 1960 2,750 2 14 1,529
توكيو 1964 26,065 12 51 5,244
مېكسىكا 1968 13,620 5 51 2,778
مىيونخىن 1972 5,532 7 30 6,000
مونتىلېر 1976 775 2 5 1,214
مۇسكۋا 1980 4,915 4 31 5,000
لوس ئانژىلىس 1984 15,000 2 83 3,636
سېئۇل 1988 15,250 3 26 1,469
بارسىلونا 1992 6,307 2 51 10,448
ئاتلانتا 1996 27,890 2 92 13,267
سىدنىي 2000 27,000 13 127 13,300
ئافېنا 2004 78,000 27 78 12,102
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار