ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : كىنو تارىخىدىكى ئون خەلقئارا فىزىكا ئولى ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ پويىز ۋاگونىدىكى ئور

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > تارىخ > تولۇق مەزمۇنى

كىنو تارىخىدىكى ئون چوڭ مەڭگۈلۈك كىنو

ۋاقىت : 2015-07-12 19:58 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
كىنو تارىخىدىكى ئابىدە: كىنو تارىخىدىكى ئون چوڭ مەڭگۈلۈك كىنو

1895-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، لۈمىيەغ ئاكا-ئىنى پارىژدىكى كاپشىن يولى 14-نومۇرلۇق قەھۋەخانىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىدە تۇنجى قېتىم ئاشكارا بېلەت سېتىپ كىنو قويغان، بۇ كىنونىڭ رەسمىي بالىققا كەلگەنلىكىنىڭ بەلگىسىگە ئايلانغان. شۇندىن كېيىن كىنونىڭ تەسىر كۈچى بارغانسىرى چوڭايدى، كىنوچىلىق ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى. كىنونىڭ تەرەققىياتى يوقلىقتىن بارلىققا كېلىش، ئاۋازسىزدىن ئاۋازلىق بولۇش، رەڭسىزدىن رەڭلىك بولۇش، يەنە ھازىرقى يۇقىرى تېخنىكىلىق كىنو قاتارلىقلارغىچە بىر قانچە باسقۇچنى بېشىدىن كەچۈردى، ھەم كىنو تەرەققىيات تارىخىدىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە كۆپلىگەن ئەسەرلەر پەيدا بولدى. 

تۆۋەندە كىنوچىلىق تارىخىدىكى ئابىدىلەرنى چۈشەندۈرىمىز، كۆپچىلىك بىرلىكتە كىنو تەرەققىيات تارىخىدىكى ھەرقايسى چوڭ بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنى چۈشىنىپ باقايلى. 

 

 

«پويىز بۇلاش دېلوسى»: تۇنجى مونتاج قىلىنغان كىنو

بۇ ئۇزۇنلۇقى 12 مىنۇتلۇق فىلىم قارىماققا ئاددىيلا، ئەمما ئۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئابىدە، تېخنىكا تەرەپتىكى ئىجادىيەت پۈتۈن كىنوچىلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ فىلىم مەيدان بىلەن مەيدان ئارىسىدا كىسىپ مونتاژ قىلىش ماھارىتى ئىشلىتىپ، ئادەتتىكى ۋەقەلىك فىلىمنىڭ قۇرۇلمىسىنى تىكلەپ بەردى.

 

«جاز ناخشىچى»: تۇنجى ئاۋازلىق كىنو

1927-يىلى، ئامېرىكىدىكى داڭلق ۋارنېر كىنو ئىشلەش شىركىتى كىنو تارىخىدىكى تۇنجى ئاۋازلىق كىنونى ئىشلەپ، دۇنيا كىنوچىلىقىغا بىر مەيدان ئىنقىلاپ ئېلىپ كەلدى، بۇ ئاۋازسىز كىنونىڭ ئاياقلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسىگە ئايلاندى. 

 

«پۇقرا كەيئىن» پۈتۈنلەي يېڭى بولغان كىنو ئىشلەش شەكىلى

«پۇقرا كەيئىن» ئۇدا ئۈچ قېتىم «دۇنيادىكى ئەڭ نادىر فىلىم» دەپ باھالانغان، ھازىرقى زامان كىنوسىنىڭ ئابىدىسى دېيىلىدۇ، تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ كىنو دېيىشكە بولىدۇ. شەكىلدىن ئىدىيەگىچە، ھەممىسىدە ئەھمىيەت ناھايىتى چوڭ. فىلىمنىڭ قۇرۇلمىسى، باش تېمىسى، كامېرا ئىشلىتىش، چىراق يورۇتۇش، مونتاژ ۋە ئاۋاز قاتارلىق تەرەپلەردە ھولللىۋودنىڭ اىلىملىرىدىكى ئىدىيە بىلەن ناھايىتى كۆرىنەرلىك پەرق ھاسىل قىلغان. يەنى دەل مۇشۇ پەرق بولغانلىقتىن بۇ ئۇلۇغ كىنوغا ئايلانغان. 

 

«ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن»: ھوللىۋود تارىخى داستان فىلىمى شۇندىن باشلاپ ئورنىنى مۇقىملىغان

كىنو ئاتلانتا شەھىرىدىكى ئۇرۇش، سېستىرالارنىڭ يارىدارلارنى قۇتقۇزىشى، شەھەرنى تاشلاپ قېچىش، ئوت قويۇپ شەھەرنى كۆيدۈرۈش قاتارلىق جەڭ كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، زور مەبلەغ سالغان. ھەيۋەتلىك مەيدان ئېھتىياجى سەۋەبىدىن، كىنو ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن ھالدا 60 نەپەردىن ئارتۇق مۇھىم ئارتىس، 9000 نەپەردىن ئارتۇق ئاممىۋى تاماشىبىن ئىشلەتكەن، «ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن» ھوللىۋودتىكى بىرىنچى گىگانىت فىلىم دەپ ئاتالغان. 

 

«تىتانىك»: بېلەت كىرىمى 1 مىلىيارد دوللاردىن ئاشقان تۇنجى كىنو

1998-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا 200 مىلىيون دوللار مەبلەغ سالغان كىنو «تىتانىك » كىنو تارىخىدىكى بېلەت كىرىمى 1 مىلىيارد دوللاردىن ئاشقان تۇنجى كىنوغا ئايلانغان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ كىنو ئۇدا 281 كۈن قويۇلۇپ. شىمالى ئامېرىكىدا «ئەڭ» ياراتقان. ئۇندىن سىرت، بۇ كىنو 11 تۈردە ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ئوسكار تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كىنونىڭ بىرىگە ئايلانغان. 

 

«پىلانىتلار ئۇرۇشى 4»: كىنو ئالاھىدە ئۈنۈمىنىڭ باشلامچىسى

چەتئەل كىنو ئالاھىدە ئۈنۈمىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. 1977-يىلى، «پىلانىتلار ئۇرۇشى» ئەڭ نادىر كۆرۈش ئالاھىدە ئۈنۈمى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۈگۈنكى كۈندە كىنو تارىخىدىكى لاھىيەنىڭ كلاسسىكى، ھوللىۋود كىنو ئالاھىدە ئۈنۈم تېخنولوگىيەسىنىڭ باشلىنىشىغا ئايلانغان. 

 

«ئاۋاتار» 3D نى ئاساسىي ئېقىملاشتۇرۇشنىڭ باشلامچىسى

كامېرون 2009-يىلى پۈتۈن دۇنياغا سەل قارىغىلى بولمايدىغان ئەسەر ئېلىپ كەلدى، «ئاۋاتار» دىن كېيىن، 3D پۈتۈن دۇنيادا ئاساسىي ئېقىمغا ئايلاندى، «ئاۋاتار» 3D كىنونىڭ بەلگە خاراكتىرلىك ئەسىرىگە ئايلاندى.

 

«Toy Story» «ئويۇنچۇق ھېكايىسى»: پۈتۈنلەي كومپيۇتېردا ئىشلەنگەن  تۇنجى ئۇزۇن كارتون كىنو

1995-يىلى پېكسىل ۋە دېسنىي ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن تۇنجى ئۇزۇن كارتون كىنو «Toy Story» قويۇلدى. بۇ فىلىم كىنو تارىخىدىكى پۈتۈنلەي كومپيۇتېردا ئىشلەنگەن  تۇنجى كارتون ئۇزۇن فىلىم، بۇ اىلىم 192 مىلىيون دوللارلىق بېلەت كىرىمى بىلەن كارتون كىنو رېكورتىنى يېڭىلىغان. 

 

«قار مەلىكە»: تۇنجى ئەڭ نادىر ئۇزۇن كارتون كىنو 

ناۋادا پېكسىل ئىشلىگەن «ئويۇنچۇق ھېكايىسى» بىر خىل خەتەرلىك فىلىم بولسا، ئۇنداقتا دېسنىي ساراڭ بولۇپ «قار مەلىكە» نى ئىشلىگەن. پۈتۈن دۇنيا كارتون فىلىم قىسقا مەزگىللىك رىئال دۇنيادىن ھالقىغان مەھسۇلات دەپ قارىغان، ئەمما ئەمىلىيەتتە ئۇ سەنئەتنىڭ بىر خىل كېڭەيگەن شەكىلى. «قار مەلىكە» قويۇلۇپلا كلاسسىكقا ئايلانغان ھەم دېسنىي ئوسكار ئۆمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

«چوڭ ئاق لەھەڭ»: تۇنجى يازلىق چوڭ فىلىم

يازلىق قويۇلۇش ۋاقتى ئۇقۇمى ئەڭ دەسلەپتە ئەمىلىيەتتە 1975-يىلىدىكى سىتىۋىن سىپىلبېرگنىڭ «چوڭ ئاق لەھەڭ» دىن باشلانغان. كىنو پۈتكەندىن كېيىن، يەرشارى كىنوچىلىق شىركىتى يازدا «چوڭ ئاق لەھەڭ» نى كىنوخانىغا كېڭەيتىشنى قارار قىلغان، بۇ خىل ئۇسۇل بىر قېتىملىق تارىختا كۆرۈلمىگەن سىناق ئىدى. 

بۈگۈنكى كۈندە يازلىق قويۇلۇش ۋاقتى ھوللىۋود كىنو تارقىتىشىنىڭ ئالتۇن مەزگىلىگە ئايلاندى، چوڭ فىلىمنىڭ يېرىمىدىن كۆپى يازلىق مەزگىلدە قويۇلىدۇ، بۇ ھەممىسى «چوڭ ئاق لەھەڭ» نى تارقىتىش سىتراتىگىيەسىنىڭ تۆھپىسى.

 
ئالدىنقىسى:خەلقئارا فىزىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسى | كېيىنكىسى: تۈگەپ قاپتۇ
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار