ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئىمتىھان سۇئاللىرى > تولۇقسىز1-ماۋسۇم > تولۇق مەزمۇنى

8- يىللىقلار ئۈچۈن 1- مەۋسۇملۇق تىل- ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئالى

ۋاقىت : 2013-03-01 21:05 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئەخلەت | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
8- يىللىقلار ئۈچۈن 1- مەۋسۇملۇق تىل- ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئالى
تىل- ئەدەبىيات
 
1. تاللاش سوئالى:   بېرىلگەن جاۋابلار ئىچىدە پەقەت بىرىلا توغرا، توغرا جاۋابنىڭ ھەر بەلگىسىنى تىرناق ئىچىگە يېزىڭ. ( 2 دىن 20 نومۇر)
1. تۆۋەندىكىلەردىن ‹‹قاتتىق خۇشال بولۇپ كەتمەك›› دېگەن مەزمۇن ئىپادىلەنگەن ئىدىئوم:                (      )
A. جۇدۇنى  ئۆرلىمەك                  B. قۇيقا چېچى تىك تۇرماق
C. ئاغزى قۇلىقىغا يەتمەك            D. بۇرنىنىڭ بېزىنى ئالماق
2. ‹‹سۇ كەلگۈچە توغان تۇت›› دېگەن جۈملە:
A. ۋاقىتنى قەدىرلەش تېمىسىدا ئېيتىلغان تەمسىل.
B. سۇنى تېجەش توغرىسىدا ئېيتىلغان ماقال.
C. ئېرىقنى كەڭ چېپىش توغرىسىدا ئېيتىلغان ھېكمەتلىك سۆز.
D. مەلۇم بىر ئىشلارغا دۇچار بولۇشتىن ئىلگىرى ئالدىن تەييارلىق كۆرۈش توغرىسىدا ئېيىتىلغان ماقال.
تۆۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ، 3-، 4- تاللاش سوئاللىرىنىڭ تەلىپىنى ئورۇنداڭ.
ھەي، دۇنيا، ساخاۋەتلىك دۇنيا، كارامىتىڭنى ئىشقا سال، بىر مۆجىزە كۆرسەت، مەن كۆز ئالدىمدىكى بۇ ئىشلارنى چۈشۈم دەپ قالاي، چۈش كۆرۈۋاتىمەن دەپ قالاي، بۇ ئۆمرۈم چۈش بىلەن ئۆتۈپ كەتسىمۇ مەيلى، ماڭا ئەمدى ئوڭۇم بولمىسىمۇ مەيلى، ھەي، دۇنيا، قوينۇڭ شۇنچە كەڭرى، ھەتتا ئۇنىڭدا شۇنچە رەزىل ئادەملەرمۇ ياشاۋاتىدىغۇ، ئۇ بەكمۇ ھالال ئىنسان ئىدى، بەكمۇ جىگەرلىك ئىنسان ئىدى، بەكمۇ خالىس ئىنسان ئىدى... ‹‹ياخشىغا كۈن يوق، يامانغا ئۆلۈم›› دەيكەن دانالىرىڭ، بۇ زادى نېمىشقا شۇنداق؛ نېمىشقا شۇنداق؟ جاۋاب بەر، دۇنيا! سىرلىرىڭنى ئۈنلۈك سۆزلىيەلمىسەڭ، قۇلىقىمغا شىۋىرلاپ بولسىمۇ سۆزلىگىن... ھەي، دۇنيا.
ئۇنتۇما، دۇنيا، ئۇنتۇما! نامى چىقمىغان ھالال ئىنسانلىرىڭنى ئۇنتۇما.››
3. پارچىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە ئېيتىلغان تەھلىللەردىن خاتاسى:  (  )
A. پارچىدىكى ‹‹ھالال›› دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ‹‹پاك، ساپدىل›› دېگەنلىك بولىدۇ.
B. پارچىدىكى ‹‹خالىس ئىنسان›› ئاپتورنىڭ ئاكىسىنى كۆرسىتىدۇ.
C. پارچىدا شائىرنىڭ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان رەزىل كىشىلەرگە بولغان كۈچلۈك نەپرىتى  ئىپادىلەنگەن.
D. پارچىدا ئەخمەت ئىمىننىڭ ئۆز ئاكىسىنىڭ ئۆلۈمىگە بولغان ئېچىنىشى ۋە قايغۇلۇق ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن.
4. پارچىنىڭ بەدىئىيلىكى ھەققىدەىكى تەھلىللەردىن خاتاسى:
A. پارچىدا بايان بىلەن تەسۋىر قوللىنىلغان.
B. پارچىدا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن تەكرارلاش قوللىنىلغان.
C. پارچىدا لىرىكا ۋە مۇھاكىمە قوللىنىلغان.
D. پارچىدا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن رىتورىك خىتاب ۋە رىتورىك سوئال قوللىنىلغان.
5. ‹‹لوپنۇر ــ يوقالغان كۆل›› دېگەن ئەسەر ھەققىدە ئېيتىلغانلارىدن خاتاسى:            (              )
A. 1930- يىللاردا لوپنۇر كۆلى سۈيى مول ھەر خىل قۇشلار ماكان تۇتقان سىرلىق كۆل ئىدى.
B. تارىم ۋادىسىدا بوز يەر ئاچقۇچىلارنىڭ تارىم دەرياسىنىڭ سۈيىنى قالايمىقان تارتىپ كېتىپ، تارىم دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئازلىتىۋېتىشىمۇ، لوپنۇر كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر.
C. لوپنۇر كۆلى ئازادلىقتىن بۇرۇن، گونىمداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەبىئەتكە زىيانكەشلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن قۇرۇپ كەتكەن.
D. 198- يىلى ۋە 1996- يىللىرى جڭگولۇق ئالىم ۋە ئېكسپېدىتسىيىچىلەر لوپنۇر كۆلى ئەتراپىدىكى پايانسىز چۆللۈكتە خەتەرگە ئۇچرىغان.
6. ‹‹بۇ بالا ۋەتەننىڭ ئوغلى›› ناملىق تېكىستتە ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان ئۇرۇش:
A. قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى            B. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى
C. ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭى            D. جىگدە يېغىلىقى
7. ‹‹بۇ كۈنى ئۇنىڭ ئاغرىقخانىدىن چىققاندىن بېرى كۆڭۈللۈك يۈرگىنىنى بىرىنچى قېتىم بايقىدىم›› دېگەن جۈملىدىكى سۆزلەر ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:       (     )
A. جۈملىدە سان- مىقدار سۆز تۈركۈمى قوللىنىلغان.
B. جۈملىدە ئالماشتىن بىرى بار.
C. ‹‹ئاغرىقخانا›› دېگەن ياسالما ئىسىمدۇر.
D. جۈملىدە پېئىلدىن ئۈچى بار.
8. ‹‹قوچۇ خارابىلىكى›› دىكى ئىمارەتلەر ئاساسلىقى:   (     )
A. ئىبادەتخانا ۋە كۇتۇپخانىلاردىن تەركىب تاپقان.
B. خان ئوردىسى ۋە قەبرىلەردىن تەركىب تاپقان.
C. بۇتخانا ۋە شەھەر قوۋۇقلىرىدىن تەركىب تاپقان.
D. ئىبادەتخانا ۋە قەبرىلەردىن تەركىب تاپقان.
9. تۆۋەندىكىلەر ئىچىدە ئاشۇرما دەرىجىدىكى سۈپەت قوللىنىلغىنى:
A. مەنىسىز سۆز ــ پۇت غاجايدىغان ئۆتۈك.
B. نېمىنىڭ ھاياتىڭدا كەم ئىكەنلىكىنى بايقىيالىغان ۋاقتىڭدا يېڭىچە بىر يولغا كىرگەن بولىسەن.
C. نومۇس قىلمايدىغان ئادەم تورمۇزى يوق ماشىنىغا ئوخشايدۇ.
D. ئەڭ ساپ ئادەم نەپتە، ھىيلىگەر ئادەم گەپتە بايقىلىدۇ.
10. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى توغرىسىدىكى خاتا قاراش :    (     )
A. ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىجادى قىلىنغان بولۇپ 6- ئەسىردىن 9- ئەسىرگىچە  قوللىنىلغان ئىلىپبەلىك يېزىق.
B. سوغدى يېزىقى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، 8 ئەسىردىن 15- ئەسىرگىچە ئۇيغۇرلار ھەم تۈركىي قوۋملار تەرىپىدىن قوللىنىلغان.
C. ئوڭدىن سولغا قارىتپ توغرىسىغا ياكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ يېزىلىدۇ. جۈملە ئاخىرىغا قوش چېكىت (:) قويۇلىدۇ.
D. بۇ يېزىقنى كېيىنچە مۇڭغۇللارمۇ ئىشلەتكەن.
 
2. بوش ئورۇن تولدۇرۇش سوئالى. (12 نومۇر)
11. ‹‹ئەر قانىتى ــ ئات›› دېگەن جۈملە تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ (      ) تۈرىگە كىرىدۇ. جۈملىدە ئىسىمدىن (          )ى بار.
12. ‹‹يىراققا تارقالغان قوڭغۇراق ئاۋازى›› ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى (          ). بۇ ئەسەرنىڭ ژانىرى (         ). ئەسەردىكى سادىقنىڭ ئانىسىنىڭ ساراڭ بولۇپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئوغلىنى زىيادە (             ) تىن بولغان.
13. مورفولوگىيە سۆزلەرنىڭ (          )، (         ) ۋە (             )نى تەتقىق قىلىدۇ.
14. ‹‹قۇم باسقان شەھەر›› رومانىدا (               )دىكى ۋەقەلەر (           )شەكلى ئارقىلىق ھېكايە قىلىنغان.
15. توغراق (            ) ئاتالغۇ بولۇپ، (                  ) دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
 
3. قىسقىچە جاۋاب بېرىش سوئالى
15. بەدەن تىلىنىڭ نېمىلىكىنى ئېيتپ بېرىڭ. (2 نومۇر)
 
 
16. ماقال بىلەن تەمسىلنى قانداق پەرقلەندۈرىمىز؟ مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈڭ. (4 نومۇر)
 
 
 
17. لوتپۇللا مۇتەللىپ كىم؟ ئۇنىڭ قانداق ئەسەرلىرىنى بىلىسىز؟ (4 نومۇر)
 
 
 
4. مۇھاكىمە قىلىش ۋە مەشىق ئىشلەش
18. تۆۋەندىكى ئەسەرنى ئوقۇپ تەلەپلەرنى ئورۇنلاڭ.
ــ مانا قاراڭلار يىگىتلەر، توردىكى بۇ بېلىجانلارغا،ــ دېدى نىك ئەپەندى توردا پىلتىڭلاپ تۇرغان رەڭمۇ رەڭ بېلىجانلارنى بىزگە كۆرسىتىپ،ــ ئەمدى مەن ئۇلارنى يەنە دېڭىزغا قويۇۋېتىمەن. ئۇلار دەرھال بېرىپ ئانىلىرىغا بۈگۈن ئۆزىنىڭ تورغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىن كىچىككىنە گۆشكە ئالدىنىپ تورغا چۈشۈپ قالمايدىغان، توردىكى بۇ يەمچۈكلەرنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ تېنى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىغان بولىدۇ،ــ دېدى- دە، بېلىجانلارنى دېڭىزغا قويۇۋەتتى.
مەن ھەر كۈنلۈكى كەچلىك تاماقتىن كېيىن قىزىل دېڭىزغا تور تاشلاپ، تېخى قارماققا چۈشۈپ باقمىغان بېلىجانلارنى چېنىقتۇرۇپ، ئۇلارغا چوڭ بولغاندا ياۋۇز بېلىقچىلارنىڭ تور- قارماقلىرىغا چۈشۈپ قالماسلىقىنى ئۆگىتىمەن.
چۈنكى، مەن قىزىل دېڭىزنى بەكمۇ سۆيىمەن.
15- ئەسىردىن باشلاپ ياۋروپا مۇستەملىكچىلىرى نېگىرلارنى خورلاپ، ئامېرىكا قىتئەسىگە ئاپىرىپ قۇل قىلىپ ساتقان. 400 نەچچە يىلدىن بۇيان بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن نېگىرلارنىڭ سانى 100 مىليونغا يېتىدۇ.
ــ مەن بۇ دېڭىزنى نېگىرلارنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالغانلىقى ئۈچۈن ‹‹قىزىل دېڭىز›› دەپ ئاتالغان دەيمەن،ــ دېدى نىك ئەپەندى.
تەلەپ:
1) نىك ئەپەندىنىڭ قىزىل دېڭىزدىكى بېلىجانلارنى چېنىقتۇرغانلىقىنىڭ ئۆزىنىمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك دېيىشكە بولامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟ (4 نومۇر)
 
 
 
2) پارچىدا قىزىل دېڭىزغا قانداق تەبىر بېرىلگەن؟ نېگىرلار بىلەن قىزىل دېڭىزنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ (4 نومۇر)
 
 
3) نىك ئەپەندىنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن قانداق چوڭقۇر پەلىسەپىۋى مەنىنى ھېس قىلدىڭىز؟ (3 نومۇر)
 
 
 
19. ‹‹ــ ۋاي- ۋۇي، نېمىدېگەن ئېگىز! جاھاننىڭ ھەممە يېرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. ئەنە، كۈنپېتىش تەرەپتىكى قارىيىپ كۆرۈنگەن تاغ بىزنىڭ بەشتۈگمەنگە پەقەت بىر كۈنلۈكلا كېلىدۇ. جاھان ئەجەپمۇ چوڭ ئىكەن. شۇنچە چوڭ جاھان بىزگە نېمانچە تار؟ ھەي! كۈن ئالماقنىڭ تەسلىكى!...››
تەلەپ:
1) بۇ پارچە كىمنىڭ، قايسى ئەسىرىدىن ئېلىنغان؟ ژانىرى نېمە؟ (3 نومۇر)
 
 
2) پارچىدە بېرىلگىنى كىمنىڭ، قانداق تەسۋىرى؟ (2 نومۇر)
 
3) ئاستى سىزىلغان جۈملىدە سۆزلىگۈچىنىڭ قانداق ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن؟ بۇنىڭدىن ئەينى ۋاقىتتىكى قانداق رېئاللىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ؟ (4 نومۇر)
 
 
 
4) پارچىدىكى سۈپەتلەرنى ئايرىپ يېزىپ بېرىڭ. (2 نومۇر)
 
20. تۆۋەندىكى ماقال- تەمسىللەرنى تولۇقلاپ يېزىڭ. (6 نومۇر)
1) ئاقىلغا ئىشارەت،  (                         )
3) (                            )، كېچە- كۈندۈز غېمىنى يە.
2) موزاينىڭ يۈگۈرۈشى (                       )
 
5. يېزىقچىلىق مەشىقى (30 نومۇر)
20. ‹‹تەبىئەت ئانا، بىزنى كەچۈرگىن›› دېگەن ماۋزۇدا بىر پارچە ئەسەر يېزىڭ.
تەلەپ:
1) ئەسەردە قايناق ھېسسىيات ئىپادىلەنسۇن. تەبىئەتنىڭ ئۇچرىغان كۈلپەتلىرى، ئۇنىڭ تەسىرى، تەبىئەتنى ئەسلىي ھالىتىگە قايتۇرۇش تەشەببۇسلىرى ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويۇلسۇن.
2) ئەسەرنىڭ باش- ئاخىرى ماسلاشقان، قۇرۇلمىسى پۇختا، ئابزاسلىرى ئېنىق ئايرىلغان بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىڭ.
3) ھەجىمى بىر بەتتىن كەم بولمىسۇن.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(7)
87.5%
ناچاركەن
(1)
12.5%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئەخلەت تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-02-23 18:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-02-28 00:02
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ