ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئىمتىھان سۇئاللىرى > تولۇقسىز1-ماۋسۇم > تولۇق مەزمۇنى

7- يىللىقلار ئۈچۈن 1- مەۋسۇملۇق ئىمتىھان سوئالى

ۋاقىت : 2013-03-01 20:59 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئەخلەت | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
7- يىللىقلار ئۈچۈن 1- مەۋسۇملۇق ئىمتىھان سوئالى
كۆچۈرۈپ يېزىش سوئالى )6نومۇر)
1. تۆۋەندىكى ھېكمەتلىك سۆزنى ئىملا قائىدىسى بويىچە رەتلىك، توغرا، پاكىزە، ئۆلچەملىك كۆچۈرۈپ يېزىڭ. ھەمدە قوشۇمچىلىرى قوشۇش شەكلىدە بېرىلگەن سۆزلەرنىڭ قوشۇمچىلىرىنى ئىملا قائىدىسى بويىچە ئۇلاپ يېزىڭ.
ئەقىل+ ىڭ+نى ئىشقا سالما+سا+ڭ، دۆتلەش+ ئپ قالىسەن،
تەن+ىڭ+نى ھەرىكەتلەندۈرمىسەڭ، كېسەل بولۇپ قالىسەن.
 
 
تۆۋەندىكى بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭ. (ھەربىرىگە1دىن جەمئىي 9 نومۇر)
2. ‹‹تۇغقاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى،
   تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى›› دېگەن ماقالدىكى ‹‹تۇغقان›› دېگەن سۆز تەلەپپۇزدا ----- دەپ ئوقۇلىدۇ.
3. ‹‹بۇ چاغدا كۆكمۇ بىز بىلەن بىرگە مۇشائىرىدە بولاتتى. ›› دېگەن جۈملىدە ياردەمچى سۆزلەرنىڭ تۈرلىرىدىن ---- ۋە---- قوللىنىلغان.
‹‹مۇشائىرە›› دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى --------- دېگەنلىكتۇر.
4. ‹‹تۆت كۆز بىلەن كۈتە-كۈتە، شەرق شامىلى سوقۇپ، باھارنىڭ قەدىمىمۇ يېقىنلاشتى›› دېگەن جۈملىدە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ------ ۋە------ قوللىنىلغان. ‹‹كۈتە-كۈتە›› دېگەن سۆز ---- سۆز بولغانلىقى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا سىزىقچە قويۇلغان.
5. ‹‹بۇ ھاياتنىڭ دېگەن مىسرادا جەمئىي ـ----- سۆز بار بولۇپ، ‹‹چامپۇتلاشلىرى›› دېگەن سۆزنى بوغۇمغا ئايرىغاندا-------- بولىدۇ.
 
تاللاش سوئالى (2دىن جەمئىي 10نومۇر )
پەقەت بىرىلا تاللىنىدۇ، تاللىغان جاۋابنىڭ ھەرپ بەلگىسىنى جاۋاب يېزىش قەغىزىدىكى ماس كاتەكچىگە يېزىڭ.
6.تۆۋەندىكىلەردىن ‹‹كەن قوشۇمچىسىنى ئۇلاشقا بولىدىغان سۆز:
.A كۆر           .B ياز             .C تەگ              .Dيۈر
           ‹‹ئورماننىڭ تېگىدە ياتقان تاغلار بار،
           يېتىم بالا كەبى بوينىنى قىسىپ.
           كۆكسىدە قار-بوران قىلىدۇ شىكار،
           ئۇزلۇقىنى يىللار ئالىدۇ كېسىپ.›› دېگەن پارچىغا ئاساسەن، 7-8- تاللاش سوئاللىرىنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاڭ.
7. پارچىدىكى سۆزلەرنىڭ ئىملاسى ۋە مەنىسى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:
.A ‹‹بوينىنى›› دېگەن سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن.
.B پارچىدىكى تۆت سۆزدە ‹‹ئا، ئە››نىڭ ئاجىزلىشىشى كۆرۈلگەن.
.C پارچىدىكى ‹‹ئۇز›› دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى ‹‹چىرايلىق، كۆركەم، ھەيۋەتلىك›› دېگەنلىك بولىدۇ.
.D پارچىدىكى ‹‹شىكار›› دېگەن سۆز ‹‹ئوۋ، ئوۋ ئوۋلاش، ئوۋ ئوۋلاش ئىشى›› دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
8. پارچىدا قوللىنىلغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر:
.A ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش         .B مۇبالىغە، سمۋول
.C ئادەملەشتۈرۈش، سېلىشتۇرۇش     .D سۈپەتلەش، تەكرارلاش
9. ‹‹سىلەرنىڭ ئانا تىلدىكى تەپەككۇرۇڭلار (   ) يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.›› دېگەن جۈملىدىكى تىرناق ئىچىگە قويۇلسا مۇۋاپىق كېلىدىغان تىرىكەلمە:
.A ھەققىدە     .B توغرىسىدا       .C ئارقىلىق       .D قارىتا
10. ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ‹‹قىش بىلەن يازنىڭ مۇنازىرىسى›› ناملىق قوشىقىنىڭ ‹‹ياۋلاق ياغى مەندە تىنار›› دېگەن مىسراسىدىكى ‹‹ياغى›› دېگەن سۆزنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى:
.A قىشلىق       .B يىغىش        .C قار            D. ئۇرۇش
 
ئىككىنى تاللاش سوئالى (2دىن جەمئىي10نومۇر)
پەقەت ئىككىسىلا تاللىنىدۇ، تاللىغان جاۋابنىڭ ھەرپ بەلگىسىنى جاۋاب يېزىش قەغىزىدىكى ماس كاتەكچىلەرگە يېزىڭ.
11. ‹‹موللاقچىلىقنى ئۆگىنىش›› ناملىق ئەسەردىكى ‹‹مەن››نىڭ دار ئويۇنى ئۆگىنىشنى تاشلاپ قويۇپ، موللاق ئېتىشنى مەشىق قىلىشى:
.A دادىسىنىڭ دار ئويۇنى ئويناشقا يول قويمىغانلىقىدىن
.B ‹‹مەن›،نىڭ دار ئويۇنى ئوينايمەن دەپ خېلى كۆپ زەخمە يېگەنلىكىدىن
.C دار ئويۇنىنى كۆرىدىغان ئادەم ئازلاپ كەتكەنلىكتىن
.D ‹‹تەلۋە يىگىت››نىڭ بوزەك قىلىپ، ئويناشقا يول قويمىغانلىقىدىن
تۆۋەندىكى ماتېرىيالنى ئوقۇپ،11-12-تاللاش سوئاللىرىنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاڭ.
بۆرە گۆشخور ھايۋان بولۇپ ئىت ئائىلىسىگە مەنسۇپ، سرتقى شەكلى ئىتقا ئوخشاپ كېتىدۇ. لېكىن تۇمشۇقى سەل ئۇچلۇق، ئۇزۇن، ئېغىزى چوڭراق، قۇلىقى دىڭ، قۇيرۇقى تۈز بولۇپ، يانتۇ ساڭگىلاپ تۇرىدۇ؛ مويى قوڭۇر كۈلرەڭ؛ جۇڭگونىڭ شىمالىي رايونلىرىدىكى بۆرىلەرنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى 1-1.5 مېتر كېلىدۇ، بۆرە ياۋرو- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىغا ۋە شىمالىي ئامېرىكىغا تارقالغان. ئۇنىڭ ياشاش دائىرىسى كەڭ، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، تاغلىق، ئورمانلىق رايونلاردا، يايلاقلاردا، چۆل- باياۋانلاردا، قۇملۇقلاردا، ھەتتا مۇزلۇقلاردا توپلىشىپ ياشايدۇ، جۇڭگونىڭ تەيۋەن، خەينەندىن باشقا ئۆلكە ۋە ئاپتونۇم رايونلىرىدا بۆرە ئۇچرايدۇ.
بۆرە ئىسسىققا چىدايدۇ، سوغۇقتىن قورقمايدۇ، كېچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. پۇراش سېزىمى ئۆتكۈر، ئاڭلاش سېزىمى ياخشى، تەبىئىتى ۋەھشى، چېچەن، يۈگۈرۈشكە ماھىر. قوغلاش شەكلى بىلەن ئوۋ ئوۋلايدۇ، ئارىلاش ئوزۇقلىنىدۇ. ئاساسلىقى بۇغا، بۆكەن، توشقان قاتارلىقلارنى ئوۋلايدۇ. بەزىدە ھاشارەتلەرنى، ياۋا مېۋىلەرنى يەيدۇ ياكى چوشقا، قوي قوتانلىرىغىمۇ چۈشىدۇ، ئاچارچىلىققا چىدايدۇ. يېگەندە راسا تويغىچە يەيدۇ.
شىمالدىكى بۆرىلەر قىشتا توپلىشىپ چوڭ ھايۋانلارنى ئوۋلايدۇ، ئوۋلىغاندىمۇ كېسەل، ئاجىزلىرىنى يەۋىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشتا مۇئەييەن رول ئوينايدۇ، بۆرىلەر ھەر يىلى1-ۋە 2- ئايلاردا جۈپلىشىدۇ، ھۇۋلاپ يات جىنىستىكىسىنى چىللايدۇ. ئىككى ئاي قورساق كۆتۈرىدۇ. ھەر قېتىمدا تۆتتىن يەتتىگىچە كۈچۈك تۇغىدۇ. كۆپىيىش مەزگىلىدە ئەركەكلىرى بىلەن چىشىلىرى بىللە يۈرۈپ، كۈچۈكلىرىنى تەڭ باقىدۇ. بۆرە چارۋىچىلىق رايونلىرىدا قويلارغا زىيان سالىدۇ. شۇڭا چارۋىچىلىق رايونلىرىدا بۆرە يوقىتىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ چارۋىلار قوغدىلىدۇ.
12. بۆرىنىڭ ياشاش ئالاھىدىلىكى ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن توغرىلىرى:
.A بۆرە سوغۇققا چىدايدۇ،ئىسسىقتىن قورقىدۇ،شۇڭا مۇزلۇق تاغلاردىلا ياشايدۇ.
.B بۆرىنىڭ تۇمشۇقى ئىتنىڭكىدىن سەل ئۇچلۇق، ئۇزۇن، ئېغىزى چوڭراق كېلىدۇ.
.C بۆرىنىڭ تەبىئىتى ۋەھشى، ئاڭلاش ۋە پۇراش سېزىمى ئۆتكۈر بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە پاراسەتلىكتۇر.
.D بۆرە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغان بولسىمۇ، جۇڭگودىكى بۆرىلەرنىڭ تەن قۇرۇلۇشى ھەممىدىن چوڭ.
13. ماتېرىيال مەزمۇنىغا ئاساسەن چىقىرىلغان ھۆكۈملەردىن خاتالىرى:
.A بۆرىلەر توپلىشىپ قوغلاش شەكلىدە چوڭ ھايۋانلارنىلا ئوۋلاپ ئوزۇقلىنىدۇ.
.B بۆرىلەر كېچىسى ھۇۋلاش ئارقىلىق توپلىشىدۇ، جۈپلىشىدۇ.
.C بۆرىلەرنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولغاچقا، ھەرقانداق مۇھىتقا كۆنۈپ ياشاپ كەلگەن.
.D بۆرە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشتا مۇھىم ئىجابىي رول ئوينايدۇ.
بېرىلگەن ماتېرىيالنى ئوقۇپ ھوزۇرلىنىڭ ھەمدە 13-14- تاللاش سوئاللىرىنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاڭ.
بىر ئايال دوختۇر يىگىرمە يىلنى بىر كۈندەك بىلىپ، بىمارلارنى ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، يېقىن- يورۇقلىرىدەك كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ جىمى يۈرەك قېنى ۋە تولۇپ تاشقان ھېسسىياتىنى ئۇلارغا بېغىشلىدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇنداق ھەقىقىي ھېسسىياتى بەدىلىگە سانسىزلىغان بىمارلارنىڭ ماختىشى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. بىمارلار ئۇزۇن ئۆچرەت تۇرۇپ ساقلاشقا رازىكى، باشقا دوختۇرلارغا كۆرۈنۈشنى خالىمايتتى. چۈنكى، ئۇلار ئۇنىڭ كۆيۈنىشىگە، ھال- ئەھۋال سورىشىغا، يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن چىققان ھەقىقىي ھېسسىياتىغا ھېرىسمەن ئىدى.
دۇنيادا نېمە ئەڭ گۈزەل؟ تەڭداشسىز ساھىبجاماللارمۇ، ئايدىن گۈزەللىك تالىشىشتىن خىجىل بولۇۋاتقان گۈللەرمۇ ۋە ياكى يېڭى پاسوندىكى سىپتا كىيىم- كېچەكلەرمۇ؟
بۇلارنى پەقەت چىرايلىق دېيىشكىلا بولىدۇ، ئۇلار ھەرگىزمۇ گۈزەل ھېسابلانمايدۇ.
شۇنداق، گۈزەل نەرسىلەر چىرايلىق ھېسابلانمىغاندەك، چىرايلىق نەرسىلەرمۇ گۈزەل ھېسابلانمايدۇ.
چىرايلىق، كىشىگە پەقەت خوشاللىق بەخش ئەتكۈچى تاشقى تەسۋىر، پەقەت گۈزەللىكلا كىشىگە مەنىۋى ئىلھام، تەڭداشسىز قەلب شادلىقى ئاتا قىلالايدۇ.
چىرايلىقلىق پەقەت ۋاقىتلىق نەرسە، ئۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئاستا- ئاستا يوقىلىدۇ؛ گۈزەللىك يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئاستاـ ئاستا يوقىلىدۇ؛ گۈزەللىك يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، كىشى قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىپ، قەلبتىكى مەڭگۈلۈك مەنزىرىگە ئايلىنىدۇ.
ھەقىقىي گۈزەللىكنى كۆز بىلەن كۆرۈۋالغىلى بولمايدۇ، ئۇنى پەقەت سەزگۈ ئەزالار ئارقىلىقلا ھېس قىلىشقا بولىدۇ. ئۇ بەئەينى تۇپراققا ئوخشاش ھېچقانداق بېزەكسىز، پەقەت قوينىنى كەڭ ئېچىپ، بارلىقىنى ئۈن- تىنسىز تەقدىم ئېتىدۇ. بىراق، تۇپراقنىڭ مۇنبەتلىكى ۋە گۈزەللىكىنى كىممۇ ھېس قىلالىسۇن؟
ھەقىقىي گۈزەل كىشىلەر تۇپراققا ئوخشاش باشقىلارغا ئۈن- تىنسىز كۆيۈنىدۇ. كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىدۇ، دەردىگە دەرمان بولىدۇ، ھېــلىقى دوختۇرغا ئوخشاش ھەقىقىي ھېسسىياتىنى ئۆزگىلەرگە ئۈن- تىنسىز بەخش ئېتىدۇ.
14. ماتېرىيال مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، تۆۋەندىكىلەردىن ھەقىقىي گۈزەل كىشى بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە كىشىلەر:
.A داڭلىق ناخشا چولپانلىرى
.Bماتېرىيالدىكى دوختۇر ئايال
.Cنۇرتاي ھاجىمدەك ساخاۋەتچىلەر
.Dساھىبجامال مودىللار
15.ماتېرىيال مەزمۇنى توغرىسىدا تەھلىللەردىن خاتاسى:
.Aماتېرىيالدىكى دۇنيادا نېمە ئەڭ گۈزەل؟ دېگەن سوئالغا قارىتا ‹‹ھەقىقىي ھېسسىيات ئەڭ گۈزەل›› دەپ يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇ.
.Bماتېرىيالدا ‹‹چىرايلىق›› دېگەن ئۇقۇم بىلەن ‹‹گۈزەل›› دېگەن ئۇقۇم ئوخشاش مەنا ئىپادىلەيدۇ.
.C ماتېرىيالدا ھەقىقىي گۈزەللىكنىڭ سەزگۈ ئەزالار ئارقىلىقلا ھېس قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ كىشىگە مەنىۋى ئىلھام بېرىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن.
.D ‹‹گۈزەل نەرسىلەر چىرايلىق ھېسابلانمىغىنىدەك چىرايلىق نەرسىلەرمۇ گۈزەل ھېسابلانمايدۇ.›› دېگەن جۈملىدىن ‹‹گۈزەللىك›› بىلەن ‹‹چىرايلىق›› شەيئىدە تەڭ مەۋجۈت بولمايدۇ، دېگەن يەكۈننى چىقىرىشقا بولىدۇ.
 
تەھلىل قىلىش سوئالى (جەمئىي25نومۇر)
16.تۆۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ تەلەپلەرنى ئورۇنلاڭ.
‹‹ئەتلەس گۈللىرىدە ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ بىر پۈتۈن ئوبرازى نەقش ئېلېمېنتى قىلىنمايدۇ. بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئادەم، ھايۋان قاتارلىقلارنىڭ سۈرىتىنى سىزىشنى ئېغىر گۇناھ دەپ بىلىدىغان ئېتىقاد ساداقىتىنى ئىپادىلەيدۇ.
قىسقىسى، ئەتلەسنىڭ ناھايىتى مول ۋە رەڭگارەڭ گۈل نەقىشلىرىدە، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش مۇھىتىدا، تۇرمۇشىدا، ئادىتىدە ۋە ئىدىيە- ھېسىياتىدا مەۋجۇت بولمىغان ھېچقانداق نەرسىنى بايقىمايمىز. دېمەك، ئەتلەس گۈل نەقىشلىرى، تەبىئىي مۇۋجۇتلۇق ۋە ئىجتىمائىي ھاياتنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان. ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەت قارىشى، مۇھىت قارىشى، سۆيگۈ- مۇھەببەت قارىشى، گۈزەللىك قارىشى، ئېتىقاد قارىشى قاتارلىق نازۇ ئىچكى ھېسسىيات قاراشلىرىنىڭ رەڭ ۋە شەكىللەر ئارقىلىق ئەتلەس يۈزىدە يارقىن ئەكس ئەتتۈرۈلۈشىدۇر. يارقىن ئەكس ئەتكەن شۇ نەرسە دەل ئۇنىڭدىكى يەرلىك خاسلىق ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكتۇر››
تەلەپ:
1) بۇ پارچە قايسى ئەسەردىن ئېلىنغان؟ ئەسەرنىڭ ژانىرى نېمە؟ (2نومۇر)
 
2) ئەتلەستە ئاساسلىقى نېمىلەر مەنبە قىلىنغان؟ (4نومۇر)
 
3) ئەتلەستە خەلقىمىزنىڭ قانداق خاس ئالاھىدىلىكلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈڭ. (4نومۇر)
 
4) ئەتلەستە ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ پۈتۈن گەۋدىسى بولماسلىق نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ (4نومۇر)
 
17. بېرىلگەن ماتېرىيالنى ئوقۇپ، تەلەپلەرنى ئورۇنلاڭ.
بىر يىلى قىشتا مەھەللىمىزدىكى بالىلار مۇز تېيىلىپ ئويناۋاتاتتۇق، ئارىمىزدىن بىرسى تۇيۇقسىزلا مۇزنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ كەتتى. بۇ ھادىسىنى كۆرۈپ تۇرغان بىر مۇنچە ياشلار قىقاس- چۇقان سېلىپ ۋارقىراپ كېتىشتى- يۇ، كاچكۇلدىكى مۇزنىڭ تېگىگە شۇڭغۇپ كىرىپ ھېلىقى بالىنى سۈزۈۋالىدىغان بىرەر يۈرەكلىك ئوغۇل بالا چىقمىدى. شۇ چاغدا كەتمەننى ئالدىغا قويۇۋالغان بىر ئېشەكلىك بوۋاي كېلىپ قالدى- دە، ئۇزۇن پاختىلىق تونىنى سېلىپ تاشلاپ، پاختىلىق تامبال بىلەنلا كاچكۇلغا سەكرىدى. ئۇ سەكرەش ئالدىدا ھېلىقى يىگىتلەرگە: ‹‹بېشىڭلارغا رومال سېلىپ توۋلىغان بولساڭلار يارىشاتتى›› دېدى. بوۋاي بالىنى سۈزۈپ چىقتى- يۇ، ئەمما ئۆزى كۆكىرىپ كەتكەن چىرايىدىن تەبەسسۇم ياغدۇرغان ھالدا كۆز يۇمدى. بوۋاي ئۆلدى، لېكىن ئەركەكتەك ئۆلدى. ئەمما كاچكۇل بېشىدىكى قىران يىگىتلەر خەۋپ- خەتەر ئالدىدا ئاشۇ ئاپئاق ساقاللىق مويسىپىتچىلىك بولالمىغىنىغا بەك ئازابلاندى.
تەلەپ:
1) بۇ ئەسەرگە بىر مۇۋاپىق ۋە ئوبرازلىق ماۋزۇ قويۇڭ. (2نومۇر)
 
2) ئاستى سىزىلغان جۈملىنىڭ مەزمۇنىنى تەھلىل قىلىڭ. (3نۇمۇر)
 
3) بۇ بىر پارچە بايان ماقالىسى، ئادەتتە بايان ماقالىسىنىڭ ئالتە ئامىلى بولىدۇ. سىز بۇ بايان ماقالىسىدىن بايان ماقالىسىنىڭ خالىغان ئۈچ ئامىلىنى تېپىپ بېرىڭ. (3نومۇر)
 
4) بوۋاينىڭ ئۆلۈمى بىلەن يىگىتلەرنىڭ ئازابلىنىشىدىن نېمىنى ھېس قىلدىڭىز؟ كۆز قارىشىڭىزنى بايان قىلىڭ. (3نومۇر)
 
يېزىقچىلىق سوئالى (40نومۇر)
18. ‹‹تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ دەرۋازىسىغا تۇنجى قەدەم قويغاندا›› دېگەن تېــمىدا بىر پارچە بايان خاراكتېرلىك ماقالە يېزىڭ.
تەلەپ:
(1) ماۋزۇنى ئۆزىڭىز قويۇڭ، تىپىك ۋەقەلىكنى تاللاڭ. (2) ئۆز كەچۈرمىشىڭىزنى، بېشىڭىزدىن ئۆتكەن ھەقىقىي ئىشلارنى چىن ھېسسىيات بىلەن يېزىڭ. (3) ۋەقەلىككە ھەقىقىي ھېسسىياتىڭىز سىڭدۈرۈلۈپ، مەركىزىي ئىدىيە ئېنىق ئىپادىلەنسۇن. (4) خەت چىرايلىق، ئىملا توغرا يېزىلسۇن، ھەجمى بىر يېرىم بەتتىن كەم بولمىسۇن.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(11)
64.7%
ناچاركەن
(6)
35.3%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئەخلەت تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-02-23 18:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-02-28 00:02
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ