تولۇقسىز 8-يىللىقلارنىڭ 1-مەۋسۇملۇ
2010-2011-ئوقۇش يىلى 1-مەۋسۈملۈك تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئالى
8-يىللىقلار ئۈچۈن (قوش تىللىق سىنىپ)
(تولۇق نومۇر 120، ۋاقتى 120 مىنۇت)
I | II | III | IV | V | VI | ئومۇمى نومۇر | |
ئالغان نومۇر | | | | | | | |
I سوئال: تۆۋەندىكى بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭ (1دىن جەمئىي 20 نومۇر)
1. «...مېنىڭ بىلىم دېڭىزىغا شۇڭغۇغان ۋاقىتلىرىم سېنىڭ تۇرمۇش دارىلفۇنۇنلىرىغا كىرىپ كەتكەن ۋاقىتلىرىڭ بولدى» دېگەن جۈملىدىكى «دارىلفۇنۇنلىرىغا» دېگەن سۆز ( ) دېگەنلىك بولۇپ، «دېڭىز» دېگەن سۆز ( ) مەنىدە قوللىنىلغان.
2. «مېنڭ ئاكام» ناملىق ئەسەرنىڭ ژانىرى ( ) بولۇپ، ئەسەردە ئاپتور «قۇياشنىڭ قۇدرىتى بولمىسا، سەييارىلىرىنى ھەرگىزمۇ ئۆز سىزىقىدا چۆرگىلىتەلمەيتتى.» دەپ يازغان. «قۇياش» دېگەندە ( ) نى كۆزدە تۇتۇپ، قېرىنداشلىرىنى ( ) گە ئوخشاتقان.
3. «سۈپسۈزۈك ئېقىن سۇلار ئىككى قىرغاقتىكى ئوت-چۆپنى سۆيۈپ ئاستا ئېقىپ ئۆتەتتى» دېگەن جۈملىدە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ( ) ۋە ( ) قوللىنىلغان.
4. مورفىما تۈزۈلىشىگە قاراپ ( ) مورقىما ۋە ( ) مورفىما دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
5. «ئۇ بېشىغا چىرايلىق بادام دوپپا كېيىپتۇ.» دېگەن جۈملىدىكى سۈپەت ( ) بولۇپ، ئۇ ( ) ۋەزىپىسىدە كەلگەن.
6. «قەشقەرنىڭ ئانارى دۇنياغا داڭلىق.» دېگەن جۈملىدىكى «ئانار» مەنە جەھەتتىن ( ) ئىسىم، تۈزۈلۈشى جەھەتتىن ( ) ئىسىم.
7. مۇھىت تەسۋىرى ئومۇمەن، ( ) ۋە ( ) دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
8. تارىم دەرياسىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى ( ) كىلومېتىر بولۇپ، جۇڭگو بويىچە ( )، دۇنيا بويىچە ( ) چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى ھېسابلىنىدۇ.
9. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «مۇھەببەت ۋە نەپرەت» داستانى ( )-يىلى يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ( ) غا قارىشى ئۇرۇش تېما قىلىنغان.
II توغرا جاۋابنى تاللاڭ. ( پەقەت بىرىلا توغرا، ھەر بىرىگە 2 دىن جەمئىي 20 نومۇر بېرىلىدۇ.)
1. مېھىر-مۇھەببەت تېمىسىدىكى ئەسەرلەر ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى: ( )
A. «يىراققا تارقالغان قوڭغۇراق ئاۋازى» ناملىق ئەسەردە ئانا-بالا ئوتتۇرسىدىكى مېھىر-مۇھەببەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
B. «بالا مېھرى» دېگەن ئەسەردە نامرات ئاتا-ئانىنىڭ بالىلىرىنى بېرىپ، ئاندىن قايتۇرىۋېلىشى ئۇلارنىڭ پۇل تېپىشتىكى ۋاستىسىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ئىپادىلەنگەن.
C. «مېنىڭ ئاكام» ناملىق لىرىك نەسىردە «مەن» نىڭ ئۆز ئاكىسىنىڭ ۋاپاتىغا بولغان چوڭقۇر ئېچىنىش ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن.
D. «يىراققا تارقالغان قوڭغۇراق ئاۋازى» ناملىق ئەسەردە سادىقنىڭ ئايالى ئۆز خاتالىقىنى تونۇپ يېتەلىگەن.
2. «دادىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى» دېگەن جۈملىدە: ( )
A. خوشاللىق ئىپادىلەنگەن B. قورقۇش ئىپادىلەنگەن C. غەزەپ ئىپادىلەنگەن. D. مەيۈسلىنىش ئىپادىلەنگەن.
3. «ياخشىغا كۈن يوق يامانغا ئۆلۈم» دېگەن تۇراقلىق ئىبارە: ( )
A. ھېكمەتلىك سۆزلەر B. تەمسىل C. ئىدىئوم D. ماقال
4. « ــ دادا ! مېنى بېقىپ چوڭ قىلغىنىڭغا رازى بول ! مەندىن رازى بول ...! ئۇ مومىنىڭ ئۇچىنى چىڭ قۇچاقلاپ، پۇتلىرىنى مومىغا قاتتىق تاقاپ تۇرۇپ، مومىنى شۇنداق قاتتىق لىڭىشتتىكى، موما ئىرغاڭلاپ تۈۋى تەرىپى غىرىسلاپ كەتتى.» دېگەن پارچە ھەققىدە خاتاسى:( )
A. پارچىدىكى «قۇچاقلاپ» سۆزى «قۇچاخلاپ» دەپ، «ئىرغاڭلاپ» سۆزى «ئىغاڭلاپ» دەپ يېزىلىدۇ.
B. پارچىدىكى تەسۋىرلەر پېرسۇناژلارنىڭ تىل ۋە ھەرىكەت تەسۋىرىدۇر.
C. پارچىدىكى كۆتۈرەڭگۈ ئاھاڭدا ئېيتىلغان قاراتما سۆز ۋە قاراتما جۈملىلەردىن كېيىن ئۈندەش بەلگىسى قويۇلغان.
D. ئەسەرنىڭ ئاپتورى لوتپۇللا مۇتەللىپ بولۇپ، ئەسەر 1-شەخس تىلىدا يېزىلغان.
5. ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا قوللانغان ئىشلىتىلىش ۋاقتى ئۇزۇن، تارقىلىش دائىرىسى كەڭ بولغان يېزىق: ( )
A. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى B. خاقانىيە يېزىقى C. چاغاتاي يېزىقى D. ئورخۇن يېزىقى.
6. «بۆلۈنگەننى بۆرە يىگەن دۇنيا بۇ، ئايرىلغانغا ھامان ئېيىق دۇچ كەلگەن» دېگەن مىسرا ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى: ( )
A. بۇ مىسرالاردا ئىدىئوم ۋە ئوخشىتىش قوللىنىلغان.
B. بۇ مىسرالاردا ماقال قوللىنىلىش ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىپادىلەنگەن.
C. بۇ مىسرالاردا مۇبالىغە ۋە سېلىشتۇرۇش قوللىنىلغان.
D. بۇ مىسرالاردا ئىتتىپاقلىق ۋە ئىناقلىق ئىپادىلەنگەن تەمسىل قوللىنىلغان.
7. تۆۋەندىكىلەردىن توغرىسى: ( )
A.«ئەي تەقدىر، سەن نېمىدىگەن رەھىمسىز-ھە ؟!» دېگەن جۈملىدە رىتورىك خىتاب قوللىنىلغان.
B. «ئۇ كۆزلىرىنى بۈركۈتتەك يىراققا تىكتى-دە، بۇرۇلۇپ ماڭا قارىدى» دېگەن جۈملىدە سۈپەتلەش قوللىنىلغان.
C. «ئۇ ماڭا ئىللىق نەزەردە قارىدى» دېگەن جۈملىدە سۈپەتلەش قوللىنىغان.
D. «ئۇنىڭ يۈرىكى قان بولۇپ كەتتى» دېگەن جۈملىدە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە قوللىنىلمىغان.
8. تۆۋەندىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر ئىچىدە مەسىلىلەرنىڭ توغرا گۇرۇپپىلانغىنى: ( )
① ھورۇنغا ھويلىدىكى سۇ يىراق ② موزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە ③ ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە ④ ئۆچكە جاڭگال چۈشەپتۇ، توخو داڭگال ⑤ قۇم يىغىلسا تاغ بولۇر، ئەل يىغىلسا باغ بولۇر ⑥ ئاتنىڭ نوختىسى ئېشەككە توغرا كەلمەس ⑦ بۇلبۇلغا باغ ياخشى كەكلىككە تاغ.
A.① ② ③ ④ B. ② ④ ⑥ ⑦ C. ② ⑤ ⑥ ⑦ D. ③ ④ ⑤ ⑥
9. «دەريا بويى قەدىمكى مەدەنىيەت ئارىلى» ناملىق تېكىست ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى: ( )
A.ئىمكانىيەت بولسىلا بوستانلىق بەرپا قىلىش ۋە يېڭى ھاياتلىق مۇھىتى يارىتىش قۇملۇق خەلقىنىڭ ئارزۇسى ئىدى؛
B. دەريا بويىلىقلارنىڭ روھى ھالىتىدە ساپ ھالەتتىكى ئەخلاق، مىزان ۋە شەرىئەت پىرىنسىپلىرى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇراتتى:
C. دەريا بويىلىقلار تارىم مەدەنىيىتىنى ئۆز پېتىچە ساقلاپ قالغان:
D. تەكلىماكاندىكى قەدىمكى ھاياتلىق ئارىلىنى زامانىۋىي جەمئىيەتنىڭ ئادەملىرى بايقىيالمىدى.
10. ئۆردەك ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى: ( )
A.ئۆردەك-ئەڭ ئاخىرقى تىپىك لوپنۇرلۇقلارنىڭ بىرى بولۇپ، سىۋىن ھېدىننىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ يول ئاچقۇچىسى.
B. ئۆردەك بىر بورانلىق كېچىدە يۈتتۈرۈپ قويغان گۈرجەكنى ئىزدەش جەريانىدا تاسادىپى ھالدا قۇم ئاستىدا نەچچە ئەسىرلەپ ئۇخلىغان كروران قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى بايقاپ قالىدۇ.
C. ئۆردەك قول بىلەن ئۆلچەش ئۇسۇلىنى سېۋىن ھېدىندىن ئۆگەنگەن.
D. ئۆردەك جۈرئەتلىك، ئەقىل-پاراسەتلىك، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىگە.
III ئۇنىۋېرسال مەشىق سوئاللىرى ( جەمئىي 32 نومۇر )
1. تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ تەركىبىدىكى سۆز تومۇرى ۋە قوشۇمچىلارنى ئاجرىتىڭ:(6 نومۇر)
كىتاپخانا: (سۆز تومۇرى) ـــــــــــــــــــــــــ (قوشۇمچە) ــــــــــــــــــــــــــ
نائۈمىد: (سۆز تومۇرى) ـــــــــــــــــــــــــ (قوشۇمچە) ــــــــــــــــــــــــــ
بايراقدار: (سۆز تومۇرى) ـــــــــــــــــــــــــ (قوشۇمچە) ــــــــــــــــــــــــــ
2. تۆۋەندىكى جۈملىلەرنىڭ قايسىسىنىڭ كۆچۈرمە جۈملە، قايسىسىنىڭ ئۆزلەشتۈرمە جۈملە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىڭ ۋە كۆچۈرمە جۈملىنى ئۆزلەشتۈرمە جۈملىگە، ئۆزلەشتۈرمە جۈملىنى كۆچۈرمە جۈملىگە ئايلاندۇرۇڭ: (4 نومۇر)
1). مۇتەپەككۇرلار: «ئىلىمگە تىرىشقان مىللەتتىن دۇنياۋى ئالىملار يېتىشىپ چىقىدۇ» دېگەنىدى.
2). ماۋزىدۇڭ مىلتىقتىن ھاكىمىيەت چىقىدىغانلىقىنى ئاللىبۇرۇنلا ئەسكەرتكەنىدى.
3. تۆۋەندىكى تۇراقلىق ئىبارىلەرنى تۈرگە ئايرىڭ ۋە مەنىسىنى ئېيتىپ بېرىڭ: (8 نومۇر)
1). ئوقۇرى ئىگىز ( )
__________________________________________________________________________
2). چاۋىسىنى چىتقا يايماق ( )
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
3). بىلىكى چوڭ بىرنى يىڭەر، بىلىمى چوڭ مىڭنى ( )
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
4). قاغا بالام ئاپئاق، كىرپە بالام يۇمشاق ( )
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
4. تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى يېزىپ بېرىڭ: ( جەمئىي 10 نومۇر)
1).ئېسىلزادە ( )؛ 2). پىرقە ( )
3). سۇلغۇن ( ) ؛ 4). بېتىم ( )
5). ئۇدۇم ( ) ؛ 6). تەنبىھ ( )
7). ئېتنوگرافىيە ( ) ؛ 8). ئىستىقامەت ( )
9). سەينا ( ) ؛ 10). فولكلور ( )
5. تۆۋەندىكى سۆزلەر ئىچىدىكى جۈپ سۆزلەرگە بىر سىزىق، بىرىككەن سۆزلەرنىڭ ئاستىغا ئىككى سىزىق سىزىڭ.(جەمئىي 4 نومۇر)
ئاشتاختا، ھايات-مامات، قىش-ياز، ئەتىياز، بەڭباش، ئاغرىق-سىلاق، ئاشكۆكى، دەل-دەرەخ
IV قىسقىچە جاۋاب بېرىڭ: (جەمئىي 12 نومۇر)
1. ئۇيغۇرلار قوللانغان يېزىقلار ئىچىدە ئومۇمىيۈزلۈك ۋە كەڭ قوللانغانلىرى قايسىلار؟ (جەمئىي 4 نومۇر)
2. بەدەن تىلى دېگەن نېمە؟ (جەمئىي 4 نومۇر)
3. قەدىمكى مەدەنىيەت ئارىلى نېمە سەۋەبتىن پەيدا بولغان؟ (جەمئىي 4 نومۇر)
V تەھلىل قىلىڭ: ( جەمئىي 16 نومۇر )
«بۇلۇتلار ئارىسىدىن ماراپ تۇرغان 14كۈنلۈك ئاي سۈتتەك ئاپئاق نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىپ، ئۇلارنىڭ يولىنى يورۇتۇپ تۇراتتى ... »
1. بۇ پارچە كىمنىڭ قايسى ئەسەردىن ئېلىنغان؟
2. ئەسەردىكى باش پېرسۇناژ كىم؟ ئەسەر ۋەقەلىكى نېمىنى يىپ ئۇچى قىلغان ھالدا راۋاجلانغان؟
3. بۇ قانداق تەسۋىر؟
4. بۇ تەسۋىرگە قانداق چوڭقۇر مەنە يۇشۇرۇنغان؟
VI يېزىقچىلىق سوئالى: ( جەمئىي 20 نومۇر )
1. بىر پارچە قىشلىق تەتىل پىلانى يېزىڭ. ( جەمئىي 5 نومۇر )
تەلەپ:
1). پىلان يېزىش قائىدە-پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىڭ.
2). سۆز جۈملىلەرنىڭ توغرا بولۇشىغا، باغلىنىشىغا دىققەت قىلىڭ
______________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________________
2. « ئادەم ۋە مۇھىت » بىر پارچە ماقالە يېزىڭ. ( جەمئىي 15 نومۇر )
تەلەپ:
1). ئۆگىنىپ ئۆتكەن مەزمۇنلار ئاساسىدا ئۆزىڭىزنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى شەرھىلەپ بېقىڭ.
2). ماقالىدا ئەمەلىي پاكىتلارنىڭ بولۇشىغا، نوقتىئىنەزەرنىڭ گەۋدىلىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىڭ.
2010-2011-ئوقۇش يىلى 1-مەۋسۈملۈك تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئالىنىڭ جاۋابى
8-يىللىقلار ئۈچۈن (قوش تىللىق سىنىپ)
I بوش ئورۇننى تولدۇرۇش سوئالى:
1. ئالىي مەكتەپ، كۆچمە. 2. لىرىك نەسىر، ئاكىسى، سەييارە. 3. سۈپەتلەش، جانلاندۇرۇش. 4. باش مورفىما، ئەگەشمە مورفىما. 5. چىرايلىق، ئېنىقلىغۇچى. 6. خاس ئىسىم، تۈپ ئىسىم. 7. تەبىئىي مۇھىت ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت.
8. 1321، بىرىنچى، ئىككىنچى. 9. 1942، ياپۇن باسقۇنچىلىرى.
II تاللاش سوئالى:
10 | 9 | 8 | 7 | 6 | 5 | 4 | 3 | 2 | 1 |
C | D | B | C | D | C | A | D | A | B |
III ئۇنىۋېرسال مەشىق سوئاللىرى
1. (سۆز تومۇرى) كىتاپ (قوشۇمچە) خانا ، (سۆز تومۇرى) ئۈمىد (قوشۇمچە) نا ، (سۆز تومۇرى) بايراق (قوشۇمچە) دار
2. 1). كۆچۈمە جۈملە، «مۇتەپەككۇرلار ئىلىمگە تىرىشقان مىللەتتىن دۇنياۋى ئالىملار يېتىشىپ چىقىدىغانلىقىنى دېگەنىدى. »
2). ئۆزلەشتۈرمە جۈملە، ماۋزىدۇڭ: «مىلتىقتىن ھاكىمىيە چىقىدۇ.» دېگەنىدى.
3. 1). ئىدىئوم، ھالى ئۈستۈن ھاكاۋۇر. 2). ئىدىئوم، ئەپتى بەشرىسىنى ئېچىپ تاشلىماق.
3). ماقال، بىلىملىك كىشىلەر ئۆز بىلىمىگە تايىنىپ ھەر قانداق قېيىنچىلىقلارنى يېڭەلەيدۇ.
4). تەمسىل، ھەر كىمنىڭ بالىسى ئۆزىگە ياخشى.
4. 1). ئېسىل، باي، ئابرويلۇق ئائىلىنىڭ پەرزەنتى. 2). كىشىلەر توپى، گوروھ، پارتىيە.
3). چۈشكۈن. 4). كېلىشىمنامە. 5). ئادەت رەسىم-قائىدە. 6). ئەيىپلەش، تەنقىدلەش.
7). بىر مىللەتنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە مەدىنىيىتىنى ئۆگىتىدىغان پەن. 8). ئىبادەت قىلىش.
9). ھويلا-ئارام. 10). خەلقنىڭ ئاغزاكىي، ماددىي مەدەنىيتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.
5. جۈپ سۆزلەر: ھايات-مامات، قىش-ياز، ئاغرىق-سىلاق، دەل-دەرەخ.
بىرىككەن سۆزلەر: ئاشتاختا، ئەتىياز، بەڭباش، ئاشكۆكى.
IV قىسقىچە جاۋاب بېرىڭ
1. تۈرك يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، خاقانىيە يېزىقى، چاغاتاي يېزىقى ۋە ھازىرقى زامان يېزىقى قاتارلىقلار.
2. ئاغزاكىي تىل ئالاقىسى جەريانىدا سۆزلىگۈچى بىلەن ئاڭلىغۇچى مەقسەتلىك ھالدا چىراي ئىپادىسى، بەدەن قىياپىتى، قول ئىشارىسى، كۆز قاتارلىق تىلسىز ئامىللار ئارقىلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرىدىغان تىل ئالاقىسىدىن ئىبارەت.
3. قەدىمكى كېرىيە زىمىنىدا نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭسىزلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر تۈركۈم كېرىيەلىكلەرنىڭ كېرىيە دەرياسىنىڭ قۇمغا سىڭىپ كەتكەن دەريا ئېقىنىنى ئىزدەپ قۇملۇقتا جاپالىق يۈرۈش قىلىپ، چۆللۈكتىن بوستانلىقنى بايقاپ، ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن ئەنئەنىۋىي ھۆنەر-سەنئەت، مەدەنىيەت ئەندىزىلىرى ئارقىلىق تىرىشىپ-تىرمىشىپ بۇ يەردە ئۆزىگە خاس بولغان «مەدەنىيەت ئارىلى» بەرپا قىلغان.
V تەھلىل قىلىڭ:
1. بۇ پارچە نۇر روزىنىڭ << مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى >> ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىنغان.
2. مۆمىن، گومىنداڭ بايرىقىنى چىقىرىش ۋە چۈشۈرۈشىنى يىپ ئۇچى قىلغان.
3. مۇھىت تەسۋىرى.
4. يۇقۇرقى مۇھىت تەسۋىرىگە ئىنقىلاپ يولىدا كۆرەش قىلغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقى، ئىنقىلاپ ئىشلىرىنىڭ ھامان غەلبە بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىدەك چوڭقۇر مەنا يۇشۇرۇنغان.
VI يېزىقچىلىق سوئالى:
1. پىلان يېزىش قائىدە-پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلغان ئاساستا تەلەپ بويىچە يېزىلىشىغا قاراپ مۇۋاپىق نومۇر بېرىلىدۇ.
2. 1-ۋە 2-تەلەپ ئۈچۈن 10 نومۇر ئاساس قىلىنسا بولىدۇ، 3-تەلەپكە 5 نومۇر ئاساس قىلىنسا بولىدۇ.
(تەھرىر : بەشتاش)
«تولۇقسىز 8-يىللىقلارنىڭ 1-مەۋسۇملۇ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئوتتۇرا مەكتەپ 9-يىللىقلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش تىل-ئ
- تولۇقسىز1-يىللىقلارنىڭ2014-يىلى2-ماۋسۇملۇ
- تولۇقسىز1-يىللقلارنىڭ 2014-يىلى 2-ماۋسۇمل
- ئىمتىھان سوئالى
- 8-يىللىق تارىخ تىن ماۋسۇملۇق ئىميىھان سۇ
- 2011.(9-2)物理.doc
- 7-يىللىق جۇغراپىيە.doc
- 中学第二学期初一汉语双语班期中试题
- 8-يىلىق1-ماۋسۇم فىزىكا چارەكلىك ئىمتاھان
- 8-يىللىق1-مەۋسۈم تىل-ئەدەبىيات چارەكلىك
- شىخەنزە شەھەرلىك مىللىي مىللىي ئوتتۇرا
- تۇلۇقسىز 3-يىللىق1-بۆلەك قوش تىل ماتماتك
- 学年第二学期八年级物理期末试卷
- 2012/2013-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق « ئۈچنى قوغد
- 2012/2013-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇم ساغلاملىق ماۋس
- 2012/2013-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇم 7- يىللىقلارنىڭ
- 2012/2013-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇم 9- يىللىقلارنىڭ
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
ahmatjan تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-04-11 15:04 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-12-19 20:12
- تولۇقسىز1-يىللىقلارنىڭ2014-يىلى2-ماۋسۇملۇق جۇغ
- تولۇقسىز1-يىللقلارنىڭ 2014-يىلى 2-ماۋسۇملۇق جۇغ
- ئىمتىھان سوئالى
- 8-يىللىق تارىخ تىن ماۋسۇملۇق ئىميىھان سۇئالى
- 2011.(9-2)物理.doc
- 7-يىللىق جۇغراپىيە.doc
- 中学第二学期初一汉语双语班期中试题
- 8-يىلىق1-ماۋسۇم فىزىكا چارەكلىك ئىمتاھان سۇئا
- 8-يىللىق1-مەۋسۈم تىل-ئەدەبىيات چارەكلىك ئىمتى
- شىخەنزە شەھەرلىك مىللىي مىللىي ئوتتۇرا مەكتە
- 学年第二学期八年级物理期末试卷
- تولۇقسىز 8-يىللىقلارنىڭ 1-مەۋسۇملۇ
- تىل-ئەدەبىيات مەۋسۇملۇق ئىمتىھان سوئالى
- 7-يىللىقلار ئۈچۈن ئىمتىھان سوئالى
- 8- يىللىق تىل ئەدەبىيات مەۋسۈملۈك ئىمتىھان سۇ
- 7-يىللىقلار ئۈچۈن ئايلىق تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھ
- تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان سۇئالى
- 7- يىللىقلار ئۈچۈن 1- مەۋسۇملۇق ئىمتىھان سوئال
- 9- يىللىقلار ئۈچۈن 1- مەۋسۇملۇق تىل- ئەدەبىيات
- 9 - يىللىقلار ئۈچۈن 1- مەۋسۇملۇق تىل- ئەدەبىيات