ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئىمتىھان سۇئاللىرى > تولۇقسىز1-ماۋسۇم > تولۇق مەزمۇنى

8- يىللىق تىل ئەدەبىيات مەۋسۈملۈك ئىمتىھان سۇئالى

ۋاقىت : 2011-09-24 21:07 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : چىچەك | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

8-يىللىقلار ئۈچۈن چارەكلىك تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان سۇئالى
年级上学期第一次月考试题
.سۇئال : توغرا جاۋابنى تاللاڭ ؟ (پەقەت بىرىسىلا تاللىنىدۇ،1دىن 15نومۇر بىرىلدۇ)
1. ‹‹  بالا مېھرى ›› دېگەن تېكىستتە (   ) روشەن سېلىشتۇرما قىلىنغان .                                                                    
A. ئېسىلزادە خانىم بىلەن جۇل –جۇل كىيىملىك بىر ئائىلە كىشىلىرى
B. ئېسىلزادە خانىمنىڭ ئالىيجاناپلىقى بىلەن كەمبىغەل ئاتا – ئانىنىڭ رەزىللىكى
C. مېھىر- مۇھەببەت بىلەن ساداقەتسىزلىك      D. پۇل بىلەن جەمىئيەت
2.‹‹ئۇ ماي تارتىپ ئولتۇراتتى›› دېگەن جۈملىدە قوللىنىلغان تۇراقلىق ئىبارە : (   )                           
A.ماقال قوللىنىلغان .                   B.ئىدىئوم قوللىنىلغان .
C.تەمسىل  قوللىنىلغان .               D.رەۋىش قوللىنىلغان .
3. 《مېنىڭ ئاكام》دېگەن ئەسەر نىڭ ژانېرى :                 (        )
A.ئىپىك نەسىر  .                                       B.ئوچېرىك  .
C.شۇ ناملىق ئەدەبىي ئاخپاراتتىن ئېلىنغان  .         D.لىرىك نەسىر  .
4. 《ئاخىرقى دەرس 》ناملىق ھېكايىدە ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان ۋەقە :   (     )
A. 1- دۇنيا ئۇرۇشى                 B. 2- دۇنيا ئۇرۇشى .
C. پرۇسىيە – فىرانسىيە ئۇرۇشى .D. فىرانسىيە – ئەنگىلىيە ئۇرۇشى .
5. 《ھارۋىكەشنىڭ جۇدۇنى تۇتتى 》دېگەن جۈملىدىكى ‹‹ جۇدۇنى ›› دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى : (      ) 
A.خوشاللىقى                                  B. كۈلكىسى
C. ئاچچىقى                                   D.تەلۋىلىكى
6. تۇراقلىق ئىبارىلەر ھەققىدە ئېيتىلغانلارنىڭ خاتاسى : (      )
A. ‹‹ھورۇننىڭ ئەتىسى تۈگىمەس ›› دېگەن ئىدىئومدا ھورۇن كىشى بېرەر ئىشنى دائىم ئارقىغا سۈرىدۇ ، دېگەن مەنە ئىپادىلەنگەن .
 B.‹‹تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلاپتۇ ›› دېگەن تەمسىلدە مۈشۈكلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە سىمۋۇل قىلىنغان .
C.《ھەممە ئىشقا ئارىلىشىۋالماي ، ئۆپكىڭىزنى بېسىپ ئولتۇرۇڭ 》دېگەن جۈملىدە ئىدىئوم قوللىنىلغان .
D. ‹‹يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس ›› دېگەن تەمسىلدە ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ئويلىنىش كېرەك ، دېگەن مەنا ئىپادىلەنگەن .
7.  ‹‹ گۈزەللىك ئادەم ئۈچۈن موھىم ، ئادەمگە باقىۋەندە ئەمەس ، قابىلىيەت ھاياتلىقنىڭ موھىم قۇرالى ، ئەمما قابىلىيەت بولۇپ ، سەمىمىيلىك بولمىسا ، ئۇنداق قابىلىيەت ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ . بايلىقمۇ كەم بولسا بولمايدۇ ، ئەمما ئۇ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرۇپ كېتەلمەيدۇ ›› دېگەن پارچىدا تەشەببۇس قىلىنغىنى : (   )
A. گۈزەللىك                             B.قابىلىيەت .
C.بايلىق                                D. سەمىمىيلىك  
8. تۆۋەندىكىلەردىن ئىپادىلەش ئۇسۇلى توغرىسىدا ئېيتىلغانلاردىن مۇۋاپىق بولمىغىنى :       (        )
A. 《جامەنىڭ شىمالى دوقمىشىدا ئېگەر- جابدۇقلىرى ياسىداق ، سېمىز ، چىرايلىق بوز ئات باغلاقلىق ئورنىدا تىپچەكلەپ تۇراتتى 》دېگەن پارچىدا بايان بىلەن تەسۋىر قوللىنىلغان .
B. 《ـــ پۇقرانىڭ ھوسۇلنى تۆەلمىگەنلىكى شۇكى ، ئاشلىق ئەمدىلەتىن ئورۇلىۋاتېدۇ ، قوشۇلغان ھوسۇلنى بالدۇرراق ئۇقتۇرمىغانلىقى يەنە بىر ۋەجى بولماقتا ، دەر ھەقىقەت ، بويۇنتاۋلىق قىلىۋاتقان پۇقرالارمۇ يوق ئەمەس 》دېگەن پارچىدا مۇھاكىمە قوللىنىلغان .
C. 《سۈبھى كۆتۈرلۈپ ، تاڭ ئەمدىلا غۇۋا يورۇغقا باشلىغانىدى . سەھەرنىڭ سالقىن شامىلى شەبنەم باسقان ئوتلار ئۈستىدىن غۇر-غۇر ئۇچماقتا 》دېگەن پارچىدا موھىت تەسۋىرى بېرىلگەن .
D. 《ئېگىز بوي ، كەكە ساقال ، دوقا ماڭلاي ، يېشى ئاتمىشتىن ھالقىغان مەزەمزات ھېكىم كىمخاپ تۇماق ، موۋۇت پەرىجە، كىيگەن ھالدا غادىيىپ ھەممىنىڭ ئالدىدا كىبىرانە قەدەم تاشلاپ چىقىۋاتاتتى 》دېگەن پارچىدا قىياپەت تەسۋىرى بېرىلگەن .
9. تۆۋەندىكى جۈملىلەر ئىچىدە ساغلام بولغان جۈملە : ( )
A. دوختۇرغا باراي دېسەم ، پۇلۇم يوق ، يوتقانغا يۆگىنىپ ياتتىم .                            B. قاتتىق بېشىم ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ ، ئىمتىھاننى قانداقمۇ ياخشى بېرەرمەن ؟
C. ئىنسان پەقەت ئىنتىلگەن نەرسىگە ئېرىشەلمىگەن چاغدىلا ، ئاندىن ئۆزىنىڭ تولىمۇ ئاجىزلىقىنى ھېس قىلىدۇ .
D. ئۇ ئوقۇش قۇراللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەكىلىپتۇ ، پەقەت قەلىمىنىلا ئۇنتۇپ قاپتۇ .
10.《ئۇنتۇما دۇنيا ، ئۇنتۇما 》دېگەن جۈملىدىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە : (     )
A.رىتورىك خىتاپ.                             B. مۇبالىغە
C. سىمۋول .                                  D. ئوخشىتىش
11. 《سېغىندىم ۋەتەننى ئۇزاق سەپەردە 》 ناملىق شېئر(   )
A.ئالماش قاپىيە شەكلىدە يېزىلغان                  B.چاچما شېئرغا تەۋە
C.جۈپ قاپىيە شەكلىدە يېزىلغان                    D.بارماق ۋەزىندە يېزىلغان
12. ‹‹ ئۇ بەكمۇ جىگەرلىك ئىنسان ئىدى ›› دېگەن جۈملىدىكى ‹‹ جىگەرلىك ›› دېگەن سۆز  (     )
A. تۈپ سۆز                                  B. رەۋىش
C.  جىگرى ساق ،دېگەن مەنىدە             D. يۈرەكلىك ، دېگەن مەنىدە
13. 《يىراققا تارقالغان قوڭغۇراق ئاۋازى  》ناملىق ھېكايە ۋەقەلىكى تۆۋەندىكى پىرسوناژلار بىلەن راۋاجلانغان  :            (     )
A. بالا ، كىلىن ، ئانا                   B. ھارۋىكەش ، ئانا ، كىلىن ، ئانا
C. ھارۋېكەش ، كىلىن ، ئاپتۇر         D. ئانا ، بالا ، قېرىنداش  
14.سۆزلەرنىڭ كۆچمە مەنىسى ھەققىدە ئېيتىلغانلارنىڭ خاتاسى :   (       )
A.‹‹دوستلار ، مېنى يامان كۆرمەڭلار .مەن ئېگەمنىڭ بىر قۇلى ، كىشىلەر قەدرىمنى بىلمەيدۇ ، (لىكىن ) ۋەتەننىڭ گۆھىرىمەن ›› دېگەن پارچىدا قوللىنىلغان ‹‹ گۆھەر ›› سۆزى كۆچمە مەنىدە قوللىنىلغان .
B.‹‹ ياشاشنىڭ يوللىرى ناھايىتى كۆپ، مەسلە ئۇنى توغرا تاللاشتا ›› دېگەن جۈملىدە بىر سۆز كۆچمە مەنىدە كەلگەن بولۇپ ، ئۇ سۆز ‹‹مەسلە›› دېگەن سۆزدۇر .
C.سۆزلەرنىڭ كۆچمە مەنىسىنى يەككە تۇرغاندا بىلگىلى بولمايدۇ .
D. ‹‹ سۆزلەرنىڭ كۆچمە مەنىدە كېلىشى تىلدا ئۇقۇشماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يامان ئەھۋال ›› دېيىش خاتا .  
15. ‹‹بۇلاق سۈيى زېمىننىڭ يۈرىكىدىن چىققانلىقى ئۈچۈن پاكىز›› دېگەن جۈملىدە قوللىنىلغان سۆزلەر تەركىبىدىكى تىل تاۋۇشلىرى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى: ( )
A. ‹‹سۈيى›› دېگەن سۆزدە بىر ‹‹ي›› تاۋۇشى قوشۇلۇپ قالغان.
B. ‹‹يۈرىكى›› دېگەن سۆز ئەسلى ‹‹يۈرىگى›› قىلىپ يېزىلىشى كېرەك.
C. يۇقىرىقى جۈملىدىكى بىر سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن.
D. يۇقىرىقى جۈملىدىكى سۆزلەردە تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن..
.توغرا- خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىڭ (ھەر بىرىگە 2دىن10نومۇر بىرىلىدۇ.)
1. ھەركەت تەسۋىرى بىلەن قىياپەت تەسۋىرى ئاساسەن ئوخشايدۇ .( )
2. 《رىتورىك  》دېگەن سۆز ئەرەپچىدىن كىرگەن .                (   )
3. 《ئاخىرقى دەرس》تە ئاساسلىقى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى ئەكىس ئەتكەن .(   )
4. 《دارىلفۇنۇن》دېگەن سۆز ‹‹ئۈنۋىرسىتىت ››نى كۆرسىتىدۇ .           (    )
5. 《مونولوگ》ئەسەردىكى پىرسوناژنىڭ ئۆزى – ئۆزى بىلەن سۆزلىشىشى دىن ئىبارەت  
.بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ  (ھەربىرىگە 1دىن 15نومۇر بىرىلىدۇ.)
1. دېئالوگ – گىرىكچە  ( 1  ) دېگەن مەنىدە بولۇپ ، پىرسوناژ خاراكتىرىنى ( 2   ) بېرىشتە ناھايىتى (    3 ) ئورۇن تۇتىدۇ .
2. ئەخمەت ئىمىن ( 4 ) يىلى ( 5) دە تۇغۇلغان . نەسىرچى ۋە ( 6 ). ئۇنىڭ ( 7 ) (   8) ناملىق نەسىرلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان .
3. ‹‹ بالا مېھرى ›› ناملىق ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى ( 9 ) بولسىمۇ ، كىشىنى ( 10 )
4. ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى ئاساسلىقى ھەرقايسى مەزمۇنلارنىڭ ( 11 ) ۋە ( 12 ) نى كۆرسىتىدۇ .
 5. تەسۋىر ئۆزى تەسۋىرلەيدىغان (    13 ) نىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ  ، ( 14 ) ، ( 15 ) دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ . 
.قىسقىچە جاۋاپ بىرىڭ (ھەربىرىگە 3دىن9نومۇر بىرىلدۇ.)
1. يازغۇچى ئابدۇراخمان ئەبەينىڭ  《بۇ بالا ۋەتەننىڭ ئوغلى 》ناملىق ئەسىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قانداق روھىنى ، ئۇنىڭ قانداق خاراكتېرىنى ھېس قىلدىڭىز؟
2. رىتورىك سوراق دېگەن نېمە ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ ؟
3. ‹‹ مېنىڭ ئاكام ›› ناملىق نەسىردە ‹‹ ھاياتلىق مۇستەقىل ياشاشنى ئۆزىگە تۈۋرۈك قىلغان ، ئۇنىڭسىز كىشىلىك تۇرمۇشنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس ..... بۇ ھاياتنىڭ تەقەززاسى ....›› دەپ يازغان . نىمە ئۈچۈن مۇستەقىل ياشاش ھاياتلىقنىڭ تەقەززاسى ھېساپلىنىدۇ؟
.تەھلىل قىلىش ۋە مەشىق ئىشلەش سۇئالى (33نومۇر بىرىلىدۇ.)
1. تۆۋەندىكى جۈملىلەرنى ئوقۇپ ، خاتا ئىشلىتىلگەن سۆزلەرنى تېپىپ ئاستىغا سىزىڭلار ھەم جۈملىنى توغۇرلاپ يېزىڭلار .(5نومۇر)
(1)           پەرىدە گۈزەل قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ ،ئاغزىنى دومسايتتى .
(2)           غەزەپتىن ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى لىڭشىپ كەتتى .
(3)           قۇياش ئۆزىنىڭ ئىسسىق نۇرىنى زىمىنغا تۆكمەكتە .
(4)           ئۇ ئورنىدىن شاققىدە تۇردى – دە ، تېز – تېز قەدەملەر بىلەن ئاستا يۈرۈپ كەتتى .
(5)           ئۇنىڭ چۈشكۈن كۆزلىرىدىن ئۈمىد نۇرى چاقناپ تۇراتتى  .
2. تۆۋەندىكى سۆزلەرنى تۈرلىرى بويىنچە گۇرۇپپىلاڭ.(4نومۇر)
ئورۇندۇق، ئىنىم ، ئاق قۇشقاچ ، كېمە ، كۈنجۈت ، كاتتا بوۋام ، قاغا ، كۇرسا،ئايرۇپىلان، ھەمشىرەم ، پويىز ، دوسكا ، كېۋەر ، ماشىنا ، قارا قۇشقاچ ، تاغام ، ئابدىمىلىك .
 3. تۆۋەندىكى جۈملىلەرگە ئەسلىي تەرتىپى بويىنچە رەت نۇمرى قويۇڭ؟ (4نومۇر)
 (    ) ئاپئاق قار كۈپكۈندۈزدە ياغدى .
 (    ) كەچتە شىۋىرغان چىقىپ ئەتىسىگىچە چىقتى .
(     ) گۇگۇم بىلەن تەڭ سوغۇق كۈچەيدى .
(     ) بۈگۈن ئەتىگەن قار يېغىشتىن توختىدى .
4. تۆۋەندىكى تۇراقلىق ئىبارىلەرنى تۈرگە ئايرىڭ ھەمدە مەنىسىنى ئىزاھلاڭ .(6نومۇر)
بۆدۈنىنىڭ ئۆيى يوق ، نەگە بارسا‹‹ ۋىتىلداق››.
پوستى يوق پىياز بولماس ، دوستى يوق ئادەم بولماس.                                     
توخۇنى ئۆلتۈرۈپ ، مايمۇننى قورقۇتماق .
5.《سىلەر ــــ گويا قۇياش ، ھەرقانداق ئادەم ئۆز قەلبىنى سىلەر بىلەن يورۇتالايدۇ؛
سىلەر ــــ گويا باھار، ھەممە ئادەم سىلەردىن رازىمەنلىك ھېس قىلىپ ئۆز قەلبىنى ئىللىتالايدۇ؛ سىلەر  ـــ ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ باغۋىنى ، سىلەر ئەجىر سىڭدۈرگەن كۆچەتلەر مېۋە بېرىۋاتىدۇ .مانا بۇ سىلەرنىڭ تۆھپەڭلار . 》
① بۇ پارچىداتەسۋىرلىنىۋاتقان كىم ؟(2نومۇر)
 
② ئۇ نېمىلەرگە ئوخشىتىلغان ؟ نېمە ئۈچۈن ؟(3نومۇر)
 
③بۇ پارچىدا قانداق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر قوللىنىلغان ؟(1نومۇر)
 
6. تۆۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ تەلەپلەرنى ئورۇنلاڭ ؟
1)   مېنىڭ ئاخىرقى بىر سائەتلىك فىرانسۇز تىلى دەرسىم ئىكەن بۇ ! مەن تېخى ماقالە يېزىشنىمۇ تۈزۈك ئۇقمايمەن . ئەمدى مېنىڭ فىرانسۇز تىلىنى ئۆگىنىشىمگە ئىمكانىيەتمۇ يوق ئىكەن – دە ! بۇنىڭغا بوپتۇلا دىيىشكە بولامدۇ ؟
2)   ‹‹ قانداق ؟ سىلەر ئۆزۈڭلارنى تېخى فىرانسۇز دەيسىلەر ، ھەتتا ئۆزۈڭلارنىڭ تىل – يېزىقىنىمۇ ئۇقمايسىلەر ! ...... ›› دېسە ھەقلىق .
① بۇپارچىلار كىمنىڭ ، قايسى ئەسىرىدىن ئېلىنغان  ؟ ( 2نۇمۇر )
② پارچىدا پىرسوناژلارنىڭ قانداق تەسۋىرى قوللىنىلغان  ؟ بۇ پارچىدىن ‹‹ مەن ›› نىڭ قانداق روھىي ھالىتىنى ھېس قىلدىڭىز ؟ ( 4 نۇمۇر )
     ③فىرانسۇز تىلىدا ‹‹ ئاخىرقى دەرس›› نىڭ ئۆتۈلىشى فىرانسۇزلارغا نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ  ؟       (2 نۇمۇر )
فىرانىسنىڭ پۇشايمىنى ئەمەلىيەتتە يەنە كىملەرنىڭ پۇشايمىنى ؟ بۇ ھەقىقەتەن پۇشايمان قىلىپ كەتكۈدەك ئىشمۇ ؟ ( 2 نۇمۇر )
.يېزىقچىلىق مەشىقى (16نومۇر)
شەنبە ، يەكشەنبىلىك دەم ئېلىشتا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئادەم ۋە ئىشلارنى ئۇچىرتىپ تۇرۇشىڭىز مۇمكىن . شۇنداق ئادەم ۋە ئىشلاردىن بىرەرنى تاللاپ ، بىر پارچە بايان خاراكتېرلىق ئەسەر يېزىڭ .
تەلەپ:
 1)مەركىزىي نوقتا ئېنىق ، تەپسىلاتلىرى مۇۋاپىق تەڭشەلگەن بولۇشى كېرەك .
2)باياننىڭ ئامىللىرىنىڭ تولۇق بولىشىغا دىققەت قىلىڭ .
3)خەت چىرايلىق ، ئىملا توغرا بولسۇن .

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(16)
94.1%
ناچاركەن
(1)
5.9%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
چىچەك تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-13 23:09 ئاخىرقى كەلگىنى:2011-11-24 23:11
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ