7-يىللىقلار ئۈچۈن ئىمتىھان سوئالى
تىل– ئەدەبىيات سوئال قەغىزى
Ⅰتاللاش سوئالى (جەمئىي 40نومۇر)
پەقەت بىرىلا تاللىنىدۇ، تاللىغان جاۋابنىڭ ھەرپ بەلگىسىنى جاۋاب يېزىش قەغىزىدىكى ماس كاتەكچىگە يېزىڭ.
1. ‹‹ئۆزۈم ھەر جايدىمەن، كۆڭلۈم سەندىدۇر›› دېگەن ئەسەردە كۆزدە تۇتۇلغان ‹‹سەن››:
.A ئۇيغۇر خەلقىنى كۆرسىتىدۇ .B جۇڭگو خەرىتىسىنى كۆرسىتىدۇ .C ئانا يۇرتنى كۆرسىتىدۇ .D قەدىمىي يادىكارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ
2. تۆۋەندىكىلەردىن ئىشنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ يەكۈن چىقىرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئىدىئوم:
.A بولىدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم .B ئارپىنى خام ئورىماق
.C چۆجىنى كۈزدە سانىماق .Dقىيامىغا يەتمەك
3. ئەدەبىي تىلىمىزدىكى بىر قىسىم شەيئىلەرنىڭ سمۋوللۇق مەنىلىرى خاتا ئېيتىلغىنى:
.A‹‹ئەينەك›› ئىبرەتكە سمۋول قىلىنىدۇ.
.Bپاكلىق ‹‹سۈت››ئارقىلىق سمۋول قىلىنىدۇ.
.C‹‹قوزا›› ئوماق بالىلارغا سمۋول قىلىنىدۇ.
.D‹‹قارلىغاچ›› ئۇچقۇرلۇق، ئالغۇرلۇققا سمۋول قىلىنىدۇ.
4. ‹‹يىراق بولسا كىشنىشەر، بولسا چىشلىشەر›› دېگەن ماقال- تەمسىل:
.Aئائىلە، ئۇرۇق- تۇغقانلار تېمىسىدىكى ماقال- تەمسىلدۇر.
.Bساغلاملىق تېمىسىدىكى ماقال- تەمسىلدۇر.
.Cئۈمىدۋارلىق تېمىسىدىكى ماقال- تەمسىلدۇر.
.Dئەدەپ-ئەخلاق تېمىسىدىكى ماقال- تەمسىلدۇر.
‹‹قولۇڭدىن كەلگىنىچە چىقار ياخشى ئات،
ياخشىلىقنى قىل بالام، يامانلىقنى ئات.
ئەل بىلەن بىللە بول، توپتىن ئايرىلما،
يالغۇز يۈرسە چاڭ چىقىرالماس ياخشى ئات.››
دېگەن شېئىرنى ئوقۇپ، 5-6- تاللاش سوئاللىرىنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاڭ.
5. شېئىردىكى سۆزلەر ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:
.A بۇ شېئىردا ئاھاڭداش سۆز قوللىنىلغان.
.B‹‹ئەل›› دېگەن ئىسىم ‹‹ۋەتەن›› دېگەن مەنىدە قوللىنىلغان.
.C بىرىنچى مىسرادىكى ‹‹ئات›› دېگەن سۆز ‹‹نام- ئاتاق›› دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.
.D ئىككىنچى مىسرادىكى ‹‹ئات›› سۆزى ‹‹تاشلا›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
6. شېئىر ۋە شېئىر مەزمۇنى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى:
.A مىسرالارنىڭ ئاخىرىدىكى سۆزلەر ئەركىن قاپىيە شەكلىدە كەلگەن.
.B بۇ شېئىردا ياخشىلار ئاتقا مىنىپ جەڭگە ئاتلانسا ياخشى نامغا ئېرىشەلەيدۇ، دېگەن ئىدىيە ئىپادىلەنگەن.
.Cبۇ شېئىردا شائىر ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ خەلقپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى ئىپادىلىگەن.
.Dبۇ شېئىرنى شەكىل جەھەتتىن بارماق ۋەزىندە يېزىلغان بىر كۇپلېتلىق قوشاق دەپ قاراشقا بولىدۇ.
7.‹‹يېيىلىپ كېتىپسەن ئۆچكىدەك،
گوياكى ئاچ قالغان بۆرىدەك...
بالىلار قورقۇشۇپ كېتىپتۇ، دىۋىنىڭ بېغىدىن بېزىپتۇ.›› دېگەن پارچىنىڭ تەھلىلى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى:
.Aئالدىنقى ئىككى مىسرادا مۇبالىغە قوللىنىلغان
.Bپارچىدىكى تۆت مىسرا ئۆزئارا قاپىيىداش بولۇپ كەلگەن
.C‹‹ۋاز كەچمەك›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن ‹‹بېزىپتۇ›› دېگەن سۆزنىڭ ئەسلىي تومۇرى ‹‹بەزمەك›› بولىدۇ.
.Dپارچىدا دىۋىنىڭ ياۋۇزلۇقى بۆرىگە ئوخشىتىلغان.
8.‹‹ئۇر توقماق›› ناملىق تېكىست:
.Aھەجۋىي چۆچەك. .Bرېئالىستىك چۆچەك.
.Cخىيالىي چۆچەك. .D ھايۋانلار ھەققىدىكى چۆچەك.
9.‹‹قىش بىلەن يازنىڭ مۇنازىرىسى››:
.Aسېلىشتۇرۇش شەكلىدە يېزىلغان قوشاق
.Bسىمۋوللاشتۇرۇش ئۇسۇلىدا يېزىلغان مەسەل
.Cدىئالوگ شەكلىدە يېزىلغان قوشاق
.Dمۇنازىرە شەكلىدە يېزىلغان چۆچەك
10.‹‹ئون ئىككى ھايۋانلىق تۈرك كالېندارى››دا، ‹‹نەۋرۇز››دىن كېيىنكى باش باھار:
.A‹‹بۈيۈك ئاي›› دەپ ئاتىلىدۇ. .B‹‹ھىلال ئاي›› دەپ ئاتىلىدۇ.
.C‹‹ئوغلاق ئاي›› دەپ ئاتىلىدۇ. .D‹‹قوزا ئاي›› دەپ ئاتىلىدۇ.
11. ‹‹بىر- بىرىگە تۇتىشىپ سوزۇلغان ئېڭىزلار ئاپتاپتا ساپسېرىق ئالتۇندەك تاۋلىناتتى. ئېرىقنىڭ قىرىدىكى چۆپلەر ۋە دەل- دەرەخلەرلا يېشىل بولۇپ كۆرۈنەتتى.›› دېگەن پارچىنىڭ تەھلىلى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى:
.Aپارچىدا بېرىلگەن كۈز پەسلىنىڭ تەسۋىرىدۇر.
.Bپارچىدىكى ‹‹ئېڭىز›› دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى ‹‹ئورىۋېلىنغان زىرائەتنىڭ يەردە قالغان غول ۋە يىلتىز قىسمى›› دېگەنلىكتۇر.
.Cپارچىدا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ئوخشىتىشلا قوللىنىلغان.
.Dپارچىدا تەسۋىرلەنگىنى دېھقانلارنىڭ ئەمگەك مەيدانى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئىجتىمائىي مۇھىت تەسۋىرى دېيىش كېرەك.
12. (4353) ‹‹ ئۇلار قوي پادىسى ئىچرە سەركەدۇر،
ئۇ باشلاپ ماڭسا قوي تۈز يولغا يۈرۈر.›› (‹‹قۇتادغۇبىلىك››تىن) دېگەن پارچىدا سمۋوللۇق مەنا ئىپادىلىگەن‹‹ئۇلار››:
.Aقوي باقىدىغان پادىچىلارنى كۆرسىتىدۇ.
.Bقوينى قوغدايدىغان ئوۋ ئىتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
.Cقوينى باشلاپ ماڭىدىغان قېرى ئۆچكىنى كۆرسىتىدۇ.
.Dخەلقنى باشلاپ ماڭىدىغان ئالىملار، ئاقىللارنى كۆرسىتىدۇ.
13.‹‹شەھەرلەردىكى مودا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بەدىنىدىكى كىيىملەر ئەمەلىيەتتە شۇلارنىڭ روھىنىڭ ئىنكاسى›› دېگەن جۈملىدىكى ‹‹شۇلار››:
.Aئەتلەسلەرنى كۆرسىتىدۇ.
.Bمودا ئۇيغۇر قىزلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
.Cئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ.
.Dمودا كىيىملەرنى كۆرسىتىدۇ.
تۆۋەندىكى ماتېرىيالنى ئوقۇپ، 14-15-16- تاللاش سوئاللىرىنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاڭ.
ئاجىزلارنى دەسسەپ ئۆتمە پەھلىۋان،
بوپ قالارسەن سەن ئۆزەڭمۇ ئاجىز جان.
يامان كۈنلەر كېلەر بەلكى بېشىڭغا،
كىمگە ۋاپا قىلار ئىدى بۇ جاھان!
شامنى قارا! پەرۋانىغا قويدى ئوت،
ئەمما ئۆزى كۆيۈپ پۈتتى شۇ زامان.
بىراۋ بولسا سەندىن كۆرە ئاجىزراق،
بىراۋ بولسا سەندىن كۆرە پەھلىۋان.
ۋەھشىيلەرنى ئوۋلاش ئۈچۈن كۈچ كېرەك.
ئېھسان كېرەك كۆڭۈللەرنى ئوۋلاشقا.
تىغ كېسەلمەس زەنجىرىنى ئېھساننىڭ،
ھەرىكەت قىلغىن ياۋ بوينىنى باغلاشقا.
يامانلىقلار قىلار دوستى يامانغا،
بۇغداي ئۈنۈپ چىقماس ھەرگىز ئارپىدىن
بۇ ھاياتتا دوستسىز قالاي دېمىسەڭ،
دوستلىرىڭغا خەنجەر ئۇرما ئارقىدىن.
شەپقەت قىلساڭ ساڭا ياۋلىق قىلغانغا.
ئاخىر ئۇمۇ ئايلىنىدۇ يارانغا.
(شەيخ سەئىدىنىڭ ‹‹بوستان›› ناملىق ئەسىرىدىن)
14.ئاستى سىزىلغان سۆزلەرنىڭ ئەسەردە ئىپادىلەنگەن مەنىسى توغرا ئىزاھلانغىنى:
.A تىغ كېسەلمەس زەنجىرىنى ئېھساننىڭ ئېھسان: باتۇرلۇق
.B ئاخىر ئۇمۇ ئايلىنىدۇ يارانغا ياران: دوست
.C ئېھسان كېرەك كۆڭۈللەرنى ئوۋلاشقا ئوۋلاش: تۇتۇش
.D ھەرىكەت قىلغىن ياۋ بوينىنى باغلاشقا ياۋ: ئوۋلانغان ھايۋان
15.ئەسەردىكى مىسرا ۋە مەزمۇنلارنىڭ يېشىپ چۈشەندۈرۈلىشىدە خاتالىق بولغىنى:
.Aشام ۋە پەرۋانە تەمسىلىدە ئاجىزلارنى بوزەك قىلغۇچىنىڭ ئۆزىمۇ كۈشەندىسى تەرىپىدىن بوزەك قىلىنىغانلىقىدىن ئىبارەت قانۇنىيەت ئىپادىلەنگەن.
.Bئەڭ ئاخىرقى ئىككى مىسرادا ئىنسان دۈشمەنلىرىگە ياخشىلىق قىلسا، ئۇزۇن قالماي دۈشمەنلىرىمۇ دوستقا ئايلىنىدۇ، دېگەن مەنە ئىپادىلەنگەن.
.Cبۇ ماتېرىيالدا ‹‹دوستلۇق ۋە دۈشمەنلىك›› تېما قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت شام بىلەن پەرۋانە، پالۋان ۋە ئوۋ قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن.
.D‹‹بۇغداي ئۈنۈپ چىقماس ھەرگىز ئارپىدىن›› دېگەن تەمسىل ئارقىلىق يامانلىق قىلغانلار دوستلارنىڭمۇ نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ، دېگەن قاراش ئىپادىلەنگەن.
16.پارچىدا ئەڭ ئاساسلىق قوللىنىلغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر:
.Aسېلىشتۇرۇش، رىتورىك خىتاب، جانلاندۇرۇش، نەقىل كەلتۈرۈش
.Bئوخشىتىش، رىتورىك سوئال، سۈپەتلەش، سمۋول
.Cسۈپەتلەش، مۇبالىغە، سېلىشتۇرۇش، تەكرارلاش
.Dجانلاندۇرۇش، رىتورىك سوئال، سمۋول، ئوخشىتىش
تۆۋەندىكى ماتېرىيالنى ئوقۇپ،17 -18- تاللاش سوئاللىرىنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاڭ.
بىئولوگىيىلىك سائەت
بىئولوگىيىلىك سائەت بارلىق جانلىقلاردا بولۇدىغان ئورتاق خۇسۇسىيەت بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىمۇ بىئولوگىيىلىك سائەت مەۋجۈت. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئادەملەردىمۇ بارلىق جانلىقلارنىڭ ھاياتلىق جەريانىدىكىدەك رېتىملىق (دەۋرىيلىك) ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ، ھاياتلىقلارنىڭ ئۇزاق ۋاقىت دەۋرىي ھالدا تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش ۋە ياتلىشىش جەريانىدا كېچە- كۈندۈز، ھەپتە، ئاي ۋە تۆت پەسىلنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ئىبارەت تەبىئەت دۇنياسىدىكى دەۋرىي ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش داۋامىدا شەكىللەنگەن جانلىقلار بەدىنىدىكى دەۋرىي ئۆزگىرىشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولۇپ، بىئولوگىيىلىك رىتىم دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق رىتىملارنىڭ ئۆزىگە خاس ۋاقىت ئارىلىقى بولىدۇ. ئۇ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن يەنە ئەسلى ھالىتىگە قايتىدۇ. ئادەم بەدىنىدە ئىپادىلىنىدىغان بىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشنىڭ تەكرارلىنىپ تۇرۇشىنى ئىپادىلەيدۇ.
پەن تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆلگەنگە قەدەر بولغان پۈتۈن ھاياتىدا ئۈچ خىل چوڭ دەۋرىيلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ. بىرىنچىسى، 23 كۈن بىر دەۋر قىلىنىدىغان ‹‹جىسمانىي قۇۋۋەتنىڭ كۈچىيىش- ئاجىزلىشىش دەۋرى››؛ ئىككىنچىسى، 28 كۈن بىر دەۋر قىلىنىدىغان ‹‹كەيپىياتنىڭ داۋالغۇش دەۋرى››؛ ئۈچىنچىسى، 33 كۈن بىر دەۋر قىلىنىدىغان ‹‹ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ كۈچىيىش- ئاجىزلىشىش دەۋرى››دىن ئىبارەت. بۇ ئۈچ خىل رىتىم ھازىر ئومۇميۈزلۈك ئادەم بەدىنىدىكى بىئولوگىيىلىك سائەت دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۈچى يەنە يۇقىرى دولقۇن دەۋرى، تۆۋەن دولقۇن دەۋرى ۋە كرىتىك دەۋرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
ئادەم بەدىنى يۇقىرى دولقۇن دەۋرىدە تۇرغاندا جىسمانىي قۇۋەت ئۇرغۇپ، كەيپىيات يۇقىرى بولىدۇ، ئىنكاس تېز، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ياخشى بولىدۇ. تۆۋەن دولقۇن دەۋرىدە تۇرغاندا جىسمانىي قۇۋىتى ئاجىز، كەيپىياتى تۆۋەن، ئىنكاسى ئاستا، ئەقلىي قابىلىيىتى ئاستا بولىدۇ. كرىتىك دەۋرىدە تۇرغاندا ئادەم بەدىنى ناھايىتى ئۆزگىرىشچان بولۇپ، ھەر خىل ئورگانلارنىڭ ئۆز- ئارا ماسلىشىشچانلىقى ناچار بولىدۇ ۋە ئاسان سەۋەنلىك ئۆتكۈزىدۇ. بۇ ئۈچ خىل رىتىملىق ئۆزگىرىش مەلۇم بىر نۆل نۇقتىنى چېگرا قىلىدۇ. نۆل نۇقتىدىن يۇقىرى بولغاندا رىتىملىق ئۆزگىرىش يۇقىرى ئۆزگىرىش تۆۋەن باسقۇچتا تۇرىدۇ، نۆل نۇقتا ئەتراپى كرىتىك دەۋر دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۈچ خىل رىتىمنىڭ نۆل نۇقتىدا توغرا كېلىپ قېلىشى ناھايىتى خەتەرلىك بولىدۇ. مۇنداق ئەھۋال بىر ئادەمدە بىر يىلدا ئالتە قېتىم يۈز بېرىدۇ.
بىئولوگىيىلىك سائەت ئۈستىدىكى تەتقىقاتنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ۋاقىت مېدىتسىناسى دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى بىر پەن مەيدانغا كەلدى. ۋاقىت مېدىتسىناسى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئادەم بەدىنى ئىلگىرى قەيت قىلىنغاندەك ئۆزگەرمەس دەۋرىدە تۇرمايدۇ، بەلكى بىر سوتكىنىڭ ھەر قايسى ۋاقىتلىرىدا ھەرخىل ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئەتىگەن سائەت بىردە (يەرلىك ۋاقىت) ئاغرىققا نىسبەتەن ناھايىتى سەزگۈر كېلىدۇ؛ ئىككىدە ئورگانىزىملارنىڭ خىزمىتى ئاستىلايدۇ، پەقەت جىگەرنىڭ خىزمىتى جانلىنىپ، چوڭ تازىلاش بىلەن شۇغۇللىنىپ، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلار سىرتقا چىقىرىلىدۇ؛ ئۈچتە مۇسكۇللار بوشىشىدۇ، قان بېسىم تۆۋەنلەيدۇ، تومۇر سوقۇشنىڭ قېتىم سانى ئازىيىدۇ؛ تۆتتە قان بېسىم تېخىمۇ تۆۋەنلەيدۇ-دە، مېڭىگە بارىدىغان قان مىقدارى ئازىيىدۇ؛ سىرتقى ئاۋازغا تولىمۇ سەزگۈر كېلىدۇ، بۇ چاغدا ئۆلۈش ھادىسىسى كۆپ كۆرۈلىدۇ؛ بەشتە بۆرەك سۇيۇقلۇقى ئاجرىلىپ چىقمايدۇ، ئۇيقۇ ئېچىلىدۇ، روھ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ؛ ئالتىدە قان بېسىم يۇقىرلايدۇ، يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىدۇ؛ يەتتىدە، ھورمۇنلار يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈپ، يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىدۇ، بەدەن ھارارىتى يۇقىرلايدۇ، بەدەننىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئاشىدۇ؛ سەككىزدە، جىگەردىكى زەھەرلىك ماددىلار تازلىنىپ بولىدۇ. بۇ چاغدا جىگەر ناھايىتى چارچايدۇ، شۇڭا، بۇ چاغدا ھاراق ئىچىش مەنئىي قىلىنىدۇ.توققۇزدا،ئورگانىزملارنىڭ پائالىيىتى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ. سەككىزدىن توققۇزغىچە بولغان ۋاقىتتا ئادەمنىڭ چىداشلىق بېرىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، قىيىن ئىشلار مۇشۇ ۋاقىتتا ئورۇنلاشتۇرۇلسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؛ 10دا زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا، تەھلىل قىلىنىدىغان ۋە ئەقلىي يەكۈن چىقىرىلىدىغان مەسىلە، تەكرار قىلىنىدىغان دەرسلەر مۇشۇ ۋاقىتقا ئورۇنلاشتۇرۇلسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ؛ 11دە بەدەن ئاسانلىقچە چارچىمايدۇ؛ 12دە پۈتكۈل بەدەن سرتتىن ماتېرىيال قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن بۇ چاغدا ئالدىراپلا ئوزۇقلانماستىن، ئازراق دەم ئېلىۋېلىپ، ئاندىن ئوزۇقلانسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن ئۈچكىچە بولغان ۋاقىتتا، ئادەم تېز چارچايدۇ. شۇڭا، بۇ چاغدا دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇلسا بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ؛ ئۈچتىن تۆتكىچە روھىي ھالەت جانلىنىشقا باشلايدۇ، ئۇزاق ۋاقىتلىق ئەستە ساقلاش ياخشى ھالەتكە ئۆتىدۇ، دەرس تەكرار قىلىش دەل مۇشۇ ۋاقىتقا ئورۇنلاشتۇرۇلسىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ؛ تۆتتىن ئالتىگىچە بولغان ۋاقىتقا قول تۇتىدىغان چېگىش مەسىلىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلسا، ھەل قىلىشقا بىر قەدەر ئاسان بولىدۇ.
17.تۆۋەندىكىلەردىن ‹‹ئادەم بەدىنىدىكى بىئولوگىيىلىك سائەت›› دېگەن ئۇقۇم توغرا چۈشەندۈرۈلگىنى:
.Aجانلىقلارنىڭ ئۇزاق ۋاقىت دەۋرىي ھالدا تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش ۋە ياتلىشىش جەريانىدا شەكىللەنگەن جانلىقلار بەدىنىدىكى دەۋرىي ئۆزگىرىشنىڭ بىر خىل ئىپادىسىنى كۆرسىتىدۇ.
.Bجانلىقلارنىڭ مەلۇم ۋاقىتتا ئۆز ئادىتى بويىچە مەلۇم بىر ئىشنى تەكرار قىلىشىدىن ئىبارەت بارلىق جانلىقلاردا بولىدىغان ئورتاق خۇسۇسىيەتنى كۆرسىتىدۇ.
.Cھەربىر ئادەمنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆلگەنگە قەدەر پۈتۈن ھاياتىدا بولىدىغان ئۈچ دەۋرلىك ئۆزگىرىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
.Dئادەم بەدىنى بىر سوتكىنىڭ ئىچىدە بولۇپ تۇرغان ھەر خىل ئۆزگىرىشلەر ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ئىپادىلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
18.ئادەم بەدىنى ئوخشىمىغان دولقۇن دەۋرىدە تۇرغاندا ئوخشاش بولمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدىكەن. ماتېرىيالدا دېيىلگەن، ‹‹ ئادەم بەدىنى ناھايىتى ئۆزگىرىشچان، ھەر خىل ئورگانىزملارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ناچار، ئاسان سەۋەنلىك ئۆتكۈزىدىغان›› دولقۇن ‹‹رېتىملىق ئۆزگىرىش›› دەۋرى:
.Aتۆۋەن دولقۇن دەۋرى .B كرىتىك دەۋرى
.Cيۇقىرى دولقۇن دەۋرى .Dكەيپىيات داۋالغۇش دەۋرى
19.ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر قايسى ۋاقىتلىرىدىكى ئۆزگىرىشى ۋە بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئالاھىدىلىك، ئالامەتلەر ھەققىدە ئېيتىلغان ھۆكۈملەردىن خاتاسى:
.Aبىر كۈن ئىچىدىكى ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئاشىدىغان ۋاقىت ئەتىگەن سائەت سەككىز.
.Bبىر كۈن ئىچىدىكى بەدەن ئاسان چارچىمايدىغان ۋاقىت چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئون بىر.
.Cبىر كۈن ئىچىدىكى قان بېسىمى ئەڭ تۆۋەنلەپ، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدىغان، ئۆلۈش ھادىسىسى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ۋاقىت ئەتىگەن سائەت تۆت.
.Dچۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن تۆتكىچە روھىي ھالەت جانلىنىشقا باشلايدۇ، ئۇزاق ۋاقىتلىق ئەستە ساقلاش ياخشى ھالەتكە ئۆتىدۇ، بۇ دەرس تەكرارلاشنىڭ ياخشى ۋاقتى.
20. بۇ ئەسەر ژانىرى جەھەتتىن:
.Aمۇھاكىمە ماقالىسى .Bئەدەبىي ئاخبارات
.Cبايان ماقالىسى D .چۈشەندۈرۈش ماقالىسى
Ⅱ تۆۋەندىكىلەرنىڭ توغرا-خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىڭ.
(توغرىسىغا‹‹√›› بەلگىسىنى، خاتاسىغا ‹‹×›› بەلگىسىنى تۆۋەندىكى جەدىۋەلدىكى ماس كاتەكچىلەرگە تولدۇرۇڭ. ھەر بىرىگە بىردىن جەمئىي 10نومۇر بېرىلىدۇ)
سوئاللار | 1 | 2 | 3 | 4 | 5 | 6 | 7 | 8 | 9 | 10 |
جاۋابى |
21. ئەسەر يازغاندىمۇ ئوخشاشلا ‹‹خۇرۇچ›› بولمىسا بولمايدۇ. بۇ يەردىكى ‹‹خۇرۇچ›› سۆزى ‹‹يېزىقچىلىق ماتېرىيالى›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
22. ‹‹كېچە، ئۆگزە، يات›› دېگەن سۆزلەرگە قوشۇمچە ئۇلانغاندىمۇ، تەركىبىدىكى ‹‹ئا، ئە›› تاۋۇشلىرىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
23. ‹‹ئوقۇغۇچىلار كۈزدە كېۋەز تەرگىلى چىقتى›› دېگەن جۈملىدىكى ‹‹كېۋەز›› سۆزىنىڭ ئورنىغا ‹‹پاختا ›› سۆزى ئىشلىتىلسە توغرا بولاتتى.
24. ‹‹ئۇر توقماق›› دېگەن خىيالىي چۆچەكتىكى بوۋاي ناھايىتى سەمىمىي ئادەم. ئۇ مۇشۇ سەمىمىيلىكى تۈپەيلى ئاۋارىچىلىققا ئۇچرايدۇ. شۇڭا سەمىمىيلىكمۇ بىر خىل ھاماقەتلىكتۇر.
25. ‹‹بالىلىقىڭغا قېنىۋال، بالام›› ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى قاسىم سىدىق.
26. ئۆزىڭىزنىڭ تۇيغۇڭىزدىكى ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ يارىتىپ چىقىدىغان يېڭى ئوبراز ۋە پسىخىك جەريان تەسەۋۋۇر ھېسابلىنىدۇ.
27. مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەر ئىنسانىيەتنىڭ غايىۋى تەلپۈنۈشى ۋە ئارھۇ- ئىستەكلىرىنى ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا يەتكۈزىدۇ.
28. ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ‹‹كۆك مەشرىپى›› ۋە ‹‹دولان مەشرىپى ››دىن ئىبارەت ئىككى تۈرى بار.
29. ‹‹بۇزغۇنچى›› ناملىق تېكىست ژانىر جەھەتتىن بايان ماقالىسى.
Ⅲ ئىقتىدارىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ (20نومۇر)
30.تۆۋەندىكى سوئاللارنى مۇلاھىزە قىلىڭ.
1) يېڭى تىل-ئەدەبىيات كىتابىدىكى سىز ئەڭ ياقتۇرغان تېكست قايسى؟ نېمە ئۈچۈن ياقتۇردىڭىز؟ ( 3نومۇر)
- ئەگەر سىز يازغۇچى زۇنۇن قادىر بولغان بولسىڭىز، ‹‹موللاقچىلىقنى ئۆگىنىش››نى ئەرزىمەس، بىھۈدە ئاۋارىچىلىق دەپ قارىغان بولاتتىڭىزمۇ ؟ نېمە ئۈچۈن؟ (4نومۇر)
3) ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا›› دېگەن ئۇقۇمنى جۇغراپىيىلىك جايلىشىش ئورنى جەھەتتىن چۈشەندۈرۈڭ. (3نومۇر)
4) تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى توغرىلاڭ (6نومۇر)
چۈشۈنۈش- ئۆمۈرۈم- ئەژدات-
ئەدىبىيات- قوروما- دوس-
5) تۆۋەندىكى بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭ (4نومۇر) .
رۇخسەت سوراش خېتى يازغاندا ئاۋۋال قارىشى تەرەپنىڭ ( )يېزىلىدۇ. ئاندىن رۇخسەت سوراشتىكى ( ) ۋە ( ) ئېنىق يېزىلىدۇ. ئاخىرىغا رۇخسەت سورىغۇچىنىڭ ( )، يىل، ئاي، كۈن يېزىلىدۇ.
Ⅴ يېزىقچىلىق تەلىپىنى ئورۇنلاڭ (30نومۇر)
31. ئەسكەرتىش: سىز يېڭىلا ئوتتۇرا مەكتەپ بوسۇغىسىغا قەدەم قويدىڭىز. يېڭى ئوقۇتقۇچى يېڭى ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن ئۇچراشتىڭىز، شۇنىڭ بىلەن سىزدە ئۆزىڭىزنىڭ مىجەز- خاراكتېرىڭىزگە نىسبىتەن يېڭى چۈشەنچە بارلىققا كەلدى. سىز يازماقچى بولغان بۇ ماقالىغا ئۆزىڭىزنىڭ يېڭى ئوقۇش ھاياتىڭىزدىكى بىرقەدەر تىپىك بولغان ھەقىقى ئىشلارنى يېزىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ مىجەز- خاراكتېرىڭىزدىكى ئەڭ كۆرىنەرلىك تەرەپلەرنى يەنى جۈرئەتلىك ۋە جۈرئەتسىز، خاپىلىق ۋە خۇشاللىققا دائىر كەچۈرمىشلىرىڭىزنى ئىپادىلەپ بىر پارچە بايان ماقالىسى يېزىڭ.
تەلەپ: 1) ماقالىدا ھەقىقىي ئادەم، ھەقىقىي ئىشلار يېزىلسۇن.
2) ماقالىدە مەكتەپ ئىسمىنىڭ ئورنىغا ‹‹xx›› بەلگىسىنى ئىشلىتىڭ. بولمىسا قەغەزگە قەستەن بەلگە سالغان ھېسابلىنىپ قالىسىز.
3) ماقالىنىڭ ماۋزۇسىنى ئۆزىڭىز قويۇڭ. ماقالىدا خەت سۈپىتىگە، ئىملا قائىدىسىگە دىققەت قىلىڭ .
4) ماقالىنىڭ ھەجىمى بىر يېرىم بەتتىن كەم بولمىسۇن.
(تەھرىر : admin)
«7-يىللىقلار ئۈچۈن ئىمتىھان سوئالى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: 7-يىللىقلار ئۈچۈن 1-مەۋسۇملۇق ئىمتىھان سوئالى
- تولۇقسىز1-يىللىقلارنىڭ2014-يىلى2-ماۋسۇملۇ
- تولۇقسىز1-يىللقلارنىڭ 2014-يىلى 2-ماۋسۇمل
- ئىمتىھان سوئالى
- 8-يىللىق تارىخ تىن ماۋسۇملۇق ئىميىھان سۇ
- 2011.(9-2)物理.doc
- 7-يىللىق جۇغراپىيە.doc
- 中学第二学期初一汉语双语班期中试题
- 8-يىلىق1-ماۋسۇم فىزىكا چارەكلىك ئىمتاھان
- 8-يىللىق1-مەۋسۈم تىل-ئەدەبىيات چارەكلىك
- شىخەنزە شەھەرلىك مىللىي مىللىي ئوتتۇرا
- تۇلۇقسىز 3-يىللىق1-بۆلەك قوش تىل ماتماتك
- 学年第二学期八年级物理期末试卷
- 2012/2013-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇملۇق « ئۈچنى قوغد
- 2012/2013-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇم ساغلاملىق ماۋس
- 2012/2013-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇم 7- يىللىقلارنىڭ
- 2012/2013-ئوقۇش يىلى 1-ماۋسۇم 9- يىللىقلارنىڭ
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
ئەخلەت تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-02-23 18:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-02-28 00:02
- تولۇقسىز1-يىللىقلارنىڭ2014-يىلى2-ماۋسۇملۇق جۇغ
- تولۇقسىز1-يىللقلارنىڭ 2014-يىلى 2-ماۋسۇملۇق جۇغ
- ئىمتىھان سوئالى
- 8-يىللىق تارىخ تىن ماۋسۇملۇق ئىميىھان سۇئالى
- 2011.(9-2)物理.doc
- 7-يىللىق جۇغراپىيە.doc
- 中学第二学期初一汉语双语班期中试题
- 8-يىلىق1-ماۋسۇم فىزىكا چارەكلىك ئىمتاھان سۇئا
- 8-يىللىق1-مەۋسۈم تىل-ئەدەبىيات چارەكلىك ئىمتى
- شىخەنزە شەھەرلىك مىللىي مىللىي ئوتتۇرا مەكتە
- 学年第二学期八年级物理期末试卷
- تولۇقسىز 8-يىللىقلارنىڭ 1-مەۋسۇملۇ
- تىل-ئەدەبىيات مەۋسۇملۇق ئىمتىھان سوئالى
- 7-يىللىقلار ئۈچۈن ئىمتىھان سوئالى
- 8- يىللىق تىل ئەدەبىيات مەۋسۈملۈك ئىمتىھان سۇ
- 7-يىللىقلار ئۈچۈن ئايلىق تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھ
- تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان سۇئالى
- 7- يىللىقلار ئۈچۈن 1- مەۋسۇملۇق ئىمتىھان سوئال
- 9- يىللىقلار ئۈچۈن 1- مەۋسۇملۇق تىل- ئەدەبىيات
- 9 - يىللىقلار ئۈچۈن 1- مەۋسۇملۇق تىل- ئەدەبىيات