ۋاقىت : 2011-09-24 21:59 |  مەنبەسى :  |  ئاپتۇر : چىچەك | تەھرىر : بەشتاش |  كۆرۇلىشى : قېتىم
        
        
        	 7-يىللىقلار ئۈچۈن ئايلىق تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان سۇئالى(双语班)
Ⅰ.تاللاش سۇئالى (پەقەت بىرىسىلا تاللىنىدۇ،1دىن 12نومۇر بىرىلدۇ)
1. تۆۋەندىكى مىسرالار ئىچىدە كۆچمە مەنىلىك سۆز ئىشلىتىلگىنى : (      ) 
A.‹‹ تاللىۋالدىم يولنىڭ يەنە بىرىنى ، چۆپلەر باسقان خىلۋەت ئىدى زىيادە ››
B. ‹‹بىر ھۈنەرۋەن دانا يىگىت بار ئىدى . چىچەنلىكى شۆھرەت تاپقان ئەل ئارا  ›› .
 C.‹‹ئاسانمۇ ئون قارا قىشنى ، قەپەستە ئۆتكۈزۈش باشتىن ›› .
D. ‹‹يامۇلدا ئۇزاق يېتىپ ، چېچىم بىر قۇچاق بولدى  ››.
2.شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايۇنىنىڭ بايرىقى  :
A. بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق     B. سېرىس گۈلى چۈشۈرۈلگەن بايراق 
C.‹‹ *››خېتى شەكىللىك بايراق .D. ئاي يۇلتۇزلارنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن بايراق .
3. 《مىڭ دوستۇڭ بولسا گەر ، ئۇنى كۆپ دېمە ، بىر دۈشمەن بولسىمۇ ئۇنى ئاز دېمە 》دېگەن پارچە ھەققىدىكى تۆۋەندىكى قاراشلاردىن خاتاسى  :  (   )
A.پارچىدا ئۈچ جۇپ قارىمۇ قارشى مەنىلىك سۆز بار      
B. پارچىدا مەزمۇننى ‹‹ مېلىڭ مىڭغا يەتكۈچە ، دوستۇڭ مىڭغا يەتسۇن ›› دېگەن ماقال بىلەن ئىپادىلەشكە بولىدۇ . 
C. بۇپارچە ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ ‹‹ سەۋرچانلىق ھەققىدە ›› دېگەن تېكىستىدىن ئېلىنغان .                             D. پارچىنىڭ ئىككىنچى مىسراسىدىكى بىر سۆزگە قوشۇمچە قوشۇلغاندىن كېيىن تاۋۇش ئۆزگىرىش ھادىسسى يۈز بەرگەن .
4. سىكوت باشچىلىقىدىكى ئېكىسپىدىتسىيىچى ئەترەتنىڭ سوغۇقتىن مۇداپىيە كۆرىدىغان بىردىنبىر قۇرالى : 
A. يىمەكلىك      B.كېيىم – كېچەك            C. يېقىلغۇ        D.چېدىر .
5. ‹‹ ئايرىلمىغىل ›› ناملىق شئېر لىرىك شېئرنىڭ (     ) تۈرىگە كىرىدۇ . 
A. ئېنتىم لىرىكا    B.تەبىئەت لىرىكىسى       C.  مۇھەببەت لىرىكىسى   D. سىياسىي لىرىكا 
6.ئامرىكىنىڭ خىرىسچى ناملىق ئالەم ئايرۇپىلانى ھاۋاغا ئونىنچى قېتىم قويۇپ بېرىلگەندە پارتىلاپ كەتتى ، بۇۋاقىت ( ) 
A.1990 – يىلى 1- ئاينىڭ 28 – كۈنى                 B. 1986 – يىلى 1- ئاينىڭ 28 – كۈنى 
 C. 1988 – يىلى 1- ئاينىڭ 28 – كۈنى               D. 1987 – يىلى 1- ئاينىڭ 28 – كۈنى
7. تۆۋەندىكىلەردىن سەۋرىچانلىق ھەققىدىكى مەزمۇنلارغا خاس كېلىدىغان ماقال :
A. ‹‹ سەۋر قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختار ››        B. ‹‹ كېيىنكى پۇشايمان ئۆزۇڭگە دۈشمەن ››  
C.‹‹كۆپ ئاڭلاپ، ئاز سۆزلە››                      D.‹‹ مېڭىپتۇ ، مېڭىپتۇ ، قىردىن ئاشالماپتۇ ››
8. ‹‹ ۋە لېكىن ۋەتىنىم سەن باشقا دۇنيا ، مېھرىڭدىن تاشقىمۇ بەردىڭ سەن سەزگۈ ›› دېگەن مىسرالاردا قوللىنىلغان ئىستىلىتىكىلىق ۋاستە :(     )
A. سۈپەتلەش     B. سېلىشتۇرۇش         C. ئوخشىتىش         D.  مۇبالىغە 
9.‹‹ كەلگۈسىنىڭ يولى تۈز بولمايدۇ ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئىلگىرلەش تارىخى جاپا – مۇشەققەت ۋە خەتەرلىك توسالغۇلار بىلەن كۆرەش قىلىش تارىخىدىن ئىبارەت ›› دېگەن سۆزنى قىلغان كىشى: (      )
A. كېلىنتون          B. رېگان        C. جۇ ئېنلەي          D. ل . مۇتەللەپ 
10. خەۋەرلەر ھەققىدە ئېيتىلغانلارنىڭ خاتاسى  :   (              ) 
A.دوكىلاتچانلىقى ، ۋاقىت خاراكتىرى  كۈچلۈك 
B. خەۋەردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ، پاكىتلارنى مۇبالىغە قىلىشقا بولىدۇ .
C. خەۋەر مەزنۇنى ئېنىق ، توغرا قاراتمىلىقى بولىشى كېرەك  . 
D. تىلى ئىخچام ، چۈشىنىشلىك ، جەلىپكار بولىشى كېرەك .   
11.تۆۋەندىكى بوش ئورۇنلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان تىنىش بەلگۈلىرى :   (      )
○ ۋاي دادىسى   ○       بالىلىرىم      ○       بارمۇسىلەر ○
A.سىزىقچە ، ئۈندەش ، چىكىت ، سۇئال  .  B. سىزىق ، پەش ، پەش ، سۇئال       
 C. سىزىق ، پەش، ئۈندەش ، سۇئال      D. سىزىق ، ئۈندەش ، پەش ، سۇئال 
12. شىياڭگاڭنىڭ ئۆز تۇرمۇش شەكلىنى داۋاملاشتۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ‹‹ بىرلەشمە بايانات ›› (   ) يىلى ئېلان قىلىنغان . 
A. 1983- يىلى ؛                           B. 1997- يىلى 
 C. 1995- يىلى                             D.1984 – يىلى 
Ⅱ.توغرا- خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىڭ (ھەر بىرىگە 2دىن10نومۇر بىرىلىدۇ.)
1.     《ئايرىلمىغىل》ناملىق شېئردا ئاپتۇرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەقىقەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىش ئىرادىسى ئىپادىلەنگەن .( )
2.     كىرىشتۈرمە خەۋەر – مۇخپىرلارنىڭ نەق مەيدان ئەھۋالى بىلەن نەق مەيدان تەسىراتلىرى ، روشەن خائىشى ئىپادىلىنىدىغان خەۋەر (   )
3.     سىكوت ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرى 11- ئاينىڭ 1- كۈنى دۆلەتكە شەرەپ كەلتۈرۈشكە سەپەر قىلدى . (   )
4.     ‹‹مېڭىلمىغان يول ››‹‹ تاغلار ›› ناملىق توپلامدىن ئېلىنغان .(   )
5.     شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايۇننىڭ تۇنجى قېتىم تەيىنلەنگەن مەمۇرىي ئەمەلدار چىيەن چىچىن.(   )
Ⅲ.بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ  (ھەربىرىگە 1دىن 20نومۇر بىرىلىدۇ.)
1.‹‹ ئۇ دېرىزىدىن يىراقلارغا نەزەر تاشلىدى ،ساقىلىنى ئاستا سىيلاپ ، مىيقىدا ئەلەملىك كۈلۈمسىرىدى›› دېگەن پارچىدا ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن  (  ①  ) قوللىنىلغان بولۇپ ، تۈرى جەھەتتىن ( ②) نىڭ ( ③  ) تەۋە . ‹‹ ئەلەملىك ›› دېگەن سۆزنىڭ تومۇرى ( ④ ) بولۇپ ، ( ⑤  )   دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .
2. شەيخ سەئىدىنىڭ ‹‹ھېكايەت ››دېگەن شېئىرى پارچىسى ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى ( ⑥ ) دىن ئېلىنغان . ئۇنىڭ يەنە بىر مەشھۇر ئەسىرى ( ⑦ ) دۇر .
3.‹‹زۇلۇم – ئوت ، يېقىنلاشسا ئۇ كۆيدۈرەر ،   قانۇن سۇ- ئۇ ئاقسا ، نېمەتلەر ئۈنەر ›› دېگەن بۇ ئىككى مىسرادا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ( ⑧   ) بىلەن ( ⑨ ) بولۇپ ، سۇ بىلەن ئوت (   ⑩      ) مەنىلىك سۆزگە كېرىدۇ .
4. 《كىرىشتۈمە خەۋەر》 دېگەن تېكىسستتە دۆلىتىمىزنىڭ (⑾ ) مۇۋەپپىقىيەت قازانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان . 
5. ( 12 ) سۆزلىگەن ‹‹ ھەقىقىي قەھرىمان ›› ناملىق نوتۇقتا  ( 13) ھادىسسىدە قازا قىلغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرىغا تەزىيە بىلدۈرگەن . 
6. ‹‹ كەلىلە ۋە دېمىنە ›› (   14 ) خاراكتېردىكى (   15) ۋە (  16 ) سۆزلەردىن تۈزۈلگەن( 17     ) ھەجىملىك ئەسەر بولۇپ ، ئوتتۇرا ئەسىر شەرق ( 18 ) ئەدەبىياتىدا ( 19  ) ئورۇن تۇتىدۇ . 
7.ئارپىسىز ئات داۋان ئاشالماس، (  20 ) 
Ⅳ.قىسقىچە جاۋاپ بىرىڭ (ھەربىرىگە 3دىن9نومۇر بىرىلدۇ.)
1.     ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم ئايرۇپىلانىنىڭ ھادىسسىگە ئۇچرىشى تۈپەيلىدىن قۇربان بولىدۇ . بىراق نىمە ئۈچۈن نوتۇق سۆزلىگۈچى ‹‹ بۇغەلبىنى ۋە باتۇرلىقنى تەرىپلەيدىغان ھېكايە ›› دەيدۇ ؟
2.     ‹‹ قۇچاقلا ئۇ – سېنىڭ داداڭ ›› ناملىق شېئردىكى مەنىۋى موھىت بىلەن ‹‹ ئايرىلمىغىل ›› شېئردىكى مەنىۋى موھىت ئوخشاشمۇ ؟نېمە ئۈچۈن  ؟
3.     بىر پارچە خەۋەر ئادەتتە نىمىلەردىن تەركىپ تاپىدۇ ؟
Ⅴ. مەشىق ئىشلەش سۇئالى (20نومۇر بىرىلىدۇ.)
1.    تۆۋەندىكى رەت تەرتىپى قالايمىقانلاشتۇرۋىتىلگەن پارچە بېرىلدى . مەزمۇننى ئاساس قىلغان ھالدا رەتلەپ چىقىڭ ؟( 7 نۇمۇر )
 1)شۇقاچقانچە شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىردەريانىڭ يېنىغا كىلىپ قاپتۇ.
 2)دەريادا سۈپسۈزۈك سۇ ئېقىۋاتقانىكەن .
 3)كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر ئاچ كۆز ئىت كوچىدىن يوغان بىر پارچە ئۇستىخاننى تېپىۋاپتۇ – دە ، باشقا ئىتلارنىڭ تارتىۋىلىشىدىن ئەنسىرەپ ، يىراققا ئېلىپ بېرىپ ئارامخۇدا يىمەكچى بولۇپ قېچىپتۇ . 
4)بۇيەردە يىيىشكىمۇ كۆزى قىيماي ، دەريانىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بوپتۇ . 
5)ۋاھ ، بۇئىپلاسنىڭ ئەكىتىۋاتقان ئۇستىخنى مېنىڭكىدىن يوغان تۇرىدىغۇ ! ئۇنى تارتىۋالايچۇ ! دەپ ئويلاپتۇ – دە ، ئۇنىڭغا خىرىس قىلىپ ھاۋشىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئاغزىدىكى ئۇستىخان سۇغا چۈشۈپ چۆكۈپ كىتىپتۇ .
6)ھەممىدىن قۇرۇق قالغان ئاچكۆز ئىت ھەسرەتلىنىپ : ‹‹ ئاز بولسىمۇ بارىغا شۈكۈر قىلسام بوپتىكەن ›› دەپ پۇشايمان قىلىپ كېتىپتۇ .
7) ئۇ دەريا بويلاپ كېتىۋىتىپ ، سۇئىچىدە ئۆزىگە ئوخشاشلا بىر ئىتنىڭ ئۇستىخان چىشلەپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ . 
2.    تۆۋەندىكى جۈملىلەرنىڭ نوقسانلىرىنى تۈزىتىپ، ساغلام جۈملىگە ئايلاندۇرۇڭ؟ (6نومۇر)
⑴مەن ھەر قېتىم دادامنىڭ كېچە – كۈندۈز كىتاپ كۆرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەم ، ئۆزۈمنىڭ تولىمۇ ئەرزىمەس ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلىمەن .
⑵ ئۇنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ ۋۇجۇدۇم ئېچىشىپ كەتتى . 
⑶ ساۋاقداشلار ،شۇنى ئۇنتىماسلىقىمىز كېرەككى ،ئۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئوغۇل – قىزلىرىمىز ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللىنىش ياكى ھالاك بولىشى ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن كۆرەش قىلماقتا  . 
3.    تۆۋەندىكى تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاڭ ۋە جۈملە تۈزۈڭ  (3نومۇر)
⑴ئەزمىسىنى ئەزمەك   ⑵ بېلى بوش. ⑶ قۇيرىقىنى تىكىۋەتمەك 
4.    تۆۋەندىكى ماقال –تەمسىللەرنى ئاخىرلاشتۇرۇڭ .(3نومۇر)
⑴ ئىككى ئايغىر تېپىشسا، ......... 
⑵ ئاتا – ئانىدىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى ، ....................   
⑶ ...........................      دۈشمەن يامانلىقنى تىلەر .
5. ‹‹ يۈرەكسىز يۈرەكلىك ئولسا بېشى ، يۈرەكلىك بولۇر ئۇندا ھەممە كىشى ›› دېگەن كىلاسسىك شېئرى پارچىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسىنى يېزىپ بېرىڭ ؟ ( 1 نۇمۇر )
Ⅵ. مۇھاكىمە قىلىش سۇئالى :( 18 نۇمۇر )
1. تۆۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ تەلەپلەرنى ئورۇنداڭ . ( 13 نۇمۇر ) 
بىر راھىپنى داڭ ئۇرىدىغان ئىشقا بەلگىلەپ قويۇپتۇ . ئۇنىڭچە بۇ ئەتىگەن – كەچتە بىر قېتىمدىن داراڭلىتىپ قويسىلا بولىدىغان ئىش ئىدى . بۇتخانىدىكى تائەت – ئىبادەت ۋاقتىدىن بەلگە بەرسىلا باشقا ئەھمىيىتىمۇ يوق ئىدى . ئۇ زېركىپ كەتكەن بولسىمۇ ، بىر كۈن راھىپ بولساڭ ، بىر كۈن دھڭ ئۇرغىن دېگىنىچە ئىشنى قىلىۋىرىپتۇ .
بىر كۈنى باش راھىپ ئۇنى داڭنى ياخشى ئۇرمىدى دەپ ئارقا ھويلىدا ئوتۇن يېرىپ ، سۇ توشۇيدىغان ئىشقا بەلگىلەپ قويۇپتۇ .
راھىپ دەل ۋاقتىدا ، جايىدا ئۇردۇمغۇ دەپ قايىل بولماپتۇ .
باش راھىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ :
ــــ داڭنى جاراڭلىق ئۇردۇڭ ، لىكىن ئاۋازى قۇرۇق ، ھارغىن ، مەنىسى قۇرۇق بولۇپ قالدى . سېنىڭ خىيالىڭدا داڭ ئۇرۇشنىڭ ۋاي دېگۈچىلىكى يوق ، مەززىسىز ئىش . ئەمما ، داڭنىڭ ئاۋازى پەقەت ئىبادەتخانىنىڭ ئىبادەت ۋاقتى ئۈچۈن ئۆلچەم بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى تېخىمۇ موھىمى ئۇيقۇدا ياتقانلارنى ئويغىتىدىغان سېگنال . شۇڭا ئۇ ياڭراق ، ئېغىر ، ۋەزنىلىك بولىشى كېرەك . 
①     پارچىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن بىر ماۋزۇ قويۇڭ  ؟(2نومۇر)
②     راھىپ ئۆزىنى داڭنى شۇنداق ياخشى ئۇردۇم دېسىمۇ ، نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭدىن رازى بولمايدۇ ؟(2نومۇر)
③ پارچىدىكى راھىپنىڭ داڭ ئۇرىشىدىن ئۇنىڭ قانداق خاراكتېرىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ ؟(2نومۇر)
④ باش راھىپنىڭ سۆزىنى تەھلىل قىلىڭ ؟ ( 2نۇمۇر )
⑤پارچىدىكى قوڭغۇراق جەمئىيتىمىزدىكى نېمىگە سىمۋول قىلىنغان ؟ ( 2 نۇمۇر )
⑥ پارچىنى ئوقۇپ قانداق ھەقىقەتنى تونۇپ يەتتىڭىز ؟ ( 3 نۇمۇر )
2.                      كېرىلمە ، كىردىم دەپ توقسان ، يۈز ياشقا ،
                   ئۇلۇغلڭق باغلىق ئەمەس قېرى ۋە ياشقا .
                   ياش چاغدا بىلىمدىن قۇراللانمىساڭ ، 
نادانلىقتىن كۆزلىرىڭ تولار قان – ياشقا .
تەلەپ:
① بېرىلگەن شئېردىكى مىسرالاردا قانداق مەزمۇن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن .  2(نۇمۇر )
② ‹‹ ياشقا ›› سۆزى بۇ شئېردا قانداق مەنىلەردە كەلگەن ؟(2 نۇمۇر )
③ بېرىلگەن شئېرىدىكى مىسرالارغا ئاساسەن بىر ماقال ئېيتىپ بېرەلەمسىز ؟(1 نۇمۇر )
Ⅶ.يېزىقچىلىق مەشىقى (16نومۇر)
مەن ئۇنتىيالمايدىغان بىر xxxxxxxxx    ( ۋەقە ، ئادەم ) دېگەن ماۋزۇدا خالىغان ژانېردا    بىر پارچە ئەسەر يېزىڭ .                            تەلەپ:
①     ماۋزۇنى ئۆزىڭىز تاللاڭ.
②     ئادەم ۋە ئىشلارنى يازغان چاغدا يىپ ئۇچى ئېنىق بولسۇن 
③     تېلى ئوبرازلىق ، تەسىرلىك بولسۇن .
④     ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر ، تېنىش بەلگۈلىرىنى ئىشلىتىكە ئىتىبار بېرىڭ .
⑤     ھەجىمى بىر بەتتىن كەم بولمىسۇن .
            (تەھرىر : بەشتاش)