ۋاقىت : 2011-09-24 21:55 |  مەنبەسى :  |  ئاپتۇر : چىچەك | تەھرىر : بەشتاش |  كۆرۇلىشى : قېتىم
        
        
        	 
7-يىللىقلار ئۈچۈن ئايلىق تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان سۇئالى(双语班)
Ⅰ.تاللاش سۇئالى (پەقەت بىرىسىلا تاللىنىدۇ،1دىن 12نومۇر بىرىلدۇ)
1. 《راست گەپنى دېمەي يوشۇرۇۋەرسەڭ، يالغان گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ 》دېگەن جۈملىدىكى تىل تاۋۇشلىرى ھەققىدە تۆۋەندىكىلەردىن توغرىسى : (     ) 
A.‹‹ راست ››دېگەن سۆز تەركىبىدىكى ‹‹ ئى›› تاۋۇسى چۈشۈپ قالغان .
B.بۇ جۈملىدىكى ‹‹دېمەي ››، ‹‹ ئايلىنىپ ››دېگەن ئىككى سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسسى كۆرۈلگەن .
 C. بۇ جۈملىدىكى پەقەت بىرلا سۆزدە تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسسى كۆرۈلگەن .
D. بۇ جۈملىدىكى 《يالغان 》دېگەن سۆزگە ‹‹غان ›› قوشۇمچىسى تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىق قانۇنىيىتى بويىچە ئۇلانغان .(     )
2.تۆۋەندىكىلەردىن ھەممىسى تەمسىل بولۇپ گۇرۇپپىلانغىنى :
A.《ئەقىل ياشتا ئەمەس ،باشتا 》،‹‹ ئويناپ ئۆگەنمەي ، ئويلاپ ئۆگەن ››،‹‹ كۆپنىڭ كۈچى تاغ كۆتۈرۈر›› B.《 سۇنى سەپ سىڭەر يەرگە،گەپنى قىل سىغار يەرگە》 ‹‹ئۈجمە پىش ، ئاغزىمغا چۈش ››، ‹‹مىلتىقتىن ھاكىمىيەت چىقىدۇ ››.
C.‹‹ بىلىم ئەقىلنىڭ نۇرلۇق چىرىغى ››، ‹‹ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە ، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا ›› ، ‹‹تەنتەكنىڭ تىلى ئۆزبېشىغا دۈشمەندۇر ››.
D.《قاغا بالام ئاپئاق ، كىرپە بالام يۇمشاق》،《بۆدۈنىنىڭ ئۆيى يوق ، نەگە بارسا ۋىتىلداق》،‹‹پالتا چۈشكىچە ، كۆتەك ئارام ئاپتۇ ››.
3. 《غۇر- غۇر شامال توختىدى ، قۇرۇپ قالغان ئوت – چۆپلەر خۇددى مىس سىمدەك تىك تۇرۇشاتتى، زىل تىتىرەڭگۈ ئاۋازلار ھاۋادا تىتىرىگەنسېرى ئىنچىكىلەپ ، ئاخىرىدا ئۆچتى، ئەتراپ خۇددى ھاياتلىق يوقتەك جىمجىت بولۇپ كەتتى 》دېگەن پارچىدا قوللىنىلغان ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە ئىستىلىسكىلىق ۋاستىلەردىن توغرىسى :  (   )
A.بايان ، سېلىشتۇرۇش ، ئوخشىتىش                                         B.لىرىكا ، مۇبالىغە ، سۈپەتلەش 
C. موھىت تەسۋىرى ، ئوخشىتىش، سۈپەتلەش                            D. مۇھاكىمە ، سۈپەتلەش، جانلاندۇرۇش
4. 《 ئېغىر كۈنلەردە》 ناملىق ئەسەر بايان قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتىن: (     )
A.چىكىنمە بايان                              B. تەرتىپلىك بايان                                        C. قىستۇرما بايان       D. تەرتىپلىك بايان بىلەن قىستۇرما بايان بىرلەشتۈرۈپ يېزىلغان .
5. ‹‹ بۇزغۇنچى ›› ناملىق ھېكايىدىكى يانداش پېرسوناژ :(     )
A. ئەسئەت          B. سېلىم ئاكا ، بۇسارەم                   C. ئەزىمەت                          D. ئەخەت ھاشىم
6. بېكىنمە ۋە قۇل ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدىغان ھاياجاندىن خالى بولۇشنى ( ) ساغلاملىق دەيمىز 
A. جىسمانىي جەھەتتىكى B. تەن جەھەتتىكى C.ئىچكى ئەزالار جەھەتتىكى D.ھىسيات جەھەتتىكى 
7. ‹‹ ئىزچىلار ›› (     ) دېگەن مەنىدە 
A.توغرا يول            B. قەدەم باسقۇچىلار           C.كېلەچەككە يۈزلەنگۈچىلەر            D. يول ئاچقۇچىلار
8. بۇددا مەدەنىيىتىنىڭ شەرققە تارقىلىشىدىكى موھىم ئۆتكىلى :(     )
A. شىنجاڭ                      B.  ھىندىستان                    C. كەشمىر                    D. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك
9. تۆۋەندىكىلەردىن تەركىبىدە ئىملا خاتالىقى بولمىغان سۆزلەر گۇرۇپپىسى: (      )
A.پىچاقچى ، تەلىۋىم ، چىككەن ، ئەگكەن          B. ئىقتىسات،كۆڭلۈگۈم ، ئەخلاقلىق، ئاچقۇچ          C.مەكتىپى ، باماق ، خەرىتە ، كىرئاغۇ                               D.قۇلىقىم ، پىئونېر ، بۇلاقبېشى ، ئالىيجاناپ 
10.مەشھۇر شەخسلەر ھەققىدە تۆۋەندىكىلەردىن توغرىسى :                      (              ) 
A.‹‹ كۇماراجىۋا ›› دېگەن بۇئىسىم ھىندىتانلىق ئانا جىۋا بىلەن كۈسەنلىك دادا كۇماراتاننىڭ نامىدىن ئېلىنغان .
B. مۇھەممەت تاراغاي ئۇلۇغبەگ (1449-1394)ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كەنجى ئويغۇنۇش دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئاسترونوم.
C.1934- يىلى سەيپىدىن ئەزىزى ئاتۇشتا تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر مائارىپچىلىق ھەركىتىنى باشلىغان . 
D.بىتخوۋىن ( 1827-1770 ) گېرمانىيىلىك مۇزىكانت بولۇپ ، 1798- يىلدىن باشلاپ ، ئۇنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان.   
11. ‹‹ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ بېشڭم كۆككە يېتىدۇ ›› دېگەن جۈملىدىكى ئاستى سىزىلغان سۆزنىڭ مەنىسى :
A.بېشىنىڭ ئۇزىراپ ئاسمانغا تاقاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . B.ناھايىتى خوشال بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ         C. غەزەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ                               D. بىر ئىشقا تىت – تىت بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ 
12. ‹‹ ۋېرسال سارىيى ›› نا ملىق تېكىسستە تونۇشتۇرۇلغان موھىم نوقتا : (   ) 
A. سىنئەينەكلىك كارىدور ؛                                     B. مەرمەردىن ياسالغان كارىدور؛
 C.ساراي ئالدىدىكى چوڭ گۈلزارلىق ؛                      D.سارايدىكى قىممەتلىك تارىخى رەسىملەر ؛
Ⅱ.توغرا- خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىڭ (ھەر بىرىگە 2دىن10نومۇر بىرىلىدۇ.)
1.      《 بىز نېمىشقا كېسەل بولىمىز 》 دېگەن ئەسەردە ئاپتور جىددىيلىكنىمۇ بىر خىل كېسەل دېگەن.( )
2.      《 ياشلىق باھارىمىزنى قەدىرلەيلى ! 》دېگەن جۈملىدىكى ‹‹ باھار ›› سۆزى ئەسلى مەنىدە كەلگەن (   )
3.      《مۇزىكا پىشىۋاسى بېتخوۋىن》دېگەن تېكىست ژانېر جەھەتتىىن ئەدەبىي تەرجىمھالغا كىرىدۇ .(   )
4.      《بېشىمدىن بىر قاپاق سوغۇق سۇ قۇيۇلغاندەك بولدى.》دېگەن جۈملىدە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن سۈپەتلەش ۋە ئوخشىتىش قوللىنىلغان.(   )
5.      《سۇترا ، مىرزا ، نوم ، شەھەر 》دېگەن سۆزلەر ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە تەۋە سۆزلەردۇر.(   )
Ⅲ.بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ  (ھەربىرىگە 1دىن 15نومۇر بىرىلىدۇ.)
1. (            )چىڭگىزخان نەسلىدىن بولغان تۈرك ئىمپراتور.(                  )ئۇنىڭ نەۋرىسى ئىدى .
2.‹‹بىتخوۋىننىڭ بويى بەش ئىنگىلىز چى ئەتراپىدا كېلەتتى . ››دېگەن جۈملىدە بىتخوۋىننىڭ (        )تەسۋىرى بېرىلگەن.
3.‹‹ مەشھۇر مائارىپچى مەمتىلى ئەپەندى›› ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى(   )بولۇپ.(  )-يىلى (     )تۇغۇلغان.
4. 《بىز نېمە ئۈچۈن كېسەل بولىمىز》دېگەن ئەسەردە بارلىق كېسەللىكلەرنىڭ مەنبەسى(        ) جەھەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق . ساغلاملىق دېمەك ، شەخسنىڭ (   )، (    )، (  ) جەھەتتىكى مۇتلەق (  ) دەپ كۆرسەتكەن .
5.يىراق ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلگەن (            ) ئاي گويا بىر پارچە (                )دەك يالتىراپ تۇراتتى . 
6. جۇغراپىيىلىك ئورنىدىن ئريتقاندا ، يۇرتىمىزدىكى مىڭئۆيلەت ئاساسەن (                       ) جايلاشقان. 
7.ۋېرسال سارىيىدىكى ئالاھىدە مەشھۇر جاي (             ) ھېسابلىنىدۇ. 
Ⅳ.قىسقىچە جاۋاپ بىرىڭ (ھەربىرىگە 3دىن9نومۇر بىرىلدۇ.)
1.      مەمتىلى ئەپەندى كىم ؟ئۇنىڭ تەخەللۇسى نېمە؟ تەخەللۇسىنىڭ نېمە مەنىسى بار ؟
2.      نېمە ئۈچۈن جىددىيلىكنىمۇ بىر خىل بۇلغىنىنىش دەپ قارايمىز ؟
3.      ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى ، قىزىش سايمانلىرى تازا تەرەققى قىلمىغان ئاشۇ زامانلاردا مىڭىۆي بىناكارلىق سەنئىتىنى روياپقا چىقىرالىشىدىن نېمىلەرنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ؟.
Ⅴ. مەشىق ئىشلەش سۇئالى (20نومۇر بىرىلىدۇ.)
1.      تۆۋەندىكى بېرىلگەن  سۆزلەرنى لۇغەت تەركىبىگە ئايرىڭ ؟( 6 نۇمۇر )
 1)سەمەرقەند 2)سىركاي 3)ياخشى – يامان 4)گۈرجەك 5)رەسەتخانا 6)شاھزادە 7)ئىشكاپ 8)ياستۇق    9) يۇلتۇز 10)ئوركېستېر 11)كېمىر 12)كۆڭۈل 
2.      تۆۋەندىكى جۈملىلەرنىڭ نوقسانلىرىنى تۈزىتىپ، ساغلام جۈملىگە ئايلاندۇرۇڭ؟ (6نومۇر)
⑴سىنىپنىڭ ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلار قوللىرىدا تۇتۇۋالغان كىتاپنى ئۈنلۈك ۋارقىراپ ئوقۇۋاتاتتى .
⑵بۇ قېتىمقى ئالغان مەۋسۈملۈك ئىمتىھاندا مەن چوقۇم ئۇنىڭغا يىتىشىۋېلىشىم مۇمكىن. 
⑶مەن ئۆيۈمدە قەلەم بىلەن خەت يېزىۋاتقان چېغىمدا ، قوشنىمىزنىڭ رادىئوسى ياڭرىدى، قۇلىقىمغا ‹‹ ئانا مېھرى ›› دېگەن ناخشىنىڭ ھەيۋەتلىك ساداسى ئاڭلاندى . 
3.      تۆۋەندىكى جۈمىلىلەرنى ئىجادىي تولۇقلاڭ (2نومۇر)
⑴ئۇ مۇغەمبەرلەرچە كۆزىنى قىسىپ(                                                         ).
⑵شۇ گەپ بىلەن بىرەيلەن قوپۇپ(                                                           ).
4.      تۆۋەندىكى بېرىلگەن سۆزلەرگە ئوخشىمىغان مەنىلەردە جۈملە تۈزۈڭ .(6نومۇر)
⑴يول:                                          ⑵ تىل                                                      ⑶ ئېغىر:
Ⅵ. مۇھاكىمە قىلىش سۇئالى :( 18 نۇمۇر )
1. تۆۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ تەلەپلەرنى ئورۇنداڭ . 
ئىجتىمائى كەيپىيات قانداق بۇزۇلدى ؟
ــــ مەنغۇ تەرتىپكە بويسۇناي دېگەن ، بىراق ھەممە كىشى ئۆچرەتكە قىسىلىپ كىرىۋىلىپ قالايمىقان قىلىۋاتسا ، ماڭا نىمە ئامال ؟
 ــــ مەن ساپ دىل بولاي دېگەن بىلەن ھەممە ىشى بىر-بىرىنى قاقتى –سوقتى قىلىۋاتسا ،قانداقمۇ ساپ دىل بولغىلى بولىدۇ ؟
ــــ مېنىڭغۇ ئادەم ئالدايدىغان تىجارەتنى قىلغۇم يوق ، بىراق خەق گۈرۈچكە قۇمنى ئارىلاشتۇرۇپ ، گۆشكە سۇنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇپ سېتىۋاتسا ، ئەل قاتارى ئىش قىلماي نېمە ئامال ؟
ــــ مەن ساختىپەزلىك قىلمايمەن دېگەن بىلەن ، ھەممە ئىدارە – ئورگان ساختىلىققا تولغان تۇرسا ، ئەلۋەتتە جاھانغا بېقىپ ئىش قىلىمەن – دە . 
①      يۇقارقى پارچىدا قانداق ئىجتىمائى مەسلە ئوتتۇرغا قويۇلغان ؟(3نومۇر)
②      سىزنىڭچە ، ئاستى سىزىلغان جۈملىدىكى ‹‹ مەن ›› نىڭ كۆز قارىشى توغرىمۇ ؟ نېمە ئۈچۈن ؟(3نومۇر)
③ بۇزۇلغان ئىجتىمائى كەيپىياتنى تۈزەشنىڭ قانداق ئۇسۇل – چارىلىرى بار ؟ قارىشىڭىزنى ئوتتۇرغا قويۇڭ . (2نومۇر)
2. 《○ ئەي○ يۇلتۇزلار○ بەلكىم   ○ سىلەرنىڭ سىرىڭلارنى بىلگىلى بولار ○ لىكىن ئادەم بالىسىنىڭ سىرىنى بىلمەك ئۇنچە ئاسان ئەمەس○○ دېدى ئو چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا قاراپ ○》
تەلەپ:
①بوش ئورۇنلارغا مۇۋاپىق كىلىدىغان تىنىش بەلگۈلىرىنى قويۇڭ .  4نۇمۇر 
②بۇ پارچە قايسى ئەسەردىكى كىمنىڭ سۆزى ؟ پارچىدىن سۆزلىگۈچىنىڭ قانداق كەيپىياتىنى بىلەلىدىڭىز ؟2
③ ‹‹ ئىلىم ئەھلىلىرى قاراڭغۇدا ئادىشىپ يۈرگەنلەر ئۈچۈن يورۇق مەشئەلدۇر ! مەشئەلنى ئۆچۈرمەكچى بولغان شاھ ئۆزى قاراڭغۇدا قالىدۇ››دېگەن پارچىدا قايسى خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر ئىشلىتىلگەن؟2%
④ يۇقارقى پارچىدىكى كۆچمە مەنىدە كەلگەن سۆزلەر قايسى ؟ (2 نۇمۇر )
Ⅶ.يېزىقچىلىق مەشىقى (16نومۇر)
كۆزىڭىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ ، ئاتا – ئانىڭىز بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى ئەسلەپ ئۆتۈڭ . بۇ خاتىرە كۈنىڭىزگە چوڭ ئاپا ، چوڭ دادىلىرىڭىزنىڭ قانداق قىياپەتتە ئۆيۈڭلەرگە كىرىپ كەلگەنلىكىنى ، ئۇلارنىڭ سىزگە نىمىلەرنى دېگەنلىكىنى ھەمدە قانداق سوغىلارنى بەرگەنلىكىنى تەسۋىرلەپ بىر پارچە ئەسەر يېزىڭ . 
تەلەپ:
①      ماۋزۇنى ئۆزىڭىز تاللاڭ. ‹‹ ئەھمىيەتلىك سوۋغا››، ‹‹ئەھمىيەتلىك سۆز ››، ‹‹ مېنىڭ چوڭ دادام ›› قاتارلىق تىمىلاردىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
②       بۇ ئەسلىمە خاتىرىڭىزدە چوقۇم چوڭ دادىڭىز ، چوڭ ئاپىڭىز ئاساسلىق گەۋدىلەنسۇن .( ئۇلارنىڭ قىياپەتلىرى ، سۆزلىرى ، روھى ھالەتلىرى قاتارلىقلار )
③      سۆزلەرنىڭ توغرا ئىشلىتىلىشىگە ، جۈملىلەرنىڭ راۋن ، باغلىنىشلىق بولىشىغا دىققەت قىلىڭ .
            (تەھرىر : بەشتاش)