ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئىمتىھان سۇئاللىرى > تولۇقسىز1-ماۋسۇم > تولۇق مەزمۇنى

ئىمتىھان سوئالى

ۋاقىت : 2014-04-07 18:16 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئابۇش | تەھرىر : يانتاق | كۆرۇلىشى : قېتىم
 2011-2012-ئوقۇش يىلى 1-مەۋسۇم چارەكلىك ئىمتىھان سوئالى
تولۇقسىز 2-يىللىق        تارىخ
                                                                            
ئىمتىھان ۋاقتى: 100 مىنۇت       ئومۇمى نومۇر: 100
سوئال چىقارغۇچى: ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت
 
تاللاش سوئالى: (پەقەت بىرلا جاۋاب توغرا، 2 دىن 50 نومۇر بېرىلىدۇ)
1. جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخىدىكى تۇنجى تەڭسىز شەرتنامە:
.A نەنجىڭ شەرتنامىسى                  .B بېيجىڭ شەرتنامىسى
.C شىنچۇ شەرتنامىسى                    .D سىمونېسكى شەرتنامىسى
2. ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى جۇڭگو زەھەر چەكلەش كۈنى. بۇ كۈندە خاتىرىلەيدىغان كىشى:
.A داۋگۇاڭ خان          .B لىن زېشۈ           .C لى خوڭجاڭ          .D زو زۇڭتاڭ
3. جۇڭگودا ئەڭ كۆپ زېمىنغا ئېرىشىۋالغان تاجاۋۇزچى دۆلەت:
.A ئامېرىكا            .B ئەنگلىيە            .C رۇسىيە            .D ياپونىيە
4. جۇڭگونىڭ دەرۋازىسىنى تۇنجى بولۇپ ئاچقان جاھانگىر دۆلەت:
.A ئەنگلىيە            .B ياپونىيە           .C رۇسىيە           .D فرانسىيە
5. 2-قېتىملىق ئەپيۈن ئۇرۇشىدا جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ جىنايىتى:
.A جۇڭگوغا ئەپيۈن كىرگۈزۈش              .B يۈەنمىڭيۈەن باغچىسىنى كۆيدۈرۈش
.C نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى              .D لوشۈن پورتىدىكى قىرغىنچىلىق
6. شىنجاڭنى قايتۇرىۋالغان تارىخىي شەخس:
.A ياقۇپبەگ          .B زو زۇڭتاڭ         .C لى خوڭجاڭ         .D لىن زېشۈ
7. ئەنگلىيەنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشىدىكى تۈپكى سەۋەپ:
.A جۇڭگو زېمىنىنى ئىگىلەش               .B جۇڭگوغا مەدەنىيەت تارقىتىش
.C جۇڭگولۇقلارنى قۇل قىلىش
.D جۇڭگونىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ۋە زېمىن ئىگىلەش
8. جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخىنىڭ باشلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۇرۇش:
.A ئەپيۈن ئۇرۇشى                       .B جياۋۇ ئۇرۇشى
.C شىنخەي ئىنقىلابى                     .D شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى
9. جۇڭگودا زاۋۇت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشىۋالغان جاھانگىر دۆلەت:
.A ئەنگلىيە           .B ياپونىيە         .C رۇسىيە          .D فرانسىيە
10. ئەجنەبىيچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان شوئارى:
.A قۇدرەت تېپىش  .B بېيىش  .C دېموكراتىيە ۋە ئىلىم-پەن  .D قۇدرەت تېپىش ۋە بېيىش
11. قانۇن ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى:
① چېن دۇشيۇ؛    ② كاڭ يۆۋى؛    ③ لياڭ چىچاۋ؛    ④ لى داجاۋ
A.③②①            B.②③            C.④③             D.④②
12. جۇڭگو ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلغان ئورنى:
.A شاڭخەي          .B موسكۋا          .C توكيو          .D بېيجىڭ
13. يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى:
.A «يېڭى ياشلار ژۇرنىلى» نىڭ نەشر قىلىنىشى          .B ماركسىزىمنىڭ تارقىلىشى
.C ج ك پ نىڭ قۇرۇلۇشى                     .D 4-ماي دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ پارتلىشى
14. يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى:
.A شىنخەي ئىنقىلابى                    .B يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى
.C 4-ماي ھەرىكىتى                     .D ج ك پ نىڭ قۇرۇلۇشى
15. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان ۋاقىت ۋە ئورۇننىڭ توغرا گۇرۇپپىلانغىنى:
.A 1920-يىلى شاڭخەي                   .B 1920-يىلى بېيپىڭ
.C 1921-يىلى شاڭخەي                   .D 1921-يىلى بېيپىڭ
16. شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىنىڭ ئوبېيكتى (نىشانى):
① ۋۇ پېيفۇ؛    ② سۈن چۈەنفاڭ؛    ③ جاڭ زولىن؛    ④ يۈەن شىكەي
A.③②①            B. ④②③            C.④②①             D.④③①
17. مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيەنىڭ بارلىققا كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان سەۋەب:
.A گومىنداڭ 1-قۇرۇلتىيى                   .B خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇشى
.C شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى           .D ج ك پ 2-قۇرۇلتىيى
18. جۇڭگودا تۇنجى بولۇپ ماركىسىزىم نەزەرىيەسىنى تەشۋىق قىلغان كىشى:
.A چېن دۇشيۇ        .B ماۋ زېدوڭ         .C  لى داجاۋ        .D جۇ ئېنلەي
19. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى تۇنجى پاي ئوقنى ئاتقان قوزغىلاڭ:
.A نەنچاڭ قوزغىلىڭى                 .B كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭى
.C گۇاڭجۇ قوزغىلىڭى                 .D ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى
20. جۇڭگو ئىنقىلابى تارىخىدىكى تۇنجى يېزا ئىنقىلابىي تايانچ بازىسى:
.A جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي تايانچ بازىسى         .B يەنئەن ئىنقىلابىي تايانچ بازىسى
.C سەنشى-چاخار تايانچ بازىسى               .D گۇاڭدۇڭ-گۇاڭشى تايانچ بازىسى
21. قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشىدىكى مۇھىم سەۋەب:
.A ئارمىيە كۈچى ئاجىز
.B تېخىمۇ كۆپ زېمىنلارنى ئازاد قىلىش
.C 5-قېتىملىق قورشاپ يوقۇتۇشتا مەغلۇپ بولۇشى
.D 2-قېتىملىق قورشاپ يوقۇتۇشتا مەغلۇپ بولۇشى
22. ئۇزۇن سەپەرنىڭ باشلانغان، ئاياغلاشقان ئورنىنىڭ توغرا گۇرۇپپىلانغىنى:
.A رۇيجىن، يەنئەن                    .B يەنئەن، ۋۇچى بازىرى  
.C رۇيجىن، خۇينىڭ                   .D يەنئەن، خۇينىڭ
23. ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا ئېچىلغان ئەڭ مۇھىم يىغىن:
.A سەنۋەندىكى چوڭ يىغىن                   .B زۇنيى يىغىنى
.C ج ك پ 3-قۇرۇلتىيى                       .D ۋاياۋباۋ يىغىنى
24. ئەجنەبىيچىلىك ھەرىكىتىنىڭ باشلانغان ۋاقتى:
.A 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى              .B 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى 
.C 19-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى             .D 19-ئەسىرنىڭ 60-90-يىللىرى 
25. تۆۋەندىكى كارخانىلار ئىچىدە ئەجنەبىيلەر قۇرغان خەلق تۇرمۇشىغا كېرەكلىك كارخانىغا تەۋە بولغىنى:
.A ئەنچىڭ قورال-ياراق زاۋۇتى                .B فۇجۇ كېمىسازلىق زاۋۇتى
.C خۇبېي توقۇمۇچىلىق زاۋۇتى                 .D جياڭنەن كېمىسازلىق زاۋۇتى
ماتېرىيال تەھلىل سوئالى (جەمئىي 50 نومۇر)
26. تۆۋەندىكى تۆت پارچە رەسىمنى تەپسىلىي كۈزىتىپ جاۋاب بېرىڭ.
                                         
(1) لىن زېشۈ              (2) كاڭ يوۋېي              (3) سۇن جوڭشەن           (4) چېن دۇشيۇ
1›رەسىمدىكى شەخسلەرگە ئاساسەن ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرىكەتلەرنىڭ نامىنى ئېيتىپ بېرىڭ؟ (4 نومۇر)
2›ئۈچىنچى رەسىمدە بېرىلگەن ئۇلۇغ شەخس بىر مەيدان ئىنقىلابىي ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلغان بولۇپ، بۇ ئىنقىلابنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى ئېيتىپ بېرىڭ؟ (4 نومۇر)
3›يۇقىرىقى شەخسلەرنىڭ ئىش-پائالىيىتىدىن سىز قانداق ئىلھام ئالدىڭىز؟ (5 نومۇر)
 
27. ماتېرىيال تەھلىل قىلىڭ.
1-ماتېرىيال: شياڭگاڭ رايونىنى كېسىپ بېرىش، 21 مىليون سەر كۈمۈش تۆلەش، شاڭخەي قاتارلىق بەش شەھەرنى سودا پورتى قىلىپ ئېچىپ بېرىش.
2-ماتېرىيال: تەيۋەن قاتارلىق رايونلارنى كېسىپ بېرىش، 200 مىليون سەر كۈمۈش تۆلەش، زاۋۇت قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىش..
3-ماتېرىيال: ھەرقايسى دۆلەتلەرگە 450 مىليون سەر كۈمۈش تۆلەش، سودا پورتىنى كۆپەيتىپ ئېچىپ بېرىش، دوڭجياۋمېن كوچىسىنى ئەلچىخانا رايونى قىلىپ قۇرۇپ بېرىش..
جاۋاب بېرىڭ:
1›يۇقىرىقى ماتېرىياللاردىكى مەزمۇنلار ئايرىم-ئايرىم قايسى ئۇرۇشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟ (3 نومۇر)
2› يۇقىرىقى ماتېرىياللاردىكى مەزمۇنلار ئايرىم-ئايرىم قايسى شەرتنامىلەردىن ئېلىنغان؟ (3 نومۇر)
3› يۇقىرىقى شەرتنامىلەر جۇڭگو جەمئىيىتىگە قانداق تەسىر كۆرسەتكەن؟ (3 نومۇر)
 
28. ياتلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، جۇڭخۇانى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مىنگو قۇرۇش، يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش.
جاۋاب بېرىڭ:
1›يۇقىرىقى ماتېرىيال قايسى ھۆججەتتىن ئېلىنغان؟ (2 نومۇر)
2› يۇقىرىقى ماتېرىيال قايسى تەشكىلاتنىڭ ھۆججىتى؟ (1 نومۇر)
3›بۇ تەشكىلاتنى كىم، قاچان قۇرغان؟ (2 نومۇر)
 
29.
 1-ماتېرىيال: چىڭ سۇلالىسىنى قوغداپ، ياتلارنىڭ ئىلغار پەن-تېخنىكىسىنى ئىگىلەپ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش لازىمدۇر. ئاۋۋال قۇدرەت تېپىش، ئاندىن بېيىش كېرەك.
2-ماتېرىيال: جۇڭگودا قەدىمدىن بۇيان قانۇن ئۆزگەرتكۈچىلەر يوللۇق بولۇپ كەلگەن. قانۇن ئۆزگەرتىش ئارقىلىق جۇڭگونى قۇتقۇزۇش كېرەك.
3-ماتېرىيال: چىڭ سۇلالىسى چىرىكلەشتى. بۇ ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىلا، جۇڭگو ئاندىن قۇدرەت تاپالايدۇ، بۇنىڭ بىردىنبىر يولى ئىنقىلاب.
4-ماتېرىيال: دېموكىراتىيە ۋە ئىلىم پەنلا جۇڭگونى قۇتۇلدۇرالايدۇ. ئىلىم-پەنگە تايانغاندىلا، خەلققە دېموكراتىيە بەرگەندىلا ھەقىقىي جۇڭگو مەيدانغا كېلىدۇ.
جاۋاب بېرىڭ:
1›يۇقىرىقى ماتېرىياللار ئايرىم-ئايرىم ھالدا قايسى ھەرىكەتلەرگە ماس كېلىدۇ؟ (4 نومۇر)
2›يۇقىرىقى ماتېرىياللارغا ئاساسەن ئۇ ھەرىكەتلەرگە رەھبەرلىك قىلغۇچى كىشىلەردىن بىردىن مىسال كەلتۈرۈڭ؟ (4 نومۇر)
3›يۇقىرىقى ماتېرىياللار ئىچىدە قايسى ھەرىكەت ئىلغارلىققا ئىگە؟ (2 نومۇر)
4›سىزنىڭچە يۇقىرىقى ھەرىكەتلەردىن قايسىسى جۇڭگونى قۇتقۇزۇپ، توغرا يولغا باشلىيالايدۇ؟ سەۋەبى نېمە؟ (4 نومۇر)
 
30. قىسقىچە جاۋاب بېرىڭ. (9 نومۇر)
1›ئۈچ مەسلەك ـــــــ (3 نومۇر)
2›يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ ئەھمىيىتى ــــــــــ (3 نومۇر)
3›ج ك پ نىڭ دۇنياغا كېلىشىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ـــــــ (3 نومۇر)
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
تولۇقسىز 2-يىللىق   تارىخ جاۋاب يېزىش قەغىزى
تاللاش سوئالى: (پەقەت بىرلا جاۋاب توغرا، 2 دىن 50 نومۇر بېرىلىدۇ)
13 12 11 10 9 8 7 6 5 4 3 2 1
                         
  25 24 23 22 21 20 19 18 17 16 15 14
                         
 
 
ماتېرىيال تەھلىل سوئالى (جەمئىي 50 نومۇر)
26.
1› (4 نومۇر)
 
 
 
2› (4 نومۇر)
 
 
 
 
 
3› (5 نومۇر)
 
 
 
 
 
27. 
1›  (3 نومۇر)
 
 
2›   (3 نومۇر)
 
 
 
3›  (3 نومۇر)
 
 
 
28. 
1› (2 نومۇر)
 
 
2›   (1 نومۇر)
 
 
3› (2 نومۇر)
 
 
 
29.
1›ن (4 نومۇر)
 
 
 
2› (4 نومۇر)
 
 
 
3›  (2 نومۇر)
 
 
 
4›  (4 نومۇر)
 
 
 
30. (9 نومۇر)
1›  (3 نومۇر)
 
 
 
2›  (3 نومۇر)
 
 
3› (3 نومۇر)
 

(تەھرىر : يانتاق)

ئېسىلكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%

«ئىمتىھان سوئالى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئابۇش تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2014-04-07 18:04 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-04-07 18:04
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ